ئائىلىمىزنى جەننەتكە ئايلاندۇرايلى!

ئائىلىمىزنى جەننەتكە ئايلاندۇرايلى!

مۇھەممەد يۈسۈپ

ئائىلە ھەرقانداق ئوبىر جەمئىيەتنىڭ ئۇل تېمى، ئىنسانلار جەمئىيەتنىڭ خۇرۇچى. چۈنكى جەمئىيەت ئىنسانلار بىلەنلا جەمئىيەت بولۇپ تۇرالايدۇ. جەمئىيەتنىڭ پەزىلەتلىك ياكى رەزىل بولۇشى شۇ جەمئىيەتتە ياشايدىغان ئىنسانلارغا باغلىقتۇر. ئىنسانلارنىڭ پەزىلەتلىك ياكى رەزىل بولۇشى شۇ ئىنسانلار ئۆسۈپ يېتىلگەن ئائىلىلەرگە باغلىقتۇر. ئائىلە ئاللاھ تائالاغا باغلانغان، خەلققە ۋە جەمئىيەتكە پايدىلىق، دىن ۋە ۋەتەن ئىشىغا ياراملىق ئىنسانلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقالىسا، بۇ ئائىلە غەلىبىلىك ئائىلە ۋە بەختلىك ئائىلە بولالايدۇ. ئائىلە ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنىڭ جەننىتى بولسۇن دەپ يارىتىپ بەرگەن ئىسسىق ئۇۋىدۇر. ئۇنى جەننەتكە ئايلاندۇرۇش ياكى دوزاخقا ئايلاندۇرۇش شۇ ئىنسانلارغا باغلىقتۇر.

ئائىلىنىڭ ئىناقلىقى ساقلاش

ئائىلىنىڭ ئىناقلىقى ساقلاشنىڭ بەزى ئەمەلىي چارىلىرى تۆۋەندىكىچە:

1. تەقۋالىق

تەقۋالىق _ ئاللاھ تائالاغا، ئاتا _ ئانىسىغا، پەرزەنتلىرىگە، جورىسىغا، ئۇرۇق _ تۇغقانلىرىغا، قوشنىلىرىغا، جەمئىيەت ئەزالىرىغا ۋە بارلىق ئىنسانىيەتكە قارىتا قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنى جايىدا قىلىش ۋە بۇلارنى جايىدا قىلالمىسا، ئاللاھ تائالانىڭ غەزىپىگە ۋە ئازابىغا لايىق بولۇپ قېلىشتىن قورقۇش دېگەنلىكتۇر.

   ئەگەر ئائىلىنىڭ ھەربىر  ئەزاسى مۇشۇنداق تەقۋالىق قىلىدىغان بولسا، ئائىلىدە كۆڭۈلسىزلىك، جېدەل _ ماجىرا ۋە بىر _ بىرىدىن رەنجىش دېگەنلەرگە ئورۇن قالمايدۇ. چۈنكى ھەممە ئىش جايىدا ۋە ئۆز يولىدا يۈرگەن ئائىلىدە ئۆزئارا سۆيگۈ _ مۇھەببەت، ھەمكارلىق، ھېسداشلىق ۋە خۇشال _ خۇراملىقتىن باشقىسىنى كۆرگىلى بولمايدۇ. ئاللاھ تائالا بىزنى بەختلىك ھايات كەچۈرسۇن دەپ، شۇڭا بىزنى تەقۋادار بولۇشقا بۇيرغان.

2. قانائەت

قانائەت _ ئاللاھ تائالانىڭ تەقسىماتىغا رازى بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئۆزىدىن يۇقىرى تۇرىدىغان كىشىلەردەك بولالمىغانلىقىغا بىئارام بولماسلىق ۋە ئۆزى بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىپ ھاياتىنى بەختلىك ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىش دېگەنلىكتۇر. سىز ئۆزىڭىزگە بېرىلگەن چىراي، ئەقىل، بايلىق، ئائىلە قاتارلىق نېمەتلەرگە رازى بولۇپ شۈكۈر قىلسىڭىز، سىز قانائەتلىك بولغان بولىسىز. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە : «بىز ئۇلارنىڭ دۇنيا ھاياتىدىكى رىزقىنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تەقسىم قىلدۇق»( ) دەيدۇ. تەقسىمات ئاللاھ تائالادىن بولغانلىقى ئۈچۈن، سىزنىڭ ئۇنىڭغا شۈكۈر قىلىشتىن باشقا ئىختىيارىڭىز يوقتۇر. نۇرغۇن كىشىلەر ھالال – ھارامنى ئايرىماي كۆپ پۇل تاپىدۇ، ئەمما ئۇلار پەقەتلا ئاللاھ تائالا تەقدىر قىلغان رىزقىنىلا يەلەيدۇ.

قانائەت ئائىلىنى بەختلىك قىلىشنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئامىللىرىدىن بىرىدۇر. چۈنكى ئائىلە ئازالىرىدا قانائەت بولۇپ، بارغا شۈكۈر قىلىشنى بىلسە، بۇ ئائىلە ئەزالىرى ھارامغا قول ئۇزىتىشقا مەجبۇر بولۇپ قالمايدۇ، «يوق» لارنىڭ جېدىلىنى قىلىشىپ بىر _ بىرىنى رەنجىتمەيدۇ ۋە ھەممە خۇشاللىق ئىچىدە ھايات كەچۈرىدۇ. بىر پىسخولوگ: «ئائىلىنى بەختسىز قىلىدىغان ئامىللار ناھايىتى كۆپتۇر، ئەمما ئائىلىنى بەختلىك قىلىدىغان بىرلا ئامىل بار، ئۇ بولسىمۇ، قانائەتتۇر» دېگەن ئىكەن.

3. ئائىلىنىڭ قەدرىنى بىلىش

ئائىلە ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدە تولىمۇ قىممەتلىك بىر مۇئەسسەسەدۇر. ئاللاھ تائالا  ئاتىمىز ئادەم ئەلەيھىسسالام بىلەن ھەۋۋا ئانىمىز قۇرۇپ چىققان دەسلەپكى ئائىلىنى ئىنسانىيەتنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى قىلغان. دېمەك، ئىنسان دېگەن ئۇلۇغ مەۋجۇدات ئائىلىدىن بارلىققا كەلگەن. ھەركىمنىڭ ئائىلىسى ئۇنىڭ بۇ دۇنيادىكى جەننىتىدۇر. ئاللاھ تائالا ئائىلىنىڭ قەدىر _ قىممىتىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: يەنى «ئاللاھنىڭ (كامالىي قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىن بىرى، سىلەرنىڭ ئۇنسى – ئۈلپەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە ئۆز تىپىڭلاردىن جۈپلەرنى  يارىتىپ، ئاراڭلاردا مېھر _ مۇھەببەت ئورناتقانلىقىدۇر، پىكىر يۈرگۈزىدىغان قەۋم ئۈچۈن، شەك ـ شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار» .

    ياخشى ئائىلە ئاخىرەتتىمۇ بىر يەردە بولىدۇ. جەننەتكە كىرىدىغانلارنىڭ دەرىجىسى بىر خىل بولمىغانلىقى ئۈچۈن، جەننەت دەرىجىلىرىمۇ بىر خىل بولمايدۇ، شۇڭا جەننەت بىر قانچە دەرىجىلىك بولىدۇ. بىر ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ياخشى ئەمەللىرى ئوخشاش دەرىجىدە بولۇپ، ھەممىسىنىڭ بىر خىل جەننەتكە كىرەلىشى ناتايىن. چۈنكى ئەمەللەر پەرقلىقتۇر. ئەمما بۇ ئائىلە ئەزالىرى ئۆز ئارىسىدىكىلەرنىڭ شاپائىتى بىلەن جەننەتتە بىر يەردە بولالايدۇ. مەسىلەن: ئائىلە ئەزالىرىدىن بىرەرسىنىڭ دەرىجىسى يۇقىرى بولۇپ، ئالىي جەننەتكە كىرگەن بولسا، ئۇ ئاللاھ تائالاغا ئىلتىجا قىلىش ئارقىلىق ئۆزى كىرگەن جەننەتتىن دەرىجىدە تۆۋەنرەك جەننەتكە كىرگەن ئائىلە ئەزالىرىنى ئۆزى تۇرغان ئالىي جەننەتكە ئېلىپ كېلەلەيدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «ئۆزلىرى ئىمان ئېيتقان، ئەۋلادلىرىمۇ ئەگىشىپ ئىمان ئېيتقانلارنىڭ ئەۋلادلىرىنى ئۇلار بىلەن تەڭ دەرىجىدە قىلىمىز» . دېمەك، ئائىلە بۇ دۇنيادىمۇ مۇھىم، ئاخىرەتتىمۇ مۇھىم.

4. كۆيۈمچان ۋە رەھىم _ شەپقەتلىك بولۇش

ئائىلىنى بەختلىك ھالدا داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ئاساسلىق ئامىللىرىدىن بىرى ئائىلە ئەزالىرى ئارىسىدىكى تولۇپ تاشقان كۆيۈمچانلىق ۋە بىر _ بىرىگە قارىتا رەھىم _ شەپقەتتۇر. ئاددىي بىر كۆيۈمچانلىقمۇ دىللارنى يۇمشىتىشقا، كۆڭۈللەرنى ئىللىتىشقا يېتەرلىكتۇر. ئاتا بولغۇچى ئايالىغا ۋە بالىلىرىغا ۋايىغا يەتكەن كۆيۈمچانلىق، مېھرىبانلىق ۋە رەھىم _ شەپقەت تۇيغۇسى بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان بولسا، ئانا بولغۇچىمۇ ئېرىگە ۋايىغا يەتكەن كۆيۈمچانلىق، ھۆرمەت ۋە ئىززەت بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان بولسا، ئاتا بىلەن ئانا بالىلىرىغا ناھايىتى ئەدەپلىك، مېھىر _ مۇھەببەتلىك ۋە ئىنتايىن كۆيۈمچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان بولسا، بالىلارمۇ ئەلۋەتتە شۇنداق قىلىدىغان بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئائىلە جەننەتكە ئايلىنىدۇ.

5. ئۈلگىلىك رولنى يارىتىش

ئاتا ئۆزىدە ئۈلگىلىك رولنى يارىتىش ئۈچۈن ئاساسلىق ئۈچ ئىشقا موھتاج بولىدۇ. ئۇلارنىڭ بىرى، ئۈلگىلىك ئاتا، ئىككىنچىسى، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئەھۋالىنى سوراپ تۇرىدىغان ئاتا، ئۈچىنچىسى، بالىلىرى بىلەن دوست ئاتا.

ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا ئىسلامنىڭ توغرا چۈشەنچىلىرىنى ئەقىدە، ئەخلاق ۋە ئىبادەت پىرىنسىپلىرى بىلەن بىرلىكتە ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان ئەمەلىي تەتبىقاتلارنى ئۆگىتىش ۋە ئەمەلىي مەشىقلەر بىلەن ئۇلارنى يېتىشتۈرۈش مەجبۇرىيىتى بار. بالىلار ھاياتىدىكى ئەڭ ھالقىلىق ۋە ئەڭ ئەھمىيەتلىك چاغلىرىنى ئائىلىسىدە ئۆتكۈزىدۇ. يەنى ئۇلار  تەربىيەدە ئەڭ ئۈنۈملۈك ھېسابلىنىدىغان باسقۇچنى ئاساسەن ئائىلىسىدە ئۆتكۈزىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ باسقۇچتا بالىلارنىڭ يېنىدا داۋاملىق بولىدىغان ئاتا-ئانىسى ئۇلارنىڭ ئەڭ يېقىن ۋە ئەڭ ئىشەنچلىك كىشىلىرىدۇر. نەتىجىدە، ھەممىنى ئاتا-ئانىسىدىن ئۆگىنىشكە تىرىشىدۇ.

بالىلارغا ئۈلگە بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى سوراپ تۇرۇش، نېمىگە ئېھتىياجى بار، ئوقۇش ئەھۋالى قانداق بۇلارنى ھەر كۈنى دېگۈدەك سوراپ تۇرۇش ئاتا _ ئانا بىلەن بالىلار ئوتتۇرىسىدىكى يېقىنلىقنى كۈچەيتىدۇ.

ئاتىنىڭ بالىلىرىنى ھەيۋىسى بىلەن قورقىتىدىغان سۈرلۈك ئاتا بولۇۋېلىشى توغرا ئەمەس. چۈنكى ئەيمەندۈرۈش بىلەن، قورقۇتۇش بىلەن ھەل قىلغىلى بولمايدىغان نۇرغۇن مەسىلىلەرنى بالىلارغا دوستتانە مۇئامىلە قىلىش، ئۇلارغا كۆڭلىنى ئېچىش، ئۇلارغا ئىللىق ۋە مېھرىبان بولۇش ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولىدۇ.

ئاتا _ ئانا بالىلىرىغا سۆزلىرى بىلەن تەربىيە قىلغىنىدىن ئۇلارغا ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن تەربىيە بەرگىنى ئەلۋەتتە ئۈنۈملۈك بولىدۇ. ئاتا _ ئانا ئۆزلىرىنى ياخشى تەربىيەلىسە ۋە ئۆيدە ۋە ئۆينىڭ سىرتىدا ئەدەپ– ئەخلاق دائىرىسىدە ئىش كۆرسە، بالىلىرىغا ئەڭ ياخشى تەربىيەنى قىلغان بولىدۇ. قىسىقىسى، بالىڭىزنىڭ قانداق ئادەم بولۇشىنى خالىسىڭىز، سىز شۇنداق بولۇڭ!

ئائىلىنىڭ مەسئۇللۇقى

ئائىلە يەر يۈزىدە ئىنسان ھاياتىنىڭ داۋام قىلىشىنىڭ سىرىدۇر. ھەرقانداق بىر ئائىلىدە، ئائىلە ئەزالىرىنى باشقۇرۇش، ئۇلارغا يول كۆرسىتىش، نەسىھەت قىلىش، يامان ئىشلاردىن توسۇش، ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇش، ئائىلىنىڭ ئېھتىياجلىرىنى ھەل قىلىش قاتارلىق ئىشلاردا بىرەر مەسىئۇلنىڭ بولۇشى ئىنتايىن زۆرۈردۇر. چۈنكى، ئىنسانلار ئىجتىمائىي مەخلۇقات بولۇپ، بىرلىشىپ ياشاشقا مۇھتاجدۇر. ئىنسانلار جەمئىيىتى يۇقىرىسى دۆلەت، كىچىكى ئائىلىدىن ئىبارەت چوڭ _ كىچىك مۇئەسسەسەلەردىن تەركىپ تاپىدۇ. بۇ مۇئەسسەسەلەر مەيلى چوڭ بولسۇن ياكى كىچىك بولسۇن، بۇلارغا يولباشچى بولىدىغان بىرەر مەسئۇل رەئىسنىڭ بولۇشى تەبىئىي زۆرۈرىيەتتۇر ۋە دىنىمىزنىڭ كۆرسەتمىسىدۇر. ئائىلە تەبىئىي ھالدا، ئۆزىنى ئىدارە قىلىپ تۇرىدىغان بىرەر مەسئۇلغا موھتاج.

قۇرئان كەرىم ئائىلىنىڭ ھۆددىسىدىن تولۇق چىقالايدىغان رەئىس توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: «ئەرلەر ئاياللارنىڭ ھامىيلىرىدۇر»( ). چۈنكى، ئەر ئائىلىنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قامداش، ئائىلە ئەزالىرىنى ئىدارە قىلىش ۋە تەربىيىلەش قاتارلىق مەسئۇلىيەتلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. يۇقىرىقى ئايەت، ئەرنىڭ يارىتىلىشىدىكى بۇ ئالاھىدىلىكىنى كۆزدە تۇتقان ھالدا، ئۇنى ئائىلىنىڭ رەئىسى بولۇشقا تاللايدۇ. بىراق بۇ ئايەت، ئەرنىڭ ئائىلە باشلىقى بولۇپ تاللىنىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئايالدىن پەرقلىق بولغان تەرەپلىرىنىڭ تەپسىلاتىنى بايان قىلمىغان. بىز بۇ ئايەتكە ئاساسلانغان ۋە ئۇنىڭ روھىغا ئەگەشكەن ھالدا، ئەر بىلەن ئايالنىڭ يارىتىلىشىدىكى تەبئىتىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرىدىغان بولساق، ئەردە تۆۋەندىكى ئالاھىدىلىكلەرنى كۆرىمىز:

1. ئەر ھاياتلىق كۈرەشلىرىگە كىرىشتە ۋە ئائىلىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا ئايالغا نىسبەتەن تەن قۇرۇلۇشى جەھەتتىن كۈچلۈك ۋە ئىقتىدارلىقتۇر.

2. ئەر ئايالغا نىسبەتەن ئەقىل _ ئىدراكلىق، سوغۇق قان ۋە سەۋرچان كېلىدۇ. ئومۇمەن، ئايال جىنسىنىڭ ئەر جىنسىغا نىسبەتەن ئەقىل _ ئىدراك، چىدام ۋە كۈچ جەھەتتە يېتەرسىز ئىكەنلىكى ھەممىگە ئايان بىر رېئاللىقتۇر. بەزى ئاياللارنىڭ بەزى ئەرلەرگە نىسبەتەن ئەقىللىق ۋە ئىدراكلىق بولۇشى قىسمەن بىر ھالەت بولۇپ، بۇ ئومۇمنى تەشكىل قىلمايدۇ.

ئەرنىڭ ئايالىغا ئۆتەشكە تېگىشلىك بۇرچى

    ئەرنىڭ ئۈستىدىكى ئايالىغا ئۆتەشكە تېگىشلىك بۇرچى تۆۋەندىكىچە بولىدۇ:

 1.  ئەرنىڭ ئايالىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشى، ئۇنىڭغا ئازار بەرمەسلىكى، ئۇنى ئاسرىشى، پۈتۈن مۇھەببىتىنى ۋە سۆيگۈسىنى ئۇنىڭغا بېغىشلىغان ھالدا، ئۇنىڭغا ھەر ئىشتا مېھرىبانلىق كۆرسىتىشى، ئايالنىڭ كىيىم- كېچەك، يېمەك، ئىچمەك، دورا- دەرمەك دېگەندەك ئېھتىياجلىق نەرسىلىرىنى تولۇقلاپ بېرىشى.

 2.  ئايالىنىڭ بەزى خاتالىقلىرىغا، بولۇپمۇ ئايالىنىڭ مىجەزى ئۆزگىرىپ قالغان چاغلاردىكى بەزى يېقىمسىز مۇئامىلىسىگە سەۋرچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشى، خاتالىقلىرىنى ئەپۇ قىلىشى.

 3. ئايالىنى باشقىلارنىڭ يامان نىيەتلىك كۆزلىرىدىن ۋە تەمەلىرىدىن مۇھاپىزەت قىلىشتا غورۇرلۇق بولۇشى. ئايالىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ، ئۇنى قەدىرلىشى، ئائىلىنىڭ بوزۇلۇشىغا سەۋەب بولىدىغان ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىدىن غەپلەتتە قالماسلىقى. لېكىن ئايالىنى كۈنلىدىم دەپ، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن جاسۇسلۇق قىلماسلىقى، ئايالىنى ئاساسسىز قارىلىماسلىقى لازىم. چۈنكى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە كىشىلەرنى يامان گۇمان قىلىشتىن مەنئى قىلغان.

 4. ئايالىغا دىننىڭ ئەھكاملىرىنى ئۆگىتىشى ــ ناماز، روزا، زىكىر، دۇئا ۋە قۇرئان ئوقۇش قاتارلىق پۈتۈن ئىبادەتلەرنى ئۆگىتىشى ھەم ۋاقتىدا ئورۇنداشقا ئۈندىشى، شۇنداقلا ئۇنىڭغا بۇ ئىشلاردا ياردەم بېرىشى.

 5. ئايالى ناۋادا تۇغۇشنى ئارزۇ قىلسا ياكى يامان غەرەز بىلەن ئەمەس، بەلكى يوللۇق ئۆزرىسى تۈپەيلى تۇغماسلىقنى تاللىسا، ئۇنى تۇغۇشقا مەجبۇرلىماي، ئۆزئارا كېڭىشىش بىلەن ئىش كۆرۈش.

 6.  ئايالىنىى ياكى ئۇنىڭ ئاتا – ئانىسىنى ياكى تۇغقانلىرىنى تۆۋەن كۆرمەسلىكى ۋە مەسخىرە قىلماسلىقى. بىردىن ئارتۇق ئايالى بولسا، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پۈتۈن ئىشلاردا ئادالەتلىك ئىش كۆرۈشى.

 7.  ئايالى بىلەن ئاجرىشىشقا توغرا كەلسە، ئۇنىڭغا يامانلىق قىلماستىن، زىيان يەتكۈزمەستىن، ئازار بەرمەستىن، ئەيبىنى ئاچماستىن چىرايلىقچە ئاجرىشىشى، ئىلگىرى بەرگەنلىرىنى ۋە تويلۇقنى قايتۇرۇپ ئېلىشنى تەلەپ قىلماسلىقى.

 يۇقىرىقىلار ئەرنىڭ ئۈستىدىكى ئايالىغا ئۆتەشكە تېگىشلىك بولغان ھەقلەرنىڭ ھەممىسى ئەمەس، بەلكى مۇھىملىرىدىن بىر قىسىمىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋىدالىشىش ھەججىدە سۆزلىگەن خۇتبىسىدا مۇسۇلمان ئەرلەرگە ئاياللارنى ئاسراش توغرۇلۇق ناھايىتى مۇھىم ۋە تەسىرلىك ۋەسىيەتلەرنى قىلغان.

ئايالنىڭ ئېرىگە ئۆتەشكە تېگىشلىك بۇرچى

 ئايالنىڭ ئېرىگە قىلىدىغان مۇئامىلىسى ۋە ئۆتەيدىغان ھەقلىرى تۆۋەندىكىلەر:

 1. ئېرىنىڭ ھەققىنى ۋە ئۇنىڭ مەنپەئەتىنى ئۆزىنىڭ ۋە جىمى تۇغقانلىرىنىڭ ھەققىدىن ۋە مەنپەئەتىدىن ئەلا بىلىشى ۋە ئۇنى قوغدىشى.

 2. ئايلىق ئادەت ۋە تۇغۇتلۇق ۋاقىتلىرىدىن باشقا، ھەرقانداق ۋاقىتتا ئىمكانقەدەر ئېرىنىڭ رىغبىتىگە ماسلىشىشى. ئەرـ ئايال بىر ـ بىرىنىڭ رىغبىتىگە ماسلىشىشى ئىنتايىن مۇھىم مەسىلىدۇر. كۆپلىگەن ئائىلىلەرنىڭ بەختسىزلىككە ئۇچرىشى كۆپىنچە بۇ سەۋەبتىن بولىدۇ. ئەرلەرنىڭ باشقا ئاياللارغا بۇزۇلۇشىنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى ئايالنىڭ ئەرنىڭ رىغبىتىگە ماسلاشماي ئۇنى رەنجىتىپ قويۇشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

 3. ئېرىنىڭ رۇخسىتىسىز باشقىلارغا ئۆيدىن بىر نەرسە بەرمەسلىكى. ئەمما يېمەك ـ ئىچمەكتىن باشقىلارغا سەدىقە بەرسە بولىدۇ. ئېرىنىڭ رۇخسىتىسىز سەپەرگە چىقماسلىقى، ئېرى ياقتۇرمايدىغان ئەر ياكى ئايال ھەر قانداق كىشى بىلەن ئارىلاشماسلىقى.

 4.  ئاللاھ بەرگەن رىزىققا قانائەتلىك بولۇشى، قاتتىقچىلىق كۈنلىرىدە ئېرىدىن شىكايەت قىلماسلىقى، ياخشى كۈنلەردە ئاللاھنى ئۇنۇتماسلىقى، ئېرىنىڭ مېھنىتىنى ھەر ۋاقىت قەدىرلەپ تۇرۇشى. ئەڭ ياخشى ئايال ئېرىگە ھەمىشە: «ھارام كەسىپتىن ساقلانغىن، بىز تۇرمۇشنىڭ قاتتىقچىلىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيمىز، ئەمما دوزاخ ئوتىغا بەرداشلىق بېرەلمەيمىز» دەيدىغان ئايالدۇر.

 5.  ھەر ۋاقىت ئېرىگە گۈزەل، خۇش پۇراق ۋە يېقىملىق كۆرۈنۈشكە زور ئەھمىيەت بېرىشى، ئېرى ئۈچۈن قولىدىن كەنگەنچە ئەڭ گۈزەل زىننەتلىنىشى ۋە مۇكەممەل ياسىنىشى، ئەمما ئېرىدىن باشقىلار ئۈچۈن زىننەتلەنمەسلىكى، ئېرى ۋە يېقىن تۇغقانلىرىدىن باشقىلارغا يۈزى، قولىدىن باشقا ئەۋرەت ئەزالىرىنى كۆرسەتمەسلىكى، يات كىشىلەرنىڭ ئالدىدا قىسقا، نېپىز كىيىملەرنى كىيىشتىن ساقلىنىشى. ئاياللارنىڭ سىرتقا چىققاندا ناھايىتى ئېسىل ۋە گۈزەل كىيىنىپ، ئۆيىدە ئېرىنىڭ يېنىدا ئاشخانىدىن چىققان پېتى ماي ۋە تەر پۇراپ ئولتۇرۇشى چوڭ خاتالىقتۇر. چۈنكى ئەرلەرنىڭ سىرتقا قاراپ قېلىشىنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى مۇشۇدۇر.

 6. ئەر – ئايال ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى سىرلارنى ساقلىشى. ئەر – خوتۇنلۇق سىرلىرىنى سىرتقا يايغۇچىلارغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام لەنەت قىلغان ۋە ئۇلارنى قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالا ھېچ سۆز قىلماستىن، شەپقەت نەزىرى بىلەنمۇ قارىماستىن جازالايدىغانلار قاتارىدىن سانىغان. ئېرىنىڭ دوستلىرى بىلەن ئېرى بولمىغان جايلاردا پاراڭلاشماسلىقى، ئېرى يوق ۋاقىتتا كەلگەن يالغۇز، ئەر مېھماننى يالغۇز قارشى ئالماسلىقى. ئۆزى يالغوز بولسا، ئۇنى ئۆيگە تەكلىپ قىلماسلىقى. ئېرىگە ھۆسنى ـ جامالى، بايلىقى ياكى مەنسپى بىلەن پەخىرلىنىپ چوڭچىلىق قىلماسلىقى، يەنى ئايال ئېرىدىن بىرقەدەر ئارتوق جامالغا، بايلىققا، مەنسەپكە ياكى ئېسىل نەسەبكە ئىگە بولغان بولسىمۇ، ئۇنىڭغا ئىشىنىپ چوڭچىلىق قىلماسلىقى.

 7. پەرزەنتلىرىگە مېھرىبان بولۇشى، ئۇلارنى ئۇرۇپ، تىللىماستىن ياخشى تەربىيىلىشى، ئېرىنىڭ باشقا ئايالدىن بولغان پەرزەنتلىرى بولسا، ئۇلارنى ئۆز پەرزەنتلىرىگە قوشۇپ ياخشى بېقىشى ۋە قەتئىي ئايرىمچىلىق قىلماسلىقى. ئايال ئېرىگە يوقسۇللۇقتىن، كىرىمنىڭ ئازلىقىدىن دەرتلەنمەسلىكى ۋە ئېرىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەپ ئائىلىنى بېيىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈشى. ئېرىنىڭ ئارقىسىدىن جاسۇسلۇق قىلماسلىقى، كۈنلەش باھانىسى بىلەن ئېرىگە قارىتا يامان گۇماندا بولماسلىقى.

ئەڭ ياخشى ۋە ئۈلگىلىك ئايال

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئەڭ ياخشى ئايال قانداق بولىدۇ؟ دەپ سورىۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «ئەڭ ياخشى ئايال — چىرايىغا قارىساڭ سېنى خۇشال قىلىدىغان، ئىشقا بۇيرۇساڭ ئورۇندايدىغان، ئۆزى ياقتۇرمايدىغان ئىشلاردىمۇ ئېرى بىلەن قارشىلاشمايدىغان ئايالدۇر»  دەپ جاۋاب بەرگەن.  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دېگەن: «دۇنيا مەنپەئەتتۇر. دۇنيانىڭ ئەڭ ياخشى مەنپەئەتى ئۈلگىلىك ئايالدۇر»( ).

ئۈلگىلىك ئايال دېگەن قانداق بولىدۇ؟

ئۈلگىلىك ئايال _ ئاۋۋال ئاللاھ تائالانىڭ ئۆز ئۈستىدىكى ھەقلىرىگە، ئاندىن ئېرىنىڭ ھەقلىرىگە تولۇق رىئايە قىلىپ، ئۇلارنى تولۇق ئادا قىلىدىغان ئايال دېمەكتۇر. ئۈلگىلىك ئايالنىڭ سۈپىتى - ئېرىگە چىن ساداقەت باغلاش، ئائىلىسىنىڭ ئىشلىرىغا كۆيۈنۈش، بالىلىرىنى ياخشى تەربىيىلەش، ئېرىنى قەدىرلەش، ئېرى ئالدىدا ئۆتەشكە تېگىشلىكلىرىنى بىلىش، ئىبادەتلەرنى ۋاقتىدا ئادا قىلىش ۋە ئاللاھ تائالا بەرگەن قىسمەتكە رازى بولۇپ، ئۇنىڭغا شۈكۈر قىلىش قاتارلىقلارغا ئىخچاملىنىدۇ.

ئايالنىڭ ئېرىگە ئىتائەت قىلىشى ئاللاھنىڭ ئەمرىدۇر

ئەرنىڭ ئايالى ئۈستىدىكى ھەققى ناھايىتى چوڭدۇر. چۈنكى ئەر ئائىلىسىنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قامداش، ئائىلە ئەزالىرىغا يول كۆرسىتىش، ئۇلارنىڭ غېمىنى يېيىش قاتارلىق بىر قاتار مەسئۇلىيەتلەر سەۋەبلىك ئائىلىدە ئىتائەت قىلىنىشقا ھەقلىقتۇر.  ئائىشە رەزىيەللاھۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ‹ئايالنىڭ ئۈستىدە ئەڭ كۆپ ھەققى بار كىشى كىم؟› دەپ سورىۋىدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ‹ئېرى› دەپ جاۋاب بەردى» . شۇڭا ئايالنىڭ ئاللاھقا ئاسىيلىق بولمايدىغان ئىشلاردا ئېرىنىڭ ئەمرىگە بويسۇنۇشى ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىپ دېگەنلىرىنى ئورۇندىشى زۆرۈردۇر. دىنىمىز ئايالنىڭ ئېرىگە ئىتائەت قىلىشىنى، ئۇنىڭغا بويسۇنۇشىنى ۋە ئۇنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىشىنى شۇنچىلىك زۆرۈر دەپ بەلگىلىگەنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئېرى يېنىدا بار ئايالنىڭ رامىزاندىن باشقا ۋاقىتلاردا ئېرىنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي روزا تۇتۇشى توغرا ئەمەس»  دەپ كۆرسەتكەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئايالنىڭ ئېرىگە ئىتائەت قىلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: «ئېرى تۆشەككە چاقىرسا ئۇنىمىغان ئايالغا پەرىشتىلەر تاڭ ئاتقۇچە لەنەت ئوقۇپ تۇرىدۇر»  دېگەن.

ئايالنىڭ ئېرىگە ئىتائەت قىلشى ئاتا ـ ئانىسىغا ئىتائەت قىلشىتىن مۇھىم

ئايال تۇرمۇشقا چىقىشتىن بۇرۇن ئاتا ـ ئانىسىنىڭ مەسئۇلىيىتىدە ۋە ئۇلارنىڭ ئىگدارچىلىقىدا بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ھەر ئىشتا ئاتا ـ ئانىسىغا ئىتائەت قىلىشى لازىم. ئەمما تۇرمۇشقا چىققاندىن كېيىن ئۇنى پەرۋىش قىلىش، قوغداش ۋە ئۇنىڭغا يول كۆرسىتىش مەسئۇلىيىتى ئۇنىڭ ئېرىنىڭ زىممىسىغا ئۆتكەن بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، ئايالنىڭ ئېرىنىڭ توغرا قارارىغا بويسۇنىشى، ئاتا ـ ئانىسىغا بويسۇنۇشىدىن زۆرۈر ۋە ئەۋزەلدۇر. ئىسلام فىقھىشۇناس ئالىملىرىنىڭ پەتىۋاسىدا «ئەرنىڭ توغرا ئىشىغا ياكى ھەق سۆزىگە، ئايالىنىڭ ئاتا ـ ئانىسى قارشى چىقىپ، قىزىنىڭ قولىقىنى تولغاپ، ئۇنى ئۆزلىرىگە بويسۇنۇشقا زورلىسا، بۇ ۋاقىتتا ئايال ئاتا ـ ئانىسىغا ئاسىيلىق قىلىپ، ئېرىنىڭ توغرا سۆزىگە كىرىشى لازىم» دەپ قەيت قىلىنغان. چۈنكى ئايالنىڭ ھەق ئىشتا ئېرىگە بويسۇنغانلىقى ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرىنى تۇتقانلىقىدۇر.

قۇرئان كەرىمنىڭ ئايەتلىرى ۋە سەھىھ ھەدىسلەر ھەقىقىي ياخشى ئاياللارنىڭ سۈپەتلىرىنى بايان قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىدىغان، ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق بولمايدىغان ئىشلاردا ئېرىنىڭ سۆزىگە كىرىدىغان، ئۇنىڭ ئابرويىنى، مال - دۇنياسىنى، بالىلىرىنى ياخشى مۇھاپىزەت قىلىدىغان ئاياللار ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلماقتا. قۇرئان ئۇلارنى تەرىپلەپ ۋە مەدھىيىلەپ مۇنداق دەيدۇ: «ياخشى ئاياللار ئىتائەت قىلغۇچىلاردۇر، ئەرلىرى يېنىدا بولمىغان چاغلاردىمۇ، ئاللاھ تائالانىڭ پاناھىدا ئەرلىرىنىڭ ھەقلىرىنى ساقلىغۇچىلاردۇر»( ).

ياخشى ئايال ئېرىنى ۋە ئۇنىڭ مەنپەئەتىنى، ئۆزىدىن ۋە ئۆز مەنپەئەتىدىن ئۈستۈن بىلىدۇ. بۇ ئىشتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامىنىڭ ئاياللىرى بىزگە ياخشى ئۈلگىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئائىلىسىدىكى بىر كۆڭۈلسىزلىك سەۋەبلىك ئايالى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ پەيغەمبەرنى ياكى ئاتا ـ ئانىسىنى تاللىشى مەسىلىسىدە، ئۇنى ئاتا ـ ئانىسى بىلەن مەسلىھەتلىشىشكە بۇيرىغاندا، ئۇ «ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! سىز توغرۇلۇق مەن ئاتا ـ ئانامدىن مەسلىھەت سورامدىمەن؟ سىز مېنىڭ كۆز قارچۇغۇم تۇرغان يەردە، مەن ئاللاھ تائالانى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنى تاللىدىم» دەيدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە: «قانداقلا بىر ئايال، ئېرى ئونىڭدىن رازى بولغان ھالدا ئۆلىدىكەن، ئۇ جەننەتكە كىرىدۇ»( ) دەپ كۆرسەتكەن. بۇ ھەدىستىن ئېرىنى رازى قىلمىغان، ئېرىنىڭ ھەق- ھوقۇقلىرىنى ئادا قىلمىغان ئايال دوزاخقا كىرىدۇ دېگەن مەنە چىقىدۇ.

شۇنىمۇ ئەسكەرتىش كېرەككى، ئايالنىڭ ئېرىگە ئىتائەت قىلىشى ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق بولمايدىغان ئىشلار دائىرىسىدە بولىدۇ. ئەگەر ئۇنى ئېرى يامان ئىشلارنى قىلىشقا ياكى پەرز، ۋاجىب قاتارلىق ئەمەللەرنى تەرك ئېتىشكە بۇيرىسا، ئۇنىڭغا قەتئىي بويسۇنماسلىقى لازىم. قىلسىا ساۋاب بولىدىغان، قىلمىسىمۇ گۇناھ بولمايدىغان نەپلى ئىبادەتلەرنى ئېرىنىڭ يۈز ــ خاتىرىسى ئۈچۈن تەرك ئەتسە گۇناھ بولمايدۇ.

ئائىلىنىڭ بۇزۇلۇشىغا سەۋەب بولىدىغان ئىشلار

ئائىلىنى تۇتۇپ تۇرغان بەرسىلەرنىڭ بېشىدا ئەر-ئايال ئىككىسىنىڭ بىر-بىرىگە بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتى ۋە قانائەتلىك كېلىدۇ. ئائىلىنىڭ بۇزۇلۇشىغا ياكى بەختسىزلىكىگە سەۋەب بولىدىغان ئامىللار تۆۋەندىكىچە:

1. ئەر-ئاياللارنىڭ بىر-بىرىگە ئىشەنمەسلىكى. چۈنكى بىر-بىرىگە ئىشەنچ قىلالمايدىغان ۋە بىر-بىرىنىڭ ئارقىسىغا جاسۇس سالىدىغان، بىر-بىرىدىن ئەيىب ئىزدەيدىغان ئەر-ئاياللار بەختلىك ھايات قۇرالمايدۇ.

2. ئەرنىڭ ئائىلىدىكى ھوقۇقىنىڭ ئېتىراپ قىلىنماسلىقى، بۇ ئەڭ خەتەرلىك ۋە ئەڭ يامان ئەھۋال بولۇپ، ئايال ئېرىنىڭ ئۈستۈنلۈكىنى ۋە ھوقۇقىنى تونۇمىسا ۋە ئېتىراپ قىلمىسا، بۇ ئائىلە داۋاملاشمايدۇ.

3. بىر-بىرگە قارىتا ئۆتەشكە تېگىشلىك بۇرچىنى تونۇماسلىقى، ئۈستىدىكى ۋەزىپىلەرنى ئۆتىمەسلىكى.

4. ئايالنىڭ سىرتتا ئىشلەشكە ئېھتىياجى بولمىسىمۇ سىرتتا ئىشلىشى. ئايال ئائىلىنىڭ چىقىملىرىنى قامدىيالمىغانلىق سەۋەبلىك سىرتتا ئىشلەشكە مەجبۇر بولۇپ قالغان شارائىتتا ئائىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى ۋە ئائىلىنىڭ ئامانلىقىنى ھەممە ئىشتىن ئالدىنقى ئورۇندا قويۇشى لازىم.

5. ئايالنىڭ پۇل – مالنى بۇزۇپ چېچىشى، زۆرۈر بولمىغان جايلارغا ۋە ئىشلارغا پۇل خەجلىشى. بۇزۇپ-چېچىش ئائىلىنى كەمبەغەللىككە ئېلىپ بارىدىغان، ئاللاھنى غەزەپلەندۈرىدىغان يامان ئىشتۇر.

6. ئايالنىڭ ئېرىنى ھۆرمەتلىمەسلىكى ۋە بالىلىرىغا ئاتىسىنى يامان كۆرسىتىشى. ئانا بالىلىرىنى ئاتىسىغا ياخشى كۆرسىتىشكە ۋە ئاتىسىنىڭ جاپا-مۇشەققەتلىرىنى قەدىرلەشنى ئۆگىتىشى لازىم. ئەجدادلىرىمىز «ئەرنى ئەر قىلغانمۇ ئايال، يەر قىلغانمۇ ئايال» دېگەن ھېكمەتلىك سۆزنى قالدۇرغان.

7. ئائىلىنىڭ ئىناقلىقىنى قوغداشقا ئەھمىيەت بەرمەسلىكى. چۈنكى ئايالنىڭ ئائىلىنىڭ ئىناقلىقىنى ۋە ئامانلىقىنى قوغداشتىكى رولى چوڭ بولىدۇ. ئائىلىنىڭ ئىناقلىقى قوغدالمىسا، ئەر بىلەن ئايال ھەمىشە جېدەللىشىپ يۈرسە، بالىلارنىڭ پىسخېكىسىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئوقۇش، تەربىيەلىنىش قاتارلىق مۇھىم ئىشلىرىغا ئېغىر دەرىجىدە زىيان يېتىدۇ.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار