تىل بىلەن دىلنىڭ مۇناسىۋىتى

 

 

تىل بىلەن دىلنىڭ مۇناسىۋىتى

 

مۇھەممەد يۈسۈپ

تىل دىلدىكىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن يارىتىلغان ئورگان بولۇپ، تىلنىڭ ۋەزىپىسى دىلدىكىلەرنى ئەينەن بايان قىلىپ بېرىشتۇر. ئەكسىچە بولغاندا، مۇناپىقلىق مەيدانغا كېلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇناپىقلارنى سۆكۈپ مۇنداق دېگەن: )يَقُولُونَ بِأَلْسِنَتِهِمْ مَا لَيْسَ فِي قُلُوبِهِمْ( يەنى «ئۇلارنىڭ تىلى بىلەن ئېيتقىنى دىلىدىكى سۆز ئەمەس»[1]. ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسى تۈزەلمىسە، ئۇنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىنىڭ پارلاق بولغانلىقىنىڭ قىلچە پايدىسى بولمايدۇ. ئىنساننىڭ ئاۋۋال دىلىنى پاكلىماي تۇرۇپ، تىلىنى پاكلىغانلىقى ئىشقا يارىمايدۇ. شۇڭا ئاۋۋال قەلبنى تۈزەشكە ئەھمىيەت بېرىش لازىم.

ئەللامە مۇھەممەد غەززالىي «ھاياتىڭىزنى يېڭىلاڭ» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەپ يازغان: «دۇنيادىكى دىنلارنىڭ ھەممىسى كىشىلەرنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ئىسلاھ قىلىشنى ئالدىنقى ئورۇندا قويۇشىنىڭ ھېكمىتى شۇكى، تاشقى جەھەتتىكى مەنزىرە ھېچ نەرسىگە ئەرزىمەيدۇ. ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ئۆزگەرتمەي تۇرۇپ ئۇنىڭ تاشقى قىياپىتىنى ئۆزگەرتىشنىڭ پايدىسى يوق. شۇڭا دىنلارنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى كىشىلەرنىڭ دىلىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئۇلارنى ئىچكى دۇنياسىدىن ئىسلاھ قىلىپ چىقىشتۇر. بىر ئادەمنىڭ مۇسۇلمانلىقىمۇ ئۇنىڭ دىلىدىكى ئىمانى ئېتىبارى بىلەن قىممەتكە ئېرىشىدۇ. دېھقاننىڭ يەرنى ھەيدەپ، ئۇرۇقنى جايىدا سېلىپ، سۇغۇرۇپ دېھقانچىلىقنىڭ تەلەپلىرىنىڭ ھەممىسنى ئورۇندىماستىن، «ئاللاھ مول ھوسۇلدا زىيان تارتىشتىن ساقلىسۇن» دېگەنلىكىنىڭ ھېچنېمىگە پايدىسى بولمىغاندەك، ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆگىنىش قىلماستىن ۋە تولۇق تەييارلىق قىلماستىن، «ئاللاھ سىنىپتا قېلىشتىن ساقلىسۇن» دېگەنلىكىنىڭ پايدىسى يوقتۇر. شۇنداقلا بىرەر مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ نەپسىنى يىغماي تۇرۇپ، «ئى ئاللاھ! مېنى شەيتاننىڭ يامانلىقىدىن ساقلىغىن» دەپ دۇئا قىلسا، ئۇنىڭ پايدىسى يوقتۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى ئىشلىمەستىن، سەۋەب قىلماستىن، دۇئا بىلەنلا مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ئەمەس، سەۋەب بىلەن ئاللاھقا تايىنىشقا بۇيرۇغان. ئەگەر سەۋەب قىلماستىن دۇئا بىلەنلا ئىش ھەل بولىدىغان بولسا ئىدى، ئىنسانىيەتنىڭ ئۈلگىسى بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام سەۋەب قىلمىغان ۋە ئىشلىمىگەن بولاتتى. ئەمما تارىخ بۇنىڭغا گۇۋاھكى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھتىن نېمىنى تىلىسە، ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ماددىي سەۋەبلىرىنى تولۇق ئورۇندايتتى، نېمىدىن پاناھ تىلىسە، ئالدى بىلەن ئۇنىڭدىن يىراق تۇراتتى. ھەر ئىشتا ئۇنىڭ تىلى بىلەن دىلى ۋە ئەمەلىيىتى بىردەك ئىدى».

قىلمايدىغان ئىشنى قىلىمەن دېيىش ئالدامچىلىقتۇر

مەزكۇر ئەسەردە يەنە مۇنداق دەپ يېزىلغان: «ئىنسان بىرەر ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا يۈرىكىدىن بەل باغلاپ ئۇنىڭغا نىيەت قىلسا، مەيلى ئۇنى ئېغىزى بىلەن ئىپادىلىسۇن ياكى ئىپادىلىمىسۇن، ئاللاھ چوقۇم ئۇنىڭغا ياردەم بېرىدۇ. چۈنكى ئاللاھ ھەمىشە راستچىللار بىلەن بىللىدۇر. ئەمما ئىنسان قىلىش نىيىتى يوق ئىشلارنى قىلىمەن دەپ قويسا ياكى قىلماقچى بولسىمۇ ئۇنىڭ سەۋەبلىرىنى قىلمىسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا ياردەم قىلمايدۇ. چۈنكى قىلمايدىغان ئىشلىرىنى سۆزلەپ كىشىلەرنىڭ كۆزىنى بويىغۇچىلار ئاخىرقى ھېسابتا زىيان تارتقۇچىلاردۇر. نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئەڭ چوڭ كرزىسى يالغان ۋەدە قىلىش، سۆزىدە تۇرماسلىقتىن ئىبارەتتۇر. سۆزىدە تۇرمايدىغانلار، ئىنسانلارنى ئالداپ جان باقىدىغانلار دۇنيادا رەسۋا بولماي، ئاخىرەتتە خارلانماي قالمايدۇ. چۈنكى ئالدامچىلار ئاللاھنىڭ غەزىپىگە لايىق بولغاندەك، خەلقنىڭ نەپرىتىگە تېگىشلىك بولغۇچىلاردۇر».

سۆزىدە تۇرماسلىق كېسىلى

سۆزىدە تۇرماسلىق ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىش دۇنيادا ھەممە ئادەم ئۆچ كۆرىدىغان يالغانچىلىق بولۇپ، بۇ ئىللەت كىمدە بولسا شۇ ئادەم ياخشىلىق كۈتۈشكە يارىمايدىغان، ئىشەنگىلى بولمايدىغان، يارامسىز ئادەم ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق ئادەم ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا نۇرغۇن زىيانلارنى كەلتۈرىدۇ. ۋەدىگە ۋاپا قىلماسلىق، لەۋزى قىلغان ئىشقا ئىگە بولماسلىق ئىماننىڭ ئاجىزلىقىدىن دېرەك بېرىدىغان مۇناپىقلىق خاراكتېرىگە ئىگە يالغانچىلىقتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇناپىقلىقنىڭ ئالامەتلىرىنى بايان قىلىپ: «مۇناپىقلىقنىڭ بەلگىسى ئۈچ بولۇپ، ئۇلار: يالغان سۆزلەش، ۋەدىگە خىلاپلىق قىلىش، ئامانەتكە خىيانەت قىلىش»([2]) دەپ كۆرسەتكەن. مانا بۇ ئۈچ ئىش ئىشەنچنى يوقىتىشنىڭ ئامىلىدۇر.

ئىنسان كېلىشىم تۈزسە كېلىشىمىگە رىئايە قىلىشى، ۋەدە قىلسا ۋاپا قىلىشى لازىم. ۋەدىگە ۋاپا قىلىش ئىنسانىي گۈزەل ئەخلاق بولسا، ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىش بەكمۇ قاتتىق رەزىللىكتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن «قۇرئان كەرىم»دە ساختىلىقتىن ئاگاھلاندۇرۇپ، ۋاپادارلىققا ئۈندەيدىغان ئايەتلەرنىڭ كۆپ بولغانلىقى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئىسرا سۈرىسىدە: ﴿وَأَوْفُواْ بِالْعَهْدِ إِنَّ الْعَهْدَ كَانَ مَسْؤُولاً﴾ يەنى «ئەھدىگە ۋاپا قىلىڭلار. چۈنكى ئەھدە ئۈستىدە چوقۇم سوئال – سوراق قىلىنىسىلەر»([3]) دەپ كەلگەن.

مۇسۇلمان ئادەم يالغان ئېيتمايدۇ
ھەقىقىي مۇسۇلمان ئادەم ھەرگىز يالغان سۆزلىمەيدۇ. بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: «مۇسۇلمان ئادەمنىڭ ئوغرىلىق قىلىشى مۇمكىنمۇ؟» دەپ سورالغىنىدا، «ھەئە، مۇمكىن» دەپ جاۋاب بەرگەن. «مۇسۇلمان ئادەمنىڭ زىنا قىلىشى مۇمكىنمۇ؟» دەپ سورالغىنىدا، «ھەئە، مۇمكىن» دەپ جاۋاب بەرگەن. يەنە «مۇسۇلمان ئادەمنىڭ يالغان ئېيتىشى مۇمكىنمۇ؟» دەپ سورالغىنىدا، ‹«ياق، مۇمكىن ئەمەس»([4]) دەپ جاۋاب بەرگەن.

ئىنساننىڭ ئارزۇ – ئۈمىدلىرى ھەرخىل، قىلىدىغان ئىشلىرى كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن بەزى ئىشلار ئىنساننىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن سەگەك مېڭىنىڭ بولۇشى ۋەدىگە ۋاپا قىلىش ئۈچۈن تولىمۇ زۆرۈردۇر. چۈنكى ۋەدىسىنى ئۇنتۇپ قالغان ئادەم ۋەدىسىگە قانداقمۇ ئەمەل قىلالىسۇن!؟ ئىنسان بەرگەن ۋەدىسىنى ئېسىگە ئالغاندىن كېيىن ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىشى ۋە ئەمەل قىلىشقا ئىرادە تىكلىشى، قانچىلىك بەدەل تۆلەشكە توغرا كەلسىمۇ بۇ ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا كۈچ سەرپ قىلىشى لازىم.

 

     



[1] فەتھ سۈرىسى: 11- ئايەت.
([2]) ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.
([3])ئىسرا سۈرىسى: 34- ئايەت.
([4]) ئىبن جەرىر، ئىبنى ئەساكىر رىۋايىتى.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار