خائىنلارغا ۋە ساتقۇنلارغا ياخشى ئاقىۋەت يوق

 

خائىنلارغا ۋە ساتقۇنلارغا ياخشى ئاقىۋەت يوق

 

      مۇھەممەد يۈسۈپ

قەدىمدىن ھازىرغىچە «خائىن» دېگەن سۆز مىللەتكە ۋە ۋەتەنگە ئاشكارا ياكى يوشۇرۇن ئاسيلىق قىلىپ كەلگەن مەلئۇنلارغا قارىتىلىپ كەلگەن بىر ئاتالغۇ بولۇپ، ھازىرقى كۈندە ئۇنىڭ دائىرىسى كېڭىيىپ كەتكەن. زامانىمىزدا «خائىن» دېگەن سۆز ۋەتەن ۋە مىللەتكە ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغاننىڭ سىرتىدا، مۇناپىقلارنى، چېقىمچىلارنى، ئۆز مىللىتىنىڭ زىيىنىغا چاپىدىغان غالچىلارنى، ساتقۇنلارنى ۋە ھەقىقەتكە كۆز يۇمغۇچىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خائىنلار ۋەتەن ۋە مىللەتنى غاجايدىغان چاشقانلار، مىللەتنىڭ گوركارى، خەلقنىڭ قېنىنى يوشۇرۇغۇچى، ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ بېشىنى بېسىمدارلارغا سۇنغۇچى ئەبلەخلەردۇر.

خائىنلىق ۋە ساتقۇنلۇق ھەرقانداق بىللەتتە بار، ئەمما بىز ئۇيغۇرلاردا زىيادىسى بىلەن بار. مىللىتىمىز ئاشۇ خانىلارنىن ۋە ساتقۇنلارنىڭ زىيانلىرىنى بەك كۆپ تارتتى، ھەتتا بۈگۈنكى كۈنگە قېلىشىمغا ئاساسەن شۇ ئۆز مىللىتىمىزدىن چىققان ساتقۇنلار سەۋەب بولغان دېسەك مۇبالىغە بولماس. ئەمدى ھازىرمۇ خەتئەللەردە ئەركىن دۇنيادا يۈرۈپ ئۆزىنىڭ شۇ نىجىس جېنىنى بېقىش ئۈچۈن ئۇيغۇر مىللىتىگە زىيانكەشلىك قىلىۋاتقان خائىنلارنى بۇ مىللەت ھەرگىز كەچۈرمەيدۇ، ئاللاھ تائالامۇ ئۇلارنى ئەپۇ قىلمايدۇ. خائىنلار مەيلى ھايات بولسۇن، ياكى ئۆلگەن بولسۇن، ئۇلارغا لەنەت ئوقۇش، ئۇلارنىڭ ئەپتى – بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلاپ، كېيىنكىلەرگە ئىبرەت قىلىش ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ بۇرچىدۇر. شۇڭا چەتئەللەر نومۇس قىلماي بېشىنى ئۈستۈن كۆتۈرۈپ يۈرۈۋاتقان ۋە خائىنلىقى خەلقى ئالەمگە دەلىل – ئىسپات بىلەن تونۇلغان ئاشۇ ئەبلەخلەرنى يېتىم قالدۇرۇش ۋە ئۇلارغا سالاممۇ بەرمەسلىك لازىم. خائىنغا، مۇناپىققا سالام قىلمىسا گۇناھ بولمايدۇ.

 ئەرەبلەردە مۇندىن 15 ئەسىر ئىلگىرىكى ۋاقتىلاردىن بېرى ئەبۇ رىغال ئىسىملىك بىر ئادەم  ساتقۇنلۇقنىڭ بىردىنبىر سەلبىي ئۈلگىسى بولۇپ كەلگەن ئىكەن.  تاھازىرغىچە ئەدىبلە ئەسەرلىرىدە، شائىرلار شېئىرلىرىدە ئەبۇ رىغالغا لەنەت ئوقۇيدۇ.

     «مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى» دېگەن كىتابتا مۇنداق دەپ يېزىلغان: «مىلادىيە بەشىنچى ئەسىردىكى يەمەن پادىشاھى ئەبرەھە ئەرەبلەرنىڭ مەككىگە بېرىپ كەئبىنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن سەپەرۋەرلىك قىلىۋاتقانلىقىدىن قاتتىق بىئارا بولىدىكەن. ئۇلارنى توسۇشقا ئورۇنۇپ باقىدىكەن، ئەمما ئۇلارنى توسالمايدىكەن. شۇنداق قىلىپ ئۇلارنى مەككىگە بېرىشتىن توسۇش ئۈچۈن يەمەن پايتەختى سەنئا شەھىرىگە بىر كاتتا چېركاۋ بىنا قىلىدىكەن ۋە ئۇنى قۇللەيس چېركاۋى دەپ ئاتايدىكەن. ئاندىن تۇرماستىن كىشىلەرنى مەككىگە بېرىشنىڭ ئورنىغا بۇ چېركاۋغا بېرىپ زىيارەت قىلىشقا قاتتىق تەشەببۇس قىلىدىكەن. لېكىن ئادەملەر بۇ چېركاۋغا كۆنمەيدىكەن. بۇ ئارىدا ئەرەبلەردىن بىرى بۇ چېركاۋغا كىرىپ تەرەت قىلىپ قويىدىكەن. بۇنى ئاڭلىغان يەمەن پادىشاھ ئەبرەھەنىڭ غەزەبتىن ئەرۋايى چىقىپ، ئەرەبلەرنى ئۆزىگە جەلب قىلىۋالغان شۇ كەئبىنى يىقىتىپ تاشلاشقا قەسەم قىلىدىكەن. شۇنداق قىلىپ ئەبرەھە مىلادىيە 571 _ يىلى يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تۇغۇلغان يىلى نۇرغۇن پىللار بىلەن قوراللانغان زور بىر قوشۇن بىلەن مەككىگە قاراپ يولغا چىقىدىكەن. ئەبرەھە كۈچلۈك پادىشاھ بولغانلىقتىن، يول بويى ئۇنىڭ قوشۇنلىرىغا قارشى چىققان قەبىلىلەر ھەممىسى دېگۈدەك مەغلۇپ بولىدىكەن. قوشۇن ھازىرقى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ تائىف شەھىرىگە كەلگىنىدە، تائىف شەھىرىنىڭ ھاكىمى بۇ زور قوشۇنغا تەڭ كېلەلمەيدىغانلىقىنى بىلىپ، ئۇنىڭغا بويسۇنۇش ۋە مەككىگە ماڭغان قوشۇنغا تەگمەسلىك قارارىغا كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەبرەھەنىڭ تەلىپى بىلەن مەككىگە ماڭغان قوشۇنغا يول كۆرسىتىشكە ئەبۇ رىغال دەپ ئاتىلىدىغان بىر قۇلنى تەيىنلەپ ئۇنى قوشۇنغا يول باشلاشقا بۇيرۇيدىكەن. ئەبۇ رىغال كەئبىنى يىقىتماقچى بولغان قوشۇنغا يول باشلاپ ماڭغىنىدا، يول بويى پۈتۈن خەلق ئۇنىڭغا لەنەت ئوقۇيدىكەن، ئۇنى خائىن، ساتقۇن ۋە مۇناپىق دەپ تىللايدىكەن، ھەمدە ئۇنىڭ ئۆلۈمىنى تىلەيدىكەن. قوشۇن تائىفتىن چىقىپ مەككە يولىدىكى  مۇغەممەس دېگەن جايغا كەلگەندە، ئەبۇ رىغال نامەلەم بىر  سەۋەب بىلەن ئۆلىدىكەن ۋە شۇ جايغا دەپنە قىلىنىدىكەن. شۇنىڭدىن بېرى تا ھازىرغىچە مۇغەممەس دېگەن شۇ جايدىن ئۆتكەن ھەر قانداق ئادەم ئەبۇ رىغالغا لەنەت ئوقۇپ، ئۇنىڭ قەبرىسىگە ئەخلەت ۋە گىزەندىلەرنى تاشلاپ قويۇپ ئۆتۈپ كېتىدىكەن».

ئەبرەھە قوشۇنى مەككىگە قاراپ يول ئالماقتا

    يەنە ئىسلام تارىخى  ھەققىدە يېزىلغان كىتابلاردا قەيت قىلىنىشىچە، ئەبرەھەنىڭ قوشۇنلىرى ھېچبىر قارشىلىقسىز مەككىگە يېتىپ بارىدىكەن. ئۇلار مەككىگە كىرىشتىن ئاۋۋال مەككىنىڭ ئاقساقىلى ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بوۋىسى بولغان ئابدۇلمۇتتەلىبكە ئەلچى ئەۋەتىدىكەن. ئەلچى ئابدۇلمۇتتەلىبنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ، يەمەن پادىشاھى ئەبرەھە مەككىگە كىرمەكچى، بىراق ئۇنىڭ مەقسىتى سىلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئەمەس، بەلكى كەئبىنى يىقىتىپ تاشلاشتۇر. شۇڭا سىلەر قارشىلىق كۆرسەتمىسەڭلار سىلەرگە زىيان _ زەخمەت يەتكۈزمەيدۇ، دېگەن ئاساستا ئەلچىلىكنى ئادا قىلىدۇ ۋە ئابدۇلمۇتتەلىبنى ئەبرەھە بىلەن كۆرۈشتۈرمەكچى بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئەلچى ئەبرەھەگە  ئابدۇلمۇتتەلىبنىڭ مەككىلىك ئەرەبلەرنىڭ ئاقساقىلى ۋە ئېسىل پەزىلەتلىك بىر ئادەم ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ئۇنى تونۇشتۇرىدۇ. ئابدۇلمۇتتەلىب ناھايىتى ھەيۋەتلىك ۋە كېلىشكەن بىر ئادەم بولغانلىقتىن، ئۇنى كۆرگەن ئەبرەھە ئۇنىڭغا ئالاھىدە چوڭ ئىلتىپات كۆرسىتىپ، ئۆزىنىڭ تەختىنىڭ يېنىدا ئولتۇرغۇزىدۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلىشىپ، قانداقلا بىر تەلىپى بولسا ئورۇندايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئابدۇلمۇتتەلىپ پادىشاھقا: سىزنىڭ ئادەملىرىڭىز مېنىڭ ئىككى يۈز باش تۆگەمنى مۇسادىرە قىلىپ ئېلىۋاپتۇ. شۇنى ماڭا قايتۇرۇپ بېرىڭلار، باشقا تەلىپىم يوق، دەيدۇ. بۇنى ئاڭلىغان ئەبرەھە ھەيران بولۇپ، ئابدۇلمۇتتەلىبكە:  ئەي ئاقساقال! مەن سېنى خېلى پەزىلەتلىك، ئېسىل ئادەم ئوخشايدۇ، دەپ ئويلاپ قاپتىمەن. ئەمما سەن ئۇنداق ئەمەسكەنسەن. پۈتۈن مەككىلىكلەر ۋە ئەتراپتىكى ئەرەبلەر ئۇلۇغلاپ كەلگەن كەئبىنى يىقىتىپ تاشلايمەن دەپ تۇرسام، سەن ئۇنى سورۇۋالالماستىن، ئىككى يۈز تۆگەڭ بىلەن قالغىنىڭنى قارىمامسەن؟ دەيدۇ. ئابدۇلمۇتتەلىب پادىشاھقا: تۆگىلەر ماڭا ئائىت شۇڭا ئۇنى مەن قوغدىشىم كېرەك. ئەمما كەئبە ئاللاھقا ئائىت، ئۇنى ئۆزى قوغدايدۇ، دەيدۇ. سۇنىڭ بىلەن ئەبرەھە ئابدۇلمۇتتەلىبكە ئىككى يۈز تۆگىسىنى قايتۇرۇپ بېرىشكە ئەمر قىلىدۇ ۋە كەئبىنى يىقىتىش ئۈچۈن يولىغا  داۋام قىلىدۇ.

كەئبىنى يىقىتماقچى بولغان قوشۇننىڭ ئاقىۋىتى

   يەنە مەزكۇر تارىخ كىتابلىرىدا قەيت قىلىنىشىچە، ئەبرەھە قوشۇنى پىللارنى ئالدىغا سېلىپ كەئبىنى يىقىتىشقا كىرىشىدۇ. ئەمما پىللار كەئبىنىڭ يېنىغا كېلىپ بولۇپ، ئالدىغا ئىلگىرلىمەستىن تۇرۇۋالىدۇ. ئەسكەرلەر پىللارنى ئۇرىدۇ ۋە ئالدىغا مېڭىشقا چاقىرىدۇ. ئەمما پىللار تۇرغان يېرىدىن قوزغالمايدۇ. شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە بىردىنلا ئاسماندا  توپ _ توپ قوشلار پەيدا بولىدۇ ۋە بۇ قۇشلارنىڭ ھەربىرى ئاغزىدىن تاشلار ياغدۇرۇپ، ئەبرەھە ئەسكەرلىرىنىڭ ھەممىسىنى ھالاك قىلىپ تۈگىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن كەئبە ئەبرەھە قوشۇنلىرىنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىنىپ قالىدۇ. شۇ ۋەقەلىك ھەققىدە قۇرئان كەرىمدىن مۇنۇ ئايەت چۈشىدۇ: ]رەببىڭنىڭ پىل ئىگىلىرىنى قانداق قىلغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟  ئۇ ئۇلارنىڭ سۇيىقەستلىرىنى بەربات قىلمىدىمۇ؟  ئۇ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە توپ ـ توپ قۇشلارنى ئەۋەتتى. قۇشلار ئۇلارغا ساپال تاشلارنى ئېتىپ، ئۇلارنى چاينىۋېتىلگەن ساماندەك قىلىۋەتتى[[1].

بۇ قىسسىدىكى ئىبرەتلەر

بۇ قىسسىدە3 چوڭ ئىبرەت بار.

1. ئۆز ۋەتىنىگە خائىنلىق قىلغان، دۈشمەنلەر بىلەن ھەمكارلاشقان ساتقۇنلار پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ تىلىدا تا قىيامەتكىچە لەنەتكە ئۇچرايدۇ. 

2. ئاللاھقا قارشى چىققانلار ئىبرەتلىك ھالدا جازالىنىدۇ. ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ ئۆز جازاسىنى كۆرمىگەنلىكىگە ھەيران قالماڭ، ئاللاھ تائالانىڭ ئارغامچىسى ئۇزۇن. ئۇلارنى جازالىماي قالمايدۇ. كەئبىنى يىقىتماقچى بولغان ئەبرەھەنىڭ نابۇت بولغانلىقى بىزگە شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، ئاللاھنىڭ دىنى بىلەن ئويناشقانلار چوقۇم مەغلۇپ بولىدۇ. ھازىرقى كۈندە مۇسۇلمانلارنى دىنىي پائالىيەتلىرىنى ئەركىن ئېلىپ بېرىشتىن، ۋە دىنىي يوسۇندا كىيىنىشتىن توسۇپ كېلىۋاتقان ۋە ئۇلارنى نابۇت قىلماقچى بولغان زالىملار ئۆزلىرىنىڭ ئەجىلىنىڭ ئاز قالغانلىقىنى كۈتسە بولىدۇ. چۈنكى پىرئەۋەن، قارۇن، ئەبۇ جەھل قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ دىنىغا قارشى چىقىپ ئاخىرى ئۆزلىرى مەغلۇپ بولغانلاردۇر.

3. مەغلۇبىيەتنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىدىن بىرى ئىشەنچنىڭ يوقىلىشى، روھىي مەنىۋىيەتنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى ۋە ئىماننىڭ ئاجىزلىقىدۇر. كاشكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بوۋىسى ئابدۇلمۇتتەلىبتە بولغان ئىشەنچ ئەگەر ھازىرقى مۇسۇلمانلاردا بولغان بولسا ئىدى، ئەھۋال باشقىچە بولغان بولار ئىدى، مۇسۇلمانلار ئاسارەتتىمۇ قالمىغان بولار ئىدى.



[1] مائۇن سۈرىسى.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار