ئۈمىدۋارلىق —ھاياتتۇر

 

ئۈمىدۋارلىق — ھاياتتۇر

مۇھەممەد يۈسۈپ

ئۈمىد — كۆڭۈلنى ياشارتىدىغان، ئىرادىنى كۈچەيتىدىغان، ئادەمنى كۆزلىگەن مەنزىلگە يەتكۈزىدىغان سېھىرلىق نەرسىدۇر. ئۈمىد ئىماننىڭ مېۋىلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئىمان بار قەلبتە چوقۇم ئۈمىد بولىدۇ. شۇڭا ھەقىقىي مۇئمىن ئادەم ھەر ئىشتا، ھەر ۋاقىت ئۈمىدۋار بولىدۇ. چۈنكى مۇنداق ئادەم ئەڭ ئاۋۋال خارلىقنى ئەزىزلىققا، پېقىرلىقنى بايلىققا، ئاجىزلىقنى قۇدرەتكە، قىيىنچىلىقنى ئوڭايلىققا، قۇللۇقنى ھۆرلۈككە ئايلاندۇرۇشقا قادىر بولغان ئىلىم ـ ھېكمەتلىك، چەكسىز قۇدرەتلىك ئاللاھ تائالانىڭ ياردىمىگە ئىشىنىدۇ. ئۈمىد ئىماننىڭ قولدىشى بولغىنىدەك، ئۈمىدسىزلىك كۇفرىلىقنىڭ ئالامىتىدۇر.﴿ وَلَا تَيْئَسُوا مِنْ رَوْحِ اللَّهِ إِنَّهُ لَا يَيْئَسُ مِنْ رَوْحِ اللَّهِ إِلَّا الْقَوْمُ الْكَافِرُونَ﴾ «ئاللاھنىڭ ياردىمىدىن ئۈمىدسىزلەنمەڭلار. چۈنكى كاپىر قەۋمدىن باشقىسى ئاللاھنىڭ ياردىمىدىن ئۈمىد ئۈزمەيدۇ» دېگەن ئايەت بۇنىڭغا ئىشارەت قىلىدۇ. شۇڭا ئادەم قانداقلا بىر ئىشتىن ئۈمىدىنى ئۈزگەندە، يورۇق دۇنيا ئۇنىڭ كۆزىگە زۇلمەت كۆرۈنىدۇ، سەۋەبلەر تۈگىگەن، چارە قالمىغان، ئۆزى بولسا تۈگەشكەن بولۇپ ھېس قىلىنىدۇ.

ئۈمىدسىزلىك — ئارزۇ- ئارمانسىز يۈرۈش، بىرەر ئىشتىن ئۈمىدىنى ئۈزۈش دېگەننى ئىپادىلەيدۇ. قانداقلا بىر ئىشتىن ئۈمىدسىزلىنىش ئەيىبلىنىدىغان بىر ئىللەت بولغىنىدەك، ئاللاھ تائالانىڭ ياردىمىدىن ئۈمىدسىزلىنىش گۇناھتۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالا ئۈمىدسىزلىكنى كۇفرىنىڭ قاتارىدىن سانىغان.

ئاللاھ تائالا بىزنى ھەر زامان ئۈمىدۋار بولۇشقا بۇيرۇپ: ﴿ فَإِنَّ مَعَ الْعُسْرِ يُسْرًا . إِنَّ مَعَ الْعُسْرِ يُسْرًا﴾« ئەلۋەتتە ھەربىر مۈشكۈللۈك بىلەن چوقۇم بىر ئوڭايلىق بار. ھەقىقەتەن ھەربىر مۈشكۈللۈك بىلەن چوقۇم بىر ئوڭايلىق بار»[1] دېگەن. بۇ ئايەتلەر ھەربىر قىيىنچىلىقتىن كېيىن ئوڭايلىقنىڭ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىللە ھەربىر قىيىنچىلىقنىڭ يېنىدا بىرەر ئوڭايلىقنىڭ بارلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. يەنى ئۈمىدۋارلىق بىلەن ئىزدىنىش ۋە سەۋەب قىلىش ئارقىلىق ئوڭايلىققا ئېرىشكىلى بولىدۇ، دېگەنلىك.

خۇشاللىق بىلەن كۆڭۈلسىزلىك ۋاقىتلىق ھېسسىيات بولۇپ، ئۇ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ ۋە ئۇزۇن داۋام قىلمايدۇ، ئەمما ئۈمىدۋارلىق ئۆزگەرمەيدىغان ئېتىقاد ۋە داۋاملىشىدىغان خاتىرجەملىكتۇر. شۇڭا بىز ئۈمىدۋار بولغىنىمىزدا ھەمىشە خۇشال تۇرغاننىڭ سىرتىدا، تەن سىاقلىقنى ساقلاش، كېلەچەكنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنى ياخشىلاش قاتارلىق كۆپلىگەن پايدىلارغا ئېرىشىمىز.

تېببىي تەتقىقاتلار كۆپلىگەن كېسەللىكلەرنىڭ ئادەمنىڭ روھىي ھالىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىققان بولۇپ، ئۇنداق كېسەللەر ئومۇمەن روھىي ھالىتىنىڭ ياخشىلىنىشى بىلەن ساقىيىدىكەن. روھىي ھالەتنىڭ ياخشىلىنىشى ئۈمىدۋارلىق بىلەن بولىدىكەن. شۇڭا ئۈمىدۋار كىشىلەر ئوڭايلىقچە كېسەل بولمايدىكەن، كېسەل بولغاندىمۇ ساقىيىشقا بولغان كۈچلۈك ئۈمىد سايىسىدا ساقىيىپ كېتىدىكەن.

جازىبىيەت قانۇنى تەكىتلەيدۇكى، بىزنىڭ ھاياتتىكى تەلەيلىرىمىز ۋەقەلىكلەرگە بولغان كۆز قارىشىمىز ۋە ئۈمىدۋارلىقىمىزغا قاراپ يۈكسىلىدىكەن. چۈنكى، ئۈمىدۋار ۋە ئىجابىي كىشىلەرنىڭ تەن ساقلىقى ياخشى، ئۆمرى ئۇزۇن، تۇرمۇشى بەختلىك بولىدىكەن. ئۇنداق كىشىلەر ھاياتنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ۋە مۇسىبەتلىرىنى ئەڭ ئاز تەسىرگە ئۇچرىغان ھالدا، ئەڭ ئوڭاي يول بىلەن بىر تەرەپ قىلالايدۇ.

ئەينىشتېين «ئىجابىي كىشىلەرگە ھەرقانداق قىيىنچىلىق ئۈچۈن چىقىش يولى كۆرۈنىدۇ، ئەمما سەلبىي كىشىلەرگە ھەرقانداق چىقىش يولىدىمۇ قىيىنچىلىق كۆرۈنىدۇ» دېگەن ئىكەن. ئالىملارنىڭ يەكۈنلىشىچە، بەختسىزلىكىمىزنىڭ 10% گە ھادىسىلەر سەۋەب بولسا، 90% گە بىزنىڭ ھادىسىلەرگە قارىتا كۆزقارىشىمىز سەۋەب بولىدىكەن.

شىۋىتسىيەدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتتا ئىنسانلاردىكى ئۈمىدۋارلىق ۋە ئىجابىيلىق تۆۋەندىكى نەتىجىلەرنى كۆرسەتكەن:

—          ئۈمىدۋار ۋە ئىجابىي كىشىلەرنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى باشقىلارغا قارىغاندا 40% يۇقىرى بولىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ئېغىر كۈلپەتلەرگىمۇ ئىجابىيلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغانلىقى ۋە ئەڭ يامان ئەھۋالدىمۇ ياخشى كۈنلەرنىڭ كېلىدىغانلىقىغا بولغان ئۈمىدۋارلىق ئىچىدە بولىدىغانلىقى يۈزىسىدىندۇر.

—          ئۇلار ئىستېمال قىلىۋاتقان دورا- دەرمەكلىرىدىن باشقىلارغا قارىغاندا 30% ئارتۇق مەنپەئەت ئالىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ شىپا تېپىشىغا ئىشەنگەنلىكى ۋە ئۈمىدۋارلىقى يۈزىسىدىندۇر.

—          ئۇلاردا يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىبىتى باشقىلارغا قارىغاندا 9% تۆۋەن بولىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ئۈمىدۋارلىق سايىسىدا كەيپىيىتىنى تەڭشەپ تۇرغانلىقىدىندۇر.

—          ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئوپېراتسىيە قىلىنغانلىرىنىڭ 77% قايتا دوختورغا بارمايدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ساقايغانلىقىغا ۋە كېلەچەكتىكى گۈزەل كۈنلەرگە ئىشەنگەنلىكى يۈزىسىدىندۇر،

—         ئۇلارنىڭ قان بېسىمى ئۆرلەپ كەتمەيدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ غەم-ئەندىشىدىن ۋە جىددىيلىشىشتىن ساقلانغانلىقى يۈزىسىدىندۇر.

—               ئۈمىدۋار كىشىلەر باشقىلارغا قارىغاندا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئۇلارنىڭ 85 يىل ئەتراپىدا بولىدۇ.

 

»نېمە ئۈچۈن قويلار دوختورغا بارمايدۇ» ناملىق كىتاپتا گېرمانىيەلىك دوختور رايك ھايمىر ھەققىدە توختالغان بولۇپ، مەزكۇر دوختور كېسەللەرنى پىسخېكىلىق ئۇسۇللار بىلەن داۋالاشتا يىگىرمىنچى ئەسىردە يۇقىرى شۆھرەت قازانغان بىرى ئىكەن. ئۇ راك كېسىلىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا بېرىپ قالغان6270 كىشىنى پىسخىكىلىق ئۇسۇلدا داۋالىغان بولۇپ، ئۇلاردىن 6000 كىشى شۇ ئېغىر كېسىلى بىلەن يەنە تۆت يىلدىن كۆپرەك ياشاش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن[1].

 شەك قوبۇل قىلمايدىغان رېئاللىق شۇكى، ھەرقانداق بىر كېسەلدىكى ساقىيىشقا بولغان ئۈمىدۋارلىق ۋە ئىجابىيلىق ئۇنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ، بۇنىڭ ئەكسىچە كېسەلدىكى ئۈمىدسىزلىك ۋە سەلبىيلىك ئۇنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. چۈنكى، ئاللاھ تائالا ھەدىس قۇدسىيدا: «بەندەم مەن توغرۇلۇق قانداق ئويدا بولسا مەنمۇ ئۇنىڭغا شۇنداق مۇئامىلە قىلىمەن، ياخشى ئويدا بولسا ياخشى، يامان ئويدا بولسا يامان بولىدۇ»[2] دېگەن.

ئىمام بۇخارى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى بىر سەھرالىق ئەرەبنىڭ كېسىلىنى يوقلاپ بېرىپ، ئۇنىڭغا: «ھېچ ۋەقەسى يوق، ئاللاھ خالىسا ساقىيىپ قالىسىز» دەيدۇ. بۇنى ئاڭلىغا ھېلىقى سەھرالىق ئەرەب: «سەن مېنى ساقىيىسەن دەۋاتامسەن؟ ياق، بۇ چېكىگە يەتكەن قىزىتما، مەندەك قېرى ئادەمنى قەبرىگە ئېلىپ بارىدىغان كېسەلدۇر» دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «شۇنداق بولغاي ئەمىسە»[3] دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى ئادەم ئۆلىدۇ. دېمەك، ئاللاھ تائالا بۇ ئادەمگە ئۆزىنىڭ قانداق قاراشتا بولغانلىقىغا قاراپ مۇئامىلە قىلغان. ئەگەر بۇ ئادەم ئاللاھ تائالانىڭ شىپالىق بېرىشىنى ئۈمىد قىلىپ، ئىجابىي بولغان بولسا، بەلكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ شىپا تېپىشىغا دۇئا قىلغان بولار ئىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا ئاللاھ تائالا شىپالىق بېرىشى مۇمكىن ئىدى.

    ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: «مۇئمىنلەرگە ياردەم قىلىش ئۈستىمىزگە ئۆزىمىز بەلگىلىگەن ھەقتۇر» [3]دەپ ۋەدە قىلغان. يەنە بىر ئايەتتە: «بوشاشماڭلار، قايغۇرماڭلار. ئەگەر ئىشەنسەڭلار ئۈستۈنلۈككە ئىگىسىلەر»[4] دېگەن.

سوئال: ئاللاھ تائالا يۇقىرىقى ئايەتلەردە ۋەدە قىلغان تۇرۇقلۇق، نېمە ئۈچۈن دۇنيادىكى ئىككى مىلياردقا يېقىن مۇسۇلمانغا ياردەم قىلمايدۇ؟

جاۋاب: مۇئمىن— ئاللاھ تائالانىڭ بارلىقىغا ۋە بىرلىكىگە ئىشەنگۈچى دېگەننى ئىپادىلەش بىلەن بىرگە ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتىگە ۋە ۋەدىسىگە ئىشەنگۈچى دېگەننى ئىپادىلەيدۇ. يەنى ئاللاھ تائالاغا ئىشىنىش دېگەنلىك ئۇنىڭ ۋەدىسىگىمۇ ئىشىنىش دېگەنلىكتۇر. ئاللاھ تائالا ئەزەلدىن ئۆزىنىڭ ۋەدىسىگە ئىشەنگەن كىشىلەرگە ياردەم قىلغان.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز ۋاقتىدا مەككىدىن مەدىنىگە ھۇجۇم قىلىپ كەلگەن ئون مىڭ كىشىلىك مۇشرىك قوشۇنىدىن مەدىنە شەھىرىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن ساھابىلىرى بىلەن خەندەك كولاۋېتىپ، ساھابىلىرىگە كەلگۈسىدىكى كاتتا غەلىبىلەردىن بېشارەتلەرنى بېرىپ مۇنداق دېگەن ئىدى: «ئاللاھ ماڭا زېمىننىڭ ھەممە تەرىپىنى يېقىنلاشتۇرۇپ كۆرسەتتى، كۈنچىقىشتىن كۈنپېتىشقا قەدەر ھەممە جاينى كۆردۈم. مېنىڭ ئۈممىتىم ماڭا كۆرسىتىلگەن جايلارنىڭ ھەممىسىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ، ئاللاھ ماڭا كىسرا ۋە قەيسەرنىڭ خەزىنىلىرىنى بېرىشنى ۋەدە قىلدى».[5]

بۇ ئىسلام ئۈممىتىنىڭ كەلگۈسىدە روياپقا چىقىرىدىغان كاتتا غەلىبىلىرىنىڭ بېشارىتى بولۇپ، راست دېگەندەك، يېرىم ئەسىرگە يەتمەيدىغان بىر ۋاقىت ئىچىدە پارس كىسرا ئىمپىراتورلۇقى بىلەن قەيسەر رىم ئىمپېراتورلۇقى مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن ئاغدۇرۇپ تاشلانغان ۋە ئۇلارنىڭ بايلىقلىرىنى مۇسۇلمانلار ئولجا قىلىپ ئالغان ئىدى.

زامانىمىزدىن مىسال ئالىدىغان بولساق، 2010-يىلى باشلانغان «ئەرەب باھارى» ئىنقىلابى بەزى دۆلەتلەردە ۋاقىتلىق غەلىبە قىلغان بولسىمۇ، كېيىنكى ئەھۋال بۇرۇنقىسىدىن نەچچە ھەسسە يامان بولۇپ كەتتى. بۇ دۆلەتلەرنىڭ كۆپلىرى بىر دىكتاتوردىن قۇتۇلۇپ، ئۇنىڭدىنمۇ يامان بولغان بىر دىكتاتورنىڭ قولىدا قالدى، بەزىلىرى يەرلىك ئۇرۇشقا ئايلىنىپ پارچىلاندى. خەلقنىڭ ئەھۋالى بۇرۇنقىسىدىنمۇ بەك ناچارلىشىپ كەتتى. ئەمما بىرلا سۈرىيە جىھادى غەلىبە قىلدى. ئۇلار زالىم دىكتاتوردىن قۇتۇلۇپ، ئاللاھ تائالاغا ھېساب بېرىشتىن قورقىدىغان بىر ھاكىمىيەتكە ئېرىشتى.

رۇس ئارمىيەسىنىڭ 2017 يىلى باشلىغان كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇمى سۈرىيەدىكى مۇجاھىدلارنى تەل تۆكۈس يوقىتىپ، ئىلگىرى ئەسەد ھاكىمىيىتى قولدىن بېرىپ قويغان رايونلارنى قايتىدىن ئەسەد رېجىمى ئاستىغا كىرگۈزۈشنى نىشان قىلغان بولۇپ، مۇجاھىدلار ئىدلىب شەھىرىدىكى جەبەل سەرمانىيەد دېگەن تاغدا ئىستىھكام قۇرغان ۋە دۈشمەننىڭ ئالدىنى توسۇش ئۈچۈن يىللارچە جەڭ قىلغان. 2022- يىلى رۇسىيە-ئوكرائىنا ئۇرۇشى باشلىنىشى بىلەن رۇسلار چېكىنگەندىن كېيىن، مۇجاھىدلار ئىلگىرلەشكە باشلىغان. نەتىجىدە 2024- يىلى سۈرىيەدە ئەسەد ھاكىمىيىتىگە تامامەن خاتىمە بەرگەن.

ئۇلار ئوڭاي غەلىبە قىلمىدى. بۇ غەلىبە ئۇلارنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ نۇسرەت ئاتا قىلىدىغانلىقىغا بولغان چىن ئىمانى ۋە 14 يىللىق جاپالىق كۈرەشلىرى ئارقىسىدا قولغا كەلدى.

غەلىبە ياكى مەغلۇبىيەت ئالدى بىلەن ئىچىمىزدىن باشلىنىدۇ. ھەرقانداق بىر ئىشتىكى غەلىبىمىز ئىشەنچىمىزنىڭ كۈچىگە كۆرە بولىدۇ. شۇڭا، ئاللاھ تائالانىڭ ياردىمىگە ئىشىنەيلى، ئۆزىمىزگە ئىشىنەيلى!. گۈزەل كېلەچەك ئۈچۈن ھازىرلىنايلى، ئۈمىدۋار بولايلى!.

 


[1] «فىستىق نەزىرىيەسى» ناملىق ئەسەر، 186- بەت.
[2] ئىمام تەبەرانىي رىۋايىتى.
[3] رۇم سۈرىسى:47-ئايەت.
[4] ئال ئىمران سۈرىسى: 139-ئايەت.
[5] ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار