ئۈممەتچىلىك ۋە مىللەتچىلىك

ئۈممەتچىلىك ۋە مىللەتچىلىك
مۇھەممەد يۈسۈپ

كۆپ ساندىكى مۇسۇلمانلار ئۈممەتچىلىك بىلەن مىللەتچىلىك ئۇقۇملىرىنى تار مەنىدە چۈشىنىۋالغانلىقتىن، بۇ ئىككى مەسىلىنى بىر-بىرىگە قارشى قىلىپ قويۇش، ئىككىسىنى مۇناسىپ دەرىجىدە ئېلىپ بارالماسلىق كىرىزىسىغا  دۇچ كەلمەكتە.

ئۈممەتچىلىك دېگىنىمىز: ئۆزىمىزنىڭ ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىمىزنى بىلىپ، ئۈستىمىزدىكى مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتلەرنى مۇكەممەل ئورۇنداپ، ئۆزىمىزنىڭ ئىسلام ئۈممىتىگە  مەنسۇپ ئىكەنلىكىمىزنى ئەمەلىي رەۋىشتە روياپقا چىقىرىشتۇر. مىللەتچىلىك دېگىنىمىز: ئۆزىمىز مەنسۇپ بولغان قەمگە قارىتا ئۆتەشكە تېگىشلىك بۇرچىمىزنى تولۇق ئۆتەش  ۋە مەجبۇرىيىتىمىزنى ئادا قىلىش دېگەنلىكتۇر.

ئىسلام ئۈممىتى

ئىسلام ئۈممىتى — ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان، ھايات ساھەلىرىدە ئىسلام شەرىئىتىگە ئەمەل قىلىدىغان، پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئىسلام دەۋىتىنى يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان بىر ئۈممەتتۇر. «ئۈممەتلەر ئىچىدە ھەق يولغا دەۋەت قىلىدىغان ۋە ھەقىقەتتە چىڭ تۇرىدىغان بىر ئۈممەت بار» .

ئىسلام ئۈممىتىنىڭ گەۋدىسى ئۇنىڭ ئەقىدىسىنىڭ بىرلىكى، دەۋىتىنىڭ بىرلىكى ۋە شەرىئىتىنىڭ بىرلىكى بىلەن پۈتۈنلىنىدۇ. دېمەك، ئىسلام ئەقىدىسىگە ئىمان كەلتۈرگەن، ئىسلام شەرىئىتىگە ئەمەل قىلغان ۋە ئىسلام دەۋىتىگە ھەسسە قوشقان ھەربىر مۇسۇلمان ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بىر ئەزاسىدۇر.

ئىسلام ئۈممىتى چوڭ بىر ئائىلە بولۇپ، ئۇ كىچىك ئائىلىلەردىن تەركىپ تاپىدۇ. كىچىك ئائىلىلەرنىڭ ئىسلاھ قىلىنىشى، كۈچلىنىشى ۋە روناق تېپىشى چوڭ ئائىلە بولغان ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ئىسلاھ قىلىنىشىغا، كۈچلىنىشىگە ۋە روناق تېپىشغا تۈرتكە بولىدۇ. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش ئىسلام ئۈممىتى نۇرغۇنلىغان مىللەت ۋە ئىرقلاردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، بىر ئارغامچىنىڭ كۈچلۈك بولۇشى ئۈچۈن، ئاشۇ ئارغامچىنى تەشكىل قىلغان يىپلارنىڭ چىداملىق ۋە كۈچلۈك بولۇشى شەرت بولغاندەك، بۇ ئۈممەتنىڭ كۈچلۈك بولۇشى ئۈچۈنمۇ ئۇنىڭغا مەنسۇپ بولغان مىللەت ۋە  ئىرقلارنىڭ كۈچلۈك بولۇشى شەرتتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىسلام دىنىغا مەنسۇپ بولغان ھەربىر مىللەتنىڭ ئاۋۋال ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈشى، ئۆزىنى يېتىشتۈرۈشى ۋە ئۆزىنى ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بىر پارچىسى بولۇشقا سالاھىيەتلىك قىلىشى لازىم. بۇنىڭغا ئاساسەن، ھەربىر مىللەتنىڭ ئاۋۋال ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلىشى، ئۆزىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشى ۋە ئۆزىنىڭ كۈچلىنىشىگە كۆڭۈل بۆلۈشى مۇھىم.

ئىسلام دىنى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز ئەھلى ۋە ئۆز مىللىتىنى باشقىلاردىن بەكرەك سۆيۈشىنى، ياردەمنى ئەڭ ئاۋۋال شۇلارغا قىلىشىنى ۋە ھەممىدىن ئاۋۋال شۇلارنىڭ غېمىنى يېيىشىنى توسمايدۇ. چۈنكى ئىسلام دىنى ئىنسانلارنىڭ تەبىئىتىگە ۋە مەنپەئىتىگە تامامەن ئۇيغۇن بىر دىندۇر. ئىنسانلارنىڭ تەبىئىتىدىكى ئۆز مىللىتىگە بولغان سۆيگۈ __ مۇھەببەتنى ئۇلارنىڭ قەلبىگە سالغان زاتمۇ ئاللاھ تائالادۇر. بۇنداق بولغان ئىكەن، ھەقلىق رەۋىشتە ئۆز مىللىتىنى سۆيۈش، ئۆز مىللىتىنىڭ غېمىنى يېيىش ۋە ئۆز مىللىتىنىڭ مەنپەئەتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش تامامەن يوللۇقتۇر، ھەتتا بەزى شارائىتلاردا زۆرۈردۇر. ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: «ئائىلەڭدىكىلەرنى نامازغا بۇيرۇغىن ۋە ئۆزۈڭمۇ ئۇنىڭغا چىداملىق بولغىن»( ) ۋە   «يېقىن تۇغقانلىرىڭنى ئاگاھلاندۇرغىن» ( ) دېگەن ئەمرلىرىدە ياخشىلىقنى ئەڭ ئاۋۋال ئۆز يېقىنلىرىدىن باشلاشقا بۇيرۇغان. بىر مىللەتنىڭ ئەڭ يېقىن كىشىلىرى ئۇنىڭ ئۆز ئەھلى ۋە ئۆز مىللىتىدۇر. بۇنى ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ.

 ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى بىر ئاتا ۋە بىر ئانىدىن ياراتقاندىن كېيىن ئۆز ھېكمىتى بىلەن ئۇلارنى ھەرخىل قەبىلە، ھەرخىل مىللەت قىلىپ يەر شارىغا تارقاتتى. «ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىز ھەقىقەتەن بىر ئەر، بىر ئايالدىن (ئىبارەت) بىر ئاتا بىر ئانىدىن ياراتتۇق، ئۆز ئارا تونۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە قەبىلە قىلدۇق»( ) شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنىڭ قەلبىگە ئۆز قەۋمىنى ـ ئۆز مىللىتىنى سۆيىدىغان ھېس – تۇيغۇنى سالدى. شۇ سەۋەبتىن ھەر مىللەت ۋە ھەر قەۋم ئۆز مىللىتىنى سۆيىدۇ ۋە باشقىلاردىن كۆرە ئۆز قەۋمىنى ئۆزىگە يېقىن ھېس قىلىدۇ. مىللىتىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ئەيىبلىنىشىگە، كەمسىتىلىشىگە ۋە بوزەك قىلىنىشىغا چىداپ تۇرالمايدۇ. بۇ ھېس ـ تۇيغۇ پۈتكۈل ئىنسانلاردا مەۋجۇت بولغان ئورتاق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇنى ئىنكار قىلغىلى بولمايدۇ.  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تائىپقا چىققاندا مۇشرىكلاردىن شۇنداق چىدىغۇسىز ئەزىيەتلەرنى كۆرگەندىن كېيىن، ئاللاھ تائالاغا دەردىنى ئېيتىپ دۇئا قىلغاندا، ئاللاھ تائالا تاغقا مۇئەككەل پەرىشتىنى ئەۋەتكەن. پەرىشتە كېلىپ ئىككى تاغنى مۇشرىكلارنىڭ ئۈستىگە تاشلايمۇ دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  «ياق، چۈنكى مېنىڭ قەۋمىم بىلمەيدۇ» دېگەن. مانا بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆز قەۋمىنى نەقەدەر سۆيىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

  يەنە ساھابە كىراملاردىن تۇفەيل ئەددەۋسى دېگەن كىشى مۇسۇلمان بولغاندا قەۋمى ئۇنى ناھايىتى قاتتىق ئۇرۇپ قېينىغان، بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  دۇئاغا قول كۆتۈرگەندە، ساھابىلەر دەۋس قەبىلىسى ھالاك بولدى، دېيىشكەن. تۇفەيل مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۇ ۋاقىتتا قەۋمىمنىڭ ھالاك بولىشىدىن قاتتىق قورقۇپ كەتكەن ئىدىم. ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قەۋمىمنىڭ ھىدايىتى ئۈچۈن دۇئا قىلغان ئىكەن». بۇمۇ تۇفەيلنىڭ ئۆز قەۋمىنى قانچىلىك سۆيىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. لېكىن ھەر قانداق نەرسىنىڭ چەك ـ چېگرىسى بولغاندەك، مىللەت ۋە قەۋم سۆيگۈسىنىڭمۇ چەك ـ چېگراسى بولىدۇ. ئەمما ئىنسانلار بۇ چەك چېگرىنى ئايرىيالمىسا، ئۆز مىللىتىنى ھەممىدىن ئۈستۈن دەپ دەۋا قىلىپ، باشقا مىللەتلەرنى كۆزگە ئىلماستەك، كەمسىتىشتەك يامان ئادەت مەيدانغا كېلىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، ئىنسانلار قەبىلىۋازلىق قىلىپ بىر- بىرى بىلەن ئۇرۇشىدىغان، ھەق- ناھەق بولۇشىغا قارىماستىن قارغۇلارچە ئۆز مىللىتىنىڭ تەرىپىنى تۇتۇپ، بىر- بىرىنى ئۆلتۈرىدىغان ئىشلار كېلىپ چىقىدۇ. ئىسلام دىنى پۈتكۈل ئىشلارنى ئىنسان تەبىئىتىگە ئەڭ ئۇيغۇن شەكىلدە رەتكە سالغىنىدەك، بۇ مىللەتچىلىك مەسىلىسىنىمۇ ئىنساننىڭ يارىتىلىش تەبىئىتىدە بار بولغان مىللەت سۆيگۈسىنىمۇ يوققا چىقارماستىن، مىللەتچىلىكتىن كېلىپ چىقىدىغان يۇقىرىقىدەك زىيان- زەخمەتلەرگىمۇ يول قويماستىن ناھايىتى مۇۋاپىق شەكىلدە ھەل قىلغان.  ئىسلام دىنى دۇنيادا مەۋجۇت بولغان بارلىق مىللەت ۋە قەبىلىلەرگە كەلگەن ئالەمشۇمۇل بىر دىن. بۇ دىن ھەر مىللەت مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرىنى ۋە ئۆزگىچىلىكلىرىنى ئېتىراپ قىلىش بىلەن بىرگە بارلىق ئىنسانلارنىڭ ھۆرمەتتە ئوخشاش ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەسلىنىڭ بىر ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەممىڭلار ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن كەلگەن ۋە ئادەم ئەلەيھىسسالام بولسا تۇپراقتىن يارىتىلغان»( ) دېگەن. ئىسلام يەنە كىشىنىڭ قايسىبىر مىللەتتىن بولۇشى ئۇنىڭغا ئۆزگىچە ئالاھىدىلىك بەرمەيدىغانلىقىنى، پەزىلەت ۋە ئالاھىدىلىكنىڭ پەقەت ياراتقۇچىسىنى تونۇپ، ئۇنىڭغا قۇلچىلىق قىلىشتا ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك سانىلىدىغىنىڭلار ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلاردۇر»  ( ) 

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەڭ ئاخىرقى ھەجنى قىلغان ۋاقتىدا، ئەرەپاتتا تۇرۇپ، ئوقۇغان ۋىدا خۇتبىسىدە مۇنداق دېگەن: «ئى ئىنسانلار! ئۇنتۇماڭلاركى، سىلەرنىڭ رەببىڭلار بىر، ئاتاڭلار بىردۇر. ئەرەبنىڭ ئەجەمدىن، ئەجەمنىڭ ئەرەبتىن ئارتۇقچىلىقى يوق، قىزىل تەنلىكنىڭ قارا تەنلىكتىن، قارا تەنلىكنىڭ قىزىل تەنلىكتىن ئارتۇقچىلىقى يوق. ئارتۇقچىلىق پەقەت تەقۋالىقتىدۇر» ( )

   ئىسلام دىنى ئىنسانلارنى قەبىلىۋازلىق، يۇرتۋازلىق ۋە تار مىللەتچىلىك ئىللىتىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئۇلارنى ئەڭ ئالىي تۇيغۇ ۋە يۈكسەك غايىدە بىرلەشتۈرگەن. ئۇ بولسىمۇ، ئىسلامىي قېرىنداشلىق تۇيغۇسىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا پۈتكۈل مۇسۇلمانلارنى «بىر ئۈممەت» دەپ ئاتىغان. بۇ ئۈممەتنىڭ ئەزالىرىنىڭ تىللىرى باشقا، رەڭگى باشقا، مىللىتى باشقا، ياشايدىغان يەرلىرى باشقا، ئەمما ئەڭ ئالىي غايىسى بىر، يۈزلىنىدىغان قىبلىسى بىر، يولباشچى پەيغەمبىرى بىردۇر. «سىلەرنىڭ بۇ ئۈممىتىڭلار بىرلا ئۈممەتتۇر. مەن سىلەرنىڭ رەببىڭلارمەن، ماڭىلا قولچىلىق قىلىڭلار»( ) ئاللاھ تائالا يەنە مۇسۇلمانلارنى ھەممە بىردەك ئاللاھنىڭ دىنىغا مەھكەم ئېسىلىپ ئايرىلماسلىققا چاقرىپ مۇنداق دېگەن: «ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ ئارغامچىسىغا مەھكەم ئېسىلىڭلار، ھېچ ئايرىلماڭلار»( )، «مۆمىنلەر ھەقىقەتەن ئۆز ئارا قېرىنداشلاردۇر»  ( )

   مۇسۇلمانلار ھەممىسى ئۆز ئارا قېرىنداش بولغان ئىكەن، ھېچبىر مىللەتنى، ھېچبىر قەۋمنى ياكى ھېچبىر جامائەتنى كەمسىتىشكە، مەسخىرە قىلىشقا بولمايدۇ. ئاللاھ تائالا بىزگە بۇ ھەقتە تەلىم بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئى ئىمان ئېيتقانلار!  بىر قەۋم يەنە بىر قەۋمنى مەسخىرە قىلمىسۇن. بەلكى ئۇلار مەسخىرە قىلغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرىدىن ياخشىراق بولۇشى مۇمكىن. ئاياللارمۇ  ئاياللارنى مەسخىرە قىلمىسۇن. بەلكى ئۇلار مەسخىرە قىلىنغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرىدىن ياخشىراق بولۇشى مۈمكىن. بىر ـ بىرىڭلارنى ئەيىبلىمەڭلار، بىر ـ بىرىڭلارنى يامان لەقەم بىلەن چاقىرماڭلار، ئىماندىن كېيىن پاسىقلىق نېمىدېگەن يامان! كىمكى تەۋبە قىلمايدىكەن، ئۇلار زالىملاردۇر»( ).


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار