ھەمكارلىق دېگەن نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟

ھەمكارلىق دېگەن نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟

ھەمكارلىق— ئىنسانلار مەلۇم بىر مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىرلىشىپ قىلىدىغان ئوپچى ئەمگەك بولۇپ،  ئۆزئارا ياردەملىشىش دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ھەمكارلىقنىڭ باشقا ياردەم تۈرلىرىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان يېرى شۇكى، ھەمكارلىق بىرەر شەخسكە ئەمەس، بەلكى ئومۇمغا قارىتىلغان ۋە  بىرەر شەخسىي مەنپەئەت كۈتۈلمەيدىغان ياردەم تۈرىدۇر. ھەمكارلىق ئاددىيسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلەشتە ئۆزئارا ھەمكارلىشىشىدىن باشلاپ چوڭى دۆلەت قۇرۇشقىچە بولغان ھەممە ئىشتا تەلەپ قىلىنىدۇ. ئىنسانلار ئائىلە ئەزالىرى ئىچىدە، قوشنىلار ئارىسىدا، خىزمەتداشلار ئارىسىدا ۋە جەمئىيەتتىكى ھەممە ساھەدە ئۆزئارا ھەمكارلىشىشقا موھتاجدۇر.

 

ئۆزئارا ھەمكارلىشىشنىڭ ئەھمىيىتى نېمە؟

ئۆزئارا ھەمكارلىق ۋە بىر- بىرىگە ياردەملىشىش ئىنسانىي ئېھتىياج ۋە ئىجتىمائىي زۆرۈرىيەت بولۇپ، ئىنسانلار جەمئىيىتى ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ ياشاشقا موھتاج. چۈنكى ئىنسان ھاياتىدا نۇرغۇن ئىشلار ئۆزئارا ھەمكارلىشىش بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئاللاھ تائالا ھەربىر ئىنسانغا باشقىسىدا بولمىغان ئالاھىدىلىك ۋە قابىلىيەت ئاتا قىلغان بولۇپ، ئىنسانلار  بىر ئارىغا كېلىپ كۈچىنى ۋە ئەقلىنى بىرلەشتۈرگەندە ئۇلار چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقىرالايدۇ. دۇنيادا نۇرغۇن ئىشلار ئۆزئارا ھەمكارلىشىش بىلەنلا ئەمەلگە ئاشىدۇ. بىر تال ناننىڭ بىزنىڭ داستىخىنىمىزغا كېلىش جەريانىنى ئويلاپ كۆرىدىغان بولساق، ئۇنىڭ يەرنى ئۆرۈش، ئۇنىڭغا ئۇرۇق سېلىش، ئۇنى سوغۇرۇش، ئۇغۇتلاش، پەرۋىش قىلىش، پىشقان چېغىدا ئوراش، تارتىش، خېمىر قىلىش، پىشۇرۇش قاتارلىق باسقۇچلارنى باشتىن كەچۈرۈش جەريانىدا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھەمكارلىقى بىلەن نان بولۇپ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى كۆرىمىز. چۈنكى ھەمكارلىق ھاياتلىقنىڭ قانۇنىيىتى ۋە ئۇنىڭ تەقەززاسىدۇر. جامائەتنىڭ كۈچى شەخسنىڭ كۈچىدىن كۈچلۈك، جامائەتنىڭ پىكرى يالغۇز كىشىنىڭ پىكرىدىن ئەۋزەل، جامائەتنىڭ ئىشى شەخسنىڭ ئىشىدىن مۇكەممەل بولىدىغانلىقىدا شەك يوق.

خەلقىمىزدىمۇ ھەمكارلىشىشنىڭ مۇھىملىقىنى، ئومۇمغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىشنى كۈچ بىرلىكى بىلەن قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەيدىغان ماقال تەمسىللەر كەڭ تارقالغان. مەسىلەن:

بىرلەشكەن ئۇزار، ئايرىلغان تۇزار

يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقماس، چېڭى چىقسىمۇ دېڭى چىقماس.

ئىش ئۆملۈكتە، كۈچ بىرلىكتە.

پادىدىن ئايرىلغان قوينى بۆرە يەيدۇ.

 

دىنىمىز ھەمكارلىققا تەشەببۇس قىلىدۇ

دىنىمىز مۇسۇلمانلارنىڭ ياخشى ئىشلاردا ئۆزئارا ھەمكارلىشىشىنى پەرز قىلىپ بەلگىلىگەن. قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىگە قارايدىغان بولساق، ھەمكارلىقنىڭ ۋە ئۆزئارا ياردەملىشىشنىڭ بىر نەچچە خىل تەسۋىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى كۆرىمىز.

  ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇسۇلمانلارنى ئۆزئارا ھەمكارلىشىشقا بۇيرۇپ ۋە ھەمكارلىشىشنىڭ چەك- چېگراسىنى بايان قىلىپ ) وَتَعَاوَنُوا عَلَى الْبِرِّ وَالتَّقْوَى وَلَا تَعَاوَنُوا عَلَى الْإِثْمِ وَالْعُدْوَانِ( «ياخشى ئىشقا، تەقۋالىققا ياردەملىشىڭلار، گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ياردەملەشمەڭلار»[1] دەپ كۆرسەتكەن. ئايەتتىكى «ياخشى ئىش» ئىنسانىيەتكە مەنپەئەتلىك بولغان، زۇلۇم ۋە ناھەقچىلىككە قارشى تۇرىدىغان، ئادالەتنى ۋە ھەققانىيلىقنى قوللايدىغان ھەرقانداق ئىجابىي ھەرىكەتنى كۆرسىتىدۇ. «تەقۋالىق» ھەربىر مۇسۇلماننىڭ ئاللاھ تائالاغا قارىتا ۋە ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىگە قارىتا قىلىشقا تېگىشلىك مەجبۇرىيىتىنى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئىپادىلەيدىغان بىر سۆزدۇر. ئايەتتىكى «تەقۋالىققا» ياردەملىشىشتىن مەقسەت ھەربىر مۇسۇلماننىڭ، ھەربىر ئىنساننىڭ ئۆز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشقا ياردەملىشىش، ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلماسلىق ۋە ئورتاق مەجبۇرىيەتلەرنى ئۆزئارا ھەمكارلىق ئىچىدە ئېلىپ بېرىش دېگەنلىكتۇر. «گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ياردەملەشمەڭلار» دېگەنلىك زالىملارغا يانتاياق بولماڭلار، گۇناھكارلارغا يان بېسىپ ھەقىقەتنى يوشۇرماڭلار، زۇلۇمغا ئۇچرىغانلارنىڭ ئاۋازى بولۇڭلار، ناھەقچىلىككە ۋە زۇلۇمغا سۈكۈت قىلىپ تۇرماڭلار دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ. قۇرئان كەرىم بىز مۇسۇلمانلارنىڭ ھاياتلىق دەستۇرىمىز ۋە ئەڭ ئاساسلىق قانۇن كىتابىمىز. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  مۇسۇلمانلارنى ئۆزئارا ھەمكارلىشىشقا بۇيرۇپ مۇنۇلارنى ئېيتقان: «بىر مۇئمىن يەنە بىر مۇئمىن ئۈچۈن بىر-بىرىنى تۇتۇپ تۇرغان مۇستەھكەم بىناغا ئوخشاشتۇر»[2]، «مۇئمىنلەر بىر-بىرىگە ھېسداشلىق قىلىشتا ۋە بىر-بىرىگە كۆيۈنۈشتە بىر پۈتۈن بەدەنگە ئوخشايدۇ. بەدەننىڭ قايسىبىر يېرى ئاغرىسا، باشقا ئەزالارمۇ ئۇيقۇسىزلىق ۋە ئىسمىداش بىلەن بىئارام بولغاندەك(مۇئمىن ئادەممۇ بىرەر مۇئمىننىڭ بېشىغا كېلىشمەسلىك كەلسە شۇنداق بىئارام بولىدۇ)»[3].

قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىپلەردە كەلگەن ئەمر-پەرمانلارنىڭ ھەممىسى پەرزلىكنى ئىپادىلەيدۇ. يۇقىرىقى ئايەتتىكى  ياخشى ئىشقا ۋە تەقۋالىققا ھەمكارلىشىش، گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ياردەملەشمەسلىك ھەربىر مۇسۇلمان ئۈچۈن پەرز ئەيندۇر.

 

  ھەمكارلىقنى تەرك ئېتىشنىڭ زىيىنى نېمە؟

ئاللاھ تائالا بىزگە ) وَالَّذِينَ كَفَرُوا بَعْضُهُمْ أَوْلِيَاءُ بَعْضٍ إِلَّا تَفْعَلُوهُ تَكُنْ فِتْنَةٌ فِي الْأَرْضِ وَفَسَادٌ كَبِيرٌ ( «كاپىرلارمۇ بىر _ بىرى بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدىدۇر. ئەگەر سىلەر بۇنى (ئۆزئارا ھەمكارلىقنى) قىلمىساڭلار، يەر يۈزىدە پىتنە ۋە چوڭ قالايمىقانچىلىق تۇغۇلىدۇ»[4] دېيىش ئارقىلىق كاپىرلارنىڭ مۇسۇلمانلارغا قارشى ھەمىشە بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى، ئەگەر مۇسۇلمانلار ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش، زۇلۇمغا قارشى تۇرۇش ۋە ساختىلىقنى بەربات قىلىش ئۈچۈن، ئۆزئارا ھەمكارلاشمىسا، بىر  _ بىرىگە ئىگە بولمىسا، بىر-بىرىنى قۇتقۇزمىسا يەر يۈزىدە كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى بوزەك قىلىدىغان، باشقىلارنىڭ زېمىنىغا ۋە بايلىقىغا زورلۇق – زومبۇللۇق قىلىپ ئىگە بولۇۋالىدىغان بۇزغۇنچىلىق ۋە مۇستەملىكىدىن ئىبارەت چوڭ يولسىزلىق يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. مەشھۇر مۇپەسسىرلەردىن ئەللامە بەغەۋى ) فِتْنَةٌ فِي الْأَرْضِ وَفَسَادٌ كَبِيرٌ( « يەر يۈزىدە پىتنە ۋە چوڭ قالايمىقانچىلىق» دېگەن ئايەتنى «يەر يۈزىدە كۇفرىنىڭ كۈچلىنىپ كېتىشى ۋە ئىسلامنىڭ ئاجىزلىشىشى» دەپ تەپسىر قىلغان. بۇ ئايەتتىن مەلۇمكى،  مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىرچىلىقلارنىڭ سەۋەبى كۇفرى كۈچلىنىپ كاپىرلارنىڭ قۇدرەت تاپقانلىقى، ئىسلام ئاجىزلىشىپ مۇسۇلمانلارنىڭ زەئىپلەشكەنلىكىدۇر.

 



[1] مائىدە سۈرىسى: 2- ئايەت.
[2] ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.
[3] ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.
[4] ئەنفال سۈرىسى:73_ئايەت.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار