ئاللاھ تائالانىڭ (اللّطِيفُ) كۈتۈلمىگەن رەۋىشتە ياردەم قىلغۇچى دىگەن ئىسمى ھەققىدە

اللّطِيفُ

كۈتۈلمىگەن رەۋىشتە ياردەم قىلغۇچى

مۇھەممەت يۈسۈپ

ئارز- ئارمانلىرىڭىز ئەمەلگە ئاشمايۋاتامدۇ؟

ھاياتتىن كۈتكەنلىڭىز كەلمەيۋاتامدۇ؟

ئۈمىدسىزلىنىۋاتامسىز؟ ئۆزىڭىزنى چارىسىز ھېس قىلىۋاتامسىز؟

 تىلىگەنلىرىڭىزگە ئېرىشىش مۇمكىن ئەمەستەك تۇرامدۇ؟

ياردەمگە، ھەتتا كۈتۈلمىگەن شەكىلدىكى ياردەمگە ئېھتىياجلىق بولۇۋاتامسىز؟

ئۇنداقتا، سىز ئاللاھ تائالانىڭ «ئەللەتىيف» (كۈتۈلمىگەن رەۋىشتە ياردەم قىلغۇچى) دېگەن ئۇلۇغ ئىسمى بىلەن تونۇشۇپ چىقىڭ، ئۇنىڭ كەڭ مەنىلىرىنى ئوبدان ئۆگىنىڭ. شۇ چاغدا سىز دۇنيادا مۇمكىن ئەمەس ئىش يوقلۇقىنى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ھەممىگە قادىر ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالىسىز.

 ئەگەر سىز ئۈمىدنى ئاللاھ تائالاغا باغلاپ، ئۇنىڭ ئىشىكىنى قاقسىڭىز، سىزنىڭ مۇمكىن ئەمەس دەپ قارىغان ئارز-ئارمانلىرىڭىز ئەمەلگە ئېشىپ قالىدۇ.

شۇڭا سىز ئاللاھ تائالا بىلەن بولۇڭ ۋە ئۇنىڭدىن ياردەم تىلەڭ. چۈنكى سىز ئۆزىڭىز بىلەن قالغىنىڭىزدا ئاجىز، ئاللاھ تائالا بىلەن بولغىنىڭىزدا كۈچلۈك بولۇپ قالىسىز.

ئەللەتىيف — ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىگە كۈتۈلمىگەن رەۋىشتە، ئۇلار ئويلىمىغان يەردىن ناھايىتى مەخپىي ۋە تولىمۇ شەپقەتلىك بىر شەكىلدە ياردەم قىلغۇچى، كۆيۈمچانلىقىنى يەتكۈزگۈچى دېگەنلىكتۇر. بۇ سۆز يەنە ئاللاھ تائالانىڭ ئىشلارنىڭ ئەڭ ئىنچىكە ۋە ئەڭ نازۇك ۋە يوشۇرۇن تەرەپلىرىنىمۇ تولۇق بىلگۈچى، بەندىلىرىگە مەنپەئەتلىك ئىشلارنى تولۇق ئىدراك قىلغۇچى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.

ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە ئۇلار بىلمىگەن ۋە ئويلاپ باقمىغان يەرلەردىن ياردەم قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ تىرىكچىلىك يوللىرىنى ئاچىدۇ ۋە ئۇلارغا كۈتۈلمىگەن يەرلەردىن رىزىق بېرىدۇ.

ناۋادا ئاللاھ تائالا سىزگە ئەللەتىيف دېگەن مۇبارەك ئىسمى بىلەن مۇئامىلە قىلسا، سىزنى مۇمكىن ئەمەس دەپ قارىغان ئارمانلىرىڭىزغا يەتكۈزىدۇ. ئۇ سىزگە ياردەم قىلىشنى ئىرادە قىلسا، ئادەتتە سەۋەب قاتارىدىن سانالمايدىغان كىچىك ئىشلارنىمۇ سەۋەبلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى قىلىپ بېرىدۇ. ئۇ سىزگە بىرەر ياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا، ئادەتتە سىز ياخشىلىق كۈتمەيدىغان بىرلىرىنىڭ قولى ئارقىلىق سىزگە ياخشىلىقنى يەتكۈزىدۇ. ئۇ سىزنى بىرەر يامانلىقتىن ساقلىماقچى بولسا، سىزگە ھېس قىلدۇرماستىن  ۋە كۆرسەتمەستىن شۇ يامانلىقنى سىزدىن يىراق قىلىدۇ. ئۇنى سىز كېيىن بىلىپ قالىسىز ياكى مەڭگۈ بىلمەي قالىسىز. ئۇ سىزنى بىرەر گۇناھتىن ساقلاشنى ئىرادە قىلسا، ئۇ گۇناھنى سىزگە يامان كۆرسىتىدۇ ياكى ئۇنىڭ يوللىرىنى قىيىن قىلىپ قويىدۇ ۋەياكى بىرەر سەۋەبنى يارىتىپ ئۇنى شۇ گۇناھقا توسالغۇ قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سىز گۇناھتىن ساقلىنىپ قالىسىز.

ئاللاھ تائالا خالىغان بەندىلىرىگە ئۆزىنىڭ «ئەللەتىيف» دېگەن مۇبارەك ئىسمى بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا كۈتۈلمىگەن رەۋىشتە ۋە كۈتۈلمىگەن جايلاردىن ياردىمىنى يەتكۈزىدۇ.

ئاللاھ تائالا يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنى تۈرمىدىن چىقىرىش ئۈچۈن، ئازاب پەرىشتىلىرىنى ئەۋەتىپ گۇندىپايلارنىڭ جېنىنى ئېلىشقا ياكى تۈرمىنى تەۋرىتىپ ئۇنىڭ تاملىرىنى ئۆرۈپ تاشلاشقا ياكى ئاسماندىن چاقماق ئەۋەتىپ تۈرمىنىڭ قۇلپىسىنى چېقىشقا ھاجەت بولمىدى. پەقەتلا پادىشاھقا چۈش كۆرسەتتى ۋە شۇ چۈشنى يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ تۈرمىدىن چىقىشقا سەۋەب قىلدى.

ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامنى ئۆز ئانىسىغا قايتۇرۇشنى ئىرادە قىلىۋىدى، ئېزىلگەن ئىسرائىل ئەۋلادىنى قوراللاندۇرۇپ پىرئەۋن ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا ياكى ئۇلارغا ئازاب ئەۋەتىپ يوق قىلىسقا ھاجەت بولمىدى. پەقەتلا مۇسا ئەلەيھىسسالامنى ئىنىكئانىلارنى قەتئىي ئەممەيدىغان قىلىپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ ئەللەتىيف دېگەن مۇبارەك ئىسمىنىڭ تەقەززاسى بىلەن مۇسا ئەلەيھىسسالامنى ئۆز ئانىسىغا قايتۇرۇپ بەردى.

ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغانلارنى مۇشرىكلارنىڭ ئۈچ يىللىق مۇھاسىرىسىدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، ئازاب پەرىشتىلىرىنى ئەۋەتىشكە ياكى زالىملارغا ئازاب چۈشۈرۈشكە ھاجەت بولمىدى. پەقەتلا بىر قۇرتقا ئەمر قىلدى. مەزكۇر قۇرت مەككىنىڭ زالىم كاتتىباشلىرى كەئبىگە ئاسقان ناھەق ۋەسىقىنى يەپ تۈگەتتى.

مەلۇمكى، پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەرلىك كېلىپ يەتتە يىلدىن كېيىن، مەككىنىڭ زالىم كاتتىباشلىرى مۇسۇلمانلارغا قارشى بىر ۋەسىقە ھازىرلاپ، ئۇنى كەئبىگە ئاسقان. ۋەسىقىنىڭ مەزمۇنى بويىچە، مۇسۇلمانلارنى ئىسلام دىنىدىن ياندۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلارنى مەككىنىڭ «شىئبە ئەلى» دېگەن يېرىدە ئۈچ يىل قامىۋېلىپ، ئۇلارنىڭ مەككىلىكلەر بىلەن بولغان ئالاقىسىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلىغان، مەككىلىكلەرنىڭ مۇسۇلمانلارغا بىر نەرسە سېتىشى، ئېلىشى، قودا - باجىلىق مۇناسىۋىتى قۇرۇشى، ھەتتا سۆزلىشىشى چەكلەنگەن. مۇسۇلمانلارنىڭ باشقا جايلاردىن يېمەك – ئىچمەك ۋە كىيىم – كېچەك قاتارلىق ئېھتىياجلىق نەرسىلەرنى كەلتۈرۈش يوللىرىمۇ توسۇلغان. كېيىنچە، ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرى بىلەن بىر قۇرت مۇشرىكلار كەئبىگە ئاسقان مەزكۇر ۋەسىقىنى يەپ تۈگەتكەن، پەقەت «ئى ئاللاھ! سېنىڭ ئىسمىڭ بىلەن...» دېگەن سۆزلا ساق قالغان. مۇشرىكلار بۇنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۆزلىكىدىن مۇھاسىرىنى بىكار قىلىۋەتكەن.

دېمەك، ئاللاھ تائالا بەندىسىگە «ئەللەتىيف» دېگەن مۇبارەك ئىسمى بىلەن مۇئامىلە قىلغاندا، ئۇنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھېچ كۈتۈلمىگەن يەردىن ۋە ئەڭ ئاددىي سەۋەب بىلەن ھەل قىلىپ بېرىدۇ.

ئەگەر ئاللاھ تائالانىڭ كۈتۈلمىگەن رەۋىشتە ۋە ئويلىمىغان يەردىن ياردەم قىلىشىنى تىلىسىڭىز، ئاللاھ تائالا بىلەن بولۇڭ ۋە مۇنۇ دۇئانى ئوقۇشنى ئادەت قىلىۋېلىڭ.

[ياَ خَفِيَّ الألطاَف نَجِّنا مِماَ نَخاَفُ. اللّهم الطُف بِنا في قضائِكَ وقَدَرِكَ لُطْفاً يليقُ بِكَرَمِكَ يا أَكرَمَ الأَكرَمين [يەنى «ئى ئاتا-ئېھسانلىرىنى ئەڭ مەخپىي ۋە ئەڭ كۈتۈلمىگەن شەكىلدە يەتكۈزگۈچى ئاللاھ! بىزنى قورققانلىرىمىزدىن ساقلىغىن. ئى ئاللاھ! بىزگە تەقدىر قىلغان بارلىق ئىشلاردا سېنىڭ سېخىيلىقىڭغا يارىشىدىغان شەكىلدە رەھىم-شەپقەت قىلغىن. ئى ھەممىدىن بەك كەرەملىك ئىلاھىم!».


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار