چوقۇم قىلالايسىز

چوقۇم قىلالايسىز

مۇھەممەد يۈسۈپ

بەزى كىشىلەر ئۆزىنى گۈزەل ئەخلاقلىق، ئېسىل – پەزىلەتلىك قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقالىشىغا ئىشەنمەيدۇ، ئۈمىدسىزلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنى تاشلىۋېتىدۇ. بۇ قەتئىي توغرا ئەمەس. ئىنساندا ئۆزىنى ئۆزگەرتىشكە ئىرادە بولسىلا چوقۇم ئۆزگىرەلەيدۇ. چۈنكى ئىنسان ئۆگىنەلمەيدىغان ۋە ئۆزىنى كۆندۈرەلمەيدىغان ھېچقانداق ئىش يوقتۇر. ھەتتا ئىنسان سېرىكچىلەر كۆندۈرىدىغان شىردىنمۇ بەك كۆنگەكتۇر. پىسخىكا مۇتەخەسسىسلىرى «ئادەم بىر ئىشنى 21 كۈن قىلسا ئۇنىڭغا ئادەتلىنىپ كېتىدۇ» دەپ قارايدۇ.

 ئەخلاق تەبىئىي ئەخلاق ۋە يېتىلدۈرۈلگەن ئەخلاق دەپ ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:

تەبىئىي ئەخلاق __ يارىتىلىشتىن بىرى ئىنساندا بولۇپ كەلگەن تەبىئىي (تۇغما) ئەخلاق.

يېتىلدۈرۈلگەن ئەخلاق __ يارىتىلىش تەبىئىتىدە بولمىسىمۇ، كېيىنچە ئۆگىنىپ تەربىيە يولى بىلەن يېتىلدۈرۈلگەن ئەخلاقتۇر.

بەزى كىشىلەرنىڭ ئەخلاقى تەبىئىي ئەخلاق بولۇپ، بۇ ئەخلاق ئۇلارنىڭ بالىلىق چاغلىرىدىلا ئىپادىلىنىشكە باشلايدۇ، ئۇلار ئەخلاق قائىدىلىرىگە ئۆزلۈكىدىن تەبىئىي ھالدا رىئايە قىلىدىغان كېلىدۇ. بۇ تەبىئىي ئەخلاقنىڭ ئىپادىسىدۇر.

بەزى كىشىلەرنىڭ ئەخلاقى تەلىم _ تەربىيەنىڭ  ياكى ئىجتىمائىي مۇھىتنىڭ، ياكى ھاياتلىقتىن ئالغان تەجرىبىلەرنىڭ تۈرتكىسى بىلەن يېتىلدۈرۈلگەن ئەخلاق بولۇپ، بۇ ئۆگىنىلگەن ياكى يېتىلدۈرۈلگەن ئەخلاق دەپ ئاتىلىدۇ.

لېكىن بىراۋنىڭ ئەخلاقنى يېتىلدۈرۈشى ئۈچۈن ئۇنىڭدا ئەخلاقنى قوبۇل قىلىدىغان تەبىئىي قابىلىيەت بولۇشى شەرتتۇر. بۇ خۇددى قانداقلا بىر ماھارەتنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئۇنىڭغا مۇناسىپ قابىلىيەت تەلەپ قىلىنغىنىغا ئوخشاشتۇر. ئىنساندا بىرەر ماھارەتنى ئۆگىنىش ئۈچۈن شۇ ماھارەتكە نىسبەتەن تەبىئىي قابىلىيەت بولسا، ئۇنى چوقۇم ئۆگىنىپ كېتەلەيدۇ. ئەكسىچە، ئادەمدە شۇ ماھارەتكە نىسبەتەن تەبىئىي قابىلىيەت بولمىسا، ئۇنى ئۆگىنەلمەيدۇ.

شۇنداقلا، ئىنساننىڭ ئەزالىرىمۇ شۇنداق بولۇپ، بىرەر ماھارەتنى ئۆگىنىش قابىلىيىتى بولغان ئەزا مەشىق قىلىش يولى بىلەن شۇ ماھارەتنى ئۆگىنىپ كېتەلەيدۇ. مەسىلەن: قول خەت يېزىشنى، رەسىم سىزىشنى ۋە باشقىمۇ ماھارەتلەرنى ئۆگىنىشكە نىسبەتەن تەبىئىي قابىلىيەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن قولنى كۆندۈرۈش ۋە مەشىق قىلدۇرۇش ئارقىلىق كېرەكلىك ماھارەتلەرنى ھاسىل قىلغىلى بولغان بىلەن، قۇلاقتا مەشىق قىلىش ئارقىلىق ئاڭلاش ماھارىتىنى يېتىلدۈرۈش قابىلىيىتى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، قۇلىقى ئاڭلىمايدىغان ئادەمنىڭ ئاڭلاش قابىلىيىتىنى مەشىق بىلەن ھاسىل قىلالمىغىنىغا ئوخشاش گۈزەل ئەخلاقنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۆزىدە تەبىئىي تەييارلىق ياكى قابىلىيەت بولمىغان ئادەم  ئۆگىنىش، تەلىم ئېلىش ۋە باشقا چارىلەر بىلەنمۇ ئۆزىدە گۈزەل ئەخلاقنى يېتىلدۈرەلمەيدۇ.

ئىنساندىكى ئەخلاق ئۆگىنىش قابىلىيىتى

ئۆزىدە گۈزەل ئەخلاقلارنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن تەبىئىي قابىلىيەت بولغان ھەر قانداق ئەقىللىك ئىنسان ئەخلاقىنى ئىسلاھ قىلىش يولىدا تىرىشچانلىقلا كۆرسىتىدىكەن، ئۇ چوقۇم گۈزەل ئەخلاقلارنى ھاسىل قىلالايدۇ. مەسىلەن: تېز ئاچچىقلىنىدىغان ئادەم ئاچچىقى كەلگەندە ئۆزىنى تۇتۇۋالىدىغان ئېغىر  ھاسىل قىلىش ئۈچۈن قەتئىي نىيەتكە كېلىپ ، بەل باغلاپ تىرىشچانلىق كۆرسەتسە، تەربىيە يولى بىلەن ئۇ چوقۇم ئېغىر بېسىقلىقنى ھاسىل قىلالايدۇ.

ئەڭ ئۇچىغا چىققان شەخسىيەتچى ئادەممۇ ئەگەر ئۇنىڭدا سېخىيلىققا ئادەتلىنىش ئۈچۈن تەبىئىي قابىلىيەت ۋە تەبىئىي تەييارلىق بولۇپ، سېخىيلىققا ئادەتلىنىشكە چىن ئىرادە تىكلىسە، تەربىيە يولى بىلەن ئۇ چوقۇم سېخىيلىققا ئادەتلىنىدۇ ۋە سېخىيلىقتىن ئىبارەت بۇ گۈزەل ئەخلاقنى ئۆزىدە يېتىلدۈرەلەيدۇ. مۇنداق بىر شەخسىيەتچى ئادەم بىردىنلا باشقىلارنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلەپ، ئۆز مەنپەئەتىدىن ۋاز كېچىش دەرىجىسىگە يېتەلمىسىمۇ، ئۇ باشقىلارغا ئۆتەشكە تېگىشلىك ھەق _ ھوقۇقلارنى ئادا قىلىشى ئۈچۈن يېتەرلىك مىقداردا سېخىيلىقنى يېتىلدۈرەلەيدۇ. باشقا ئەخلاقىي پەزىلەتلەرنىڭ ھەممىسى بۇنىڭغا ئوخشاش بولۇپ، ئۆزىدە تەبىئىي قابىلىيەت بولۇش شەرتى بىلەن ھاسىل قىلىش يولىدا تىرىشقان ھەر قانداق ئادەم چوقۇم ئۇنى ھاسىل قىلالايدۇ.

گۈزەل ئەخلاقلارنى يېتىلدۈرۈش چارىلىرى

شەكسىزكى، گۈزەل ئەخلاقلارنى يېتىلدۈرۈشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك چارىسى تەربىيەدۇر!

ئىسلام دىنى ئەخلاق تەربىيەسىگە ئالاھىدە زور ئەھمىيەت بەرگەن بولۇپ، ئەخلاق تەربىيەسى ئىمان تەربىيەسى بىلەن بىر ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇ سەۋەبتىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىك ھاياتىنىڭ كۆپرەكىنى ئىمان بىلەن ئەخلاقنى تۇرغۇزۇش يولىغا ئاتىغانلىقىمۇ ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. 

ئىنسان تەبىئىتى بىر خىل بولمىغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ بىرىگە مۇناسىپ كەلگەن تەربىيە چارىسى يەنە بىرىگە مۇناسىپ كەلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام تەربىيەسى پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ تەبىئىتىگە مۇناسىپ كېلىدىغان تەربىيە ۋاسىتىلىرىنىڭ ھەممىسىنى قوللانغان.

كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىدە ئىسلام ئەخلاقىنى يېتىلدۈرۈشى ئۈچۈن ئىسلام دىنىنىڭ ئۇلارغا تەقدىم قىلغان تەربىيە چارىلىرى: ئەمەلىي مەشىق ، ياخشى مۇھىت، ياخشى ئۈلگە، مۇسۇلمان جەمئىيىتىنىڭ ئىجتىمائىي بېسىمى قاتارلىقلاردۇر.

1. ئەمەلىي مەشىق 

نەپسنى ئىشتىھا قىلغان ۋە ھەۋەس قىلغان ئىشلىرىدىن مەھرۇم قىلىش ۋە ئۇنى شۇنداق قىيىنچىلىقلارغا چېنىقتۇرۇش گۈزەل ئەخلاقلارنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئېسىل _ پەزىلەتلەرگە ئادەتلىنىشنىڭ چارىلىرىدىن بىرىدۇر. بۇنداق مەشىقلەر دەسلەپتە ئىنسانغا ئېغىر تۇيۇلسىمۇ، كېيىنچە ئۇنى قىيىن كۆرمەيدىغان بولۇپ كېتىدۇ. بۇ خۇددى جىسمانىي جەھەتتىن چېنىقىش ئارقىلىق بەدەننى كۈچلەندۈرگەنگە ئوخشاش ئىش.

ئىنساندا ئەخلاقىي پەزىلەتلەرنى قوبۇل قىلىشقا تەبىئىي ئىقتىدار ۋە قابىلىيەت بولغانلىقى ئۈچۈن تەربىيە دەيدىغان نەرسە مەۋجۇت . ئەگەر ئىنساننىڭ ئەخلاقىي قەتئىي ئۆزگەرمەيدىغان ۋە ئىسلاھ قىلىنمايدىغان بولسا ئىدى،  ئىنسان ھاياتىدا تەربىيەنىڭ ئەھمىيىتى بولمىغان بولاتتى.

ئەمما ئىلاھىي تەلىماتلار بىلەن رېئاللىقتىكى تەجرىبىلەرنى ئاساس قىلغان تەربىيە مېتودلىرى ئىنسان تەبىئىتىدە تەربىيەنى قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى بارلىقىنى ئىسپاتلاپ كەلمەكتە. تەربىيەچىلەر ، ئۇستازلار ۋە مۇئەللىملەر بۇ مېتودقا ئاساسلانغان ھالدا، يېڭى ئەۋلادلارنى تەربىيەلەش ئىشلىرىنى ئېلىپ بارماقتا.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «ئىلىم دېگەن ئۆگىنىش بىلەن، سەۋر دېگەن سەۋرچانلىققا ئادەتلىنىش بىلەن ھاسىل بولىدۇ.»

يەنە بىر ھەدىستە: «ئىپپەتلىك بولۇشنى خالىغان كىشىنى ئاللاھ ئىپپەتلىك قىلىدۇ، كىشىلەردىن بىھاجەت بولۇشنى خالىغان كىشىنى ئاللاھ بىھاجەت قىلىدۇ، سەۋرچانلىقنى مەشىق قىلغان كىشىنى سەۋرچان قىلىدۇ»( ) دەپ كەلگەن.

نەپسنى يىغىش، ئۇنىڭ ھەۋەسلىرىنى رەت قىلىش ۋە كۆڭلى خالىمىسىمۇ ئۆزىنى ياخشى ئىشقا ۋە ئېسىل پەزىلەتكە زورلاشتىن ئىبارەت جاپالىق مەشىق بىلەن گۈزەل ئەخلاقلارنى يېتىلدۈرۈش ئەلۋەتتە مۇمكىندۇر. مەسىلەن: تىز ئاچچىقلىنىدىغان ئادەم ئۆزىدە ئېغىر بېسىقلىقتىن ئىبارەت گۈزەل ئەخلاقنى يېتىلدۈرۈش يولىدا دەسلەپتە قىيىنچىلىق تارتسىمۇ، ئەمەلىي مەشىقنى داۋام قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئاخىرى  ئېغىر بېسىقلىقنى ھاسىل قىلالايدۇ. باشقا ئەخلاق تۈرلىرىمۇ شۇنىڭغا ئوخشايدۇ.

2. ياخشى مۇھىت ۋە پەزىلەتلىك جەمئىيەت

پەزىلەتلىك جەمئىيەت __ ئىنسانىي خىسلەتلەرنى، ئىسلامىي گۈزەل ئەخلاق ۋە ئالىي پەزىلەتلەرنى ئۆزلىرىگە مۇجەسسەم قىلغان، ياخشى قىلىق ۋە ياخشى ئادەتلەرنى ياقتۇرىدىغان، يامان ئادەت ۋە يامان قىلىقلارنى، شۇنداقلا ناچار ئەخلاقلارنى يامان كۆرىدىغان ئىنسانلار توپلىمىدىن تەركىب تاپقان جامائەتچىلىكتۇر.

پەزىلەتلىك جەمئىيەت «قۇرئان كەرىم»دىكى: ﴿كُنْتُمْ خَيْرَ أُمَّةٍ أُخْرِجَتْ لِلنَّاسِ تَأْمُرُوْنَ بِالْمَعْرُوْفِ وَتَنْهَوْنَ عَنِ الْمُنْكَرِ وَتُؤْمِنُوْنَ بِاللّهِ﴾ يەنى ﴿سىلەر ئىنسانلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان، ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسىدىغان، ئاللاھقا ئىمان ئېيتىدىغان ئەڭ ياخشى ئۈممەتسىلەر﴾ دېگەن ئايەتتە ماختالغان ئىنسانلار ياشايدىغان جەمئىيەتتۇر.

ياخشى مۇھىت ۋە پەزىلەتلىك جەمئىيەتكە چۆكۈپ شۇ جەمئىيەت ئىنسانلىرى بىلەن بىرگە ياشاش ئارقىلىق شۇ جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ ئەخلاق _ پەزىلەتلىرىنى، ياخشى ئادەتلىرىنى ئۆگىنىپ يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ. چۈنكى ئىنسان ئۆزى ياشىغان جەمئىيەتنىڭ ۋە شۇ جەمئىيەتتىكى ئىنسانلارنىڭ تەسىرى ئاستىدا قالغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ ئادەتلىرىنى ۋە ئەخلاقىنى ئىختىيارى ۋە ئىختىيارسىز ھالدا قوبۇل قىلىدۇ، شۇ جەمئىيەت كىشىلىرى ياقتۇرغاننى ياقتۇرىدىغان، ئۇلار يامان كۆرگەننى يامان كۆرىدىغان بولۇپ قالىدۇ. شۇنداق قىلىپ شۇ جەمئىيەت كىشىلىرىدىكى ئەخلاق _ پەزىلەتلەرنى ئۆزىگە ئۆزلەشتۈرىدۇ.

تىلىدا راستچىللىق، ئادىتىدە ۋاپادارلىق، مۇئامىلىسىدە ئادالەتپەرۋەرلىك ئىپادىلىنىپ تۇرىدىغان ئۈلگىلىك بىر جەمئىيەتتە ياشىغان ئادەم ئۈچۈن بۇ جەمئىيەت كىشىلىرىنىڭ ئېسىل ئادەتلىرىگە خىلاپلىق قىلىش ئاسانغا توختىمايدۇ. كۆڭلى خالىمىسىمۇ بۇ ئادەتلەرگە ئۆزىنى كۆندۈرۈشكە تىرىشىدۇ. شۇنداق قىلىپ بۇ جەمئىيەتنىڭ ئەخلاقىنى ئۆزىدە يېتىلدۈرىدۇ. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئۇ شۇ جەمئىيەتكە ۋەكىللىك قىلالايدىغانلار قاتارىدىن بولۇپ قالىدۇ.

مەسىلەن: بېخىل ئىنساندىن بىرى ئەخلاق _ پەزىلەتلىك ۋە ساخاۋەتلىك بىر جەمئىيەتتە ياشىسا، ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن شۇ جەمئىيەت كىشىلىرىنىڭ سېخىيلىقىدىن مەلۇم مىقدارنى ئۆزىگە يەرلەشتۈرەلەيدۇ.

قورقۇنچاق بىرى قورقۇشنى بىلمەيدىغان بىر جەمئىيەت كىشىلىرى بىلەن ياشاش ئارقىلىق ئۆزىدىكى قورقۇنچاقلىق نىسبىتىنى تۆۋەنلىتەلەيدۇ.

ئەكسىچە، ئەخلاق _ پەزىلەتتىن نېسىۋىسى بولمىغان جەمئىيەتتە ياشىغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى شۇ جەمئىيەتنىڭ يامان ئادەتلىرى ۋە ناچار ئەخلاقلىرىنى بىلىپ _ بىلمەي قوبۇل قىلغانلىقتىن گۈزەل ئەخلاقتىن مەھرۇم قالىدۇ.

3. ياخشى ئۈلگە 

ياخشى ئۈلگە __ ئەخلاق _ پەزىلەت ئۈچۈن ئەڭ ياخشى مىسال بولالايدىغان ئەمەلىي ئۈلگە دېمەكتۇر. بۇنداق ئۈلگە ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭغىلى بولىدىغان ھېسسىي ئۈلگە بولغىنىدەك، ئۇنىڭ ئىش _ ئىزلىرىنى ۋە سۈرىتىنى تارىخلاردىن، قىسسىلەردىن ئوقۇش ئارقىلىق زېھىنىلەرگە كەلتۈرگىلى بولىدىغان مەنىۋى ئۈلگە ھەم بولالايدۇ.

ياخشى ئۈلگە شەخسلەر ئۈچۈن ئۈلگىلىك شەخسلەردىن، كوللېكتىپ ئۈچۈن ئۈلگىلىك جامائەتتىن تەسىرات ئېلىش ئارقىلىق ھاسىل بولىدۇ.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار