مېھماننى ھۆرمەتلەش گۈزەل ئەخلاقنىڭ تاجىسىدۇر

مېھماننى ھۆرمەتلەش گۈزەل ئەخلاقنىڭ تاجىسىدۇر
مۇھەممەد يۈسۈپ

مېھماننى ھۆرمەتلەش ۋە ئۇنىڭ ئىززىتىنى قىلىش ئىسلام دىنىمىز تەشەببۇس قىلغان گۈزەل ئەخلاق قاتارىدىن بولۇپ، ئادەمنىڭ ئېسىل خىسلىتىگە، كۆڭلى-كۆكسىنىڭ كەڭلىكىگە ۋە ئۇنىڭ مەردلىكىگە دالالەت قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە پەيغەمبەرلەرنىڭ پېشۋاسى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ مېھماندوسلۇق خىسلىتىنى ماختاش ئارقىلىق بىزنى ئۇنىڭ بۇ گۈزەل خىسلىتىدىن ئۆگىنىشكە يەشەببۇس قىلغان.

)هَلْ أَتَاكَ حَدِيثُ ضَيْفِ إِبْرَاهِيمَ الْمُكْرَمِينَ * إِذْ دَخَلُوا عَلَيْهِ فَقَالُوا سَلَامًا قَالَ سَلَامٌ قَوْمٌ مُنْكَرُونَ * فَرَاغَ إِلَى أَهْلِهِ فَجَاءَ بِعِجْلٍ سَمِينٍ * فَقَرَّبَهُ إِلَيْهِمْ قَالَ أَلَا تَأْكُلُونَ( «(ئى پەيغەمبەر!) ساڭا ئىبراھىمنىڭ ھۆرمەتلىك مېھمانلىرىنىڭ خەۋىرى كەلدىمۇ؟ ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار ئىبراھىمنىڭ يېنىغا كىرىپ «سالام» دېدى، ئىبراھىم سالامنى ئىلىك ئالدى ۋە: «بۇ ناتونۇش ئادەملەرغۇ» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاستا ئائىلىسىنىڭ يېنىغا كىرىپ (كاۋاپ قىلىنغان) بىر سېمىز موزاينى ئېلىپ چىقىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا قويۇپ: «يېمەمسىلەر؟» دېدى»[1]. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېھماننى ھۆرمەتلەشنىڭ ئىماننىڭ كامىللىقىغا دالالەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۇرۇم مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئاللاھقا ۋە ئاخىرەتكە ئىمان كەلتۈرگەن ئىكەن، مېھمىنى ھۆرمەتلىسۇن»[2].

بىز ئۇيغۇرلار ھەقىقەتەن مېھماندوست خەلق بولۇپ، مېھمان ئۈچۈن بار نەرسىمىزنىڭ ھەممىسىنى داستىخانغا تىزىۋەتكۈمىز كېلىدۇ. بىز ئەزەلدىن مېھماننى ئىززەتلەشنى ئەجدادلىرىمىزدىن ئۆزىمىزگە ئۇدۇم قىلىپ كەلگەن. چەتئەلەلردىمۇ ئۇيغۇرلار نەدە بولسۇن، ئۆزىنىڭ مېھماندوسلۇق خىسلىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ ۋە باشقىلارغا گۈزەل تەسىراتلارنى قالدۇرۇپ كەلمەكتە. بىز ئىسلام ئەخلاقى بىلەن مىللىي ئەنئەنىنى بىرلەشتۈرۈۋتكەن ئىلغار ۋە مەدەنىيەلىك بىز خەلقمىز.

مۇسۇلمان ئادەم مەيلى باشقىلارنىڭ ئۆيىگە مېھمان بولۇپ بارسۇن، مەيلى باشقىلارنى ئۆيىگە چاقىرىپ مېھمان قىلسۇن، داستىخان ۋە زىياپەت ئەدەپلىرىگە رىئايە قىلىشى ۋە بالىلارنىمۇ شۇنداق تەربىيەلىشى كېرەك. مۇنداق ئىسلامىي ئەدەپ – ئەخلاقلار مېھمانلار ۋە ساھىبخان ئوتتۇرىسىدىكى سۆيگۈ – مۇھەببەتنى ئاشۇرىدۇ. بۇ ئەدەپلەرنىڭ بەزىسى تۆۋەندىكىچە:

1. مېھماننى ئوچۇق چىراي بىلەن قىزغىن قارشى ئېلىپ، ئەڭ كامالىي ئېھتىرام بىلەن ھۆرمەتلەش پەرزدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «كىمكى ئاللاھقا ۋە ئاخىرەتكە ئىمان ئېيتقان ئىكەن، مېھماننى ھۆرمەت قىلسۇن»([3]) دېگەن.

2. مېھمانغا قىزغىن پاراڭ سېلىپ بېرىش ۋە كۆڭلىنى ئېلىش.

3. تائام ياكى ئىچىدىغان نەرسە نۆۋەت بىلەن كېلىدىغان بولسا، ياشنىڭ چوڭلۇقى، ياكى مەرتىۋىنىڭ يۇقىرىلىقىغا قارىماي، تۆرنىڭ ئوڭ تەرىپىدىن باشلاش كېرەك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ قولىدىكى يېمەكلىكنى سول تەرىپىدىكى چوڭلارنى قويۇپ، ئوڭ تەرىپىدىكى كىچىك بالىغا ئاۋۋال بەرگەن.

4. مېھمانلاردىن چوڭلار تائامغا ئېغىز تەگمىگىچە، ئۆي ئىگىسى ۋە كىچىكلەر يېيىشنى باشلىماسلىق كېرەك.

5. مېھمان يېيىشنى توختاتمىغىچە ساھىبخان يېيىشتىن توختىماسلىقى ۋە ھەمىشە ئۇنى يېيىشكە تەشەببۇس قىلىپ تۇرۇشى لازىم. كونىلاردا مۇنداق بىر ھېكمەت بار: «بىسمىللاھ دېسەڭ تېشىڭدا دە، دېمىگەنلەر دېسۇن. ئەلھەمدۇلىللاھ دېسەڭ ئىچىڭدە دە، يېمىگەنلەر يېسۇن».

6. تائام يەۋاتقاندا بىراۋنىڭ ئالغان لوقمىسىغا تىكىلىپ قاراش قاتتىق ئەيىب سانىلىدىغان ئىشتۇر. شۇڭا ئېغىزلارغا ئېلىنىۋاتقان لوقمىلاردىن كۆزلەرنى قاچۇرۇش كېرەك.

7. ئاغزىدا تائام بار تۇرۇپ ئۇنى يۇتۇۋەتمەستىن، گەپ قىلىشقا بولمايدۇ. گەپ قىلىشقا زۆرۈرىيەت بولۇپ قالسا، ئاغزىنى قولى بىلەن توسۇپ تۇرۇپ سۆز قىلسا بولىدۇ.

8. داستىخاندا مېھماننىڭ كۆڭلىنى ئاياش ۋە ئۇنىڭ ھېسسىياتىغا ماسلىشىش لازىم.

9. چەينەكنىڭ جۈمىكىدىن ياكى سۇ قاچىسىنىڭ ئاغزىدىن ئىچىش ئەيىب سانىلىدىغان ئىشتۇر. ئۇنى پىيالىغا قويۇپ ئىچىش كېرەك.

 



[1] زارىيات سۈرىسى 24- 27- ئايەتلەر.
[2] ئىمام تەبەرانى ۋە بەيھەقى رىۋايىتى، ئەللامە ئەلبانى «ھەسەن» دەپ باھالىغان ھەدىس.
([3]) ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى، «صحيح البخاري»دىكى3511- ھەدىس، «صحيح مسلم»دىكى 2065- ھەدىس


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار