شۈكۈر ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى

شۈكۈر ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى

مۇھەممەد يۈسۈپ

ئەرەب تىلىدىكى «الشكر» سۆزىنىڭ مەنىسى: رەھمەت ئېيتىش، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ۋە تەشەككۇر ئېيتىش دېگەنلىك بولۇپ، ئىسلام ئىستىلاھىدا، ياخشىلىق قىلغاننىڭ ياخشىلىقىنى ئېتىراپ قىلىش ۋە ئۇنىڭ ئوخشىشىنى قايتۇرۇش، نېمەت بەرگۈچىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، ئۇنى تىل، دىل ۋە ئەمەلدە ئىپادىلەش دېگەنلىكتۇر.

شۈكۈر ئىماننىڭ يېرىمى بولۇپ، يەنە بىر يېرىمى سەۋرچانلىقتۇر. ئىمان بۇ ئىككىسى بىلەن تاكامۇللىشىدۇر. بۇ سەۋەبتىن شۈكۈر ئەڭ يۇقىرى مەرتىبىلىك ئىبادەت سانىلىدۇ.

ئىمام ئىبنى رەجەب «شۈكۈر تىل، دىل ۋە ئىش-ھەرىكەت بىلەن ئادا قىلىنىدۇ» دېگەن ([1]).

(1) تىل بىلەن ئادا قىلىنىدىغان  نېمەت بەرگۈچىنىڭ نېمەتلىرىنى ۋە ئاتا-ئىھسانلىرىنى تىل ئارقىلىق سۆزلەش ھەم ساناش بىلەن بولىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە:» رەببىڭنىڭ نېمىتىنى سۆزلەپ بەرگىن«([2]) يەنى ئاللاھ تائالا ساڭا ئاتا قىلغان نېمەتلەرنى باشقىلار كەڭ سۆزلىگىن ۋە مىننەتدارلىقىڭنى سۆزدە ۋە ئەمەلدە كۆرسەتكىن دەپ تەلىم بەرگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ مەنىنى تېخىمۇ ئىزاھلاپ چۈشەندۈرۈپ: «ئۆزىگە ئاتا قىلىنغان نېمەتنى كىشىلەرگە سۆزلەش شۈكۈر قىلغانلىق، ئۇنى يوشۇرۇش تۇزكورلۇق قىلغانلىقتۇر»([3]) دېگەن.

(2) دىل بىلەن ئادا قىلىنىدىغان شۈكۈر نېمەت بەرگۈچىنىڭ نېمەتلىرىنى ۋە ئاتا-ئىھسانلىرىنى ئېتىراپ قىلىش، يۈرەكتىن ئۇنىڭغا مىننەتدار بولۇش ۋە ئۇنى سۆيۈش بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

تەبىئىيكى، بىراۋنىڭ ياخشىلىقنى ئېتىراپ قىلغان، ئۇنى يۈرىكىدىن سۆيگەن ۋە ئۇنىڭغا قارىتا ئۆزىنىڭ تەشەككۇر بۇرچى بارلىقىنى ھېس قىلغان ئادەم ئۇنى رازى قىلىش ۋە مەممۇن قىلىش يولىدا قولىدىن كەلگەننى ئايىمايدۇ، ئۇنىڭ نەپرىتىگە ئۇچراپ قېلىشتىن ھەزەر قىلىدۇ.

 ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىشلار بۇنداق بولغان يەردە، تامامىي نېمەتلەرنىڭ ۋە چەكسىز ئاتا-ئىھساننىڭ ئىگىسى بولغان ئاللاھ تائالاغا بولغان تەشەككۇر بۇرچىمىزنى قانداق ئادا قىلىشىمىز كېرەك؟ ئاللاھ تائالا بىزگە ئاتا قىلغان سانسىز نېمەتلىرى ۋە چەكسىز ئاتا-ئىھسانلىرى بەدىلىگە بىزدىن كۆپ نەرسە سورىمايدۇ. پەقەت دىن ۋە دۇنيالىق ھەر قانداق بىر ئىشنى ئاللاھ تائالا كۆرسەتكەن بويىچە قىلىش ۋە ھەر ئىشتا ئۇنىڭ رازىلىقىنى ئالدىنقى ئورۇندا قويۇپ، قېتىرقىنىپ قىلىشنى سورايدۇ. بۇنىڭغىمۇ بېخىللىق قىلىمىزمۇ ئەمدى؟

(3) ئىش- ھەرىكەت بىلەن ئادا قىلىنىدىغان شۈكۈر نېمەت بەرگۈچىنىڭ نېمەتلىرىنى ۋە ئاتا-ئىھسانلىرىنى گۇناھ- مەسىيەتلەرگە، ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق بولىدىغان ئىشلارغا، شۇنداقلا ھەر قانداق بىر يامان ئىشقا سەرپ قىلماستىن، پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ ئەمر-پەرمانلىرىنى ئورۇنداشقا ۋە ياخشىلىق يوللىرىغا سەرپ قىلىش بىلەن بولىدۇ.

مەسىلەن: تەن ساقلىقتىن ئىبارەت بۇ كاتتا نېمەتنى ئالايلۇق، ئۇنى ئويۇن-تاماشا ۋە ھارام كۆڭۈل ئېچىشلارقا ئىشلىتىپ تۈگەتمەستىن، ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىش، ئۈستىمىزدىكى پەرز، ۋاجىبلارنى ئورۇنداش ۋە ئىنسانىيەت ئۈچۈن پايدىلىق بولغان ئىشلارنى قىلىش بىلەن ئۆتكۈزۈش بۇ نېمەتنى ئاتا قىلغۇچىغا شۈكۈر ئادا قىلغانلىق بولىدۇ. ئەكسىچە قىلىش، نېمەت بەرگۈچىكە تۇزكورلۇق قىلغانلىق بولىدۇ.

نېمەتكە شۈكۈر قىلىش ئۇنى كۆپەيتىدۇ

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: «نېمىتمگە شۈكۈر قىلساڭلار، (ئۇنى) تېخىمۇ زىيادە قىلىمەن. ئەگەر تۇزكورلۇق قىلساڭلار، مېنىڭ ئازابىم، ئەلۋەتتە، بەكمۇ قاتتىق بولىدۇ»([4]) دەپ تەلىم بەرگەن.

 پۇل-مالنىڭ شۈكرىسى ئۇنى ئىسراپ قىلماستىن، پايدىسىز ئىشلارغا بۇزۇپ چاچماستىن قوللىنىش، ئۇنىڭ زاكىتىنى تولۇق بېرىش ۋە ئاللاھ تائالا رازى بولىدىغان ۋە ساۋاب بولىدىغان ئىشلارغا، شۇنداقلا ياخشىلىق يوللىرىغا سەرپ قىلىش بىلەن بولىدۇ.

بۇنىڭدىن مەلۇمكى، ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر قىلىش «شۈكرى خۇدايىم» دەپ ئاغزاكى شۈكۈر ئېيتىش بىلەن ئادا تاپمايدۇ. بەلكى بۇ شۈكۈرنى ئەمەلدە قىلىپ كۆرسىتىش تەلەب قىلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: «ئى ئىمان ئېيتقانلار! سودا ـ سېتىق، دوستلۇق ۋە (ئاللاھنىڭ ئىزنىسىز)شاپائەت بولمايدىغان كۈن يىتىپ كېلىشتىن بۇرۇن، سىلەرگە بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن مال ـ مۈلۈكلەردىن (ياخشىلىق يوللىرىغا) سەرپ قىلىڭلار. تۇزكورلۇق قىلغۇچىلار راستىنلا ھەقسىزلىق قىلغۇچىلاردۇر»([5]) دېيىش ئارقىلىق بىزنى شۈكۈرنىڭ ئىقتىسادتىكى مەنىسىگە باشلىماقتا. بۇ تۈردىكى شۈكۈر يوقسۇللارغا ۋە ھەر قانداق ھاجەت ئىگىسىگە ئاتىغانلىرىنى بېرىش بىلەنلا ئادا تاپىدۇ.

ئىلىم-مەرىپەتنىڭ شۈكرىسى بىلگەنلىرىگە تولۇق ئەمەل قىلىش، ئۇنى ئىنسانلارغا ئۆگىتىش، ئۇلارنىڭ بىلمىگەنلىرىنى بىلدۈرۈش بىلەن ئادا قىلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا بىلگەن بىلىمىگە ئەمەل قىلمايدىغانلارنى سۆكۈپ مۇنداق دېگەن: «ئى ئىمان ئېيتقانلار! سىلەر نېمە ئۈچۈن قىلمايدىغان ئىشنى قىلىمىز دەيسىلەر؟ سىلەرنىڭ قىلمايدىغان ئىشنى (قىلىمىز) دېيىشىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ئۆچ (كۆرۈلىدىغان نەرسىدۇر)»([6]).

  پۇل-مالنىڭ زاكىتى شۇ پۇل-مالدىن مەلۇم مىقدارنى يوقسۇللارغا بېرىش بىلەن ئادا تاپقاندەك، ئىلىمنىڭ زاكىتى بىلگەنلىرىنى باشقىلارغا ئۆگىتىش ۋە بىلدۈرۈش بىلەن ئادا تاپىدۇ.

ئاللاھنىڭ نېمەتلىرى شۈكۈرنى لازىم قىلىدۇ

ئۇلۇغ ئىسلام مۇتەپەككۇرى، مەرھۇم ئۇستاز مۇھەممەد غازالىي «تۇرمۇشىڭىزنى يېڭىلاڭ» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەپ يازغان: «ئاللاھنىڭ نېمەتلىرى ھەر بىر نەپەستە، تۇمۇرلاردىكى قاننى ئىتتىرگەن ھەربىر ھەركەتتە بىزنى قورشاپ تۇرىدۇ. ئەمما بىز بۇ كاتتا نېمەتلەرنى كۆپىنچە ھېس قىلمايمىز ۋە بۇ نېمەتنىڭ ئىگىسى بولغان ئاللاھنى لايىقىدا قەدىرلىيەلمەيمىز.

بىز بارلىق ئېھتىياجلىرىمىزنى ئۆزلىكىدىن تەييارلانغان ھالدا قوبۇل قىلىمىز. بىز قىلماقچى بولغاننى شۇنداقلا كۆڭلىمىزگە كەلتۈرۈش بىلەنلا بۇ ئىش لىكىدىن ئەمەلگە ئاشىدۇ. مەسىلەن: ئولتۇرۇپ ـ قوپۇش، يۈرۈش ـ  تۇرۇش ۋە ھاكازالارغا ئوخشىغان ئىختىيارىي ھەركەتلىرىمىز. بەزى نېمەتلەرنى چەكلىك شارائىتلاردا ۋە كۆڭۈللۈك مۇھىتلاردا ھېس قىلالايمىز. ئەمما بۇنى ھېس قىلىدىغانلارمۇ ئىنتايىن ئاز. بۇ بىزنىڭ ئاللاھتىن يىراقلىقىمىز ۋە ئۇنىڭ نېمەتلىرىگە قارىتا خاتا چۈشەنچىدە بولغانلىقىمىزنىڭ سەۋەبىدىن ئىدى. «ئاللاھ سىلەرگە زېمىننى تۇرالغۇ، ئاسماننى بىنا قىلدى. سىلەرنى سۈرەتكە كىرگۈزدى، سۈرىتىڭلارنى چىرايلىق قىلدى. سىلەرگە تۈرلۈك پاك نەرسىلەرنى رىزىق قىلىپ بەردى. ئەنە شۇ ئاللاھ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، ئالەملەرنىڭ رەببى  بولغان ئاللاھنىڭ بەرىكىتى بۈيۈكتۇر» ([7]).

مۇشۇ بايانلاردىن كېيىن بىز ئاللاھنىڭ ھەققىنى ئادا قىلالىدۇقمۇ؟!

مەلۇمكى، ياخشىلىق قىلغانغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ئىنسانىي بۇرچتۇر!

دۇنيادا نۇرغۇن كىشىلەر ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ نېمەت ئىگىسىگە شۈكۈر قىلىشنى بىلمەيدۇ. گويا ئۇلار بۇ نېمەتلەرنى ئۆزىنىڭ تارتىۋېلىنغان ھەققىنى قايتۇرۇپ ئالغاندەك ياكى بۇ نېمەتلەر پەقەت ئۆزىگىلا خاستەك قوبۇل قىلىدۇ. بۇنداقلار باشقىلارنى ئۆزىگە ھەرگىزمۇ تەڭ قىلمايدۇ. بۇنداق تۇزكورچە چۈشەنچە ۋە تەپەككۇردىن ھەرگىزمۇ شۈكۈرنىڭ غۇنچىلىرى ئۈنمەيدۇ. بۇنداقلاردىن شۈكۈرنى كۈتكىلى بولمايدۇ.

بۇ سەۋەبتىن سىز بەزى كىشىلەرگە ياخشىلىق قولىڭىزنى سۇنغان ۋە ئۇنىڭغا ياخشىلىق قىلىش ئۈچۈن كۆپ جاپا تارتقان بولسىڭىزمۇ، ئۇلارنىڭ سىزگە بولغان پوزىتسىيىسى ناچار، مۇئامىلىسى سوغۇق ۋە رەھمەت سۆزى يوق بولىدۇ. كىشىلەرنىڭ بۇ خىل مۇئامىلىسى سىزنى نەپرەتلەندۈرەمدۇ؟ ھالبۇكى ئۇنداقلار مۇندىن بۇرۇن سىزنىڭ  ۋە ئۇلارنىڭ يېگانە رەببى بولغان ئاللاھقىمۇ شۇنداق مۇئامىلىدە بولغان ئەمەسمۇ؟ ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە «بەندىلىرىمدىن شۈكۈر قىلغۇچىلار بەك ئاز»([8]) دېگەن ئەمەسمۇ؟

 دالى كارنېك([9]) بىزگە كىشىلەر ئارىسىدا كەڭ تارقالغان تۇزكۇورلۇق مەسىلىسى توغرىلىق مۇنداق بىر قانچە مىسالنى كەلتۈرىدۇ: «سىز بىراۋنىڭ ھاياتىنى ھالاكەتتىن قۇتۇلدۇرغان بولسىڭىز ئۇنىڭدىن شۇ قىلغىنىڭىز بەدىلىگە رەھمەت سۆزى كۈتەمسىز؟ بەلكى شۇنداق قىلىشڭىز مۇمكىن. لېكىن «سەمۇئېل لايپتز» ئاۋۋال ئادۋوكات، كېيىنچە سوتچى بولۇپ ئىشلەش جەريانىدا 78 كىشىنى توك ئورۇندىقىدا ئولتۇرغۇزۇپ ئىجرا قىلىنىدىغان ئۆلۈم جازاسىدىن قۇتۇلدۇرۇپ قالغان بولسىمۇ،  قۇتۇلغانلاردىن بېرەرسىمۇ ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتمىغان.

   ئىسا([10]) پالەج كېسىلىگە گىرىپتار بولغان 10 ئادەمنى بىركۈندىلا ساقايتقان بولسىمۇ، ئۇلاردىن قانچە كىشىنى ئېيساغا رەھمەت ئېيتتى دەيسىز؟ ئارانلا بىر ئادەم. ئەمما باشقىلار شۇنچە ئەرزان رەھمەت سإزىنىمۇ ئيتماستىن قايتىپ كېتىشكەنىدى.

چارلىز شەۋاب ماڭا مۇنداق بىر قىسسىنى سۆزلەپ بەرگەنىدى. ئۇ بىر قېتىم ئىمبارگوغا ئۇچرىغان بىر بانكىچىنى تۈرمە جازاسىدىن قۇتقۇزۇپ قالغان. لېكىن بانكىچى ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتتىمۇ؟ ھەئە بىر كۈنى ئۇنىڭغا رەھمەت سۆزىنى ناھايىتى قىيىن دىيەلىدى، ئاندىن ئۇنى ئارقىسىدىن تىللاشقا باشلىدى».

دائېل كارنىك گويا ئاللاھنىڭ )ئىنسان ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىنىڭ نېمەتلىرىنى شەكسىز ئىنكار قىلغۇچىدۇر(([11]) دېگەن سۆزىنى شەرھلىگەندەك مۇنداق دەېگەن« تۇزكورلۇق شۇنداق بىر تەبىئىي نەرسە بولۇپ، ئۇ زېمىنگە ئۈنگەن ئوت ـ چۆپلەرگە ئوخشاش بىراۋ ئۇنى تېرىماستىن ئۆزلىكىدىن ئۈنۈپ چىقىدىغان نەرسە، ئەمما شۈكۈر پەقەت ئۇنى ياخشى پەرۋىش قىلىش بىلەنلا ئۈنۈپ چىقىدىغان خۇشپۇراق گۈلگە ئوخشايدۇ. ئىنسان تەبىئىيىتى يەنىلا شۇ  ئەزەلدىنكى ئىنسان تەبىئىيىتى بولۇپ، ئۇ مەڭگۈگە ئۆزگەرمەيدۇ!

ئەھۋال بۇنداق ئىكەن، ئۇنى شۇ بۇيىچە قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك.

نېمە ئۈچۈن ياخشىلىققا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنىڭ يوقالغانلىقى ۋە تۇزكورلۇقنىڭ ئومۇملاشقانلىقىغا ھەسرەتلىنىمىز؟ كىشىلەرنىڭ ياخشىلىققا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش بۇرچىنى ئونتۇشى تەبىئىي ئەھۋال ئەمەسمۇ؟ ئەگەر بىز قىلغان ھەر بىر ياخشىلىقىمىز ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشىنى كۈتىدىغان بولساق، ئۆزىمىزگە نۇرغۇنلىغان قىيىنچىلىقلارنى كەلتۈرگەن بولىمىز».

بۇ سۆز ئازراق ئوچۇقلىنىشقا مۇھتاج. ياخشىلىققا تۇزكورلۇق، ۋاپاغا جاپا  قىلىش يامان خۇلۇقتۇر. كىشىلەر بۇنداق يامان خۇلۇقتىن قۇتۇلىشى لازىم. ئۇلارغا ياخشىلىققا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنى، ئېرىشكەن ئىھسانلارنى قەدىرلەشنى ئۈگىتىش كېرەك»([12]).

ئىسلام دىنى ياخشىلىققا ياخشىلىق قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ 

ئىسلام دىنى كىشىلەرنى نېمەت بەرگۈچىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ۋە ياخشىلىق قىلغانلارنىڭ مۇكاپاتىنى قايسىبىر يول بىلەن بولمىسۇن ئادا قىلىشقا، ئەگەر  باشقىلار تەرىپىدىن ئېرىشكەن ياخشىلىق بەدىلىگە ئۇلارغا بېرىشكە ماددىي مۇكاپات تاپالمىساق تىلىمىز بىلەن رەھمەت ئېيتىشقا كۇپايىلىنىپ،  ئۇنىڭ تولۇق مۇكاپاتىنى ئاللاھ تائالانىڭ بېرىشىگە تاپشۇرۇش بىلەن كۆڭلىمىزنى راھەتلەندۈرۈشىمىزگە چاقىرىدۇ.

  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « سىلەرگە ياخشىلىق قىلغان كىشىگە مۇكاپاتىنى بېرىڭلار، ئەگەر ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى بېرىشتىن ئاجىز كەلسەڭلار،  نېمەتكە شۈكۈر قىلغانلىقىڭلارنى ئىپادىلەش يۈزىسىدىن ئۇنىڭ ھەققىدە ئاللاھقا دۇئا قىلىڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن شۈكۈرنى قوبۇل قىلغۇچى ۋە شۈكۈر قىلغۇچىلارنى ياقتۇرغۇچىدۇر»([13]).

  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دېگەن: «بىراۋ  تەرىپىدىن ئاتا ئېھسانغا ئېرىشكەن كىشى ئۇنىڭ بەدىلىگە لايىق نەرسە تاپالىسا مۇكاپاتىنى ئادا قىلسۇن، ئەگەر تاپالمىسا، ئۇنىڭغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرسۇن. ھەقىقەتەن نېمەتكە مىننەتدارلىق بىلدۈرگەن ئادەم شۈكۈر قىلغان ۋە ئۇنى يوشۇرغان ئادەم نېمەتكە كۇپرىلىق قىلغان بولىدۇ»([14]).

   ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «كىشىلەردىن كەلگەن ياخشىلىققا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنى بىلمەيدىغان ئادەم ئاللاھقا شۈكۈر قىلىشنى بىلمەيدىغان ئادەمدۇر»([15]).

يەنە بىر ھەدىستە: « ئازغا شۈكۈر قىلمايدىغان ئادەم كۆپكىمۇ شۈكۈر قىلمايدۇ، كىشىلەرگە رەھمەت ئېيتىشنى بىلمىگەن ئادەم ئاللاھقىمۇ شۈكۈر قىلمايدۇ»([16]).

خەير-ئىھساندىمۇ نىيەتنىڭ دۇرۇس بولىشى شەرت   

 مەرھۇم ئۇستاز مۇھەممەد غازالىي مەزكۇر ئەسىرىدە يەنە مۇنداق دەپ يازغان:« ئىسلام دىنى مىننەتدارلىق بۇرچىنىڭ زۆرۈرلىكىنى ۋە نېمەتكە تۇزكورلۇق قىلغۇچىلارنىڭ رەزىللىكىنى سۆكۈش بىلەن بىرگە خەير-ئىھسان ئىگىلىرىدىن ئەمەللىرىنى ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن خالىس قىلىشلىرىنى تەلەب قىلىدۇ. چۈنكى نىيەتتە شەكىلۋازلىق قىلىش ئەمەلنى يوققا چىقىرىدۇ. تەقدىرلەشكە سازاۋەر بولىدىغان ياخشىلىق  بىراۋنىڭ رەھمەت ئېيتىشى ياكى مىننەتدارلىق بىلدۈرىشىنى كۆزلىمەستىن، پەقەخالىس ئاللاھ رازىلىقىنىلا  كۆزلەپ قىلىنغان ياخشىلىقتۇر.

ئىسلام دىنى ئەمەللەرنى ئىخلاس بىلەن قىلىشقا بۇيرۇشتا كۆڭۈللەرنى دۇنيالىق مەنپەئەتلەرگە چوقۇنۇشنىڭ قۇللىقىدىن ئازات قىلىش ئارقىلىق ئۇنى مۇتلەق كامالەت ئىگىسى بولغان ئاللاھقىلا يۈزلەندۈرۈشنى مەخسەت قىلغان. مۇنداق كۆڭۈل ھەر قانداق بىر ياخشىلىقنى كىشىلەرنىڭ ماختىشىغا ئېرىشىش ياكى ئابرويغا ئىگە بولۇش تەمەسىدىن قەتئىينەزەر  ئىچىدىن كەلگەن تەبىئىي قىزىقارلىق، ھەقىقىي سەمىمىيەت ۋە ساپ نىيەت بىلەن قىلىدۇ. مانا بۇنداق ئالىيجاناپلىق ھەقىقىي ئېھساننىڭ تۈرتكىسىدۇر. مانابۇ ھەر قانداق گۈزەل ئەخلاقنىڭ ئۆلگىسىدۇر.

 ئاللاھ خالىس ئۆزى ئۈچۈن قىلىنغانلارنىلا قوبۇل قىلىدۇ

ئىسلام دىنىنىڭ قەلبلەرنى پاك تۇتۇش ۋە ئىخلاسلىق بولۇشقا چاقىرىشى، شۇنداقلا ھەر ئىشتا ئاللاھ رازىلىقىنى كۆزلەش، ئەمەللەرنى رىيا، نىفاق ۋە ھەر قانداق بىر دۇنياۋى غەرەزلەردىن خالىي ھالدا ساپ قىلىشنى شەرت قىلىشىمۇ  ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىس قۇدسىيدا مۇنداق دېگەن:« ئاللاھ مۇنداق دېدى"مەن ئەڭ ياخشى ھەمراھمەن. كىمكى ماڭا بىراۋنى شېرىك قىلىۋالىدىكەن، ئۇ شۇ شېرىكىگە مەنسۇپ بولىدۇ". ئى ئىنسانلار! ئەمەلىڭلارنى ئاللاھ ئۈچۈن خالىس قىلىڭلار. ھەقىقەتەن ئاللاھ ئىخلاسلىق ئەمەللەرنىلا قوبۇل قىلىدۇ. سىلەر ھەرگىز"بۇ ئاللاھ  ۋە تۇغقاندارچىلىق ئۈچۈندۇر"دېمەڭلار. بۇ ۋاقىتتا ئۇ تۇغقاندارچىلىق ئۈچۈنلا  بولۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭدا ئاللاھ ئۈچۈن قىلىنغان ھېچ نەرسە يوق. سىلەر"بۇ ئاللاھ ۋە سىلەرنىڭ خاتىرەڭلار ئۈچۈندۇر"دېمەڭلار. بۇ ۋاقىتتا ئۇ پەقەت شۇ خاتىرىسى قىلىنغان ئىنسانلار ئۈچۈن بولۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭدا ئاللاھ ئۈچۈن ھېچ نەرسە يوق»([17]).

بۇ ھەدىس تولىمۇ توغرا ئېيتىلغان. چۈنكى سىز «بۇ ئىشنى ئاللاھ ئۈچۈن ۋە پالانىنىڭ خاتىرىسى يۈزىسىدىن قىلىمەن» دېگىنىڭىزدە، سىز ئومۇمەن مەزكۇر پالانىنىڭ خاتىرىسىنى كۆزلىگەن بولىسىز، بۇنىڭدا ئاللاھ ئۈچۈن نېسىۋە يوق. ئەگەر ئۇنىڭدا ئاللاھ ئۈچۈن نېسىۋە بولغان تەقدىردىمۇ ئاللاھ ئۇنى قوبۇل قىلمايدۇ. چۈنكى ئاللاھ ئۆزى ئۈچۈن خالىس قىلىنغان ئەمەللەرنىلا قوبۇل قىلىدۇ.

ئەھۋال بۇنداق ئىكەن، بىز پۈتۈن ئىش ـ پائالىيەتلىرىمىزدە نىيىتىمىزنى ۋە ئەمەللىرىمىزنى كىشىلەرنىڭ ماختىشى، مىننەتدارلىق بىلدۈرىشى ۋە رەھمەت ئېيتىشىنى كۈتمەستىن، ئۆزىمىزنى كۆرسىتىش، ئابروي قازىنىش ۋە باشقىمۇ دۇنيالىق مەنپەئەتلەرنى كۆزلىمەستىن پەقەت ئاللاھ ئۈچۈنلا خالىس قىلىشىمىز كېرەك»([18]).

([1]) ئىبنى رەجەب - تولۇق ئىسمى زەينىددىن ئابدۇراھمان ئىبنى ئەھمەد بولۇپ، ھەنبەلىي مەزھىبىنىڭ نوپۇزلۇق ئالىملىرىدىن بىرى، 736-ھىجرىيە باغداتتا دۇنياغا كەلگەن، ئىمام ئىبنى قەييىم جەۋزىدە ئوقۇغان، ئۆز زامانىسىدا كامالىغا يەتكەن مۇجتەھىدلاردىن سانىلىدۇ. 20 پارچىغا يېقىن چوڭ ھەجىملىك دىنىي ئەسەر يازغان. ئەڭ مەشھۇر ئەسەرلىرىدىن بىرى« فىقھى قائىدىلىرى»ناملىق ئەسىرىدۇر. ئەللامە ئىبنى رەجەب 795-ھىجرىيە يىلى ھازىرقى سۈرىيە پايتەختى دەمىشىق شەھىرىدە ئالەمدىن ئۆتكەن.
([2]) دۇھا سۈرىسىنىڭ ئاخىرقى ئايىتى
([3]) ئىما ئەھمەد رىۋايىتى
([4]) ئىبراھىم سۈرىسى7-ئايەت
([5]) بەقەرە سۈرىسى254-ئايەت
([6]) سەف سۈرىسى2-3-ئايەتلەر
([7]) غافىر سۈرىسى 64ـ ئايەت
([8]) سەبەئ سۈرىسى13-ئايەت
([9]) دائېل كارنېك-ئامېرىكىلىق مەشھۇر يازغۇچى، تونۇلغان پىسخولوگىيە ئالىمى، ئامېرىكىدىكى«دائېل كارنەك نامىدىكى ئىنسانىي ئالاقىلار ئىنىستتوتى»نىڭ سابىق مۇدىرى.1888-يىلى 24-نويابىر كۈنى ئامېرىكىدا دۇنياغا كېلىپ، 1955-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن. دائېل كارنېك ھاياتىدا نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك ئەسەرلەرنى يېزىپ قالدۇرغان. ئۇنىڭ« قايغۇرماڭ، ھاياتنى يېڭىدىن باشلاڭ»،«سۆزلەش تاكتىكىسى»، «قانداق قىلغاندا دوستلارنى قازانغىلى ۋە كىشىلەرگە تەسىر كۆرسەتكىلى بولىدۇ؟» ناملىق ئەسەرلىرى دۇنيادا بويىچە شۆھرەتكە ئېرىشكەن ئەسەرلەردىن بولۇپ، ھازىرغىچە كۆپلىگەن تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان.
([10]) ئىسا ئەلەيھىسسالامنى دېمەكچى.
([11]) ئادىيات سۈرىسى6-ئايەت
([12]) مەرھۇم ئۇستاز مۇھەممەد غازالىينىڭ« تۇرمۇشىڭىزنى يېڭىلاڭ»ناملىق ئەسىرىدىن
([13]) تەبەرانىي رىۋايىتى
([14]) تىرمىزى رىۋايىتى
([15]) ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى
([16])ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى
([17])  ئىمام بەيھەقىي رىۋايىتى
([18]) مەرھۇم ئۇستاز مۇھەممەد غازالىينىڭ« تۇرمۇشىڭىزنى يېڭىلاڭ»ناملىق ئەسىرىدىن.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار