
پەيغەمبەرنىڭ ماقامىغا كۆتۈرىدىغان ئەمەل
مۇھەممەد يۈسۈپ
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مەن يېتىمنى باققان ئادەم بىلەن جەننەتتە خۇددى مۇشۇنداقمىز»([1])، دەپ ئىككى بارمىقىنى جۈپلەپ كۆرسەتكەن. يەنە مۇنداق دېگەن: «مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆيلىرى ئىچىدە ئەڭ ياخشى ئۆي، ئۇنىڭدا يېتىم بولۇپ، ئۇ يېتىمگە ياخشىلىق قىلىنغان ئۆي، ئەڭ يامان ئۆي ئۇنىڭدا يېتىم بولۇپ، ئۇ يېتىمگە يامانلىق قىلىنغان ئۆيدۇر»([2]).
ئادەتتە ئاتا-ئانىسى بولمىغان بالا «يېتىم بالا» دەپ ئاتىلىدۇ. ئەمما ئىسلام قانۇنىغا كۆرە، بالاغەتكە يېتىشتىن بۇرۇن ئاتىسى ئۆلۈپ كەتكەن بالا «يېتىم» ھېسابلىنىدۇ.
مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىدە ئەڭ زور ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك ئىجتىمائىي ئىبادەتلەرنىڭ بىرى يېتىملەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ۋە ئۇلارنىڭ بېشىنى سىلاشتۇر. چۈنكى يېتىملەر ياردەمگە، مېھىر-شەپقەتكە ۋە ھېسداشلىققا ئەڭ كۆپ ئېھتىياجلىقتۇر.
ئاللاھ تائالا يېتىملەرگە ياخشىلىق قىلىشنى ئەڭ كاتتا ئىبادەتلەر قاتارىدىن سانىغان:( وَاعْبُدُوا اللَّهَ وَلَا تُشْرِكُوا بِهِ شَيْئًا وَبِالْوَالِدَيْنِ إِحْسَانًا وَبِذِي الْقُرْبَى وَالْيَتَامَى وَالْمَسَاكِينِ وَالْجَارِ ذِي الْقُرْبَى وَالْجَارِ الْجُنُبِ وَالصَّاحِبِ بِالْجَنْبِ وَابْنِ السَّبِيلِ وَمَا مَلَكَتْ أَيْمَانُكُمْ ( «ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىڭلار، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەڭلار، ئاتا-ئاناڭلارغا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭلارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، يېقىن قوشنىغا، يىراق قوشنىغا، ياندىكى ھەمراھقا، مۇساپىرغا، قول ئاستىڭلاردىكىلەرگە ياخشىلىق قىلىڭلار« ([3])
يېتىمنى خورلاش چوڭ گۇناھتۇر
ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە:) فَأَمَّا الْيَتِيمَ فَلَا تَقْهَرْ( «يېتىمنى خارلىما« دېگەن.([4])
يېتىمنى خورلاش—ئۇنى ئۇرۇش، ھاقارەتلەش، مەسخىرە قىلىش، پەس كۆرۈش، كۆزگە ئىلماسلىق، ئاچ قويۇش، ھېسسىياتىنى كەمسىتىش، كۈچى يەتمەيدىغان ئىشقا زورلاش، يامان ئىشلارغا بۇيرۇش، ئۆز بالىلىرىدىن ئايرىم مۇئامىلە قىلىش قاتارلىقلارنى ئىپادىلەيدۇ.
ئاللاھ تائالا يېتىملەرنى خورلىغانلارنى دىننى ئىنكار قىلغانلار قاتارىدا ئەيىبلىگەن: ) أَرَأَيْتَ الَّذِي يُكَذِّبُ بِالدِّينِ. فَذَلِكَ الَّذِي يَدُعُّ الْيَتِيمَ . وَلَا يَحُضُّ عَلَى طَعَامِ الْمِسْكِينِ( «دىننى ئىنكار قىلغان ئادەمنى كۆردۈڭمۇ؟ ئۇ يېتىمنى دۈشكەلەيدۇ، يوقسۇلغا تائام بېرىشنى تەرغىب قىلمايدۇ« ([5])
يېتىمنىڭ بېشىنى سىلاشنىڭ يوللىرى
جەمئىيەتتىكى يېتىملەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ۋە بېشىنى سىلاشنىڭ يوللىرى كۆپ. مەسىلەن:
1. قول ئىلكىدە بار ئائىلىلەر مەھەللىسىدىن، ياكى تۇغقانلىرى ئارىسىدىن بىرەردىن يېتىم بالىنى بالا قىلىپ بېقىۋېلىش ۋە ئۇنى ئۆز بالىسىدەك تەربىيەلەپ، ئوقۇتۇپ جەمئىيەتكە، مۇسۇلمانلارغا پايدىلىق، ئىمان ۋە ئەخلاقلىق بىر ئىنسان قىلىپ چىقىش. مانا بۇلارنى قىلىش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن جەننەتلەردە بىرگە بولۇشنى خالايدىغان مۇسۇلمان ئۈچۈن قىيىن ئەمەس.
2. يېتىم بالىلار ئۈچۈن مەلۇم مىقداردا ئايلىق پۇل توختىتىپ قويۇپ، ئۇلارنى چوڭ بولۇپ، ئۆز ئېھتىياجىدىن ئۆزى چىقالايدىغان بولغۇچىلىك تەمىنلەپ تۇرۇش.
ئەرەب ۋە ئىسلام مەملىكەتلىرىدە «يېتىملەرنى كاپالەتلەندۈرۈش» نامى ئاستىدا كۆپلىگەن جەمئىيەتلەر بار. ئۇلار يېتىملەرگە ياردەم قىلماقچى بولغانلارنى تىزىملاپ، ئۇلاردىن ئايلىق ياردەم توپلايدۇ ۋە يېتىملەرگە ھەر ئايدا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. ئانا ۋەتەندە بۇنداق قىلىش مۇمكىن بولمىسىمۇ، شەخسلەر ئۆز ئالدىغا بىرەردىن، ياكى كۆپرەك يېتىم بالىنىڭ چىقىملىرىنى كۆتۈرسە بولىدۇ.
3. ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇشقا كىرىش ئۈچۈن جىددىي ئىقتىسادقا موھتاج بولغان يېتىملەرنىڭ ئوقۇش چىقىملىرىنى كۆتۈرۈش.
4. يېتىملەر بار ئائىلىگە نەق پۇل، ياكى يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك قاتارلىق تۇرمۇش ئېھتىياجلىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىش.
5. ھەر قايسى مەكتەپلەردە، مەدرىسىلەردە ئوقۇۋاتقان يېتىم بالىلارنىڭ چىقىملىرىنى كۆتۈرۈش.
6. چوڭ ياردەملەرنى قىلالمايدىغانلارنىڭ مەھەللىدىكى يېتىم بالىلارنى ھەپتىدە بىر قېتىم، بولمىغاندا ئايدا بىر قېتىم بولسىمۇ ئۆيىگە چاقىرىپ تاماقلاندۇرۇش، كىيىم-كېچەكلىرىنى يېڭىلاپ قويۇشى. بۇ يېتىمنىڭ بېشىنى سىلاشتىكى ئەڭ ئاددىي تەلەپ. (پېقىرنىڭ «پەرزەنتلىرىمىزنى قانداق تەربىيەلەيمىز» ناملىق ئەسىرىدىن).
([1]) ئىمام بۇخارىي، ئەبۇداۋۇد، تىرمىزى رىۋايىتى.
([2]) ئىبنى ماجە رىۋايىتى.
([3]) 4- سۈرەنىسا 36- ئايەت.
([4]) 93- سۈرە زۇھا 9- ئايەت
([5]) 107- سۈرە مائۇن 1~3- ئايەتلەر.

