ئىجابىي بولۇڭ

ئىجابىي بولۇڭ

مۇھەممەد يۈسۈپ

ئىجابىيلىق — ئەتراپىمىزدىكى رېئاللىق بىلەن ماسلىشىش، كېرەك بولسا ئۇنى پايدىلىق تەرەپكە ئۆزگەرتىش ئۈچۈن چىن قەلبدىن كېلىدىغان قىزغىنلىق ۋە ئىشەنچ دېگەنلىك بولىدۇ. نەزىرىمىزنى شەيئىلەرنىڭ ۋە ئىنسانلارنىڭ ياخشى تەرەپلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈشىمىزمۇ ئىجابىيلىققا ياتىدۇ.

 ھاياتقا ئىجابىي مەۋقەدە بولۇش، ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرگە ۋە نەرسىلەرگە ئىجابىي نەزەر بىلەن قاراش بىزنى كۆپلىگەن كىرىزىسلاردىن ساقلايدۇ ۋە خۇشاللىقىمىزنى ئاشۇرىدۇ. ئىجابىي بولۇش باشقىلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدىغان ۋە ئۇلارغا تەسىر كۆرسىتىدىغان سېھىرلىك ئىشتۇر. ئىنسان ھەر ئىشتا ئىجابىي بولسا، ھاياتلىقنىڭ ھەممە ساھەسىدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ.

قۇرئان كەرىمدە ئۆز ۋاقتىدىكى سەھرالىق ئەرەبلەرنىڭ ئاللاھ يولىدا پۇل-مال سەرپ قىلىشتىكى مەۋقەسى مۇنداق بايان قىلىنغان: «سەھرالىق ئەرەبلەردىن بەزىلىرى (ئاللاھ يولىدا) بەرگەن نەرسىلىرىنى سېلىق ھېسابلايدۇ، سىلەرنىڭ بېشىڭلارغا ھادىسىلەرنىڭ كېلىشىنى كۈتىدۇ، (ئۇلار كۈتكەن) يامان ھادىسە ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە كەلسۇن! ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. سەھرالىق ئەرەبلەرنىڭ بەزىلىرى ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتىدۇ، (ئاللاھ يولىدا) بەرگەن نەرسىلىرىنى ئاللاھقا يېقىن بولۇشنىڭ ۋە پەيغەمبەرنىڭ دۇئاسىغا ئېرىشىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلىدۇ. بىلىڭلاركى، ئۇلار بۇ ئارقىلىق راستتىنلا ئاللاھقا يېقىن بولىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنى ئۆزىنىڭ رەھمىتى دائىرىسىگە كىرگۈزىدۇ. شەكسىزكى، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، تولىمۇ مېھرىباندۇر» ([1]). يۇقىرىقى ئىككى پىرقە ھەر ئىككىلىسى ئاللاھ يولىدا پۇل_ مال سەرپ قىلغان بولسىمۇ، ئاۋۋالقىلار ئاللاھ تائالاغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنمىگەنلىكى ئۈچۈن، ساۋابنى ئۈمىد قىلمىغان، شۇڭا بەرگەن نەرسىلىرىنى سېلىق دەپ قارىغان. كېيىنكىلەر بولسا ئاللاھ تائالاغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان مۇئمىنلەر بولغانلىقتىن، ئۇلار ئاللاھ يولىدا بەرگەنلىرىنى ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىق ھاسىل قىلىش، ئاندىن ئاللاھ تائالانىڭ جەننىتىگە مۇيەسسەر بولۇش نىيىتى بىلەن بەرگەن. شۇڭا  ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھ يولىدا پۇل_ مال سەرپ قىلغانلىقىنى ئىبادەت دەپ قارىغان. ئىش ئوخشاش بولغان، ئەمما نىيەت ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، نەتىجە ئوخشاش بولمىغان.

ئىمام بۇخارى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى بىر سەھرالىق ئەرەبنىڭ كېسىلىنى يوقلاپ بېرىپ، ئۇنىڭغا: «ھېچ ۋەقەسى يوق، ئاللاھ خالىسا ساقىيىپ قالىسىز» دەيدۇ. بۇنى ئاڭلىغا ھېلىقى سەھرالىق ئەرەب: «سەن مېنى ساقىيىسەن دەۋاتامسەن؟ ياق، بۇ چېكىگە يەتكەن قىزىتما، مەندەك قېرى ئادەمنى قەبرىگە ئېلىپ بارىدىغان كېسەلدۇر» دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «شۇنداق بولغاي ئەمىسە»([2]) دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى ئادەم ئۆلىدۇ. دېمەك، ئاللاھ تائالا بۇ ئادەمگە ئۆزىنىڭ قانداق قاراشتا بولغانلىقىغا قاراپ مۇئامىلە قىلغان. ئەگەر بۇ ئادەم ئاللاھ تائالانىڭ شىپالىق بېرىشىنى ئۈمىد قىلىپ، ئىجابىي بولغان بولسا، بەلكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ شىپا تېپىشىغا دۇئا قىلغان بولار ئىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا ئاللاھ تائالا شىپالىق بېرىشى مۇمكىن ئىدى.

ھېكايە قىلىنىشىچە، يېڭىدىن تۇرمۇشقا چىققان بىر كېلىن قېينانىسى بىلەن قەتئىي ئەپلىشەلمەپتۇ، قېيىنئانىسىنىڭ تەلەپلىرى ۋە ئەمر-پەرمانلىرىنى ئورۇنداشتىن زېرىكىپ كېتىپتۇ. بىر كۈنى قېينانىسىدىن قۇتۇلۇش نىيىتىگە كەپتۇ-دە، مەھەللىدىكى بىر ھەكىمنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭدىن قېينانىسىنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن زەھەر ھازىرلاپ بېرىشىنى سوراپتۇ. ھەكىم كېلىننىڭ دەردىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا: «بولىدۇ، مەن ھازىرلاپ بېرەي، ئەمما زەھەرنىڭ تەسىر قىلىشى ئۈچۈن مېنىڭ كۆرسەتكىنىم بويىچە ئىش قىلىشىڭىز شەرت» دەپتۇ. كېلىن ھەكىمنىڭ شەرتىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ھەكىم ئۇنىڭغا بىر شېشە سۇيۇقلۇق بېرىپ، ھەر كۈنى قېيىنئانىسىنىڭ تامىقىغا بىر تامچىدىن قوشۇپ بېرىشنى، قېيىنئانىسىغا ناھايىتى مېھرىبان ۋە كۆيۈمچان بولۇپ، ئۇنىڭ تەلەپ قىلغانلىرىنى خۇش چىراي بىلەن جايىدا  ئورۇنداشنى، ئۈچ ئاي مۇشۇنداق سەۋرچانلىق بىلەن ئىش كۆرۈشنى تەلەپ قىلىپتۇ. كېلىن ھەكىمنىڭ دېگىنى بويىچە ئىنتايىن كەڭ قورساق بولۇپ، قېيىنئانىسىغا تامامى مېھرىبانلىقىنى كۆرسىتىپتۇ. ئۈچ ئايغا قالماي قېينانىنىڭ كېلىنگە بولغان مەۋقەسى تامامەن ئۆزگىرىپتۇ، ئۇنى ئۆز قىزىغا ئوخشاشلا ياخشى كۆرىدىغان ۋە كۆيۈمچانلىق كۆرسىتىدىغان بولۇپ كېتىپتۇ.

كېلىن بۇ ئۆزگىرىشتىن كېيىن، قېينانىسىنى راستتىنلا ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ، ئۇنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە قەتئىي رازى بولماپتۇ. ئاندىن ھېلىقى ھەكىمنىڭ يېنىغا ئالدىراپ بېرىپ، ئۇنىڭغا: «ھازىرغىچە مەن قېيىنئانامغا بەرگەن زەھەرنىڭ تەسىرىنى يوقىتىدىغان ۋە ئۇنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالىدىغان دورا بەرگەن بولسىڭىزكەن. چۈنكى مەن قېيىنئانامنى بەك ياخشى كۆرىمەن» دەپتۇ. ھېكىم كۈلۈپ كېتىپ: «قىزىم! مەن سىزگە بەرگەن سۇيۇقلۇقتا زەھەر يوق ئىدى، زەھەر پەقەتلا سىزنىڭ كاللىڭىزدا ۋە قېينانىڭىزغا قىلغان مۇئامىلىڭىزدە ئىدى. سىز ئۇنى سۆيگۈ-مۇھەببەتنىڭ سۈيى بىلەن يۇيۇۋەتكەندىن كېيىن، سىزدە زەھەردىن ئەسەر قالمىدى» دەپتۇ.

دېمەك، بىزنىڭ دۇنياغا ۋە ئەتراپىمىزدىكى شەيئىلەرگە قارىتا كۆزقارىشىمىز بىزنىڭ سائادىتىمىزنى ياكى بەختسىزلىكىمىزنى بەلگىلەيدۇ، بىزنىڭ ئىجابىي كۆزقارىشىمىز ھاياتتىكى ۋەزىپىمىزنى ئادا قىلىشىمىز ئۈچۈن يۈرىكمىزدە قىزغىنلىق گۈلخانلىرىنى ياندۇرىدۇ. ئەتىگەندە ئۈمىدۋارلىق ۋە ئىجابىيلىق بىلەن ئىشلىرىمىزنى ئاللاھ تائالاغا تاپشۇرۇپ، تىرىكچىلىك يولىغا قەدەم باسقىنىمىزدا، شۇ كۈنلۈك مۇۋەپپەقىيەتنىڭ يېرىمىنى ھاسىل قىلىپ بولغان بولىمىز. ھايات ھەمىشە كۆڭۈللۈك بولمايدۇ، بەزىدە كۆڭۈلسىزلىكلەرگە ۋە كىرىزىسلارغا دۇچ كېلىمىز. ئەمما ئالىملارنىڭ يەكۈنلىشىچە، بەختسىزلىكىمىزنىڭ 10% گە ھادىسىلەر سەۋەب بولسا، 90% گە بىزنىڭ ھادىسىلەرگە قارىتا كۆزقارىشىمىز سەۋەب بولىدىكەن. ئەگەر بىزنىڭ قىيىنچىلىقلار ۋە كىرىزىسلار ئالدىدىكى كۆزقارىشىمىز ئىجابىي بولسا، نېرۋىمىزنى چېچىلىشتىن، تەن ساقلىقىمىزنى ۋە سائادىتىمىزنى بۇزۇلۇشتىن ساقلاپ قالالايمىز. مەسىلەن: بېشىمىزغا كەلگەن كېلىشمەسلىككە ئاھ ئۇرۇپ كەتمەستىن، «بۇنىڭدىنمۇ چوڭ خاپىلىق كەلگەن بولسا قانداق قىلار ئىدىم» دېگەننى ئويلاش بىزنىڭ نېرۋىمىزنى تىنچلاندۇرىدۇ، بالاغا سەۋر قىلىش، نېئمەتكە شۈكۈر قىلىش ئېڭىمىزنى ئۆستۈرىدۇ.

بۇ زاماندا ھەربىر ئىنساننىڭ قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىشى، تۇيۇقسىز يۈز بېرىدىغان سەلبىي ھادىسىلەرگە دەرھال ئىجابىي مۇئامىلە قىلىش ماھارىتىنى ئۆستۈرۈشتۇر.



([1]) تەۋبە سۈرىسى، 98_99- ئايەتلەر.
([2]) ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار