كۆڭۈل ئاسراش ئىبادەتتۇر

كۆڭۈل ئاسراش ئىبادەتتۇر

مۇھەممەد يۈسۈپ

قۇلىقىمىزغا «ئىبادەت» دېگەن سۆز ئاڭلانغان ھامان ئەقلىمىزگە ناماز، روزا، زاكات، ئاتا –ئانىنىڭ خىزمىتىنى قىلىش دېگەندەك ئىبادەتلەر كېلىدۇ. چۈنكى نۇرغۇن كىشلەر كۆڭۈل ئاسراشنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا نەقەدەر ئەھمىيەتلىك ئىبادەت ئىلكەنلىكى بىلمەيدۇ. ئەپسۇسكى، كىشىلەرنىڭ كۆڭۈللىرىنى ئاسراشقا ئوخشاش بەزى مۇھىم ئىبادەتلەر شۇنچىلىك كاتتا ساۋابلىق ئەمەل تۇرۇقلۇق، نۇرغۇن كىشىلەرگە مەخپىي قالىدۇ.

كۆڭۈل ئاسراش ئىسلامىي گۈزەل ئەخلاق بولۇپ، بۇ كۆڭۈل –كۆكسى كەڭ، ئالىيجاناب، ئەقلى ساغلام ۋە ئەخلاق-پەزىلەتلىك كىشىلەرنىڭ سۈپىتىدۇر. ئىمام سۇفيان سەۋرى كۆڭۈل ئاسراشنىڭ پەزىلىتىنى بايان قىلىپ: «بەندىنىڭ ئاللاھقا يېقىنلىق ئىزدىشىدە بىرەر مۇسۇلماننىڭ كۆڭلىنى ئاسرىغىنىدىنمۇ ئۇلۇغ ئىبادەت يوقتۇر» دېگەن.

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەر سەجدىدە «اَللَّهُمَّ اغْفِرْلِي وَارْحَمْنِي وَاهْدِنِي وَاجبُرْنِي وعاَفِنِي وَارْزُقنِي وَارْفَعْنَي » (ئى ئاللاھ! گۇناھىمنى مەغپىرەت قىلغىن، ماڭا رەھىم قىلغىن، مېنى يېتەكلىگىن، مېنى كىشىلەرنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىدىغان، كۆڭۈللىرىنى ئاسرايدىغان قىلغىن، ماڭا ساقلىق ۋە رىزىق ئاتا قىلغىن، مەرتىۋەمنى يۇقىرى قىلغىن» دېگەن دۇئانى ئوقۇيتتى.

قۇرئان كەرىمدىكى كۆڭۈل ئاسراش نەمۇنىلىرى

ئاللاھ تائالا قەسەس سۈرىسىدە مۇنداق دېگەن: «(ئى پەيغەمبەر!) ساڭا قۇرئاننى (يەتكۈزۈشنى ۋە ئەمەل قىلىشنى) پەرز قىلغان زات ئەلۋەتتە سېنى قايتىدىغان يەر (مەككە)گە قايتۇرىدۇ» . مەلۇمكى، مەككە شەھىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كىندىك قېنى تۆكۈلگەن ئانا ۋەتىنى بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇشرىكلارنىڭ ھەددىن ئاشقان زورلۇق-زومبولۇقى سەۋەبلىك مەككىنى تاشلاپ چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان ۋە ئانا ۋەتىنىگە بولغان سۆيگۈسى ئۇرغۇپ قاتتىق ئازابلانغان ئىدى. شۇ چاغدا ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆڭلىگە تەسەللى بېرىش بۇ ئايەتنى نازىل قىلغان ۋە ئۇنى ئۆزىنىڭ ئانا ۋەتىنىگە غەلىبە بىلەن قايتۇرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان. ئەمەلىيەت ئاللاھ تائالا ۋەدە قىلغاندەك بولغان.

« رەببىڭ ساڭا كەلگۈسىدە (كۆپ ياخشىلىق) ئاتا قىلىدۇ، سەن (بۇنىڭدىن) مەمنۇن بولىسەن» . مەلۇم ۋاقىت ۋەھيى ئۈزۈلۈپ قالغاندىن كېيىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قاتتىق بىئارام بولغان، ھەتتا كاپىرلار «مۇھەممەدنى رەببى تاشلىۋەتتى» دېيىش ئارقىلىق ئۇنىڭ كۆڭلىگە ئەزىيەت بەرگەن. ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بېشىغا كەلگەن ئاشۇ كۆڭۈلسىزلىك، غەم، ئەندىشە ۋە ئەزىيەتلەرگە تەسەللى بېرىش ئۈچۈن زۇھا سۈرىسىنى نازىل قىلغان ۋە ئۇنىڭ كۆڭلىنى خۇشال قىلغان. بۇ سۈرە غەم-قايغۇ ئىچىدە قالغان ۋە زور قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىغان ھەرقانداق مۇسۇلمان ئۈچۈن تەسەللى ۋە شىپادۇر. «ئۇ سېنىڭ يېتىملىكىڭنى بىلىپ پاناھ بەرمىدىمۇ؟ سېنىڭ تېڭىرقاپ قالغىنىڭنى بىلىپ يول كۆرسەتمىدىمۇ؟ سېنىڭ يوقسۇللۇقۇڭنى بىلىپ بېيىتمىدىمۇ؟ سەن يېتىمنى خارلىما، تىلەمچىنى سىلكىشلىمە» دېگەن ئايەتلەردە، ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يۈرەككە تېگىدىغان ئەڭ تەسىرلىك تەبىرلەر بىلەن خىتاب قىلىش ئارقىلىق، ئۇنى يوقسۇللارنىڭ، يېتىملەرنىڭ ھالىغا يېتىشكە، ئۇلارنىڭ كۆكىۈللىرىنى ئاسراشقا بۇيرۇغان.

بىزنىڭ كۈندىلىك ھاياتىمىزدىمۇ دىنىمىز كۆرسەتكەن كۆڭۈل ئاسراش قائىدىلىرى ئاز ئەمەس. مەسىلەن: مېيىت چىققان ئۆيدىكىلەرگە تەسەللى بېرىش، ئۇلارنىڭ دەرد –ئەلەملىرىنى يېنىكلىتىشكە تىرىشىش، كېسەللەرنى يوقلاپ ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى كۆتۈرۈش قاتارلىقلار بۇنىڭ مىسالى. بۇنىڭ يەنە بىر مىسالى مىراس تەقسىم قىلىنغان ئورۇنغا ھازىر بولغان كەمبەغەل كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى خۇشال قىلىش ئۈچۈن ئۇلارغا ئاز-تولا بىر نەرسە بېرىشتۇر. « تەقسىمات ۋاقتىدا (مىراستا ھەققى يوق) تۇغقانلار، يېتىملەر ۋە يوقسۇللار ھازىر بولسا، ئۇلارغىمۇ بۇ مىراستىن (ئاز _ تولا) بېرىڭلار، ئۇلارغا چىرايلىق سۆز قىلىڭلار» .

ھەدىسلەردىكى كۆڭۈل ئاسراش نەمۇنىلىرى

دۇنيادا ھەربىر ئىنساننىڭ ئۇنتۇلماس گۈزەل خارىرىلىرى بولىدۇ. بولۇپمۇ باشقىلار تەرىپىدىن ئېرىشكەن ياخشىلىق قەتئىي ئۇنتۇلمايدۇ. بۇ ياخشىلىقى مەيلى بىرەر ئېغىز سۆز بولسۇن ياكى بىرەر ئىش بولسۇن، كۆڭۈللەردە نەقىشلىنىپ مەڭگۈگە قالىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تائىفتىن غەمكىن ۋە ھارغىن ھالدا قايتىپ كەلگىنىدە، مۇتئىم ئىبنى ئەدى دېگەن كىشى ئۇنىڭغا پاناھ بولغان بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇتئىمنىڭ بۇ ياخشىلىقىنى ئۇنتۇپ قالمىغان، ھەتتا بەدرى ئۇرۇشى بولغاندا ئەسىرلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەن ۋاقتىدا، «ئەگەر مۇتئىم ھايات بولۇپ، مۇشۇ ئەسىرلەر توغرۇلۇق مەندىن نېمە تىلىسە، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ سۆزىنى قوبۇل قىلغان بولاتتىم» دېگەن. ئىمام ئەھمەد ھەر سەجدىدە «ئى ئاللاھ! ئەبۇ ھەيسەمنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلغىن» دەپ دۇئا قىلىدىكەن. بىر كۈنى ئوغلى ئۇنىڭدىن: «ئى ئاتا! كىم بۇ ئەبۇ ھەيسەم دېگەن؟ بۇ ئادەم سىزگە نېمە قىلىپ بەرگەن ئىدى؟» دەپ سوراپتۇ. ئىمام ئەھمەد ئوغلىغا جاۋاب بېرىپ دەپتۇ: «ئوغلۇم! ئەبۇ ھەيسەم دېگەن بىر قاراقچى. مەن زىندانغا تاشلانغاندا، ئۇمۇ زىنداندا بار ئىدى. ئۇ ماڭا مۇنداق دېگەن: «مەن دۇنيالىق ئۈچۈن شەيتانغا ئەگىشىپ قاراقچىلىق قىلغانلىقىم ئۈچۈن ئون سەككىز مىڭ قامچا يېدىم. سەن دىن يولىدا ئاللاھقا ئىتائەت قىلىپ يېگەن قامچىلىرىڭغا سەۋر قىلغىن» دېگەن ئىدى. شۇ قاراقچى ئادەمنىڭ بىر ئېغىر ھەق سۆزى ئىمام ئەھمەدنى ئۆمۈر بويى ئۇنىڭغا ھەر سەجدىدە دۇئا قىلىدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويغان.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىنىڭ كۆڭلىنى بەك ئاسرايتتى،  ئۇلارنىڭ قانداقلا بىر مۈشكىلىسى بولسا، ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسىنى كۆرسىتەتتى، ئۇلارغا ۋايىغا يەتكەن كۈيۈمچانلىقى بىلەن مۇئامىلە قىلاتتى. بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسجىدكە كىرىگىنىدە، ناماز ۋاقتى ئەمەس بىر ۋاقىتتا ئەبۇ ئۇمامە ئىسىملىك بىر ساھابە ئۆزى يالغۇز مەسجىدتە ئولتۇرغان بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن: «ئى ئەبۇ ئۇمامە ساڭا نېمە بولدى، ناماز ۋاقتى ئەمەس ۋاقىتتا مەسجىدكە كىرىپسەن؟» دەپ سورايدۇ. ساھابە: «يا رەسۇلۇللاھ! قەرزىم بار ئىدى، شۇنىڭ غېمىدە ئولتۇراتتىم» دەيدۇ. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «ساڭا بىر سۆزنى ئۆگىتىپ قويايمۇ؟ ئەگەر سەن شۇ سۆزنى دېسەڭ، ئاللاھ سېنى غەمدىن ۋە قەرزىڭدىن قۇتۇلدۇرۇپ قويىدۇ» دەيدۇ. ساھابە: «بولىدۇ، يارەسۇلۇللاھ! ئەلۋەتتە ئۆگىتىپ قويغايلا» دەيدۇ. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «سەن ئەتىگەن- ئاخشامدا اَللَّهُمَّ إِنِّي أَعُوْذُ بِكَ مِنَ الْهَمِّ وَالْحَزَنِ، وَالْعَجْزِ وَالْكَسَلِ، وَالْبُخْلِ وَالْجُبْنِ، وَضَلَعِ الدَّيْنِ وَغلَبَةِ الرِّجَالِ يەنى "ئى ئاللاھ! ساڭا سىغىنىپ غەم ــ قايغۇدىن، كۆڭۈلسىزلىكتىن، ئاجىزلىقتىن، ھورۇنلۇقتىن، بېخىللىقتىن، قورقۇنچاقلىقتىن، قەرزدارلىقتىن ۋە كىشىلەرنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن"( ) دېگەن دۇئانى ئوقۇغىن» دەيدۇ. ئەبۇ ئۇمامە مۇنداق دەيدۇ: «مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دېگەن بويىچە قىلىۋىدىم، ئاللاھ مېنى غەمدىن قەرزدىن خالس قىلدى» .

بىر كۈنى مۇھاجىرلارنىڭ ئارىسىدىكى يوقسۇل ساھابىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭغا: «بايلار بىزدىن كۆپرەك ساۋابقا ئېرىشىدىغان بولدى، ئۇلارمۇ بىز ناماز ئوقۇغان ناماز ئوقۇيدۇ، بىز روزا تۇتقاندەك روزا تۇتىدۇ، مال-دۇنياسىدىن سەدىقە قىلىپ يەنە ساۋاب تاپىدۇ» دەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: «ئاللاھ سىلەر سەدىقە قىلىدىغان نەرسىنى ئاتا قىلدى ئەمەسمۇ؟ سىلەر ئېيتىدىغان ھەربىر تەسبىھتە، ھەربىر تەكبىردە، ھەربىر ھەمدۇسانادا، ھەربىر تەھلىلدە ۋە كىشىلەرنى ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇپ، يامان ئىشلاردىن توسۇشتا سەدىقىنىڭ ساۋابى بار، سىلەرنىڭ ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋىتىڭلاردىمۇ سەدىقىنىڭ ساۋابى بار» دەيدۇ. ساھابىلەر: «يارەسۇلۇللاھ! بىز ئۆزىمىزنىڭ شەھۋىتىنى قاندۇرساقمۇ ساۋاب بولامدۇ؟» دەپ سورىشىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: «قاراڭلارچە، ناۋادا سىلەر شەھۋىتىڭلارنى ھارامدىن قاندۇرساڭلار گۇناھ بولىدۇ ئەمەسمۇ؟ شۇنىڭدەك سىلەر شەھۋىتىڭلارنى ھالالدىن قاندۇرسانلار سىلەرگە ساۋاب بولىدۇ»  دەيدۇ.

كۆڭۈل ئاسراشنىڭ ھاياتىمىزدىكى ئىپادىلىرى

كۆڭۈل ئاسراش، خۇشاللىق بەخش ئېتىش كۈندىلىك ھاياتىمىزدا كەم بولسا بولمايدىغان زۆرۈرىيەتلەرنىڭ بىرىدۇر. چۈنكى بىز توپلىشىپ ياشايدىغان ئىجتىمائ.ىي مەخلۇقات بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، بىلىپ، بىلمەي، بىر-بىرىمىزنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىپ قويىدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. ئەگەر بىز ئالىيجانابلىق بىلەن بىر-بىرىمىزنىڭ يامانلىقىنى ئەپۇ قىلساق، بىر-بىرىمىزنىڭ ئۆزرىسىنى قوبۇل قىلساق، بەزى خاتالىقلارنى كۆرمەسكە سالساق، ئەلۋەتتە ئىبادەتنىڭ ساۋابىنى تاپىمىز. ھەتتا بازارغا بارغاندا ھەممە ئادەم سېتىۋالغان جايدىن ئالماي، تۈزۈك سودا قىلالمىغان كىشىلەردىن سېتىۋېلىش، ھەمىشە ماركىتلاردىنلا ئالماي، پەرزەنتلىرىگە ھالال لۇقما تېپىش يولىدا پىژغىرىم ئىسسىقتا ھارۋا سۆرەپ يۈرۈپ نەرسە ساتىدىغان كىشىلەردىن سېتىۋېلىش، يوللاردا قەلەم، قول قەغىزى قاتارلىقلارنى تەڭلەپ چىرايىڭىزغا تەلمۈرۈپ تۇرغان سەبىيلەرنى خۇشال قىلىش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا تولىمۇ كاتتا ئىبادەتلەردۇر.

زامانىمىزدا ئىجتىمائىي زۇلۇم دۇنيانىڭ كۆپ جايلىرىدا ئومۇملاشقان، كىشىلەرنىڭ ئەخلاقى بۇزۇلغان، نەپسانىيەتچىلىك ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان مۇشۇ دەۋردە، كىشىلەر تەسەللىگە موھتاج، چىرايلىق سۆزگە موھتاج ۋە كۆيۈنۈشكە موھتاج. بىز ئۇيغۇرلاردا «بۇغداي نېنىڭ بولمىسىمۇ بۇغدايسەك سۆزۈڭ بولسۇن» دەيدىغان ماقال بار. چىرايلىق سۆز دىلنى يايرىتىدۇ، چىراينى نۇرلاندۇرىدۇ، قەلبنى راھەتلەندۈرىدۇ، غەم-قايغۇنى كەتكۈزىدۇ.

كۆڭۈل ئاسراش، دىللارغا خۇشاللىق كىرگۈزۈش ۋە كىشىلەرگە كۆيۈمچانلىق كۆرسىتىش ۋاقىتقا ياكى پۇلغا ۋە ياكى ئىمكانىيەتكە موھتاج ئەمەس.  بۇنى ھەرقانداق ۋاقىتتا ۋە ھەرقانداق يەردە قىلغىلى بولىدۇ.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار