
ۋەتەن چۈشىڭىزگە كىرەمدۇ؟
ئىنسانىيەتنىڭ ئىپتىخارلىق ئۈلگىسى ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھەربىر ۋەتەنپەرۋەر ئىنسانغا ئوخشاش ئۆز ۋەتىنىنى سۆيەتتى، ئۇنىڭغا تەلپۈنەتتى ۋە ئۇنى دۈشمەنلىرىنىڭ چاڭگىلىدىن ئازاد قىلىشنى كېچە-كۈندۈز ئويلايتتى، ئۇنىڭ پىلانىنى تۈزەتتى ۋە شۇ پىلان بويىچە ھەرىكەت قىلاتتى، ھەتتا ئۇخلىغاندىمۇ مەككىگە بېرىپ چۈش كۈرەتتى. ﴿لَقَدْ صَدَقَ اللَّهُ رَسُولَهُ الرُّؤْيَا بِالْحَقِّ لَتَدْخُلُنَّ الْمَسْجِدَ الْحَرَامَ إِنْ شَاءَ اللَّهُ آَمِنِينَ مُحَلِّقِينَ رُءُوسَكُمْ وَمُقَصِّرِينَ لَا تَخَافُونَ﴾ «ئاللاھ پەيغەمبىرىگە راست چۈش كۆرسەتتى. (ئى پەيغەمبەر!) ئاللاھ خالىسا، سىلەر خاتىرجەم بولغان (بەزىلىرىڭلار) باشلىرىڭلارنى چۈشۈرگەن ۋە (بەزىلىرىڭلار) قىرقىغان ھالدا، قورقماي چوقۇم مەسجىدى ھەرەمگە كىرىسىلەر»[6] دېگەن ئايەتمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆز ۋەتىنى مەككىنى قانچىلىك بەك سېغىنغانلىقىنىڭ ۋە ئۇنىڭغا كىرىشكە قانچىلىك تەقەززا بولغانلىقىنىڭ ئەمەلىي ئىپادىلىرىدىن بىرىدۇر. كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئادەم ئۆزى قاتتىق تەشنا بولغان ۋە ئېسى- يادى شۇنىڭدا بولغان نەرسىسىنى چۈشەيدۇ. بۇ خۇددى قاتتىق ئۇسساپ كەتكەن ئادەمنىڭ سۇ ئىچىپ ياكى سۇ ئىزدەپ چۈشىگىنىگە ئوخشاش بىر ئىشتۇر.
پەيغەمبىرىمىز ئاللاھ تائالانىڭ ياردىمى بىلەن ئۆزى ئارزۇ قىلىپ ھەرىكەت قىلغان، سەۋەب قىلغان، ھەتتا شۇنى چۈشەپ، شۇنى ئويلاپ كۈنلىرىنى، ئايلىرىنى ۋە يىللىرىنى ئۆتكۈزگەن ئۇلۇغۋار پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. بىزچۇ؟ بىز چۈشىمىزدە ۋەتەننى قاچان كۆردۇق؟ ئۇنتۇماسلىق كېرەككى، ۋەتەن سۆيگۈسى شائىرلارنىڭ شېئىرلىرى ياكى ئەدىبلەرنىڭ ۋە مەددالارنىڭ دەبدەبىلىك سۆزلىرى بىلەن ئەمەس، پىداكار روھ بىلەن توختاۋسىز ئىشلەش ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ.
ئالىملاردىن بىرى ئېيتقاندەك، «يىراقلاردا تۇرۇپ ۋەتەننى سېغىنىش ئالاھىدە ئىش ئەمەس، ۋەتەن ئۈچۈن ئەلەم چېكىش قالتىس ئىش»تۇر. توغرا، ئاۋۋال ۋەتەن ئۈچۈن ئەلەم چېكىش كېرەك، ئۇنىڭ غېمىنى يېيىش كېرەك. ئەلەم چەككەنلەر بەدەل تۆلەشتىن قورقمايدۇ، ۋەتەن تۇيغۇسىدا مەردانە ياشايدۇ، ۋەتەن داۋاسىنى ھاياتىنىڭ ھەممە ساھەلىرىدە ئەكس ئەتتۈرىدۇ. قىسقىسى، بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەقىقىي دىندارلىقتۇر.

