رەھىم – شەپقەت ئاللاھنىڭ ئەڭ بۈيۈك قانۇنىدۇر

 
رەھىم – شەپقەت ئاللاھنىڭ ئەڭ بۈيۈك قانۇنىدۇر
مۇھەممەد يۈسۈپ

ئاللاھ تائالانىڭ دىنى ئەزەلدىن رەھىم – شەپقەتنى يادرو قىلغان ۋە بارلىق مەخلۇقاتقا رەھىم- شەپقەت قىلىشقا چاقىرغان بولۇپ، بارلىق پەيغەمبەرلەر دۇنياغا رەھىم-شەپقەتنى يېيىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش ئەۋەتىلگەن. ئاللاھ تائالا بىزنىڭ ئۈلگىمىز ۋە يولباشچىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قارىتىپ: )وَمَا أَرْسَلْنَاكَ إِلَّا رَحْمَةً لِّلْعَالَمِينَ( يەنى «بىز سېنى پەقەت ئالەملەرگە رەھمەت قىلىپلا ئەۋەتتۇق»([1]) دەيدۇ. بۇ ئايەتتىكى «ئالەملەر» سۆزى ئىنسانلار ئالىمىدىن مۇسۇلمان، كاپىر، تەقۋادار، گۇناھكار ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغاننىڭ سىرتىدا، ھايۋاناتلار ئالىمى، ئۇچارلىقلار ئالىمى، ھاشاراتلار ئالىمى... ۋە ھاكازا ئالەملەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مەن پەقەت رەھمەت بولۇپلا ئەۋەتىلدىم»([2]) دېگەن. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پۈتۈن ئالەملەرگە، جۈملىدىن پۈتۈن ئىنسانىيەتكە رەھمەت قىلىپ ئەۋەتىلگەن بولسىمۇ، ئاللاھ تائالانىڭ بۇ كاتتا رەھمىتىنى قوبۇل قىلمىغانلار رەھىم _ شەپقەت دېگەنلەرنى بىلمەيدىغان، ھەر نەرسىنى ماددىغا باغلايدىغان، مەنىۋى قاششاقلىق دەۋر سۈرگەن جەمئىيەتلەردە ياشاشتىن زېرىكىپ كەتكەن، بەزىلىرى بۇ بۇرۇقتۇم دۇنيا بىلەن ۋىدالىشىش ئۈچۈن ئۆزلىرىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش يولىنى تۇتقان. ئەمما ئاللاھ تائالانىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن ئىبارەت كاتتا رەھمىتىنى قوبۇل قىلغانلار ماددىي جەھەتتە ئۇنچىۋالا باي بولۇپ كەتمىسىمۇ، مەنىۋى جەھەتتە دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ بايلىرىدۇر. مەلۇمكى، بەخت _ سائادەت ماددىي بايلىقتا ئەمەس، بەلكى كۆڭۈلنىڭ بايلىقىدىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقىقتنى بايان قىلىپ: «ھەقىقىي بايلىق پۇل _ مالنىڭ كۆپلۈكىدە ئەمەس، بەلكى كۆڭۈلنىڭ بايلىقىدۇر»([3]) دېگەن.

مۇسۇلمانلار بۇ رەھمەت سايىسىدا، ئۆزلىرىنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى، ھاياتنىڭ غايىسى نېمە ئىكەنلىكىنى ۋە ئاخىرى نەگە بارىدىغانلىقىنى بىلگەن كىشىلەر بولۇپ، ئۇلاردا غەربلىكلەردە بولمىغان قىممەتلىك نەرسىلەر باردۇر. مەسىلەن: ئىنسانلارنىڭ ئۆزىمۇ بەختلىك ۋە باشقىلارنىمۇ بەختلىك قىلالىشىغا كاپالەت قىلىدىغان نەرسىلەردىن ئىمان _ ئىنساب ، شەرم _ ھايا، رەھىم _ شەپقەت، سەۋر _ قانائەت قاتارلىق قىممەتلىك بايلىقلارنى مۇسۇلمانلاردىن باشقا كىمدىن تاپقىلى بولىدۇ؟!

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يىگىرمە ئۈچ يىللىق پەيغەمبەرلىك ھاياتىدا رەھىم –شەپقەتنى تەتبىق قىلغان ۋە باشقىلارغا ئۆگەتكەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاتا-ئانىلارغا، بالىلارغا، تۇغقانلارغا، قوشنىلارغا، بارلىق مۇسۇلمانلارغا، پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ۋە جىمى جانلىقلارغا قانداق رەھىم-شەپقەت قىلىش كېرەكلىكىنى ئۆگەتكەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنى تەكىتلەپ: «كىشىلەرگە رەھىم _ شەپقەت قىلمىغان ئادەم رەھىم _ شەپقەتكە ئېرىشەلمەيدۇ»([4]) دېگەن. يەنە بىر ھەدىستە: «رەھىم _ شەپقەت پەقەت بەختسىز ئادەمدىنلا تارتىۋېلىنىدۇ»([5]) دېگەن.

 
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دۈشمەنلىرىگە قارىتا شەپقىتى
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دۈشمەنلىرى ئىچىدىمۇ چوڭقۇر ھۆرمەتكە سازاۋەر ئىدى. دۈشمەنلىرى ئۇنىڭ دەۋەت قىلغان دىنىنى ئىنكار قىلغان بولسىمۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ گۈزەل ئەخلاقىنى، راستچىللىقىنى ۋە ئىنسانىيەتتە بولۇشقا تېگىشلىك مېھرى – شەپقەت، رەھىمدىللىك ، ئادالەت ۋە ئۇنىڭدىن باشقا بارلىق ئېسىل سۈپەتلەرنىڭ ئۇنىڭدا مۇجەسسەملەنگەنلىكىنى ئىقرار قىلاتتى. شۇڭا قۇرئان كەرىم مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تەسەللى بېرىپ: ﴿ئۇلارنىڭ سۆزى سېنى قايغۇغا سالىدىغانلىقىنى بىز ئوبدان بىلىمىز، ئۇلار سېنى يالغانچى دېمەيدۇ، پەقەت بۇ زالىملار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىدۇ﴾[6] دېگەن.

شۇڭا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئەڭ ئەشەددىي دۈشمىنى ۋە قۇرەيش كۈچلىرىنىڭ كاتتىبېشى ئەبۇ سۇفيان قىزى زەينەب رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ياتلىق بولغانلىقىدىن سۆيۈنىدۇ ۋە قارشى چىقمايدۇ. چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ يۈرەك پارىسى بولغان قىزىنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ ئىپتىخارلىق ئۈلگىسى بولغان زات _ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قولىدا تولۇق بەختلىك بولىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى.

1  _ بىر كۈنى يەھۇدىيلاردىن بىر گۇروپپا كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، ئۇنىڭغا سالام بەرگەننى قىلىپ ئازار قىلغان ھالدا «ئەسسامۇ ئەلەيكە يا مۇھەممەد _ ساڭا ھالاكەت بولسۇن ئى مۇھەممەد» دەيدۇ. بۇ سۆزگە دىققەت قىلمىغان ئادەم ئۇنى «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» دېگەن سالام مەنىسىدە ئاڭلايتتى. ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۇ ھامان ئۇنى پەرقلەندۈرگەن بولسىمۇ، ئاچچىقلانماستىن «ۋەئەلەيكۇم (سىلەرگە شۇنداق بولسۇن)» دەيدۇ. ئەمما ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بۇ ئەدەپسىزلەرچە ھاقارەتكە غەزەپلىنىپ: «ئى ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرى! ھالاكەت ۋە ئۆلۈم سەندەكلەرگە بولسۇن» دەيدۇ. بۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا: «بولدى قىلىڭ، نېمانچە چېچىلىپ كېتىسىز» دېگەندە، «سىلى بۇ ئەدەپسىز يەھۇدىيلارنىڭ ھاقارىتىنى ئاڭلىمىدىلىمۇ؟» دەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «ئاڭلىدىم، شۇڭا: سىلەرگە شۇنداق بولسۇن، دېدىمغۇ» دەيدۇ.[7]

2  _ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇنىڭ ساھابىلىرىغا ئىنسان چىداپ تۇرالمايدىغان ئېغىر زۇلۇملارنى سالغان، ئۇلارنى ئەڭ ۋەھشىي قىيىن – قىستاقلارغا ئالغان، ھەتتا ئۇلارنى ئۆز يۇرتلىرىدىن قوغلاپ چىقارغان، بۇنى ئاز دەپ ئۇلارنىڭ مال – مۈلۈكلىرىنى خالىغانچە تالان – تاراج قىلغان، ئۆيلىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلىغان، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مەككىدىكى ئۆيىنىمۇ يەر بىلەن يەكسان قىلىپ تۈزلىۋەتكەن قۇرەيش قەبىلىسى باشچىلىقىدىكى مەككىلىك ئەرەبلەر مەككە فەتھى بولغان كۈنى بىر تەرەپتىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلارنى قانداق ئېغىر جازالارغا تارتىدىغانلىقى ۋە قىلغان جىنايەتلىرىنىڭ ئىنتىقامىنى قانداق ئېچىنىشلىق ئالىدىغانلىقىنى كۈتۈپ، يەنە بىر تەرەپتىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن ئىبارەت مېھرى – شەپقىتى، كۆڭلىنىڭ يۇمشاقلىقى، كەچۈرۈمچانلىقى بىلەن ھەممىگە بىردەك تونۇلغان ئۇلۇغ بىر ئادەمنىڭ شەپقىتىگە تەلمۈرۈپ، قاتتىق قورقۇنچ ئىچىدە يەنە ئۈمىدلىرىنى ئۈزمىگەن ھالدا تۇرۇشاتتى. شۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا خىتاب قىلىپ: «ئى قۇرەيش جامائەسى! مېنى سىلەرنى قانداق قىلىدۇ دەپ ئويلايسلەر؟» دەيدۇ. ئۇلار ھەممىسى بىر ئېغىزدىن چىققاندەكلا «ياخشىلىقنى كۈتىمىز. قېرىندىشىمىز ۋە قېرىندىشىمىزنىڭ ئوغلى بولغان زات كەرەملىكتۇر» دېيىشىدۇ. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «مەنمۇ خۇددى يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆز قېرىنداشلىرىغا ئېيتقان: «بۈگۈن سىلەر ئەيىبلەشكە ئۇچرىمايسىلەر، ئاللاھ سىلەرنى كەچۈرسۇن، ئاللاھ ئەڭ مەرھەمەتلىك زاتتۇر»[8] دېگەن سۆزىنى ئېيتىمەن. تارقىلىڭلار، ئازاتسىلەر!» دەيدۇ.

 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شۇنچە يىل ئۆزىگە ۋە ساھابىلىرىغا چىدىغۇسىز زۇلۇملارنى سالغان دۈشمەنلىرىنى كەچۈرۈۋەتكەنلىكىدىن تەسىرلىنىپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى توپ – توپ بولۇپ ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئىسلام دىنىغا كىرىشكە باشلايدۇ. بۇ ۋەقەلىكنى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدىكى نەسر سۈرىسىدە ئىپادىلىگەن: ﴿ئاللاھنىڭ ياردىمى ۋە غەلىبىسى كەلگەن ۋە ئاللاھنىڭ دىنىغا كىشىلەرنىڭ توپ  _ توپ بولۇپ كىرگەنلىكىنى كۆرگىنىڭدە، رەببىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن، ھەمدى ئېيتقىن ۋە ئۇنىڭدىن مەغپىرەت تىلىگىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋبىنى بەك قوبۇل قىلغۇچىدۇر﴾[9].

3  _ مەككىنىڭ ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىدىن توققۇز كىشىنىڭ كاللىسىنى ئېلىش ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىگە كىرىشتىن ئاۋۋال بۇيرۇق بەرگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى كەچۈرۈمگە ئېرىشىپ ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ، كېيىنچە مۇسۇلمان بولىدۇ. شۇلارنىڭ ئىچىدىن ھىبار ئىبنى ئەسۋەد دېگەن بىرى بار ئىدى ، ئۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئىسلام دىنىغا شۇنچىلىك قاتتىق ئۆچمەنلىك كۆرسەتكەن ۋە قىلغۇدەكلا گۇناھلارنىڭ ھەممىسىنى قىلغاننىڭ سىرتىدا، يەنە ھەددىدىن ئېشىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزى زەينەب رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلغىنىدا، ئۇنى ئۇرۇپ تاشقا يىقىتىۋەتكەن ۋە قورسىقىدىكى ھامىلىنى چۈشۈرۈۋەتكەن بولسىمۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كەچۈرۈمىگە ئېرىشىدۇ ۋە كېيىنچە مۇسۇلمان بولىدۇ.

4  _ ئۇھۇد غازىتى بولغان كۈنى دۈشمەن قوشۇنىنىڭ داڭلىق مەرگىنى ئابدۇللا ئىبنى قەمئە قىلىچى بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بېشىنى يارىلاندۇردى ۋە ئىككى چىشىنى چۈشۈرۈۋەتتى. بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇنىڭ ساھابىلىرىغا قاتتىق ھار كېلىدۇ. شۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۆز پەيغەمبىرىنىڭ يۈزىنى قانغا بويىۋەتكەن قەۋمگە ئاللاھنىڭ غەزىپى تاشتى» دەيدۇ ۋە بىر لەھزە تۇرۇۋالغاندىن كېيىن، دۇئاغا قول كۆتۈرۈپ: «ئى ئاللاھ قەۋمىمنى كەچۈرگىن، ئۇلارنى ھىدايەت قىلغىن، چۈنكى ئۇلار بىلمەيدۇ»[10] دەپ مۇناجات قىلىدۇ.

5  _ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھىجرەتتىن بۇرۇن مەككىدىكى ۋاقتىدا تائىفنىڭ ئەڭ چوڭ قەبىلىسى سەقىف قەبىلىسىدىكىلەرگە ئىسلام دىنىنى چۈشەندۈرۈش ۋە ئۇلارنىڭ ھىمايىسىنى سوراش ئۈچۈن تائىفقا بارىدۇ. لېكىن تائىفلىقلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى تاش – كېسەكلەر بىلەن ئۇرۇپ قوغلىۋېتىدۇ. ئۇنىڭ ئىككى مۇبارەك پۇتىدىن ئاققان قىزىل قانلار بۇ زېمىننى شۇ جەۋر – زۇلۇملارغا گۇۋاھ قىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەدىنىدىن قەلبى بەكرەك يارىلانغا ھالدا تائىفتىن قايتقىنىدا، ئاللاھ تائالانىڭ ئەلچىسى جىبرىل ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا كېلىپ: «ئى مۇھەممەد! ئەگەر خالىساڭ مەككىدىكى ئەبۇ قەيس ۋە قەئىقىئان دېگەن ئىككى تاغنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە باستۇرىمىز» دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇلارنىڭ نەسلىدىن ئاللاھقا ئىبادەت قىلىدىغان ياخشى كىشىلەرنىڭ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن»[11] دېيىش ئارقىلىق جىبرىل ئەلەيھىسسالامنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىدۇ.

 بۇ نېمە دېگەن ئېسىل كەچۈرۈمچانلىق – ھە! دۇنيادا قايسىبىر كۆڭلى – كۆكسى كەڭ قومانداننى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدەك ئىنتىقام ئېلىشقا تامامەن كۈچى يېتىدىغان تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ باش كۆزىنى قانغا بويىۋەتكەن، يۈرەك باغرى بولغان قىزىنى ئۇرۇپ قورسىقىدىكى بالىسىنى چۈشۈرۈۋەتكەن جىنايەتچىلەرنى كەچۈرۈم قىلىدۇ، دەپ ئويلايسىز؟!

ئەپۇ قىلىش ۋە رەھىم شەپقەت قىلىشنىڭ پايدىسى

ئاللاھ تائالا ئەپۇ قىلىش بىلەن دۈشمەنلىكنى دوستلۇققا ئايلاندۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: ) وَلَا تَسْتَوِي الْحَسَنَةُ وَلَا السَّيِّئَةُ ادْفَعْ بِالَّتِي هِيَ أَحْسَنُ فَإِذَا الَّذِي بَيْنَكَ وَبَيْنَهُ عَدَاوَةٌ كَأَنَّهُ وَلِيٌّ حَمِيمٌ. وَمَا يُلَقَّاهَا إِلَّا الَّذِينَ صَبَرُوا وَمَا يُلَقَّاهَا إِلَّا ذُو حَظٍّ عَظِيمٍ. وَإِمَّا يَنْزَغَنَّكَ مِنَ الشَّيْطَانِ نَزْغٌ فَاسْتَعِذْ بِاللَّهِ إِنَّهُ هُوَ السَّمِيعُ الْعَلِيمُ( يەنى « ياخشى ئىش بىلەن يامان ئىش باراۋەر بولمايدۇ. (سەن يامانلىققا) ئەڭ ياخشى (خىسلەت) بىلەن تاقابىل تۇرغىن. (شۇنداق قىلساڭ) سەن بىلەن ئۆزىنىڭ ئارىسىدا ئاداۋەت بار ئادەم گويا سىرداش دوستۇڭدەك بولۇپ قالىدۇ. بۇ خىسلەتكە پەقەت (ئۆز نەپسىنى باشقۇرۇشتا) چىداملىق بولغان ئادەملەرلا ئېرىشەلەيدۇ، بۇ خىسلەتكە پەقەت بۈيۈك نېسىۋىگە ئىگە ئادەملەرلا ئېرىشەلەيدۇ. ئەگەر شەيتاندىن كەلگەن بىر ۋەسۋەسە سېنى (ياخشى خىسلەتتىن) يۈز ئۆرۈتمەكچى بولسا، دەرھال ئاللاھقا سىغىنىپ (شەيتاننىڭ يامانلىقىدىن) پاناھ تىلىگىن. چۈنكى ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر»[12]. يامانلىققا ياخشىلىق بىلەن تاقابىل تۇرىدىغان، غەزەپنى سەۋر ۋە چىدامچانلىق بىلەن، جاھالەتنى ئىلىم _ مەرىپەت بىلەن، ئىنتىقام ئوتىنى كەچۈرۈم قىلىش بىلەن يېڭىشتىن ئىبارەت مۇشۇنداق ئېسىل خىسلەتلەرگە ئىگە بولغانلار راستتىنلا چىداملىق ئادەملەردۇر. خۇددى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېيتقاندەك، ھەقىقىي چىداملىق ئادەم ئاچچىقىنى باسالايدىغان ۋە ئۆزىنى تۇتۇۋالىدىغان ئادەمدۇر. بۇ خىسلەتكە ئىگە بولغان ئادەم ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا يۇقىرى مەرتىۋىگە ئېرىشىشكە لاياقەتلىك بولىدۇ. چۈنكى يامانلىق قىلغان كىشىگە ياخشىلىق قىلىش، كىشىلەرگە ياخشىلىق قىلىش يولىدا ئۆزىگە يەتكەن ئەزىيەتلەرگە سەۋر قىلىش، ئۆز نەپسىنىڭ يولسىز ئىستەكلىرى ئالدىدا چىدامچان بولۇپ نەپسىنى ئەقلىگە بويسۇندۇرۇش ھەرقانداق ئادەمنىڭ قولىدىن كېلىدىغان ئىش ئەمەس. ئاللاھ تائالانىڭ: «ئەگەر شەيتاندىن كەلگەن بىر ۋەسۋەسە سېنى (ياخشى خىسلەتتىن) يۈز ئۆرۈتمەكچى بولسا، دەرھال ئاللاھقا سىغىنىپ (شەيتاننىڭ يامانلىقىدىن) پاناھ تىلىگىن. چۈنكى ئۇ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر» يەنى شەيتان سېنى ۋەسۋەسىگە سېلىپ، سېنى بۇ ئالىي مەرتىۋىدىن مەھرۇم قىلماقچى بولسا، سېنى يولۇڭدىن ئازدۇرماقچى بولسا، ياخشى ئىشتىن توختاتماقچى بولسا، ئېسىل خىسلەتتىن مەھرۇم قىلماقچى بولسا ۋە ساڭا يامانلىق قىلغانلارغا سېنى يامانلىق بىلەن جازا بېرىشكە كۈشكۈرتمەكچى بولسا، دەرھال ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىپ ئۇنىڭغا ئىلتىجا قىلغىن ۋە ئۇنىڭغا سىغىنىپ شەيتاننىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلىگىن. چۈنكى ئاللاھ تائالا سېنى ھىمايە قىلىش ۋە شەيتاندىن قوغداشقا كۇپايىدۇر. چۈنكى ئۇ تەقۋادارلارنىڭ ھىمايىچىسى، مۇئمىنلەرنىڭ ياردەمچىسى ۋە ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچى زاتتۇر.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەككە فەتھى قىلىنغان كۈنىدىكى مىسلىسىز ئەپۇچانلىقى ۋە كەچۈرۈمچانلىقى سەۋەبىدىن كىشىلەر ئىسلام دىنىغا توپ، توپ بولۇپ كىردى، ھەتتا بۇرۇن ئىسلام دەۋىتىگە ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە قارشى قوشۇن توپلاپ ۋە قورال كۆتۈرۈپ چىققان ئەرەبلەر ئەمدىلىكتە ئىسلامغا ئارقا-ئارقىدىن كىرىشكە باشلىدى. شۇنداق قىلىپ ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى مۇشرىك ئەرەبلەر ئىسلام بىلەن شەرەپلىنىپ، ئەرەب ئەمەس مىللەتلەرگە ئىسلام دىنىمىزنى ئۆگەتكەن ئۇستازلارغا ئايلاندى. دۇنيادا كۆپلىگەن مىللەتلەر ئىسلام دىنىمىزنىڭ كەڭ قورساقلىققا ۋە ئەپۇچانلىققا تەشەببۇس قىلىدىغان بۇ ئېسىل قانۇنى سايىسىدا ئۆزلىكىدىن مۇسۇلمان بولۇپ، ئىسلام ئائىلىسىگە قوشۇلدى. ئەپۇ قىلىشنىڭ يۈرەكلەرگە بېرىدىغان بۇ كاتتا تەسىرىنى كۈندىلىك ھاياتىمىزدىمۇ كۆرۈپ ۋە شاھىت بولۇپ تۇرۇۋاتىمىز.

 ۋېكتور ھىيوگونىڭ رومانىدىكى پېرسوناژ جېن ۋالجېن ناھايىتى يوقسۇل ۋە قىلمىغان جىنايىتى قالمىغان بىرى بولۇپ، بىر كۈنى ياتىدىغان يېرى بولمىغانلىقتىن بىر چېركاۋغا كىرىپ پاناھلانماقچى بولغاندا، چېركاۋنىڭ راھىبى ئۇنى قوبۇل قىلىپ، قارنىنى تويغۇزۇپ، ئىسسىققىنە بىر خانىدا قوندۇرۇپ قالىدۇ. ئەمما جېن ۋالجېن ئەتىسى كېتىدىغان ۋاقتىدا، راھىبقا رەھمەت ئېيتىش ئۇياقتا تۇرسۇن، چېركاۋنىڭ قىممەتلىك كۈمۈس قاچىسىنى ئوغرىلاپ ئېلىپ كېتىدۇ ۋە ساقچىلار ئۇنى تۇتۇپ، چېركاۋغا ئېلىپ كېلىدۇ. چېركاۋ راھىبى سەۋرچان، كەچۈرۈمچان بىرى بولۇپ، جېن ۋالجېننى ئەپۇ قىلماقچى بولىدۇ— دە، ساقچىلارغا: «ئۇ قاچىنى بىز ئۇنىڭغا ھەدىيە قىلغان ئىدۇق» دەيدۇ. جېن ۋالجېن راھىبنىڭ بۇ كەچۈرۈمىدىن قاتتىق تەسىرلىنىپ كېتىدۇ ۋە ھاياتىنى چېركاۋغا خىزمەت قىلىشقا ئاتايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەڭ ئىخلاسمەن ۋە ئەڭ ئېتىقادلىق چىزركاۋ خىزمەتچىلىرىدىن بولۇپ قالىدۇ.

 



([1]) ئەنبىيا سۈرىسى: 107- ئايەت
([2]) مۇسلىم رىۋايىتى
([3]) ئىبنى ماجە، ئىمام ئەھمەد، تىرمىزى رىۋايىتى
([4]) بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى
([5]) ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى، ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى
[6]  ئەنئام سۈرىسى،  3 _ ئايەت.
[7] ئىمام تىرمىزى رىۋايىتى.
[8] يۇسۇف سۈرىسى، 92 _ ئايەت.
[9] نەسر سۈرىسى، 1~3 _ ئايەتلەر.
[10] ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.
[11] تەبەرانىي رىۋايىتى.
[12] فۇسسىلەت سۈرىسى: 34- 36- ئايەتلەر.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار