ئىجابىي بولۇڭ

ئىجابىي بولۇڭ

مۇھەممەد يۈسۈپ

ئىجابىيلىق — ئەتراپىمىزدىكى رېئاللىق بىلەن ماسلىشىش، كېرەك بولسا ئۇنى پايدىلىق تەرەپكە ئۆزگەرتىش ئۈچۈن چىن قەلبىمىزدىن كېلىدىغان قىزغىنلىق ۋە ئىشەنچ دېگەنلىك بولۇپ، نەزىرىمىزنى شەيئىلەرنىڭ ۋە ئىنسانلارنىڭ ياخشى تەرەپلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈشىمىزمۇ ئىجابىيلىققا ياتىدۇ.

 ھاياتقا ئىجابىي مەۋقەدە بولۇش، ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرگە ۋە نەرسىلەرگە ئىجابىي نەزەر بىلەن قاراش بىزنى كۆپلىگەن كىرىزىسلاردىن ساقلايدۇ ۋە خۇشاللىقىمىزنى ئاشۇرىدۇ. ئىجابىي بولۇش باشقىلارنى ئۆزىگە جەلب قىلىدىغان ۋە ئۇلارغا تەسىر كۆرسىتىدىغان سېھىرلىك ئىشتۇر. ئىنسان ھەر ئىشتا ئىجابىي بولسا ئۇنىڭ ھاياتلىقنىڭ ھەممە ساھەسىدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ.

قۇرئان كەرىمدە ئۆز ۋاقتىدىكى سەھرالىق ئەرەبلەرنىڭ ئاللاھ يولىدا پۇل-مال سەرپ قىلىشتىكى مەۋقەسى مۇنداق بايان قىلىنغان: «سەھرالىق ئەرەبلەردىن بەزىلىرى (ئاللاھ يولىدا) بەرگەن نەرسىلىرىنى سېلىق ھېسابلايدۇ، سىلەرنىڭ بېشىڭلارغا ھادىسىلەرنىڭ كېلىشىنى كۈتىدۇ، (ئۇلار كۈتكەن) يامان ھادىسە ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە كەلسۇن! ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. سەھرالىق ئەرەبلەرنىڭ بەزىلىرى ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتىدۇ، (ئاللاھ يولىدا) بەرگەن نەرسىلىرىنى ئاللاھقا يېقىن بولۇشنىڭ ۋە پەيغەمبەرنىڭ دۇئاسىغا ئېرىشىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلىدۇ. بىلىڭلاركى، ئۇلار بۇ ئارقىلىق راستتىنلا ئاللاھقا يېقىن بولىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنى ئۆزىنىڭ رەھمىتى دائىرىسىگە كىرگۈزىدۇ. شەكسىزكى، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، تولىمۇ مېھرىباندۇر» ([1]). يۇقىرىقى ئىككى پىرقە ھەر ئىككىلىسى ئاللاھ يولىدا پۇل_ مال سەرپ قىلغان بولسىمۇ، ئاۋۋالقىلار ئاللاھ تائالاغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنمىگەنلىكى ئۈچۈن، ساۋابنى ئۈمىد قىلمىغان، شۇڭا بەرگەن نەرسىلىرىنى سېلىق دەپ قارىغان. كېيىنكىلەر بولسا ئاللاھ تائالاغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان مۇئمىنلەر بولغانلىقتىن، ئۇلار ئاللاھ يولىدا بەرگەنلىرىنى ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىق ھاسىل قىلىش، ئاندىن ئاللاھ تائالانىڭ جەننىتىگە مۇيەسسەر بولۇش نىيىتى بىلەن بەرگەن. شۇڭا  ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھ يولىدا پۇل_ مال سەرپ قىلغانلىقىنى ئىبادەت دەپ قارىغان. ئىش ئوخشاش بولغان، ئەمما نىيەت ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، نەتىجە ئوخشاش بولمىغان.

ئىمام بۇخارى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى بىر سەھرالىق ئەرەبنىڭ كېسىلىنى يوقلاپ بېرىپ، ئۇنىڭغا: «ھېچ ۋەقەسى يوق، ئاللاھ خالىسا ساقىيىپ قالىسىز» دەيدۇ. بۇنى ئاڭلىغا ھېلىقى سەھرالىق ئەرەب: «سەن مېنى ساقىيىسەن دەۋاتامسەن؟ ياق، بۇ چېكىگە يەتكەن قىزىتما، مەندەك قېرى ئادەمنى قەبرىگە ئېلىپ بارىدىغان كېسەلدۇر» دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «شۇنداق بولغاي ئەمىسە»([2]) دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى ئادەم ئۆلىدۇ. دېمەك، ئاللاھ تائالا بۇ ئادەمگە ئۆزىنىڭ قانداق قاراشتا بولغانلىقىغا قاراپ مۇئامىلە قىلغان. ئەگەر بۇ ئادەم ئاللاھ تائالانىڭ شىپالىق بېرىشىنى ئۈمىد قىلىپ، ئىجابىي بولغان بولسا، بەلكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ شىپا تېپىشىغا دۇئا قىلغان بولار ئىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا ئاللاھ تائالا شىپالىق بېرىشى مۇمكىن ئىدى.

ھېكايە قىلىنىشىچە، يېڭىدىن تۇرمۇشقا چىققان بىر كېلىن قېينانىسى بىلەن قەتئىي ئەپلىشەلمەپتۇ، قېينانىسىنىڭ تەلەپلىرى ۋە ئەمر-پەرمانلىرىنى ئورۇنداشتىن زېرىكىپ كېتىپتۇ. بىر كۈنى قېينانىسىدىن قۇتۇلۇش نىيىتىگە كەپتۇ-دە، مەھەللىدىكى بىر ھەكىمنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭدىن قېينانىسىنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن زەھەر ھازىرلاپ بېرىشىنى سوراپتۇ. ھەكىم كېلىننىڭ دەردىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا: «بولىدۇ، مەن ھازىرلاپ بېرەي، ئەمما زەھەرنىڭ تەسىر قىلىشى ئۈچۈن مېنىڭ كۆرسەتكىنىم بويىچە ئىش قىلىشىڭىز شەرت» دەپتۇ. كېلىن ھەكىمنىڭ شەرتىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ھەكىم ئۇنىڭغا بىر شېشە سۇيۇقلۇق بېرىپ، ھەر كۈنى قېينانىسىنىڭ تامىقىغا بىر تامچىدىن قوشۇپ بېرىشنى، قېينانىسىغا ناھايىتى مېھرىبان ۋە كۆيۈمچان بولۇپ، ئۇنىڭ تەلەپ قىلغانلىرىنى خۇش چىراي بىلەن جايىدا  ئورۇنداشنى، ئۈچ ئاي مۇشۇنداق سەۋرچانلىق بىلەن ئىش كۆرۈشنى تەلەپ قىلىپتۇ. كېلىن ھەكىمنىڭ دېگىنى بويىچە ئىنتايىن كەڭ قورساق بولۇپ، قېينانىسىغا تامامى مېھرىبانلىقىنى كۆرسىتىپتۇ. ئۈچ ئايغا قالماي قېينانىنىڭ كېلىنگە بولغان مەۋقەسى تامامەن ئۆزگىرىپتۇ، ئۇنى ئۆز قىزىغا ئوخشاشلا ياخشى كۆرىدىغان ۋە كۆيۈمچانلىق كۆرسىتىدىغان بولۇپ كېتىپتۇ.

كېلىن بۇ ئۆزگىرىشتىن كېيىن، قېينانىسىنى راستتىنلا ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ، ئۇنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە قەتئىي رازى بولماپتۇ. ئاندىن ھېلىقى ھەكىمنىڭ يېنىغا ئالدىراپ بېرىپ، ئۇنىڭغا: «مەن ھازىرغىچە قېيىنئانامغا بەرگەن زەھەرنىڭ تەسىرىنى يوقىتىدىغان ۋە ئۇنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالىدىغان دورا بەرگەن بولسىڭىزكەن. چۈنكى مەن قېيىنئانامنى بەك ياخشى كۆرىمەن» دەپتۇ. ھېكىم كۈلۈپ كېتىپ: «قىزىم! مەن سىزگە بەرگەن سۇيۇقلۇقتا زەھەر يوق ئىدى، زەھەر پەقەتلا سىزنىڭ كاللىڭىزدا ۋە قېينانىڭىزغا تۇتقان پوزىتسىيەڭىزدە ئىدى. سىز ئۇنى سۆيگۈ-مۇھەببەتنىڭ سۈيى بىلەن يۇيۇۋەتكەندىن كېيىن، سىزدە زەھەردىن ئەسەر قالمىدى» دەپتۇ.

دېمەك، بىزنىڭ دۇنياغا ۋە ئەتراپىمىزدىكى شەيئىلەرگە قارىتا كۆزقارىشىمىز بىزنىڭ سائادىتىمىزنى ياكى بەختسىزلىكىمىزنى بەلگىلەيدۇ، بىزنىڭ ئىجابىي كۆزقارىشىمىز ھاياتتىكى ۋەزىپىمىزنى ئادا قىلىشىمىز ئۈچۈن يۈرىكمىزدە قىزغىنلىق گۈلخانلىرىنى ياندۇرىدۇ. ئەتىگەندە ئۈمىدۋارلىق ۋە ئىجابىيلىق بىلەن ئىشلىرىمىزنى ئاللاھ تائالاغا تاپشۇرۇپ، تىرىكچىلىك يولىغا قەدەم باسقىنىمىزدا، شۇ كۈنلۈك مۇۋەپپەقىيەتنىڭ يېرىمىنى ھاسىل قىلىپ بولغان بولىمىز. ھايات ھەمىشە كۆڭۈللۈك بولمايدۇ، بەزىدە كۆڭۈلسىزلىكلەرگە ۋە كىرىزىسلارغا دۇچ كېلىمىز. ئالىملارنىڭ يەكۈنلىشىچە، بەختسىزلىكىمىزنىڭ 10% گە ھادىسىلەر سەۋەب بولسا، 90% گە بىزنىڭ ھادىسىلەرگە قارىتا كۆزقارىشىمىز سەۋەب بولىدىكەن. ئەگەر بىزنىڭ قىيىنچىلىقلار ۋە كىرىزىسلار ئالدىدىكى كۆزقارىشىمىز ئىجابىي بولسا، نېرۋىمىزنى چېچىلىشتىن، تەن ساقلىقىمىزنى ۋە سائادىتىمىزنى بۇزۇلۇشتىن ساقلاپ قالالايمىز. مەسىلەن: بېشىمىزغا كەلگەن كېلىشمەسلىككە ئاھ ئۇرۇپ كەتمەستىن، «بۇنىڭ چوڭى كەلگەن بولسا قانداق قىلار ئىدىم» دېگەننى ئويلاش بىزنىڭ نېرۋىمىزنى تىنچلاندۇرىدۇ، بالاغا سەۋر قىلىش، نېمەتكە شۈكۈر قىلىش ئېڭىمىزنى ئۆستۈرىدۇ.

بىز مۇسۇلمانلار بۇ مەسىلىدىمۇ تەلەيلىكمىز. چۈنكى بىزنىڭ ئەقىدىمىز بىزنى بېشىمىزغا كېلىدىغان ھەرقانداق ئىشنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ تەقدىرى بىلەن بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىشكە بۇيرۇيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «مۇئمىن ئادەمگە يەتكەن ھەرقانداق بىر جاپا، ئەزىيەت، غەم-قايغۇ، ھەتتا پۇتىغا كىرىپ كەتكەن تىكەنمۇ ئۇنىڭ گۇناھلىرىنىڭ مەغپىرەت قىلىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ» دېگەن سۆزىمۇ بىزنى كىرىزىس چاغلىرىدىمۇ ئىجابىيلىقنى قولدىن بەرمەسلىككە، تەمكىنلىك بىلەن ھاياتىمىزنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئۈندەيدۇ.

ئېيتىلىشىچە، بىر ئادەم ئوغلى بىلەن ئۇزۇن سەپەرگە چىققان بولۇپ، ئۇلار يۈك-تاقلىرىنى بىر ئېشەككە ئارتىپ ماڭغان ئىدى. يولنىڭ يېرىمىغا كەلگەندە، تۇيۇقسىزدىن ئېشەكنىڭ پۇتى سۇنۇپ كېتىدۇ. ئادەم ئوغلىغا: «ئاللاھ توسۇپ قالغان بالا بۇنىڭدىنمۇ چوڭدۇر» دەيدۇ، ئېشەكنى تەرك ئېتىپ، ئاتا-ئالا ھەربىرى ئۆزىنىڭ يۈكىنى ئۆزى يۈدۈپ مېڭىشقا مەجبۇر بولىدۇ. بىر ئاز ماڭغاندىن كېيىن، ھېلىقى ئادەمنىڭ پۇتى يارا بولۇپ كەتكەنلىكتىن نىر نەرسىنى كۆتۈرۈپ ماڭالمايدىغان ۋە پۇتىنى سۆرەپ ماڭىدىغان بولۇپ قالىدۇ، يەنىلا ئوغلىغا قاراپ: «ئاللاھ  توسۇپ قالغان بالا بۇنىڭدىنمۇ چوڭدۇر» دەيدۇ. ئوغۇل ئاتىسىنىڭ بۇ گېپىنى قەتئىي چۈشىنەلمەيدۇ، كۆڭلىدە «بۇنىڭدىنمۇ چوڭ بالا بارمىدۇ؟» دەيدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئوغۇل ئاتىسىنىڭ ۋە ئۆزىنىڭ يۈكىنى كۆتۈرۈپ مېڭىشقا مەجبۇر بولىدۇ. يولدا كېتىپ بارغىنىدا ئوغۇلنىڭ پۇتىنى يىلان چېقىۋالىدۇ ۋە يەرگە يىقىلىدۇ. ئاتىسى: «ئاللاھ  توسۇپ قالغان بالا بۇنىڭدىنمۇ چوڭدۇر» دەيدۇ. ئوغۇلنىڭ ئاچچىقى كېلىپ: «بۇنىڭدىن چوڭ بالا بارمۇ؟» دەيدۇ ۋە يولىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئۇلار مىڭ تەسلىكتە شەھەرگە يېتىپ كەلگىنىدە، شەھەردە ھەممە نەرسە يەر بىلەن يەكسان بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرۇپ ھەيران قالىدۇ. ئەسلىدە ئۇلار كېلىشتىن بۇرۇن بۇ شەھەردە يەر تەۋرىگەن ۋە شەھەر خارابىگە ئايلىنىپ قالغان ئىكەن. ئادەم ئوغلىغا قاراپ: «ئى ئوغلۇم! ئەگەر بىز يولدا ھېلىقى مۇسىبەتلەرگە ئۇچرىماي ۋاقتىدا شەھەرگە يېتىپ كەلگەن بولساق، بىزمۇ يەر تەۋرەشتە قازا تاپقان بولاتتۇق، ئاللاھ  بىزدىن توسۇپ قالغان بالا راستتىنلا چوڭ ئىكەن» دەيدۇ.

بىزنىڭ بېشىمىزغا كېلىدىغان خاپىلىقلارنى ۋە زىيان-زەخمەتلەرنى توسۇپ قېلىشقا كۈچىمىز يەتمىسىمۇ، ئىجابىيلىق ۋە ماسلىشىش بىلەن ئۇنىڭ زىيىنىنى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈرۈشكە كۈچىمىز يېتىدۇ.

 بۇ زاماندا ھەربىر ئىنساننىڭ قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىشى تۇيۇقسىز يۈز بېرىدىغان سەلبىي ھادىسىلەرگە دەرھال ئىجابىي مۇئامىلە قىلىش ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش ۋە ھادىسە بىلەن ماسلىشىش ئارقىلىق ئۇنىڭ زىيىنىنى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر.

ئۆتكەن زاماندا، بىر پادىشاھ خەلقىنى سىناش ئۈچۈن، يوغان بىر تاشنى ئادەملەر كۆپ ئۆتىدىغان بىر يولنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويدۇرۇپ، ئۇنىڭغا يېقىن بىر دەرەخنىڭ كەينىدە نازارەتچىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپتۇمىش. شۇ شەھەرنىڭ مەشھۇر بايلىرىدىن بىرى ھېلىقى يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، بۇ تاشنى كۆرۈپتۇ ۋە «بۇنى يول ئوتتۇرىسىغا قانداق نائەھلى قويغاندۇھە» دەپ تىللاپ قويۇپ ئۆتۈپ كېتىپتۇ. ئاندىن بىناكارلىقتا ئىشلەيدىغان بىر ئادەم يولدىن ئۆتۈۋېتىپ، «قانداق قاملاشمىغان ئىش بۇ؟» دەپ غۇدۇراپ قويۇپتۇ. ئاندىن يەنە بىر قانچە ياش يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، «بۇ قانداق قىلغىنىدۇ؟» دەپ ئاچچىقلىنىپ كېتىپ قاپتۇ. ئاندىن بىر دېھقان كېلىپ، تاشنى كۆرۈپ لام، جىم دېمەيلا تاشنى يۆتكىۋەتمەكچى بولۇپ تۇتۇش قىلىپتۇ، ئەمما كۈچى يەتمىگەچكە يولدىن ئۆتكەنلەردىن ياردەم سوراپ، تاشنى يۆتكىۋېتىپتۇ. تاشنىڭ ئاستىغا قارىسا بىر ساندۇق تۇرغۇدەكمىش، دېھقان ساندۇقنى ئېچىپ كۆرسە، ئىچىدە بىر قانچە تىللا ئالتۇن بىلەن بىر پارچە خەت چىقىپتۇ. خەتتە: «پادىشاھتىن بۇ تاشنى يولدىن ئېلىۋەتكەن ئەزىمەتكە سالام، بۇ، ھەرقانداق بىر مۈشكىلىدىن دەردلىنىشنىڭ ئورنىغا، ئۇنى ھەل قىلىشقا تىرىشقان ھەربىر ئىجابىي ئىنسانغا بېرىلگەن مۇكاپاتتۇر» دەپ يېزىلغان ئىكەن.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىماننى بايان قىلىپ: «ئىمان يەتمىش نەچچە شاخچە بولۇپ، يۇقىرىسى، "ئاللاھتىن باشقا ھېچبىر ئىلاھ يوقتۇر" دېگەن شاھادەت كەلىمىسى، تۆۋىنى يولدىكى ئەزىيەتنى ئېلىۋېتىشتۇر»[3] دەپ كۆرسەتكەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەدىستە يولدا كىشىلەرگە تاقىشىدىغان نەرسىلەرنى ئېلىۋېتىشتەك ئاددىي بىر ئىجابىيلىقنى ئىماننىڭ قاتارىدىن سانىغان. ئاللاھ تائالانىڭ ئىجابىي كىشىلەرگە بېرىدىغان مۇكاپاتىنى دۇنيانىڭ بىر قانچە تىللا ئالتۇنىغا قىياس قىلغىلى بولمايدۇ، ئۇنى بەندىنىڭ تەسەۋۋۇر قىلالىشى مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى بەندىدىن كېلىدىغان ئاددىي بىر ئىجابىيلىق ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدە ھەرگىز ئاددىي ئەمەستۇر. ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدىكى مۇكاپاتلار دۇنيانىڭ مۇكاپاتلىرىدىن ئەلۋەتتە كاتتىدۇر. )وَمَا عِنْدَ اللَّهِ خَيْرٌ وَأَبْقَى(  يەنى «ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى مۇكاپات ھەممىدىن ياخشىدۇر ۋە مەڭگۈلۈكتۇر»[4]. ئاللاھ تائالا بەندىنىڭ گۈزەل نىيىتىگە ۋە ئېسىل خىسلىتىگە قاراپ مۇكاپات بېرىدۇ. ئىشنىڭ چوڭ، كىچىكلىكى مۇھىم ئەمەس، مۇھىم بولغىنى ئىجابىي بولۇشتۇر. يۇقىرىقى ھەدىستىن يەنە دىننىڭ غايىسى ئاللاھ تائالاغا ئىمان ئېيتىش بىلەن مەخلۇقاتقا ياخشىلىق قىلىشقا مەركەزلەشكەنلىكىنى چۈشىنىۋېلىش قىيىن ئەمەس.

 ھاياتىمىزدا نۇرغۇنلىغان كىرزىسلارغا ئۇچراپ تۇرىمىز. ئەگەر بىز دەردلىنىشنىڭ ئورنىغا ئىجابىي ئىش قىلىش يولىنى تۇتساق، بۇ مۇشكىلىلەرنىڭ نۇرغۇنلىرىنى ناھايىتى ئوڭايلا ھەل قىلىپ كېتەلەيمىز. نۇرغۇن ئىشلارنى كۆزىمىزدە چوڭايتىۋېتىمىز، ئاندىن ئۆزىمىزنى راستتىنلا چوڭ مۈشكىلىگە يولۇققاندەك ئويلاپ دەردلىنىپ كېتىمىز. ئەگەر ئىجابىي بولۇپ، ھەر ئىشنىڭ ياخشى تەرىپىنى ئويلاپ ئىش كۆرسەك، بىز نۇرغۇنلىغان يۈكلىرىمىزنى يەڭگىللىتەلەيمىز.

([1]) تەۋبە سۈرىسى، 98_99- ئايەتلەر.
([2]) ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.
[3] ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.
[4] قەسەس سۈرىسى:60- ئايەت.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار