ئاللاھ تەۋبە بىلەن پەقەتلا ئۆزىنىڭ ھەققىدىن ئۆتىدۇ، قۇل ھەققىدىن ئەمەس

ئاللاھ تەۋبە بىلەن پەقەتلا ئۆزىنىڭ ھەققىدىن ئۆتىدۇ، قۇل ھەققىدىن ئەمەس

 ھەق ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ. بىرى، ئاللاھنىڭ قىل ۋە قىلما دېگەن ھەققى شۇڭا ئاللاھنىڭ بۇ ھەققىگە خىلاپلىق قىلغانلار، يەنى پەرز، ۋاجىپلارنى ئورۇندىمىغان، ھارام ئىشلارنى قىلغانلار، ئەگەر سەمىمىي تەۋبە قىلسا ئاللاھ چوقۇم ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ. ان الله يغفر الذنوب جميعا  يەنى ئاللاھ بارلىق گۇناھلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ، دېگەن ئايەت بۇنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى الذنب ئاللاھنىڭ ھەققىگە قارىتا سادىر قىلىنغان گۇناھنى ئىپادىلەيدۇ. ئەمما قۇل ھەققىگە قارىتا سادىر قىلىنغان قىلمىشلار السئات دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنى بەندە كەۋۈرمىگۈچە ئاللاھ كەچۈرمەيدۇ.  فمن تاب من بعد ظلمه وأصلح فإن الله يتوب عليه كىمكى ھەقسىزلىق قىلغاندىن كېيىن تەۋبە قىلىدىكەن ۋە بۇزغانلىرىنى ئوڭشايدىكەن، ئاللاھ ئۇنى مەغپىرەت قىلىدۇ، دېگەن ئايەت بۇنىڭغا ئىشارەت قىلىدۇ. بىرلىرنىڭ پۇل- مېلىنى قاقتى-سوقتى قىلىپ، بىرلىرىنىڭ ئابرۇيىنى تۆكۈپ، بىرلىرىنىڭ دىلىغا ئازار بېرىپ، بىرلىرىنىڭ ئىشىنى بۇزۇپ، بىرلىرىنىڭ ئائىلىسقنى ۋەيران قىلىپ، ئاندىن تەۋبە قىلدىم دەپ، مىڭ قېتىم ھەج قىلسىمۇ، يىل بويى ھەرەمدىن چىقماي ئېتىكاپ قىلسىمۇ، كېچىلىرى قىيامدا تۇرۇپ، كۈندۈزلىرى روزا تۇتسىمۇ، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ گۇناھىدىن ئۆتمەيدۇ. 

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى ساھابىلىرىدىن: «كىمنىڭ قۇرۇق قول قالغۇچى ئىكەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟» دەپ سورىغاندا، ساھابىلەر: «ھېچقانداق مال – مۈلكى بولمىغان كىشىنى قۇرۇق قول قالغۇچى كىشى، دەيمىز» دەيدۇ. بۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «قىيامەت كۈنى بىراۋ ناماز، زاكات ۋە روزا بىلەن كېلىدۇ. ئەمما ئۇ بىرىنى تىللىغان، بىرىگە تۆھمەت چاپلىغان، بىرىنىڭ مېلىنى يەۋالغان، بىرىنىڭ قېنىنى تۆككەن، بىرىنى ئۇرغان بولۇپ، بۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ ياخشىلىقلىرى شۇلارغا ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئۇنىڭ ياخشىلىقلىرى تۈگىسە، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى ئۇنىڭغا ئارتىلىدۇ. ئاندىن ئۇ دوزاخقا تاشلىنىدۇ. مانا بۇ، مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ قۇرۇق قول قالغۇچىسىدۇر»([1]) دېگەن.



([1]) ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار