بالىلارنى قانداق قىلغاندا بېخىللىقتىن قۇتۇلدۇرغىلى بولىدۇ؟

بالىلارنى قانداق قىلغاندا بېخىللىقتىن قۇتۇلدۇرغىلى بولىدۇ؟

مۇھەممەد يۈسۈپ

بۇ يىلقى روزا ھېيت ھارپىسىدا بالىلارغا ھېيتلىق بېرىش ۋە ئۇلارنى كۆزىتىش جەريانىدا ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىدە ئورتاق بولغان بىر ئىشنى ھېس قىلدىم. ئۇ بولسىمۇ، بالىلاردىكى ئىگە بولۇش ھېرىسمەنلىكى ۋە ئورتاقلىشىش روھىنىڭ ئاخىزلىقى ئىدى. بۇنى كۆپرەك ئۆزۈمنىڭ كىچىك ئوغلۇمدا كۆردۈم. بالىلار يۇمران كۆچەتلەرگە ئوخشاش بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنى كىچك ۋاقتىدا قانداق يېتىشتۈرۈش بىزنىڭ قولىمىزدىكى ئىشتۇر. شۇڭا بالىلاردا سېخىيلىق ۋە بېغىشلاش روھىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ يوللىرى ھەققىدە ئىزدىنىش ئارقىلىق مۇنۇلارنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.

 بېخىللىق (يەنى ئۆزىنىڭكىنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىشتىن قېچىش) ئىنسان تەبىئىتىنىڭ بىر قىسمىدۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە بۇنى بايان قىلىپ: (وَكَانَ الْإِنْسَانُ قَتُورًا) « ئىنسان ئەزەلدىن بېخىلدۇر»[1] دەپ كۆرسەتكەن. ئەمما ئىنسان تەبىئىتىدىكى بۇ بېخىللىقنى تەربىيە بىلەن ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ.

كۆپچىلىك ئاتا-ئانىلار دۇچ كېلىدىغان ئەھۋال. بۇ ھالەت كۆپىنچە پەرزەنتلەرنىڭ بالىلىق مەزگىلىدە كۆرۈلىدۇ، لېكىن ئۇلار توغرا يوللار بىلەن يېتەكلەنسە، سېخىيلىق، ھېسداشلىق ۋە ئورتاقلىشىش قىممەتلىرىنى تەدرىجىي ئۆگىنىشى مۇمكىن.

بالىلاردىكى بېخىللىقنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرى:

•  بالىلىق باسقۇچى (ئۆزىنىڭ نەرسىسىنى «مېنىڭ!» دەپ قاراش).

•  ئائىلىدە ئورتاقلىشىشنىڭ مىساللىرى كۆرسىتىلمىگەن بولۇشى.

•  كېمىيىپ كېتىشتىن قورقۇش («بەرسەم يوق بولۇپ قالىدۇ» دېگەن ئوي).

•  سېخىي، مەرد بالىلار بىلەن ئاز ئارىلىشىشى.

•  ئاتا-ئانىنىڭ بېخىللىقى ۋە چىڭ تۇتۇش تەرزى.

بالىنى بېخىللىقتىن قۇتقۇزۇش يولىدىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك 8 ئۇسۇل:

1.  ئۆزىڭىز ئۈلگە بولۇڭ. چۈنكى، بالىڭىز سىزنى كۆرۈپ ئۆگىنىدۇ. باشقىلارغا ياردەم قىلغىنىڭىزنى ياكى بىرلىرىگە ھەدىيە ئالغىنىڭىزنى ئۇنىڭغا كۆرسىتىڭ. بېرىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ھەم سۆزدە ھەم ئەمەلدە كۆرسىتىڭ. «بۇنى پالانىغا بېرىمەن» دېگەن گەپنى كۆپ قىلىڭ.

2.  ئورتاقلىشىشنى «مەجبۇرىيەت» ئەمەس، «خۇشاللىق» قىلىپ كۆرسىتىڭ. شۇڭا «بەر!» دېگەننىڭ ئورنىغا: «بۇنى بەرسەڭ دوستۇڭ بەك خۇش بولىدۇ، ئاللاھ ساڭا بەرگىنىڭدىن كۆپرەكىنى بېرىدۇ» دېگەندەك گەپلەر بىلەن بالىڭىزنى بېغىشلاشقا قىزىقتۇرۇڭ.

3.  بالىڭىزنىڭ ئاز-تولا سېخىيلىقىنى كۆپتۈرۈپ ماختاپ قويۇڭ. بالىڭىز بىرەر نەرسىنى ئۆز ئىختىيارى بىلەن بەرگەندە: «ۋاي نېمىدېگەن ياخشى قىلدىڭ! سەن بەك سېخىي بالا جۇمۇ!» دېگەندەك گەپلەرنى قىلىڭ.

4.  «ئالماشتۇرۇش» ئويۇنى ئويناڭ. «سەن ماڭا قولۇڭدىكىنى بەرسەڭ، مەن ساڭا ئۇنىڭدىن ياخشىراقىنى بېرىمەن» دېگەندەك بېرىشنىڭ قازانغانلىق ئىكەنلىكىنى ئەمەلىي تەجرىبىڭىز بىلەن ھېس قىلدۇرۇڭ.

5.  ئورتاق ئىشلىتىدىغان نەرسە-كېرەكلەرنى كۆپەيتىڭ. مەسىلەن: ئويۇنچۇقلارنىڭ بىر قىسمىنى «ھەممەيلەننىڭ» دەپ بەلگىلىگەنگە ئوخشاش.

6.  بالىڭىزغا «سەن بېخىل ئىكەنسەن» دېگەن گەپنى ھەرگىز دېمەڭ. چۈنكى ئۇنداق دېسىڭىز، ئۇ شۇنىڭغا ئىشىنىپ قالىدۇ.

7.  ئۇنىڭغا بېرىشنىڭ خۇشاللىقىنى ھېس قىلدۇرۇڭ. بۇ ھەقتىكى تەسىرلىك قىسسىلەرنى سۆزلەپ بېرىڭ.

8. سوۋغا قىلىشنى ئۆگىتىڭ. مەسىلەن: بالىڭىزغا پۇل بېرىپ: «بۇنىڭغا ئاناڭ ياكى ئىنىڭ ياكى دوستۇڭ ئۈچۈن بىرەر سوۋغات ئال» دەڭ.

9. سېخىيلىقنى دىن ۋە ئەخلاق بىلەن باغلاڭ. مەسىلەن: قۇرئان كەرىمدىكى (وَمَا أَنْفَقْتُمْ مِنْ شَيْءٍ فَهُوَ يُخْلِفُهُ ) «سىلەر (ئاللاھ يولىدا) نېمىنى بەرسەڭلار، ئاللاھ ئۇنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇپ بېرىدۇ»[2] دېگەن ئايەتنىڭ مەنىسى چۈشەندۈرۈش، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سېخىيلىقى ھەققىدىكى ھەدىسلەرنى ۋە ساھابىلەردىن مىساللارنى كەلتۈرۈش دېگەندەك ئۇسۇللارنى قوللىنىش.

قىسقىسى:

بېخىللىقنى جازالاش بىلەن ئەمەس، ساخاۋەت قىلىشنىڭ خۇشاللىقىنى ھېس قىلدۇرۇش ئارقىلىق يېڭىشكە بولىدۇ. بۇ ئىشتا سەۋرچانلىق تەلەپ قىلىنىدۇ. چۈنكى، بالا بىر كۈندىلا سېخىي بولۇپ كەتمەيدۇ، ھەر كۈنى كىچىك ئۈلگىلەرنى كۆرۈش بىلەن تەدرىجىي ياخشىلىنىدۇ.

        

 



[1] ئىسرا سۈرىسى: 100- ئايەت.
[2] سەبەئ سۈرىسى: 39- ئايەت.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار