ئوقۇش، ئۆگىنىش ئىسلام دىنىنىڭ يادروسىدۇر

ئوقۇش، ئۆگىنىش ئىسلام دىنىنىڭ يادروسىدۇر

مۇھەممەد يۈسۈپ

شەكسىزكى، ئىنساننىڭ ھاياتلىقتىكى ئەڭ ئالدىنقى ۋەزىپىسى ئاللاھ تائالانى تونۇش، ئۇنى رازى قىلىش ۋە ئۇ كۆرسەتكەن بويىچە ھايات كەچۈرۈشتۇر. ئاللاھ تائالا بۇنى بايان قىلىپ «قۇرئان كەرىم»دە ﴿ فَاعْلَمْ أَنَّهُ لَا إِلَٰهَ إِلَّا اللَّهُ﴾ «ئاللاھتىن باشقا ھېچبىر ئىلاھ يوق ئىكەنلىكىنى بىلگىن»  دەيدۇ. يەنە ﴿ وَمَا خَلَقْتُ الْجِنَّ وَالأِنْسَ إِلاَّ لِيَعْبُدُونِ﴾ «مەن جىنلارنى ۋە ئىنسانلارنى پەقەت ماڭا قۇلچىلىق قىلسۇن دەپ ياراتتىم»  دەيدۇ. بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنداش ئۈچۈن ئوقۇش، ئۆگىنىش شەرتتۇر. چۈنكى ئۆگەنمەي تۇرۇپ، ئاللاھ تائالانى تونۇغىلى بولمايدۇ، ئۆگەنمەي تۇرۇپ ئۇنى رازى قىلىشنىڭ يوللىرىنى بىلگىلى بولمايدۇ، ئۆگەنمەي تۇرۇپ ئاللاھ تائالا كۆرسەتكەن بويىچە ياشاپ ئۇنىڭغا قۇلچىلىق قىلغىلى بولمايدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاچقۇچى ئىلىمدۇر. چۈنكى ئىلىم ئاللاھ تائالا كۆرسەتكەن بويىچە ياشاپ ئۇنىڭغا قۇلچىلىق قىلىشنىڭ ۋە ئۇنى رازى قىلىپ ئىككىلى ئالەمدە بەختلىك ھايات كەچۈرۈشنىڭ يولىدۇر، ئىلىم ئاللاھ تائالاغا يېتىشنىڭ شوتىسى، جەننەتكە كىرىشنىڭ يولى، توغرا يولدا مېڭىش ئۈچۈن مەشئەلدۇر.

شەكسىزكى، ئوقۇش، ئۆگىنىش ئىسلام دىنىنىڭ يادروسى ۋە ئەڭ ئالدىنقى چاقىرىقىدۇر. شۇڭا «قۇرئان كەرىم»دىن ئەڭ دەسلەپ چۈشكەن ئايەت، شۇنداقلا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەڭ دەسلەپ كەلگەن ۋەھيى «ئوقۇ!» دېگەن ئەمر بىلەن باشلانغان. ئەرەب تىلىنىڭ گراماتىكىسىدا «پېئىلنىڭ مەفئۇلى (يەنى ئىش_ ھەرىكەت ئۈستىگە چۈشكەن نەرسە) ھەزف قىلىنسا، پېئىلنىڭ مەنىسى ئۆزىنىڭ ئومۇملىقىدا قالىدۇ» دەيدىغان قائىدە بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا «ئوقۇ!» دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قولىدا ئوقۇيدىغان بىر نەرسە يوق ئىدى. بۇنىڭغا ئاساسەن دەيمىزكى، ئاللاھ تائالانىڭ «ئوقۇ!» دېگەن ئەمرى ساڭا دىن ۋە دۇنيالىقىڭ ئۈچۈن مەنپەئەتلىك بولغان ھەر قانداق ئىلىمنى ئوقۇغىن، ئۆگەنگىن ۋە بىلگىن دېگەنلىكتۇر. ئاللاھ تائالانىڭ ﴿ اقْرَأْ بِاسْمِ رَبِّكَ الَّذِي خَلَقَ﴾ « ياراتقان رەببىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇ!»  دېگەن بۇ ئەمرى ئىماننى غايە قىلغان ۋە ئاللاھ تائالانىڭ بارلىقىنى، بىرلىكىنى، چەكسىز قۇدرىتىنى ۋە گۈزەل سەنئەتلىرىنى بىلىپ ئىمان ئېيتىش بىلەن تاكامۇللىشىدىغان ئىلىمنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى ئىماندىن خالىي قالغان ۋە ئىمان بىلەن قوراللانمىغان ھەر قانداق ئىلىم بالايىئاپەت بولۇپ، بۇنداق ئىلىم ئىنساننى زوراۋانلىققا، ئاجىزلارنى ئېزىشكە، باشقىلارنىڭ ھېسابىغا چوڭىيىشقا ۋە نۇرغۇنلىغان يولسىزلىقلارغا ئېلىپ بارىدۇ. بۇنداق ئىلىم ئۆز يولىدا ئىشلىتىلمىگەن ۋە ئۆز غايىسىدىن چەتنەپ كجەتكەن ئىلىمدۇر. بىز ئاللاھ تائالانىڭ كىتابى بولغان «قۇرئان كەرىم»نى ئوقۇپ ئۆگەنسەكمۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىسلىرىنى ئوقۇپ ئۆگەنسەكمۇ، تەبىئىي پەن ئىلىملىرىنى ئوقۇپ ئۆگەنسەكمۇ، شۇنداقلا دىنىمىز ۋە دۇنيالىقىمىز ئۈچۈن مەنپەئەتلىك بولغان بارلىق ئىلىملەرنى ئوقۇپ ئۆگەنسەك، بىز ئاللاھ تائالانىڭ «ئوقۇ!» دېگەن ئەمرىگە ئىتائەت قىلغان بولىمىز. مەلۇمكى، ئاللاھ تائالانىڭ ئىككى كىتابى بولۇپ، بىرى «قۇرئان كەرىم»، يەنە بىرى كائىناتتۇر. شۇڭا بەزى ئۆلىمالار «كائىنات سۆزلىمەيدىغان قۇرئاندۇر، قۇرئان سۆزلەيدسىغان كائىناتتۇر» دەيدۇ. «قۇرئان كەرىم» ئاللاھ تائالانىڭ «كالام» (سۆزلەش) سۈپىتىنىڭ ئەسەرى بولسا، كائىنات ئاللاھ تائالانىڭ سانىئ (سەنئەتكار) سۈپىتىنىڭ ئەسىرىدۇر. دۇنيادىكى ھەر ساھە ئىلىم ــ پەن ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتىنى ۋە گۈزەل سەنئەتلىرىنى سۆزلەيدۇ. ئىلىم_ پەن ئالىملىرى ۋە تەتقىقاتچىلار ئاللاھ تائالانىڭ  «كائىنات» ناملىق كىتابىنى ئوقۇماقتا ۋە ئۇنى تەپسىر قىلماقتا. 

ئاللاھ تائالا ئىلىم ئەھلىنىڭ دەرىجىسىنى ناھايىتى يۇقىرى باھالىغان. ﴿ يَرْفَعِ اللَّهُ الَّذِينَ آَمَنُوا مِنْكُمْ وَالَّذِينَ أُوتُوا الْعِلْمَ دَرَجَاتٍ﴾ «ئاللاھ سىلەردىن ئىمان ئېيتقانلارنى ۋە ئىلىم بېرىلگەنلەرنى بىر قانچە دەرىجە يۇقىرى كۆتۈرىدۇ» ، ئاللاھ تائالا ئىلىم ئەھلىنىڭ قەدرىنى كۆرسىتىپ قويۇش ئۈچۈن: ﴿هَلْ يَسْتَوِي الَّذِينَ يَعْلَمُونَ وَالَّذِينَ لَا يَعْلَمُونَ﴾ «بىلىدىغانلار بىلەن بىلمەيدىغانلار باراۋەر بولامدۇ؟»  دېگەن. بۇ ئايەت ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدە ئىلىم ئەھلى بىلەن ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئاسمان_ زېمىن پەرق بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

ئىلىمنىڭ تۈرى ۋە دەرىجىسى

ئىسلام نەزىرىدە ئوقۇش، ئۆگىنىش پەرزدۇر. ئىسلامدا پەرز بولغان ئىلىم ئىككى تۈرلۈك بولۇپ، بىرى پەرز ئەين، يەنە بىرى پەرز كۇپايەدۇر.

1. پەرز ئەين بولغان ئىلىم

 پەرز ئەين بولغان ئىلىم: «لائىلە ئىللەللاھۇ مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللاھ» دېگەن كەلىمە تەييىبەنىڭ مەنىسىنى، ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرى ئۈستىكى ھەقلىرىنى، ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىم_ سۈپەتلىرىنى بىلىش، ناماز، روزا، زاكات قاتارلىق ئىبادەتلەرنىڭ قائىدە_ تەرتىبلىرىنى، ئاتا_ ئانىنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىشنىڭ، تۇغقانچىلىقنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ، قوشنىلارنىڭ ھەق_ ھوقۇقلىرىغا رىئايە قىلىشنىڭ، پۇل_ مالنى ھالالدىن تېپىشنىڭ يوللىرىنى ئۆگىنىش قاتارلىقلاردۇر. بۇ ئىلىمنى ئۆگىنىش ھەربىر مۇسۇلماننىڭ ئۈستىگە پەرز ئەيندۇر. بۇلارنى بىلمىگەن ئادەم شەكسىز گۇناھكار بولىدۇ، مۇنداق ئادەمنىڭ ئىمانى تولۇق بولمايدۇ، بۇلارنى بىلمىگەن مۇسۇلماننىڭ ئۆزرىسى قوبۇل ئەمەس. چۈنكى بۇ ئىلىملەر ھەربىر مۇسۇلماننىڭ بىلىشى پەرز ئەين بولغان زۆرۈر ئىلىملەردۇر. بۇنىڭدا بارلىق ئىسلام ئۆلىمالىرى بىردەك ئىتتىپاقتۇر.

 ئۆز ۋاقتىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى بۇ ئىلىملەرنى بىلىشنىڭ زور ئەھمىيىتىنى ۋە زۆرۈرلىكىنى چۈشەنگەنلىكتىن، ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ كىتابىنى ئۆگىنىشكە، ئۇنىڭدىكى دىنىي ئەھكاملارنى بىلىشكە ئىنتايىن ھېرىس ئىدى. ئۇلار ھەر ئون ئايەتنىڭ مەنىسىنى، ئەھكاملىرىنى، ئۇنىڭدا بۇيرۇلغان ھالال_ ھارامغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ئۆگەنمەي تۇرۇپ باشقا ئايەتلەرنى ئۆگىنىشكە يۆتكەلمەيتتى.

2. پەرز كۇپايە بولغان ئىلىم

پەرز كۇپايە بولغان ئىلىم:  تەپسىر، ھەدىس، فىقھى، ئىسلام تارىخى، ئىسلام تەربىيەسى قاتارلىق ئىسلامىي ئىلىم ساھەلىرىدە، مېدىتسىنا، ماتېماتىكا، فىزىكا، بىيولوگىيە، بىناكارلىق، كوپپىيۇتېر، ئېنتېرنېت، تارىخ، جۇغراپىيە قاتارلىق ئىلىملەرنى ئوقۇپ مۇتەخەسسىس بولۇش ئومۇمىي مۇسۇلمانلارنىڭ ئۈستىگە پەرز كۇپايە بولۇپ، بەزى مۇسۇلمانلار بۇ پەنلەرنى ئوقۇسا، ئوقۇمىغانلىرىدىن ساقىت بولىدۇ، ئەگەر ھەربىر رايوندىن بۇ پەنلەرنى ئوقۇيدىغان ئادەم چىقمىسا، شۇ رايوندىكى مۇسۇلمانلاردىن بۇ ئىلىملەرنى ئوقۇش پەرزلىكى ساقىت بولمايدۇ، نەتىجىدە، ئۇلارنىڭ ھەممىسى گۇناھكار بولىدۇ. يۇقىرىقى پەنلەردىن قايسىبىرىنى ئوقۇش ئۈچۈن تاللانغان ياكى بەلگىلەنگەن كىشىلەر ئۈچۈن مەزكۇر پەنلەرنى ئوقۇش، ئۆگىنىش پەرز ئەيندۇر. ئەللامە ئەبۇ ھامىد ئەل غەززالى مۇنداق دېگەن: « پەرز كۇپايە بولغان ئىلىمنىڭ بايانى شۇكى،  ھەرقانداق بىر ئىلىمنىڭ دەرىجىسى ئۆگەنمەكچى بولغان ئىلىمنىڭ قانداق ئىلىم ئىكەنلىكىگە قاراپ پەرقلىنىدۇ. بۇنىڭغا بىنائەن، ئىلىم ئىككى تۈرلۈك بولۇپ، بىرى دىنىي ئىلىم، يەنە بىرى دىنىي بولمىغان ئىلىمدۇر. دىنىي ئىلىم دېگىنىمىز پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق ۋەھيى يولى بىلەن كەلگەن، ئەقىل يولى بىلەن بىلگىلى بولمايدىغان ئىلاھىي ئىلىملەرنى كۆرسىتىدۇ. دىنىي بولمىغان ئىلىملەر تېبابەت ۋە  ماتېماتىكىغا ئوخشاش ئىنسانلارنىڭ ھاياتىدا زۆرۈر بولغان ئىلىملەرنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: كىشىلەرنىڭ تەن ساقلىقىنى ساقلاش ئۈچۈن تېبابەت ئىلمىگە، مۇئامىلە، مىراس تەقسىم قىلىش دېگەندەك ئىشلار ئۈچۈن ماتېماتىكىغا موھتاج بولىدۇ. بۇنداق ئىلىملەرنى ھەربىر رايوندىن مەلۇم كىشىلەر ئۆگەنسە، باشقىلاردىن بۇ ئىلىملەرنى ئۆگىنىش پەرزى ساقىت بولىدۇ. بىزنىڭ ‹تېبابەت ۋە ھېساب ئىلمىنى ئۆگىنىش پەرز كۇپايەدۇر› دېگەن سۆزىمىزگە ئەجەبلىنىپ كەتمەڭ، بەلكى دېھقانچىلىق، ھىجامەت، سەيپۇڭلۇق قاتارلىق ئىلىم ۋە سانائەتلەرنى ئۆگىنىشمۇ پەرز كۇپايىدۇر.» 

سەئۇدى ئەرەبىستان پەتىۋا كومىتېتىنىڭ پەتىۋاسىدا مۇنداق كەلگەن: «بارلىق دىنىي ئىلىملەر ۋە بۇ ئىلىملەرنى ئۆگىنىشكە ياردەمچى بولىدىغان بارلىق ۋاسىتىلەر﴿ ئاللاھ سىلەردىن ئىمان ئېيتقانلارنى ۋە ئىلىم بېرىلگەنلەرنى بىر قانچە دەرىجە يۇقىرى كۆتۈرىدۇ﴾ دېگەن ئايەتنىڭ مەزمۇنىغا كىرىدۇ، يەنى دىنىي ئىلىم ئۆگەنگەن كىشىلەرنىڭ دەرىجىسى ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا يۇقىرى بولىدۇ. شۇنىڭدەك، دىنىي ئىلىملەردىن بولمىسىمۇ، مۇسۇلمانلار موھتاج بولىدىغان ۋە ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان مېدىتسىنا، زىرائەتچىلىك، سانائەت قاتارلىق ئىلىملەرمۇ نىيەتنىڭ دۇرۇس بولۇشى شەرتى بىلەن ئايەتنىڭ مەزمۇنىغا كىرىدۇ. نىيەتنىڭ دۇرۇس بولۇشىدىن مەقسەت بۇ ئىلىملەرنى ئۆگەنگۈچىنىڭ مۇسۇلمانلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈشنى، مۇسۇلمانلارنى كاپىرلارنىڭ پەن_ تېخنىكىسىدىن بىھاجەت قىلىشنى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ ئۆگىنىشى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. دىنىي ئەمەس ئىلىملەرنىڭ ساۋاب جەھەتتىكى دەرىجىسى كىشىلەرگە مەنپەئەت يەتكۈزۈش ۋە ھاجىتىنى راۋا قىلىش دەرىجىسىگە قاراپ پەرقلىنىدۇ.»  بۇ پەتىۋا شۇنى ئوچۇقلايدۇكى، مەيلى دىنىي ئىلىملەر دەپ ئاتالغان تەپسىر، ھەدىس ۋە فىقھى قاتارلىق ئىلىملەرنى بولسۇن، مەيلى دۇنيالىق ئىلىملەر دەپ ئاتالغان ماتېماتىكا، مېدىتسىنا، فىزىكا، بىيولوگىيە، بىناكارلىق، يېزا ئىگىلىك قاتارلىق پەنلەرنى بولسۇن، ئىنسانىيەتكە، جۈملىدىن مۇسۇلمانلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئاللاھ تائالا كۆرسەتكەن بويىچە ئىش قىلىپ، ئۇنىڭغا قۇلچىلىق بۇرچىنى ئادا قىلىش نىيىتىدە ئوقۇغان ئادەم ئاللاھ تائالا دەرىجىسىنى يۇقىرى قىلىدىغان ئالىملار قاتارىغا كىرىدۇ، دىنىي ئىلىم ئۆگەنگۈچىلەر قاتارىدا ئاللاھ تائالانىڭ كاتتا مۇكاپاتىغا سازاۋەر بولىدۇ، «كىمكى ئىلىم ئۆگىنىش يولىغا كىرىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ جەننەتكە كىرىش يولىنى ئوڭايلاشتۇرۇپ بېرىدۇ» دېگەن ھەدىستىكى كىشىلەرنىڭ قاتارىغا كىرىدۇ. چۈنكى مەيلى قانداق ئىلىم بولسا بولسۇن، مۇھىم بولغىنى ئاللاھ تائالانى رازى قىلىدىغان ۋە مۇسۇلمانلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان ئىلىملا بولىدىكەن، ئۇ ئىلىم دىنىي ئىلىمدۇر، ئاخىرەتلىك ئىلىمدۇر ۋە دىنىمىزدا پەرز بولغان ئىلىمدۇر. سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ كاتتا ئۆلىمالىرىدىن ئابدۇللا ئىبنى جىبرىن:« مۇسۇلمانلارغا مەنپەئەتلىك ئىلىملەرنى، خۇسۇسەن ئەسكىرىي ئىلىملەرنى ئۆگىنىش ھەممىدىن بەك زۆرۈردۇر ۋە مۇھىم پەرزدۇر» دېگەن. خۇددى ئىلگىرىكى مۇسۇلمانلار دىنىي ئىلىم بىلەن دۇنيالىق ئىلىمنى بىللە ئېلىپ بارغاندەك، ھەربىر مۇسۇلماننىڭ دىنىي ئىلىملەرنى ئۆگىنىش بىلەن دۇنيالىق ئىلىملەرنىمۇ ئۆگىنىشى تولىمۇ زۆرۈردۇر. دۇنيالىق ئىلىملەردە مۇتەخەسسىس بولۇش دىندا ئالىم بولۇشقا زىت كەلمەيدۇ، دىنىي ئىلىم بىلەن شۇغۇللىنىش باھانىسى بىلەن دۇنيالىق ئىلىملەردىن يۈز ئۆرۈشكە بولمايدۇ، شۇنىڭدەك دۇنيالىق ئىلىملەرگىلا بېرىلىپ كېتىپ دىنىي ئىلىملەرنى تەرك ئېتىشكە بولمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ « ئى ئاللاھ! ئىشىمنىڭ تۈگۈنى بولغان دىنىمنى مەن ئۈچۈن ياخشىلاپ بەرگىن، تۇرمۇشۇمنىڭ كاپالىتى بولغان دۇنيالىقىمنى ياخشىلاپ بەرگىن» دېگەن دۇئاسى ھەققىدە تەپەككۇر قىلغان ئادەم دىن ۋە دۇنيالىق ھەر ئىككىسىنى تەلەپ قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى چۈشىنىدۇ.

ئاخىرەتلىك ئىلىم ۋە دۇنيالىق ئىلىم دەپ ئايرىش مەسىلىسى

مەن ئويلايمەنكى، ئىنسانىيەتكە مەنپەئەتلىك بولغان، ئاللاھ تائالاغا قۇلچىلىق قىلىشقا خىزمەت قىلىدىغان ھەر قانداق ئىلىم دىنىي ئىلىم سانىلىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ھايات كەچۈرۈپ، ئاللاھ تائالاغا  قۇلچىلىق قىلىشقا ياردەمچى قىلىشنى ۋە ئىنسانلارغا مەنپەئەت  يەتكۈزۈشنى كۆزلەپ ئوقۇغان ھەر قانداق ئىلىم  دىنىي ئىلىم ۋە جان بېقىشنىڭ كەسپى قىلىۋېلىش ياكى شۆھرەت قازىنىش ئۈچۈن ئوقۇغان ھەر قانداق ئىلىم دۇنيالىق ئىلىم سانىلىشقا تېگىشلىك. چۈنكى بەزى كىشىلەر فىزىكا، بىيولوگىيە، ماتېماتىكا، مىدىتسىنا قاتارلىق دىن بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى بولمىغان ئىلىملەرنى ئۆگىنىش ئارقىلىق ئاللاھ تائالانىڭ چەكسىز قۇدرىتىنى، ئىلىم_ ھېكمىتىنى، «قۇرئان كەرىم»نىڭ مۆجىزىسىنى تونۇپ، ئۆزىنىڭ ئىمانىنى كۈچەيتىدۇ ۋە باشقىلارنىمۇ دىنغا مۇكەممەل دەرىجىدە دەۋەت قىلالايدۇ. يەنە بەزى كىشىلەر تەپسىر، ھەدىس، فىقھى قاتارلىق ئاخىرەتلىك ئىلىملەرنى ئوقۇغان بولسىمۇ، ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقى كۆزلىمەستىن، باشقا مۇددىئالار بىلەن ئوقۇپ، ئوقۇغانلىرىنى شۇ مۇددىئالىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىدۇ. مەسىلەن: بەزى كوممۇنىست دۆلەتلەر ئۆزى دىنغا ئىشەنمەي تۇرۇقلۇق، ئىسلام دۆلەتلىرىدىكى ئىسلام ئۇنىۋېرستېتلىرىگە ئوقۇغۇچى ئەۋەتىپ ئوقۇتىدۇ. ئاندىن ئۇلار ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇلارنى دۆلەت ئېھتىياجى ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ. مۇنداق ئوقۇغانلار ئومۇمەن دۆلەتنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلغانلىقتىن، مۇسۇلمانلارغا كۆپ زىيانكەشلىك قىلىدۇ، ئىسلامنىڭ شەنىگە داغ تەككۈزىدۇ. بەزى ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ دىنىي ماقامدىكى جانباقارلىرىنىڭ قالايمىقان پەتىۋا چىقىرىۋاتقانلىقى، ھاكىمىيەتنى رازى قىلىش ئۈچۈن دىننى بورمىلاپ بېرىۋاتقانلىقى بۇنىڭ مىسالى.

ئىسلامنىڭ ئالتۇن دەۋرلىرىدە ياشىغا مۇسۇلمانلار، ئىسلام دىنىدا پەرز قىلىنغان ئىلىمنى ئاخىرەتلىك ئىلىم ۋە دۇنيالىق ئىلىم دەپ ئايرىمايتتى، ئۇلار ئۈچۈن ئىنسانىيەتكە، خۇسۇسەن مۇسۇلمانلارغا مەنپەئەتلىك بولغان بارلىق ئىلىملەرگە مۇھىم ئىدى، ھەممىسىگە كۆڭۈل بۆلەتتى، ئۇلار تەپسىر ئىلمىگە كۆڭۈل بۆلگەندەك تېبابەت ئىلمىگە كۆڭۈل بۆلەتتى، ئۇلار ھەدىس ئىلمىگە كۆڭۈل بۆلگەندەك ماتېماتىكا ئىلمىگە كۆڭۈل بۆلەتتى، ئۇلار فىقھى ئىلمىگە كۆڭۈل بۆلگەندەك بىيولوگىيە ئىلمىگە كۆڭۈل بۆلەتتى، ئۇلار ئىبادەتكە كۆڭۈل بۆلگەندەك ئىجادىيەتكە كۆڭۈل بۆلەتتى، ئۇلار ئىنسانىيەتكە مەنپەئەتلىك ئىلىم _ پەن بىلەن شۇغۇللىنىشنى نەپلى ئىبادەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشتىن ئەۋزەل كۆرەتتى. چۈنكى ئىبادەتلەرنىڭ پايدىسى شۇ ئىبادەتلەرنى قىلغان كىشىگىلا بولسا، ئىلىم_ پەننىڭ پايدىسى ئىنسانلارغا ئومۇم بولىدۇ. ياۋروپانىڭ قاراڭغۇلۇق ئەسىرلىرىدە گالىلى گالىلو يەرشارىنى يومۇلاق دەپ ئېلان قىلغانلىقى سەۋەبلىك چىركاۋ زوراۋانلىرى تەرىپىدىن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان چاغلادا، ئىسلام دۇنياسىدا ئىبنى رۇشدى، خارەزمى، ئىبنى ھەيسەم، فارابى، ئىبنى سىنا قاتارلىق ئالىملارنىڭ ھەربىرى مېدىتسىنا، جۇغراپىيە، خېمىيە، ماتېماتىكا، بيولوگىيە، ئاسترونومىيە قاتارلىق ئىلىم – پەنلەرگە تۇنجى بولۇپ ئۇل سالغان كىشىلەر بولۇپ تارىچقا قەيت قىلىنغان ئىدى. 

ئەپسۇسكى، ئون ئالتىنچى يۈز يىلدىن كېيىن مۇسۇلمانلار ئەقىدە ۋە ئەخلاق جەھەتتىن چېرىكلىشىشكە باشلىۋىدى، تۈرلۈك خۇراپاتلار، يوقسۇللۇق ۋە موھتاجلىق ئۇلارنى قورشىۋالدى، ئۇلار مەسجىدتىن يۈز ئۆرۈپ خانىقاغا يۈزلىنىدىغان، ئىبادەتنى ئاللاھ تائالاغا قىلماي، ئاتالمىش ئەۋلىيالارغا قىلىدىغان، تەپسىر، ھەدىس ئىلىملىرىنى ئوقۇشنىڭ ئورنىغا تەرىقەتچىلىك، ئىلمى مەنتىق، ئىلمى پەلسەپە، ئايىغى چىقمايدىغان فىقھىي جېدەللەرنى ئەۋزەل كۆرگەندىن كېيىن، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ دۇنياغا سەردارلىق ۋەزىپىسىنى، ئىلىم-پەندىكى تەرەققىيات دەۋرىنى باشقىلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ بىچارىلەرگە ئايلىنىپ قالدى. ئۇلار سۇپىزىملىق ۋە  تەركىدۇنيالىق تەرغىباتىنىڭ زەھىرى بىلەن ھوشسىزلىنىپ قالغاندىن كېيىن ئىلىم_ پەندىكى تەرەققىيات دەۋرى باشقىلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتتى. مۇسۇلمانلار ئىسلامنىڭ قۇرۇق جازىسىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، تېشى پارلاق، ئىچى قۇرۇق ئۆمۈر ئۆتكۈزدى. بۇرۇن ئىبنى سىنا، فارابىيلارنى يېتىشتۈرگەن مەدرىسىلەر كېيىنچە، قارا قورساقلارنى، جانباقارلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشقا باشلىدى. مەدرىسىلەردە ماتېماتىكا، ئاسترونومىيە دېگەندەك ئىلىملەرنىڭ ئۆتۈلۈشىنى مەقسەتلىك ھالدا دەھرىيلەشكەنلىك دەپ تەشۋىق قىلىندى، ئىلىم_ پەنگە يۈزلەنگەن كىشىلەرنى جەدىدىي دەپ قالپاق كىيگۈزۈپ ئەل جامائەتنىڭ كۆزىگە سەت كۆرسەتتى. ھەتتا ئۇلۇغ بېگدەك ئالىملارنى ئاسترونومىيە ئىلمىگە كۆڭۈل بۆلۈپ ئۆزىگە رەسەتخانا ياساتقانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى مۇرتەد دەپ ھۆكۈم قىلىپ، ئۆز ئوغلىنىڭ قولى بىلەن ئۆلتۈرگۈزدى، ئابدۇلقادىر داموللامنى بولسا، جەدىدىي دېگەن قالپاقنى كىيگۈزۈپ بىر خائىننىڭ قولى بىلەن ئۆلتۈرگۈزدى. دىن بىلەن پەن بىر_ بىرىگە زىت قىلىپ كۆرسىتىلگەن مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە دىنىي ئىلىم ۋە دۇنيالىق ئىلىم دېگەن ئايرىمچىلىق رەسمىي ئوتتۇرىغا چىقتى. ئاخىرەتلىكنى دېگەنلەر مەدرىسىگە، دۇنيالىقنى دېگەنلەر پەننىي مەكتەپكە بارىدىغان بولدى. دىندا ئوقۇغانلار ئۆلىما ئاتالدى، ئۇلارنى مەسخىرە قىلماقچى بولسا، موللام دەپ قويىدىغان بولدى، پەندە ئوقۇغانلار زىيالىي ئاتالدى. ئۆلىما بىلەن زىيالىي ئوتتۇرىسىغا ناھايىتى قېلىن تام سېلىندى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مۇساپە بەكمۇ يىراقلاشتۇرۇۋېتىلدى.

 ئىلىم_ پەن بىلەن قوراللانغانلار دۇنياغا ھۆكۈم قىلىدىغان بولدى، ئىلىم_ پەندىن يۈز ئۆرۈپ تەركىدۇنيا بولۇۋالغانلار دۇنيانىڭ قايسى يېرىدە بولسۇن، باشقىلارغا بېقىندى بولۇپ مەھكۇملۇقتا ياشايدىغان بولدى. دۇنيا رىقابەت دۇنياسى بولۇپ، دۇنيادا ئۆزىگە ئۆزىگە خوجايىن بولۇپ ياشاش ئۈچۈن رىقابەتتىن قاچماي، دۇنيا بىلەن پۈتۈنلىشىپ ياشاش شەرتتۇر. ئاللاھ تائالا بىزنى شۇنداق ياشىسۇن دەپ، بىزنى زامانغا لايىق ھەربى كۈچى تەييارلاشنى، زاماننىڭ رىقابىتىگە شۇنداق ھازىر  بولۇشنى ئەمر قىلىپ مۇنداق دېگەن: ﴿ وَأَعِدُّوا لَهُمْ مَا اسْتَطَعْتُمْ مِنْ قُوَّةٍ وَمِنْ رِبَاطِ الْخَيْلِ تُرْهِبُونَ بِهِ عَدُوَّ اللَّهِ وَعَدُوَّكُمْ وَآَخَرِينَ مِنْ دُونِهِمْ ﴾ ﴿دۈشمىنىڭلارغا قارشى قولۇڭلاردىن كېلىشىچە قورال كۈچى، جەڭ ئېتى تەييارلاڭلار. بۇنىڭ بىلەن ئاللاھنىڭ دۈشمىنى، ئۆزۈڭلارنىڭ دۈشمىنىنى ۋە ئۇلاردىن باشقا دۈشمەنلەرنى قورقۇتىسىلەر﴾ . بىز «قۇرئان كەرىم»نىڭ بىزنى بۇ دۇنيادا ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز خوجا بولۇپ ئەركىن، ھۆر ياشاشقا، ئاخىرەتتە ئاللاھ تائالانىڭ مۇكاپاتىغا نائىل بولۇشقا چاقىرغانلىقىنى ئۇزۇن يىللىق ئاچچىق ساۋاقلارنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ئەمدىلا تونۇپ يەتكەن بولساق، باشقىلار خېلى بۇرۇنلا بۇ قانۇنىيەتنى چۈشىنىپ ئىلىم_ پەنگە يۈرۈش قىلغان ئىدى. ئايەتتىكى «دۈشمەنلەرنى قورقۇتۇش» دېگەننىڭ مەنىسى سىلەرنى يوق قىلماقچى بولغانلارغا، سىلەرنى مۇستەملىكە قىلماقچى بولغانلارغا ۋە سىلەرنى بوزەك قىلماقچى بولغانلارغا قارشى كۈچلۈك بولۇڭلار، ئۇلارنى ۋەھىمىگە سالغۇدەك كۈچ_ قۇدرەتكە ئىگە بولۇڭلار، زاماننىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىپ ھالدا قورال كۈچىگە ئىگە بولۇڭلار، شۇنىڭ بىلەن دۈشمىنىڭلارنى سىلەرگە خىرىستىن ئۈمىدسىزلەندۈرۈڭلار دېگەنلىكتۇر. بىز شۇنداق قىلدۇقمۇ؟ بىز ئۇنداق قىلمىدۇق. چۈنكى بىز ئاللاھ تائالا بىزگە « ئى رەببىمىز! بىزگە دۇنيادا ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، ئاخىرەتتىمۇ ياخشىلىق ئاتا قىلغىن بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن» دەپ تىلەڭلار دېيىش ئارقىلىق بىزنى ھەم دۇنيالىق ھەم ئاخىرەتلىك ئۈچۈن ئىشلەشكە دەۋەت قىلغان تۇرسا، بىز دۇنيالىقنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىپ، ئاخىرەتلىككىلا تۇرىدىغان بولدۇق، ئاندىن بۇ ئاخىرەتلىكنىمۇ ئۆز جايىدىن ئەمەس، خانىقالاردىن، مازارلاردىن ۋە تەركىدۇنيالىقتىن ئىزدىدۇق. شۇنىڭ بىلەن بىز مۇشۇ ھالغا چۈشۈپ قالدۇق.

قۇرئان بارلىق ئىلىمگە چاقىرىدۇ

«قۇرئان كەرىم» ئىنسانلارغا ئىلىم _ پەندىن مەلۇم ماۋزۇلاردا يىپ ئۇچى بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئىزدىنىش يولىنى ئېچىپ بەرگەن بولۇپ، «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرى ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىدىغان بولساق، «قۇرئان كەرىم»نىڭ كۆپلىگەن تەبىئىي پەن ئىلىملىرىدىن خەۋەر بەرگەنلىكىنى كۆرىمىز. ﴿ أَلَمْ تَرَ أَنَّ اللَّهَ أَنزَلَ مِنَ السَّمَاءِ مَاءً فَأَخْرَجْنَا بِهِ ثَمَرَاتٍ مُّخْتَلِفًا أَلْوَانُهَا ۚ وَمِنَ الْجِبَالِ جُدَدٌ بِيضٌ وَحُمْرٌ مُّخْتَلِفٌ أَلْوَانُهَا وَغَرَابِيبُ سُودٌ. وَمِنَ النَّاسِ وَالدَّوَابِّ وَالْأَنْعَامِ مُخْتَلِفٌ أَلْوَانُهُ كَذَٰلِكَ ۗ إِنَّمَا يَخْشَى اللَّهَ مِنْ عِبَادِهِ الْعُلَمَاءُ ۗ إِنَّ اللَّهَ عَزِيزٌ غَفُورٌ﴾ «كۆرمەمسەنكى، ئاللاھ ھەقىقەتەن بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇردى. ئۇنىڭ بىلەن تۈرلۈك، رەڭگارەڭ مېۋىلەرنى چىقاردۇق. تاغلاردىن ئاق، قىزىل، ھەر خىل رەڭلىك ۋە قاپقارا يوللار(قىلدى). شۇنىڭدەك ئىنسانلارنى، ھايۋانلارنى ۋە چارۋىلارنىمۇ رەڭگارەڭ قىلىپ ياراتتى، ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدە ئاللاھتىن پەقەت ئالىملارلا قورقىدۇ. شەكسىزكى، ئاللاھ غالىبتۇر، ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر» . بۇ ئايەتتە ئۆسۈملۈكلەرگە، ھايۋاناتلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىلىملەرگە، پىسخولوگىيە ۋە گيولوگىيە قاتارلىقلارغا ئىشارەت قىلىنغان. ئاللاھ تائالانىڭ بۇ بايانلاردىن كېيىنلا ﴿ ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدە ئاللاھتىن پەقەت ئالىملارلا قورقىدۇ﴾ دېگەن سۆزى ھەر قايسى ئىلىم ساھەلىرىدىكى ئالىملارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چۈنكى دىنىي ئالىم ئۆزىنىڭ مەدرىسىسىدە، ئىمام مېھرابتا ئاللاھ تائالانىڭ كاتتىلىقىنى ۋە ئۇلۇغلىقىنى ھېس قىلىدۇ ۋە ئاللاھ تائالادىن قورقىدۇ، بىيولوگىيە ئالىمى ئۆزىنىڭ تەجرىبىخانىسىدا، ئاسترونومىيە ئالىمى ئۆزىنىڭ رەسەتخانىسىدا ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلۇغلىقىنى ھېس قىلىدۇ ۋە ئاللاھ تائالادىن قورقىدۇ. دېمەك، بۇ ئايەت بارلىق ئىلىم ئەھلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئەنگىلىيەلىك پەيلاسوپ ھېربېرت سپېنسېر  «تەربىيە» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەيدۇ: « تەبىئىي پەن ئىلىملىرى بىلەن شۇغۇللىنىش ئىبادەتتۇر. چۈنكى تەبىئىي پەن ئىلىملىرىگە ئىچكىرىلەپ كىرىش بىز سىرلىرىغا يېتىپ بولالماي دەرتلىنىۋاتقان ۋە ئاستا _ ئاستا بىلىۋاتقان شەيئىيلەرنىڭ ئېسىللىكىنى ئېتىراپ قىلىش، ئاندىن ئۇلارنى ياراتقان زاتنىڭ چەكسىز قۇدرىتىنى تونۇش دېمەكتۇر. بۇ ئاغزاكى تەسبىھ ئەمەس، ئەمەلىي تەسبىھتۇر. مۇنداق ئىلىملەرگە قىلىنىدىغان ھۆرمەتمۇ مەنىسىز ھۆرمەت ئەمەس، بەلكى ئەقىل، تەپەككۇر ۋە ۋاقىتنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە كەلگەن قىممەتلىك ھۆرمەتتۇر. بۇنداق ئىلىم كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ قانداق شەكىل ۋە قانداق كەيپىياتتا ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈشتە ئىستىبدات يولىنى تۇتمايدۇ، لېكىن بىزگە بۇ مۇمكىن ئەمەسلىكنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن مۇناسىپ يولنى تۇتىدۇ ۋە ئىنساننى ئەقلى يېتىدىغان بارلىق ساھەلەرگە باشلاپ بېرىپ، ئاخىرىدا ئەقىلنىڭ سىرتىدا بولغان چېگرادا توختايدۇ. شۇ ۋاقىتتا دەيدۇكى، ئىنساننىڭ ئەقلى شۇنچىلىك يەرگىچە يېتىدۇ، ئەمما ئەقىل ئىدراك قىلالمايدىغان ئالەملەر كۆپ!».

ھېربېرت يوقىرىقى سۆزلىرىگە مىسال كەلتۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «بىر تامچە سۇنى كۆرگەن ئالىم ئۇنىڭ ئوكسگېن بىلەن ھېدروگېندىن مەلۇم نىسبەتتە تەركىب تاپقان سۇ ئىكەنلىكىنى، ئەگەر ئۇ ئۆزىنىڭ تەبىئىتىدىن ئۆزگىرىپلا كەتسە، سۇ ئەمەس، باشقا نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدىغانلىقىنى ئۇبدان بىلىدۇ. بۇنىڭدىن ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتىنى ۋە ھېكمەت بىلەن شۇنداق ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى چۈشىنىدۇ. مۇنداق ئالىمنىڭ ئىلمى سۇ تامچىسىنى پەقەت بىر تامچە سۇ  خالاس، دەپ بىلىدىغان ئالىمنىڭ ئىلمىدىن ئەلۋەتتە يوقىرى ۋە كۈچلۈك ئىلىمدۇر. شۇنىڭدەك، بىرتال قار دانىسىنى كۆرگەن ئالىممۇ ئۇنىڭدىكى بەدىئىي سەنئەتنى، دىققەت بىلەن لايىھىلەنگەن گۈزەللىكنى كۆرىدۇ. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭ بىلەن ئاللاھنىڭ ماھارىتىنى ۋە ھېكمەتلىك ئىش قىلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. ئەمما شەيئىيلەرگە يۈزەكى باقىدىغان ئالىم قار دانىسىنى «مۇزلىغان سۇ» دەپلا كۆرىدۇ، بەس».

دىندا ئالىم بولۇش

دىننى ئۆگىنىش، دىنىي بىلىملەرنى ئىگىلەش، دىننىڭ تەلىماتلىرىنى مۇكەممەل بىلىش، ئۇنىڭ ئەھكاملىرىنى توغرا چۈشىنىش دېگەنلەر ئەرەب تىلىدا «ئەل فىقھۇ فىددىن» دەپ ئاتىلىدۇ. «فىقھ» سۆزىنىڭ مەنىسى ئۆگىنىش ۋە بىلىش دېگەنلەردىن ئالاھىدە پەرقلىق بولۇپ، مۇكەممەل بىلىش ۋە توغرا چۈشىنىشنى ئىپادىلەيدۇ. شۇڭا «فەقىھ» سۆزى «ئالىم»سۆزىدىن ئەلۋەتتە چوڭدۇر. ھەر قانداق «فەقىھ»نى «ئالىم» دېگىلى بولىدۇ. ئەمما ھەر قانداق «ئالىم»نى «فەقىھ»دېگىلى بولمايدۇ.

دىنىي ئىلىم مەنپەئەت جەھەتتىن ئىلىملەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى، مەرتىۋە جەھەتتىن ئىلىملەرنىڭ ئەڭ كاتتىسىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئاللاھ تائالا كىمگە ياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا، ئۇنى دىندا مۇكەممەل قىلىدۇ»( ) دېگەن سۆزى بۇنى ئىپادىلەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە ئوقۇش ۋە ئۆگىنىشنى جەننەتكە كىرىشنىڭ يولى دەپ ئوچۇق جاكارلىغان ھالدا: «ئوقۇش ئۈچۈن يول ئالغان ئادەمنىڭ جەننەتكە كىرىش يولىنى ئاللاھ ئوڭايلاشتۇرۇپ بېرىدۇ»( ) دېگەن.

پەننىي ئىلىمنىڭ مەرتىۋىسى دىنىي ئىلىمدىن كەم ئەمەس

ئىلىم _ پەن دىنغا دۈشمەن ئەمەس، ئۇنىڭغا زىتمۇ ئەمەس، بەلكى ئىلىم _ پەن ئەقىللىك كىشىلەرنى ئىمانغا باشلايدىغان بىر يولباشچىدۇر. ئىلىم دېڭىزىغا شۇڭغۇپ ئۇنىڭدىن بەھرىمەن بولغان كۆپلىگەن ئالىملارنىڭ بۇ سىرلىق كائىناتنىڭ ئارقىسىدا ئۇنى ھىمايە قىلىپ ۋە باشقۇرۇپ تۇرىدىغان بىر ئىلاھىي قۇدرەتنىڭ بارلىقىغا ۋە ئۇنىڭدىكى ھەر نەرىسىنىڭ مەلۇم قانۇنىيەتكە ئىگە، پۇختا يارىتىلغان سەنئەت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ، ئاللاھ تائالانىڭ دىنىغا قايتقانلىقى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس. چۈنكى ئىلىم ھەر قاچان ئاللاھقا باشلىماي قالمايدۇ. دىنسىزلىق ئېتىقادى بىلەن تەبىئەت، ئاسترونومىيە، بىيولوگىيە، فېزىكا ۋە باشقا ئىلىم پەن ساھەلىرىگە قەدەم قويۇپ، بۇ ئىلىم _ پەنلەر سايىسىدا ھەقىقەتنى تونۇپ ھىدايەت تاپقاندىن كېيىن، ئاللاھ تائالانىڭ بارلىقىغا ئىلمىي يوسۇندا يېتەرلىك دەلىللەرنى كەلتۈرگەن ۋە بۇدەلىللىرى ئارقىلىق ئىلىم _ پەندىن يۈزەكى مەلۇماتلىق بولۇپ، ئىلىمنى دىنغا قارشى قورال قىلماقچى بولغانلارغا قارشى كۈچلۈك رەددىيەلەرنى بېرىپ كەلگەن تەبىئىي پەن ئالىملىرىمۇ ناھايىتى كۆپ. گېرمانىيەلىك شائىر ۋە يازغۇچى ھىلمۇت ھۇگىل  مۇنداق دەيدۇ: «ئىلىم ساھەلىرى كېڭەيگەنسېرى تەڭداشسىز قۇدرەتلىك، يەككە _ يېگانە ياراتقۇچىنىڭ بارلىقىغا بولغان كۈچلۈك ئىلمىي دەلىللەر كۆپەيمەكتە. بىئولوگىيە، فېزىكا، تەبىئەت، ئاسترونومىيە ئالىملىرى ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ ئىلىم مۇنبىرىنى تىكلىمەكتە. بۇ ئەينى ۋاقىتتا ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلىقىنىڭ مۇنبىرىدۇر».

 ئەمما تەبىئىي پەندە ئۆزلىرىنى ئالىم ساناپ مەغرۇرلانغان ئاتېئىزمچىلار ئۆتمۈش زامانلارنىڭ ئەقلىيىتى بىلەن ياشىغۇچىلاردۇر. ئۇلار زامانىمىزدىكى ئىلىم _ پەننىڭ قانچىلىك زور ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلغانلىقىنى ۋە ھەر بىر قەدىمىدە ئاللاھ تائالانىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلاۋاتقانلىقىنى كۆرمەيدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ تەپەككۇر قىلىش تەرزى باشقىلار سىزىپ بەرگەن چەكلىك نەزەرىيە دائىرىسىدە مەھبۇس بولغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ ئەقلىمۇ شۇ ئەندىزە ئىچىدە مەھبۇستۇر.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار