يېتىملەر ھەققىدە سۆز

يېتىملەر ھەققىدە سۆز
مۇھەممەد يۈسۈپ

ئادەتتە ئاتا-ئانىسى بولمىغان  بالا «يېتىم بالا» دەپ  ئاتىلىدۇ. ئەمما ئىسلام قانۇنىغا كۆرە، بالاغەتكە يېتىشتىن بۇرۇن ئاتىسى ئۆلۈپ كەتكەن بالا «يېتىم» ھېسابلىنىدۇ.

مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىدە ئەڭ زور ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك ئىجتىمائىي ئىبادەتلەرنىڭ بىرى يېتىملەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ۋە ئۇلارنىڭ بېشىنى سىلاشتۇر. چۈنكى يېتىملەر ياردەمگە، مېھىر-شەپقەتكە ۋە ھېسداشلىققا ئەڭ كۆپ ئېھتىياجلىقتۇر.

ئىسلام دىنى رەھىم-شەپقەتنى ئالدىنقى ئورۇندا قويىدىغان ۋە ئۇنى ئەڭ قاتتىق تەشەببۇس قىلىدىغان  دىن بولۇپ، يېتىملەرنىڭ بېشىنى سىلاشنى ئەڭ كاتتا ئىبادەتلەرنىڭ قاتارىدىن سانايدۇ.

يېتىملەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش پەرزدۇر
جەمئىيەتتىكى يېتىم بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، بېشىنى سىلاش، ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتلەردىن ياردەم قىلىش، ئوقۇتۇش ۋە تەربىيەلەش ئارقىلىق ئۇلارنى ئەقلىي، ئەخلاقىي ۋە جىسمانىي تەرەپلەردىن مۇكەممەل، ياخشى بىر مۇسۇلمان قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىش شۇ جەمئىيەتتە ياشايدىغان مۇسۇلمانلارنىڭ ئۈستىگە پەرز كۇپايىدۇر.([1])

بۇ دېگەنلىك بىر مەھەللىدە يېتىملەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان بىرمۇ ئادەم چىقمىسا، شۇ مەھەللە خەلقىنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالانىڭ غەزىپىگە ۋە جازاسىغا ئۇچرايدۇ، دېگەنلىكتۇر.

يېتىملەرنىڭ ئىشىنى ھەممە ئادەم باشقىسىغا تاشلاپ قۇيۇپ، ئۆز ئىشى بىلەن مەشغۇل بولسا، يېتىملەرنىڭ ئىشىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ئادەم چىقماي قالىدۇ. شۇڭا ھەر بىر مۇسۇلمان بۇنى ئۆز مەسئۇلىيىتىم دەپ تونۇشى لازىم.

يېتىملەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش باي-كەمبەغەل، كادىر-دېھقان، زىيالىي-ئاۋام ھەممە ئادەمنىڭ قولىدىن كېلىدىغان ئىش. بۇنىڭغا ئۆزرە قوبۇل قىلىنمايدۇ. چۈنكى يېتىملەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش دېگەن ئىقتىساد بىلەنلا بولمايدۇ. يېتىملەر ئىقتىسادتىن كۆپرەك مېھىر-شەپقەتكە، كۆڭۈل بۆلۈشكە ۋە  باشقىلارنىڭ ئۆزىنى باغرىغا بېسىشىغا موھتاجدۇر. بۇنى  ھەممە ئادەم قىلالايدۇ.

شۇڭا قول ئىلكىدە بارلار ئىقتىسادى بىلەن، قول ئىلكىدە بولمىغانلار چىرايلىق سۆز قىلىش، ھېسداشلىق قىلىش، مېھرىبانلىق يەتكۈزۈش، ھال-ئەھۋالىنى سوراش، داۋاملىق يوقلاش، ئۆيىگە چاقىرىپ بىرگە تاماق يېيىش، دەرد-ئەلەملىرىنى تىڭشاش، چىرايلىق تەسەللىي بېرىش، يول كۆرسىتىش، تەربىيەلەش قاتارلىقلار بىلەن يېتىملەرنىڭ بېشىنى سىلىيالايدۇ. خەلقىمىزدە: «بۇغداي نېنىڭ بولمىسا، بۇغداي سۆزۈڭ  يوقمۇ؟» دەيدىغان ھېكمەت بار.

ئاللاھ تائالا يېتىملەرگە ياخشىلىق قىلىشنى ئەڭ كاتتا ئىبادەتلەر قاتارىدىن سانىغان:( وَاعْبُدُوا اللَّهَ وَلَا تُشْرِكُوا بِهِ شَيْئًا وَبِالْوَالِدَيْنِ إِحْسَانًا وَبِذِي الْقُرْبَى وَالْيَتَامَى وَالْمَسَاكِينِ وَالْجَارِ ذِي الْقُرْبَى وَالْجَارِ الْجُنُبِ وَالصَّاحِبِ بِالْجَنْبِ وَابْنِ السَّبِيلِ وَمَا مَلَكَتْ أَيْمَانُكُمْ ( يەنى)ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىڭلار، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەڭلار، ئاتا-ئاناڭلارغا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭلارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، يېقىن قوشنىغا، يىراق قوشنىغا، ياندىكى ھەمراھقا، مۇساپىرغا، قول ئاستىڭلاردىكىلەرگە ياخشىلىق قىلىڭلار( ([2])

يېتىمنى باققان ئادەم چوڭ مەرتىۋە قازىنىدۇ
بالىلار ھاياتلىقنىڭ زىننىتى، كۆڭۈلنىڭ شادلىقىدۇر. بالىسى يوق كىشىلەر يېتىملەرنى بېقىپ، بېشىنى سىلاپ، قاتارغا قوشۇش ئارقىلىق جەننەتلەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە بولۇش شەرىپىگە نائىل بولالايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مەن يېتىمنى باققان ئادەم بىلەن جەننەتتە خۇددى مۇشۇنداقمىز»([3])، دەپ ئىككى بارمىقىنى جۈپلەپ كۆرسەتكەن.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دېگەن: «مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆيلىرى ئىچىدە ئەڭ ياخشى ئۆي، ئۇنىڭدا يېتىم بولۇپ،  ئۇ يېتىمگە ياخشىلىق قىلىنغان ئۆي، ئەڭ يامان ئۆي ئۇنىڭدا يېتىم بولۇپ،  ئۇ يېتىمگە يامانلىق قىلىنغان ئۆيدۇر»([4]).

يېتىملەرنى ئۆز بالىسىدەك كۆرۈش كېرەك
يېتىم بالىلارنى بېقىپ ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدە يۇقىرى مەرتىۋە قازىنىشنىڭ شەرتى: يېتىملەرنى باققان ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئۇلارنى ئازراقمۇ يەكلىمەي، ئۆز بالىلىرىغا ئوخشاش كۆرۈپ، ئوخشاش كىيىندۈرۈپ، ئوخشاش يېگۈزۈپ، ئوخشاش تەربىيە قىلىپ، ئوخشاش ئوقۇتۇپ، مېھرى-مۇھەببىتىنى ئوخشاش بېرىپ قاتارغا قوشۇشىدۇر. ئەمما يېتىملەرگە ئايرىم مۇئامىلە قىلىش ياكى ئۇلارنى يەكلەش چوڭ گۇناھتۇر.

ئۆگەي بالىلارنىمۇ  ياخشى بېقىپ،  ياخشى تەربىيەلەپ قاتارغا شۇنداق قوشۇش كېرەك. ئۆگەي بالىنى ئۆز بالىسىدەك كۆرۈپ، مېھىر-شەپقىتىنى بېغىشلىغان ئادەم مەيلى ئاتا بولسۇن، مەيلى ئانا بولسۇن، يېتىملەرنىڭ بېشىنى سىلىغاننىڭ  ساۋابىنى تاپىدۇ.

مۇھىم بولغىنى يېتىم بالىلارغا ئۆزلىرىنىڭ يېتىم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرماسلىق، ئۆزلىرىنى شۇ ئائىلىنىڭ ئىززەتلىك بىر ئەزاسى قاتارىدا ھېس قىلىشى ۋە ھېچقانداق بىر ئايرىمىچىلىق ياكى يەكلەشنى كۆرمەسلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتۇر.

يېتىملىك نۇقسانلىق ياكى ئەيىب ئەمەس
يېتىملىك ئاللاھ تائالانىڭ تەقدىرى ۋە قىسمىتىدۇر. ئەگەر يېتىملىك نۇقسانلىق ياكى ئەيىب ياكى يامانلىق بولسا ئىدى، ئىنسانىيەتنىڭ ئىپتىخارلىق ئۈلگىسى، ئەخلاق-پەزىلەتنىڭ يېگانە نەمۇنىسى ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام يېتىم بولمىغان بولار ئىدى. پەيغەمبىرىمىز ئاتا-ئانىسىدىن كىچىك ئايرىلىپ يېتىم قالغان بولسىمۇ، ئۇنى ئاللاھ تائالا ئۆزى تەربىيەلىگەن ۋە بۇ كامالەتكە يەتكۈزگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزى توغرىلىق: «مېنى رەببىم ئەڭ مۇكەممەل تەربىيەلىدى»([5]) دېگەن.

يېتىمنى خورلاش چوڭ گۇناھتۇر
ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە:) فَأَمَّا الْيَتِيمَ فَلَا تَقْهَرْ( يەنى )يېتىمنى خارلىما( دېگەن.([6])

يېتىمنى خورلاش—ئۇنى ئۇرۇش، ھاقارەتلەش، مەسخىرە قىلىش، پەس كۆرۈش، كۆزگە ئىلماسلىق، ئاچ قويۇش، ھېسسىياتىنى  كەمسىتىش، كۈچى يەتمەيدىغان ئىشقا زورلاش، يامان ئىشلارغا بۇيرۇش، ئۆز بالىلىرىدىن ئايرىم مۇئامىلە قىلىش قاتارلىقلارنى ئىپادىلەيدۇ.

ئاللاھ تائالا يېتىملەرنى خورلىغانلارنى دىننى ئىنكار قىلغانلار قاتارىدا ئەيىبلىگەن: ) أَرَأَيْتَ الَّذِي يُكَذِّبُ بِالدِّينِ. فَذَلِكَ الَّذِي يَدُعُّ الْيَتِيمَ . وَلَا يَحُضُّ عَلَى طَعَامِ الْمِسْكِينِ( يەنى)دىننى ئىنكار قىلغان ئادەمنى كۆردۈڭمۇ؟ ئۇ يېتىمنى  دۈشكەلەيدۇ، يوقسۇلغا تائام بېرىشنى تەرغىب  قىلمايدۇ( ([7])

يېتىمنى باققاننىڭ مۇكاپاتى
بىزنىڭ ئۈلگىمىز ۋە يولباشچىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام يېتىملەرنىڭ بېشىنى سىلاشتا، باشقىلارنىمۇ شۇنداق قىلىشقا تەرغىب قىلىشتا ئەڭ ئالدىنقىلاردىن ئىدى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قەلبىنىڭ قاتتىقلىقىدىن شىكايەت قىلىپ كەلگەن بىر ئادەمگە  مۇنداق دېگەن: «سەن قەلبىڭنىڭ يۇمشىشىنى ۋە بۇ ھاجىتىڭنىڭ راۋا بۇلىشىنى خالامسەن؟ ئۇنداقتا، يېتىملەرگە شەپقەت قىل، ئۇلارغا ئۆزۈڭ يەيدىغان تائامدىن يېگۈزگىن.  شۇ ۋاقىتتا قەلبىڭ يۇمشايدۇ ۋە ھاجىتىڭ راۋا بولىدۇ.»([8])

چۈنكى ھەركىم ئۆزىنىڭ بالىلىرىنى ئويلىسا، بالىلىرىنى شۇ چارىسىز ۋە قاناتسىز قالغان يېتىم بالىلارنىڭ ئورنىدا قويسا، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ تاشتەك قېتىپ كەتكەن قەلبىمۇ يۇمشايدۇ، كۆڭلى سۇنىدۇ ۋە ئىچ ئاغرىتىش ھېسسىياتىغا كېلىدۇ-دە، ياردەم قىلىشقا بەل باغلايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەدىستە  مۇشۇ نۇقتىنى مەقسەت قىلغان بولۇشى مۇمكىن.

يەنە بىر تەرەپتىن، يېتىملەرگە مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىش ۋە ئۇلارنىڭ ھاجەتلىرىنى راۋا قىلىشنىڭ قەلبلەرنىڭ يۇمشىشىغا ۋە ھاجەتلىرىنىڭ راۋا بولۇشىغا تۈرتكە بولۇشىدىكى سەۋەب: بۇ ئىشنىڭ ئاللاھ تائالانى ئەڭ كۆپ مەمنۇن قىلىدىغان خالىسانە ئىبادەت بولغانلىقىدىن بولسا كېرەك. چۈنكى يېتىملەر قاناتلىرى سۇنغانلىقتىن ئۇچالمىغان قۇشلارغا ئوخشاش پەرىشان، كۆڭلى سۇنۇق. چارىسىز قالغانلىقتىن  بىراۋلارنىڭ ھېسداشلىق قىلىشىغا ۋە ھاجەتلىرىنى راۋا قىلىپ بېرىشىگە ناھايىتى ئېھتىياجلىقتۇر.

خەلقىمىزدە: «ئاتىسى بارنىڭ تېغى بار، ئاتىسى يوقنىڭ دېغى بار» دەيدىغان تەمسىل بار. چۈنكى يېتىمنىڭ قەلبىدە تۈگىمەس-پۈتمەس دېغى بولىدۇ. بۇنى يېتىم بولمىغانلار بىلمەيدۇ. جەمئىيەتتە ئىچ ئاغرىتىشقا تېگىشلىك بىرى بولسا، ئۇ دەل يېتىم بالىلاردۇر.

يېتىمنى باققان ئايال ئانىنىڭ ئورنىدا
ئانىلىق ئاللاھ تائالا ئاياللارغا ئاتا قىلغان شۇنداق  ئۇلۇغ بىر خىسلەتكى، پۈتۈن دۇنيانىڭ ئەرلىرى بىرلىشىپمۇ بۇ خىسلەتكە ئېرىشەلمەيدۇ ۋە ھەقىقىي مەنىدە «ئانىلىق» قىلالمايدۇ.

بۇ خىسلەت بالا تۇغقان ئاياللارغىلا خاس بولماستىن، بەلكى پۈتۈن ئايال جىنسىغا ئورتاق خىسلەتتۇر. كۆرۈۋاتىمىزكى، بالا تۇغۇپ باقمىغان بەزى ئاياللارمۇ بېقىۋالغان بالىلىرىنى، ياكى ئۆگەي بالىلىرىنى باغرىغا بېسىشتا، ئۇلارغا «ئانىلىق» مېھرىنى بېرىشتە بالىلارنىڭ ئۆز ئانىلىرىغا ئوخشاش بولالايدۇ، گاھىدا ئۆز ئانىلىرىدىنمۇ ئېشىپ كېتىدۇ.

مۇسا ئەلەيھىسسالامنى بېقىپ چوڭ قىلغان «ئانا» پىرئەۋننىڭ ئايالى ئاسىيە بولۇپ، ئۇ دۇنيادىكى ئاياللارنىڭ ئەڭ ياخشىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن قۇرئان كەرىمدە تىلغا ئېلىنغان.

ئىسلام تارىخىدا ئۆتكەن كاتتا ئۆلىمالاردىن ۋە ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئۇنتۇلماس خىزمەتلەرنى كۆرسەتكەن مەشھۇر شەخسلەردىن  نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئۆگەي، ياكى بېقىۋالغان ئانىلارنىڭ قولىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن.

دېمەكچىمىزكى، ئۆزى تۇغمىغان ئاياللارمۇ  تەربىيەسىگە كەلگەن بالىلارنى شۇنداق ياخشى يېتىشتۈرۈپ چىقالايدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا ئانىلارنىڭ قەلبىگە سېلىۋەتكەن بۇ تەڭداشسىز مېھىر-شەپقەت ئۇلارنى ئىختىيارىي ۋە ئىختىيارسىز شۇنداق قىلدۇرىدۇ.

بېقىۋېلىنغان بالىلارمۇ شۇ ئائىلىدىكى ئانىنى ئۆز ئانىسىغا ئوخشاش كۆرۈشى ۋە ئاتا-ئانىغا قىلىشقا تېگىشلىك ھۆرمەت-ئېھتىرام بىلەن ئىتائەتچانلىقنى ۋايىغا يەتكۈزۈشى كېرەك.

ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى پاجىئەلەردىن بىر ئۆرنەك
ھازىرقى ئۇيغۇر جەمئىيىتىمىزدە خەلقىمىز ئىسراپچىلىقتا ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەن، ھەتتا بەزىلەر پۇل خەجلەشنىڭ ئورنىنى تاپالماي ئاۋارە بولماقتا. رېستورانلىرىمىز ئىسراپچىلىقنىڭ  مەنبەسى، توي-تۆكۈنلىرىمىز بۇزۇپ چېچىشنىڭ  پۇرسىتى بولۇپ قالماقتا.

تەقۋادارلىرىمىز، ياكى ئۆزلىرىنى تەقۋادار قىلىپ كۆرسىتىۋاتقانلار تەكرار ھەج قىلىش يولىدا يۈز مىڭلارچە  پۇلنى سەرپ قىلىدۇ. توغرا، قۇدرىتى يەتكەن مۇسۇلمان ئادەمنىڭ ئۆمرى ئىچىدە بىر قېتىم ھەج پەرزىنى ئادا قىلىشى پەرز. ئەمما تەكرار ھەج قىلىش نەپلە ئىبادەتلەر قاتارىدىن سانىلىدۇ. نەپلە ئىبادەتلەر ھەرگىز پەرزلەرنىڭ ئالدىغا قويۇلمايدۇ. نەپلە ئىبادەتلەر ئۈچۈن پەرزگە ئوخشاش ساۋابمۇ يېزىلمايدۇ. ھالبۇكى، جەمئىيەتتىكى يېتىملەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ۋە ئوقۇش چىقىملىرىنى كۆتۈرۈش شۇ جەمئىيەتتىكى قول ئىلكىدە بارلار ئۈچۈن پەرز  بولۇۋاتقان يەردە، بۇنداق زۆرۈر بولغان بىر ئىجتىمائىي پەرزنى قايرىپ قويۇپ، پەرز بولمىغان تەكرار ھەج ۋە تەكرار ئۆمرىنى قىلىشقا شۇنچىلىك كۆپ پۇل  خىراجەت قىلىش ھەرگىزمۇ تەقۋالىقتىن ئەمەس، بەلكى يا رىياكارلىق، ياكى بىلىمسىزلىكتۇر.

رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئەللامە ئابدۇللا ئىبن مۇبارەك([9]) ھەج سەپىرىگە چىقىپ، يولنىڭ يېرىمىغا كەلگىنىدە، يول بويىدا ئاچلىقتىن قىينىلىپ ياتقان يوقسۇللارنى كۆرۈپ: «بولدى، مەن ھەج قىلىپ بولدۇم. ھەجگە ئاتىغانلىرىمنى شۇ  يوقسۇللارغا ئاتىدىم» دەپ، پۇل-ماللىرىنى ئۇلارغا بېرىۋېتىپ، قايتىپ كەتكەن ئىكەن. مانا بۇ ھەقىقىي مۇسۇلمانلىق. مانا بۇ تەقۋالىق. مانا بۇ مەسئۇلىيەتچانلىق.

ھالالنىڭ ھېسابى، ھارامنىڭ ئازابى بار
ئۆزىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، ياكى قوشنىلىرى، ياكى مەھەللىسىدىكىلىرى ئىچىدە، بالىلىرىنى ئوقۇتۇش، داۋالىنىش ۋە باشقا ئېھتىياجلىرى سەۋەبلىك پۇلغا  زۆرۈر ئېھتىياجلىق بولغانلارنىڭ، ياكى قارىيلىقتا ۋە باشقا دىنىي ئىلىملەردە ئوقۇۋاتقان ھەم ئوقۇتىۋاتقانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالماستىن، خۇددى جەمئىيەتتە ئىقتىساد بىلەن قىلىنىدىغان ياخشىلىق يوللىرى تۈگەپ قالغاندەك، تاپقان پۇلىنى تەكرار ھەج، تەكرار ئۆمرە قىلىش ئۈچۈن سەرپ قىلىۋاتقانلار ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا قانداق جاۋاب بېرەر؟

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قىيامەت مەيدانىغا بەندىنىڭ قەدىمى قويۇلغان ھامان تۆت نەرسىدىن سورىلىدۇ: ئۆمرىنى نېمە بىلەن تۈگەتكەنلىكىدىن، ياشلىقىنى نېمە بىلەن ئۆتكۈزگەنلىكىدىن، پۇل-مالنى نەدىن تېپىپ، نەگە ئىشلەتكەنلىكىدىن، ئۆگەنگەن بىلىمى بىلەن قانداق ئىشلارنى قىلغانلىقىدىن».([10])

قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالا بىزدىن: «تاپقان پۇلنى نەگە  خىراجەت قىلدىڭ؟» دەپ سورىسا، بىز: «تەكرار ھەج قىلىشقا» دەپ جاۋاب بەرسەك، ئاللاھ تائالا بىزدىن: «ئۈستۈڭدىكى ئىجتىمائىي پەرزلەرنى بىلمىدىڭمۇ؟ پالانى قوشناڭنىڭ، ياكى پالانى تۇغقىنىڭنىڭ ئىقتىسادقا  زۆرۈر ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلەتتىڭغۇ؟ نېمىشقا بۇ پەرزنى ئادا قىلماي نەپلىگە ئېسىلىۋالدىڭ؟» دەپ سورىماسمۇ؟ بۇ سوئالغا بىز نېمە دەپ جاۋاب بەرمەكچى؟

بەزىلەر دېيىشى مۇمكىن: «تاپقان پۇلىنى ھارام يوللارغا،  كېچىلىكلەردىكى رەڭلىك ئولتۇرۇشلارغا  ۋە ھەر تۈرلۈك ئىسراپچىلىققا چىقىم قىلىدىغانلار سان-ساناقسىز تۇرۇپ، نەپلە بولسىمۇ ئىبادەت ئۈچۈن پۇل سەرپ قىلغانلارغا بۇنچىلىك كايىپ كېتىشنىڭ نېمە ھاجىتى؟»

دەيمىزكى، تاپقان پۇلىنى ھارام يوللارغا سەرپ قىلىدىغانلار ۋە ئىسراپ قىلىدىغانلار قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى بۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە چوقۇم تارتىدۇ. ئۇ باشقا بىر جىنايەت. ئۇنى سۆزلەشنىڭ ئورنى باشقا ماۋزۇدا بولىدۇ.

ئەمما بىز ئىبادەت نامى بىلەن سادىر قىلىنىۋاتقان ئىسراپچىلىق ھەققىدە توختىلىۋاتىمىز، ھەمدە كۆپرەك ياخشى ئەمەل قىلىپ ساۋاب ئىزدەۋاتقان قېرىنداشلارغا سۆزلەۋاتىمىز. بۇنىڭدىن مەقسەت بىراۋلارنى ئەيىبلەش ئەمەس، بەلكى «ئاۋۋال نېمە قىلىش كېرەك»لىكىنى ۋە ساۋاب قازىنىشنىڭ ئەڭ كاپالەتلىك يولىنى چۈشەندۈرۈشتۇر.

بەزىلەر دېيىشى مۇمكىن: «بىز يېتىملەرنىمۇ بېقىۋاتىمىز، قايتا ھەجنىمۇ قىلىۋاتىمىز، چۈنكى پۇلىمىز ھەممىگە يېتىدۇغۇ؟»

دەيمىزكى، سىز ھەممە يېتىملەرنى بېقىۋاتامسىز؟ ياكى جەمئىيەتتە يېتىم تۈگەپ قالدىمۇ؟ ياكى باشقا ئىجتىمائىي پەرز يوقمۇ؟ ياكى نەپلىنى پەرزدىن ئەلا كۆرۈشكە دەلىلىڭىز بارمۇ؟

راستتىنلا ساۋاب ئىزدىگەن ئادەم ئەلۋەتتە ساۋابى كۆپ بولىدىغان ئەمەللەرگە ئالدىرايدۇ. پەرزلەرنى نەپلىنىڭ ئالدىغا قويمايدۇ. ھەرەمگە كەلگەن ئادەم ساۋابنى خۇددى تاغارغا مال قاچىلىغاندەك قاچىلاپ ئېلىپ كېتىدۇ، دەيدىغان گەپ يوق. ساۋاب ئاللاھ تائالانىڭ قولىدا، ئاللاھ تائالا ئۇنى  ئاۋۋال كىشىلەرنىڭ نىيىتىگە ۋە قىلغان ئەمەللىرىنىڭ دەرىجىسىگە قاراپ بېرىدۇ.

يەنە  نۇرغۇن كىشىلەر «بەدەل ھەج  قىلدۇرىمىز»، دەپ پۇل  خىراجەت قىلىدۇ. ئەمما كۆزىمىز بىلەن كۆرۈۋاتىمىزكى ، ئۇلارنىڭ ئەۋەتكەن پۇللىرى مەككىدىكى  بەدەل ھەج تىجارەتچىلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىدۇ. مەن ئۆزۈم بىۋاسىتە تەكشۈرۈش ئېلىپ باردىم. «بەدەل ھەج  قىلىمىز» دەپ كىشىلەردىن پۇل ئالغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىقى بەدەل ھەجنى قىلمايدۇ. چۈنكى  ئۇلارنىڭ ھەربىرى 50~60 ئادەمنىڭ بەدەل ھەج  پۇلىنى يىغىدۇ. بىر ئادەم بۇنچىلىك كۆپ كىشىنىڭ ھەج بەدىلىنى قانداق قىلىپ بولسۇن؟ شۇڭا ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى «تەپمە ھالال قىلىش» ئارقىلىق كىشىلەرنى قايىل قىلىدىغانلار ئالغان بەدەل ھەج  پۇلىنىڭ ئىنتايىن ئاز مىقدارىنى بېنگاللىق، ياكى ئافرىقىلىق ئىشچىلارغا تاپشۇرىدۇ ، ئاندىن ئۇلار بەدەل ھەج  قىلىمىز، دەپ قويۇپ يوقاپ كېتىدۇ.  ئاخىرىدا كىتابخانىلاردىن 2 رىيالغا (تەخمىنەن 3 يۈەنگە) بىرەردىن «ھەج بەدەل شاھادىتى»نى سېتىۋېلىپ ئۆزلىرى خالىغانچە ئىسىملارنى يېزىپ، ئۇنى تولدۇرۇپ چىقىدۇ ۋە پۇل بەرگەنلەرگە تاپشۇرىدۇ. ئۇلار  ۋەتەنگە قايتقاندا: «پالانى ھاجىم بولدى» دەپ ئېلان قىلىدۇ، خالاس.([11])

ئەمما ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسى، تۇغقانلىرى ۋە تونۇشلىرى، ھەتتا يات كىشىلەر ئۈچۈنمۇ پۇل ئالسىمۇ ئېلىپ، ھەقىقىي يوسۇندا بەدەل ھەج قىلىدىغان ئايرىم شەخسلەر  بۇنىڭدىن مۇستەسنادۇر. چۈنكى بۇلارنىڭ قىلغىنى بىز دەۋاتقان خاتا ھالدىكى بەدەل ھەج  تىجارىتىگە ياتمايدۇ.

يېتىمنىڭ بېشىنى سىلاشنىڭ يوللىرى
جەمئىيەتتىكى يېتىملەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ۋە بېشىنى سىلاشنىڭ يوللىرى كۆپ. مەسىلەن:

1. قول ئىلكىدە بار ئائىلىلەر مەھەللىسىدىن، ياكى تۇغقانلىرى ئارىسىدىن بىرەردىن يېتىم بالىنى بالا قىلىپ بېقىۋېلىش ۋە ئۇنى ئۆز بالىسىدەك تەربىيەلەپ، ئوقۇتۇپ جەمئىيەتكە، مۇسۇلمانلارغا پايدىلىق، ئىمان ۋە ئەخلاقلىق بىر ئىنسان قىلىپ چىقىش. مانا بۇلارنى قىلىش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن جەننەتلەردە بىرگە بولۇشنى خالايدىغان مۇسۇلمان ئۈچۈن قىيىن ئەمەس.

2. يېتىم بالىلار ئۈچۈن مەلۇم مىقداردا ئايلىق پۇل توختىتىپ قويۇپ، ئۇلارنى چوڭ بولۇپ، ئۆز ئېھتىياجىدىن ئۆزى چىقالايدىغان بولغۇچىلىك تەمىنلەپ تۇرۇش.

ئەرەب ۋە ئىسلام مەملىكەتلىرىدە «يېتىملەرنى كاپالەتلەندۈرۈش» نامى ئاستىدا كۆپلىگەن جەمئىيەتلەر بار. ئۇلار يېتىملەرگە ياردەم قىلماقچى بولغانلارنى تىزىملاپ، ئۇلاردىن ئايلىق ياردەم توپلايدۇ ۋە يېتىملەرگە ھەر ئايدا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. ئانا ۋەتەندە بۇنداق قىلىش مۇمكىن بولمىسىمۇ، شەخسلەر ئۆز ئالدىغا بىرەردىن، ياكى كۆپرەك يېتىم بالىنىڭ چىقىملىرىنى كۆتۈرسە بولىدۇ.

3. ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇشقا  كىرىش ئۈچۈن جىددىي ئىقتىسادقا موھتاج بولغان يېتىملەرنىڭ  ئوقۇش چىقىملىرىنى كۆتۈرۈش.

4. يېتىملەر بار ئائىلىگە نەق پۇل، ياكى يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك قاتارلىق تۇرمۇش ئېھتىياجلىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىش.

5. دىنىي مەدرىسلەردە ئوقۇۋاتقان، يېتىم تالىپلارنىڭ بارلىق چىقىملىرىنى كۆتۈرۈش.

6. چوڭ ياردەملەرنى قىلالمايدىغانلارنىڭ مەھەللىدىكى يېتىم بالىلارنى ھەپتىدە بىر قېتىم، بولمىغاندا ئايدا بىر قېتىم بولسىمۇ ئۆيىگە چاقىرىپ تاماقلاندۇرۇش، كىيىم-كېچەكلىرىنى يېڭىلاپ قويۇشى. بۇ يېتىمنىڭ بېشىنى سىلاشتىكى ئەڭ ئاددىي تەلەپ.

ئاخىرىدا دەيمىزكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ : «سېنىڭ سەۋەبىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا بىر كىشىنى ھىدايەت قىلسا، بۇ سېنىڭ ئۈچۈن دۇنيا ۋە ئۇنىڭدىكى پۈتۈن  نەرسىلەردىن ياخشىدۇر»([12]) دېگەن سۆزىنىڭ روھى بىلەن ئېيتقاندا، بىر يېتىم بالىنى بېقىپ، تەربىيەلەپ، ئوقۇتۇپ، ئىنسانىيەتكە، جۈملىدىن مۇسۇلمانلارغا مەنپەئەتلىك، ياراملىق بىر مۇسۇلمان ئىنسان قىلىپ چىقىشنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغ ۋە كاتتا ئەمەل-ئىبادەت ئىكەنلىكىنى سۆز بىلەن بايان قىلىشقا كۈچىمىز  ئاجىزلىق قىلىدۇ. بۇنىڭدىنمۇ ساۋابلىق ئىش بارمۇ؟

مەنبە: ئاپتورنىڭ« پەرزەنتلىرىمىزنى قانداق تەربىيەلەيمىز؟»ناملىق ئەسىرىدىن.

 ([1])پەرز كۇپايە—مۇسۇلمانلار جامائەسىدىن بەزىلەر ئادا قىلسا باشقىلاردىن ئۇنى ئادا قىلمىغانلىقىنىڭ جاۋابكارلىقى ساقىت بولىدىغان پەرز بولۇپ، بىرەر كىشىمۇ ئادا قىلمىسا، شۇ جەمئىيەتتىكى مۇسۇلمانلار جامائەسى ۋە ئۇنى ئاڭلىغان پۈتۈن مۇسۇلمانلار گۇناھكار بولىدۇ.
([2]) 4- سۈرەنىسا 36- ئايەت.
([3]) بۇخارى، ئەبۇداۋۇد، تىرمىزى رىۋايىتى.
([4]) ئىبن ماجە رىۋايىتى.
([5]) مۇتتەقىينىڭ «كنزالعمال» (كەنزۇل ئۇممال) ناملىق ئەسىرىنىڭ 31895- ھەدىسى.
([6]) 93- سۈرە زۇھا 9- ئايەت
([7]) 107- سۈرە مائۇن 1~3- ئايەتلەر.
 ([8])ئەبۇ نەئىمنىڭ «حليةالأولياء» (ھىليەتۇل ئەۋلىيا) ناملىق ئەسىرىنىڭ 3679- ھەدىسى. تەبەرانىمۇ «المعجم الأوسط» (مۇئجەمۇل ئەۋسەت) ناملىق ھەدىس توپلىمىدا رىۋايەت قىلغان. ئابدۇرازىقلارمۇ ئۆز ئەسەرلىرىدە رىۋايەت قىلغان.
 ([9]) ئابدۇللا ئىبن مۇبارەك (118~181ھ) قەدىمكى خۇراساننىڭ مەرۋە شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن، تەقۋادارلىقى، دىن ھەم دۇنيالىق مول بىلىمى بىلەن تونۇلغان، «الزهد» (ئەززۇھدۇ) ناملىق مەشھۇر ئەسەرنى يازغان، مۇجتەھىد ئالىم.

 
([10]) ئىمام تىرمىزى رىۋايىتى.
([11])بۇ  توغرىسىدا ئاپتورنىڭ «بەدەل ھەج  تىجارىتىنىڭ ھاراملىقى ھەققىدە ئوچۇق سۆز» ناملىق كىتابىغا قارالسۇن.
([12]) بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار