بىزگە شىجائەتلىك ئۆلىمالار كېرەك

بىزگە شىجائەتلىك ئۆلىمالار كېرەك

مۇھەممەد يۈسۈپ

شىجائەت— غەيرەت، جەسۇرلۇق، بارۇرلۇق، قەتئىيلىك، جاسارەت دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. ئىنسانلار ئەزەلدىن شىجائەتلىك كىشىلەرنى ھۆرمەتلەيدۇ ۋە ئۇلۇغلايدۇ. شىجائەت بابىدا پەيغەمبەرلەر بىرىنچى ئورۇندا كېلىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەرلەر ئەڭ شىجائەتلىك، ئەڭ قەيسەر، ئەڭ قورقماس ۋە تولىمۇ سېخىي كىشىلەر ئىدى. ئۇلار ئەزىز جېنىنى ۋە ئىلكىدىكى ھەممە نەرسىسىنى ئاللاھ يولىدا ئاتاشتىن قەتئىي ئىككىلىنىپ قالمىغان. ئۇلار ئۆلۈم بىلەن، يۇرتىدىن پالىنىش بىلەن تەھدىت قىلىنسىمۇ ھەق يولىدىن قەتئىي قايتمىغان ۋە دەيدىغان گېپىنى جاكارلاپ تۇرغان. شۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك پەيغەمبەرلەر بارچە دىن ئەھلىنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇپ كەلمەكتە.

ئىنسانىيەت تارىخىكى ئەڭ شىجائەت، ئەڭ جەسۇر ئىنسان پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىكەنلىكىدە شەك يوق. ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇ: «ئۇرۇش مەيدانلىرىدا جەڭ قىزىپ كەتكەن ۋە بىزنىڭ ماجالىمىز قالمىغان چاغلاردا رەسۇلۇللاھنىڭ ئارقىسىغا كېلىۋېلىپ قوغدىناتتۇق، ئۇنداق ۋاقىتلاردا دۈشمەنگە رەسۇلۇللاھتىن يېقىن تۇرىدىغان ھېچكىم يوق ئىدى، رەسۇلۇللاھ ئارىمىزدا ئەڭ شىجائەتلىك زات ئىدى»[1]. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەق گەپنى قىلىشتا دادىللىقى ئۈچۈن دەلىل -ئىسپات كەلتۈرۈشنىڭ ھېچ ھاجىتى يوق. چۈنكى ئۇنىڭ ھاياتى شىجائەتنى دەستۇر قىلغان، جەسۇرلۇقنى ئادەت قىلغان ھايات ئىدى. قىسقىسى، ئۇنىڭ ئۆز يۇرتى بولغان مەككىدىن قوغلىنىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب مەككە كاتتىباشلىرى ئالدىدا ھەقنى سۆزلەشتىن، ھەق دىننى تەبلىغ قىلىشتىن ھېچ ئىككىلەنمىگەنلىكى ۋە تەڭداشسىز دەرىجىدىكى شىجائىتى يۈزىسىدىن ئىدى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن قالسا شىجائەت بابىدا مەشھۇر تۆت خەلىپە كېلىدۇ. ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىن، بەزى ئەرەب قەبىلىلىرى ‹ناماز ئوقۇيمىز، ئەمما زاكات بەرمەيمىز› دەپ ئوتتۇرىغا چىقتى. مەن بىرىنچى خەلىپە ھەزرىتى ئەبۇ بەكرىنىڭ يېنىغا كىرىپ، ئۇنىڭغا: ‹ئى رەسۇلۇللاھنىڭ خەلىپىسى! ئۇلارغا يۇمشاق مۇئامىلە قىلغىن، چۈنكى ئۇلار كۆندۈرۈلمىگەن مالدەك ئادەملەردۇر، ئۇلارنى ئاستا كۆندۈرۈۋالىسەن!› دېۋىدىم، ئەبۇ بەكرى ماڭا: ‹ئەي ئۆمەر! مەن سېنى ماڭا بۇ ئىشتا ياردەم قىلىدۇ دەپ ئويلىغانتىم، ئەپسۇسكى، سەن ئالدىمغا يېڭىلگەن ئادەمدەك كەپسەن، جاھىلىيەتتىكى كەسكىن ئۆمەر، ئەمدى ئىسلامدا ياۋاش بولۇپ قالدىمۇ؟ سەن ئۇلارنى قانداق كۆندۈرگىن دەيسەن، سېھىر قىلىپمۇ، شېئىر توقۇپمۇ؟ ياق، ياق، رەسۇلۇللاھ كەتتى، ۋەھيى ئۈزۈلدى، ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، قولۇمدا قىلىچ تۇتقۇدەك ماجالىم قالغانغا قەدەر ئۇلارغا قارشى جىھاد قىلىمەن، رەسۇلۇللاھقا بېرىپ كەلگەن بىرەر ئارغامچا چاغلىق نەرسە ئۈچۈنمۇ ئۇرۇشىمەن› دېدى. شۇنىڭدىن كېيىن بىلدىمكى، ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى مەندىنمۇ بەك كەسكىن، مەندىنمۇ بەك شىجائەتلىك زات ئىكەن»[2].

تارىختىن بېرى ھەرقانداق بىر مىللەت شىجائەتلىك، غەيرەتلىك كىشىلەرنى ھۆرمەتلەپ كەلگەندەك، ئىسلام ئۈممىتى شىجائەتلىك ئۆلىمالىرىنى قەتئىي ئۇنتۇپ قالمىدى. مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبىدە يادلىنىپ، تارىخ بەتلىرىدە ساقلىنىپ ۋە ئىش-ئىزلىرى ئۈلگە قىلىنىپ كەلگەن ئۆلىمالار دەل ئاشۇنداق شىجائەتلىك، قەيسەر، غەيرەتلىك، جەسۇر ئۆلىمالاردۇر. ئەمما جەسۇر بولمىغان توخۇ يۈرەك ئۆلىمالارنىڭ ھېچقانداق نام-نىشانىسى قالمىغان. ھازىزغا قەدەر مىڭلارچە ئۆلىما بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن قەلبلەردە ئورۇن ئالغانلىرى ئىنتايىن ئازدۇر. ئىمام ئەزەم، ئىمام ئەھمەد، ئىز ئىبنى ئابدۇسسالام بۇلارنىڭ مىسالى. ئىمام ئەزەم خەلىپىنىڭ قازى بولۇشقا تەكلىپ قىلىپ ئۆزىگە يانتاياق قىلىشغا قارشى چىقىپ تۈرمىگە تاشلانمىغان بولسا، ئىمام ئەھمەد قۇرئاننى مەخلۇق ئەمەس دېگەن سۆزىدە چىڭ تۇرۇپ قاماققا ئېلىنمىغان بولسا، ئىز ئىبنى ئابدۇسسالام زالىم پادىشاھلارنىڭ ئالدىدا دادىل گەپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھەدىيەلىرىنى ۋە مەنسەپلىرىنى رەت قىلىپ يوقسۇل تۇرمۇشنى تاللىمىغان بولسا، ئەللامە مۇھەممەد غەززالىي ئابدۇنناسىرنىڭ ئالدىغا چىقىپ «ئاللاھتىن قورقمامسەن؟» دېگەن سۆزنى دادىل ئېيتىپ ئون يىل تۈرمىدە ياتمىغان بولسا، سەييىد قۇتۇب زالىمدىن ئەپۇ تىلىمەسلىك بەدىلىگە ئۆلۈمنى تاللىمىغان بولسا، ئۇلار قەلبلەردە بۈگۈنكىدەك يادلانماس ئىدى. بىزنىڭ ئۇيغۇر تارىخىمىزدىمۇ بۇنداق شىجائەتلىك ئۆلىمالار كۆپ ئۆتگەن. ھىجرىيە 611- يىلى كۈچلۈك خاننىڭ خوتەندە ئىسلامدىن قايتۇرۇش ھەرىكىتىگە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن قارشى چىقىپ، 3000 گە يېقىن ئالىم بىلەن بىللە شېھىت قىلىنغان ئىمام ئالائۇددىن خوتەنىي، يېقىنقى زامان تارىخىمىزدا بولسا ئۆز ئىددىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ تۈرمىدە شېھىت قىلىنغان مەرھۇم كەرەم قارىم قاتارلىق ئۆلىمالىرىمىز بۇنىڭ مىسالى. بىزنىڭ ئۇيغۇر ئىسلام تارىخىمىز بۇ زاتلارنى چوڭقۇر ئېھتىرام بىلەن ياد ئېتىدۇ، ئۇلارنى ھېچ ئۇنتۇمايدۇ.

مىسىرلىق شائىر ئەھمەد شەۋقىي شىجائەت ھەققىدە مۇنداق يازغان ئىكەن:

إن الشجاعة في القلوب كثيرة

ووجدت شجعان العقول قليلاَ

 

قەلبلەردە شىجائەت كۆپتۇر،

ۋە لېكىن ئەقىلدا ئانچە يوقتۇر.

چۈنكى شىجائەت قەلبتىلا بولۇپ ئەقىلدا بولمىسا، بۇنداق شىجائەت ئادەمنى ھەرىكەتكە كەلتۈرەلمەيدۇ، نەتىجىدە، ئىشقا يارىمايدۇ.

ئەللامە ئىز ئىبنى ئابدۇسسالامنىڭ ھەقىقەتنى دادىل ئوتتۇرىغا قويۇشتىكى كەسكىنلىكىدىن بەزى ئۆرنەكلەر

1. سالاھىددىن ئەييۇبى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇزاققا قالماي ئۇنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلغۇچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن بولۇپ، دەمەشىق ھاكىمى سالىھ ئىسمائىل كامىل مىسىردا ھاكىملىق قىلىۋاتقان ئىنىسى نەجمىددىن ئەييۇب دېگەن كىشىگە قارشى سەلىب ئارمىيەسى بىلەن بىرلىشىدۇ، ئىنىسى ئەييۇبنى يوقىتىپ بېرىش بەدىلىگە شام رايونىنىڭ بەيتۇلمۇقەددەس، تەبەرىيە، ئەسقەلان قاتارلىق جايلىرىنى ۋە مىسىرنىڭ بەزى شەھەرلىرىنى سەلىب ئارمىيەسىگە ئۆتۈنۈپ بېرىشكە كېلىشىدۇ. بۇ ئەھۋال مۇسۇلمانلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغايدۇ. شۇ چاغدا ئەللامە ئىز ئىبنى ئابدۇسالام جۈمە خۇتبىسىدە نۇتۇق سۆزلەپ، شام ھاكىمى سالىھ ئىسمائىل كامىلنىڭ قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ ۋە مۇسۇلمانلارنى بۇ زۇلۇمغا قاراپ تۇرماسلىققا ئۈندەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن شام ھاكىمى ئۇنى مەنسىپىدىن ئېلىپ تاشلاپ، زىندانغا تاشلايدۇ ۋە ئۇنى ئۆزىىنىڭ سىياسىتىگە خىزمەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن قاتتىق ئۇرۇنىدۇ. بۇ ئارىدا ھاكىم زىندانغا ئەلچى ئەۋەتىپ ئەللامە ئىز ئىبنى ئابدۇسالامغا: «سىزنىڭ بۇرۇنقى مەنسىپىڭىزگە قايتىشىڭىز ۋە تېخىمۇ چوڭ مەنسەپلەرگە يۈكسىلىشىڭىز ئۈچۈن بىرلا يول بار، ئۇ بولسىمۇ، ھاكىمغا بويسۇنۇش ۋە ئۇنىڭ قولىنى سۆيۈشتۇر» دەيدۇ. ئەللامە ئىز ئىبنى ئابدۇسالام بۇ گەپكە قاتتىق غەزەپلىنىدۇ ۋە كەسكىن جاۋاب بېرىپ: «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن ھېچكىمنى قولۇمنى سۆيگىلى قويمايمەن. ئەمدى قانداق بولۇپ باشقىلارنىڭ قولىنى سۆيىدىكەنمەن. ئى قەۋم سىلەر باشقا يولدا، مەن باشقا يولدا تۇرۇۋاتىمەن. ئاللاھقا شۈكۈركى، مېنى سىلەر مۇپتىلا بولغان سىناققا ئۇچراتماپتۇ».

2. ھېيت كۈنلىرىنىڭ بىرىدە مىسىر ھاكىمى نەجمىددىن ئەييۇب قاھىرەدىكى چوڭ قەلئەگە چىقىپ، ئەسكەرلەرنىڭ مانىۋېرىنى تاماشا قىلىپ ئولتۇراتتى، ئەللامە ئىز ئىبنى ئابدۇسالام ھاكىمنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا خىتاب قىلىپ: «ئەي ئەييۇب! قىيامەت كۈنى ئاللاھ سەندىن ‹مەن ساڭا مىسىرنىڭ ھاكىمىيىتىنى ئاتا قىلسام، سەن ئۇ جايدا ھاراق سېتىشقا رۇخسەت قىلدىڭمۇ؟› دەپ سورىسا، سەن نېمە دەپ جاۋاب بېرىسەن؟» دەيدۇ. ھاكىم: «بۇ ئىش مەرھۇم دادامنىڭ زامانىسىدىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتىدۇ ئەمەسمۇ؟» دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەللامە ئىز ئىبنى ئابدۇسالام ھاكىمغا دادىللىق بىلەن رەددىيە بېرىپ: « سىلەرمۇ خۇددى مۇشرىكلارغا ئوخشاش ئاتا-بوۋىلىرىمىز شۇنداق قىلاتتى، بىزمۇ ئۇلارغا ئەگىشىمىز دەۋاتىسىلەر» دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھاكىم مىسىردىكى ھاراق دۇكانلىرىنىڭ ھەممىسىنى تاقاش توغرۇلۇق پەرمان چۈشۈرىدۇ. شۇ چاغدا، ئەللامە ئىز ئىبنى ئابدۇسالامنىڭ تالىبلىرىدىن بىرى ئۇنىڭغا : «ھاكىمنىڭ ھەيۋىتىدىن قورقماي ئۇنىڭغا قارشى چىقتىلىغۇ؟» دېگەندە، ئۇ: «مەن ئاللاھنىڭ ھەيۋىتىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرگەن ۋاقتىمدا، يەر يۈزىنىڭ ھەيۋەتلىك پادىشاھلىرى ماڭا ھېچ نەرسىچىلىك كۆرۈنمەيدۇ» دەيدۇ.

3. ھىجرىيەنىڭ 656-يىلى ئۆز ۋاقتىدىكى ئىسلام پايتەختى باغداد چىنگىزخاننىڭ ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن، مىسىردىن باشقا ئىسلام دىيارىنىڭ ھەممىسى چىنگىزخاننىڭ قولىغا ئۆتۈپ بولغان بولىدۇ. مىسىردا نەجمىددىن ئەييۇب ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ تەختىگە ئوغلى تۇران شاھ ۋارىسلىق قىلىدۇ. ئەمما ئۇ ئۇزۇن ئېتمەي، سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، سەيفۇددىن قۇتۇز تەختكە چىقىدۇ ئۇ بارلىق ئۆلىمالارنى، ئەمىرلەرنى توپلاپ يىغىن ئاچىدۇ، يىغىندا چىنگىزخاننىڭ موڭغۇل ئەسكەرلىرىگە قانداق تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدا مەسلىھەت ئېلىپ بېرىپ، ئىسلام ئەسكەرلىرىنى قوراللاندۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ تەمىناتى ئۈچۈن خەلقتىن ياردەم توپلاش قارار قىلىنىدۇ. ئەمما ئەمىرلەرنىڭ خەزىنىسىدىكى پۇل-مال توغرۇلۇق گەپ-سۆز بولمايدۇ. شۇ چاغدا ئەللامە ئىز ئىبنى ئابدۇسالام خۇتبە سۆزلەپ، ھاكىمنىڭ ۋە ئەمىرلەرنىڭ خەزىنىسىدىكى پۇل-ماللارنىمۇ ئىسلام ئەسكەرلىرىنى جابدۇش ئۈچۈن سەرپ قىلىش لازىملىقىنى تەكىتلەيدۇ ۋە كىشىلەرنىڭ مەنىۋىيىتىنى كۆتىرىدىغان، ئىمانىنى كۈچەيتىدىغان تەسىرلىك سۆزلەرنى قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھاكىم ۋە ئەمىرلەرمۇ ئادەتتىكى خەلققە ئوخشاشلا قول ئىلكىدە بار بولغان مال-دۇنيانى ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشقا سەرپ قىلىدۇ. نەتىجىدە، قۇتۇز ئەسكەرلىرى ئەينى جالۇت دېگەن جايدا چىنگىزخاننىڭ موڭغۇل قوشۇنلىرىنى مەغلۇب قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مىسىر چىنگىزخاننىڭ ئىشغالىدىن ئامان قالىدۇ.

ئىمام نەۋەۋىنىڭ شىجائىتىدىن ئۆرنەك

سۇلتان زاھىر بىبرىس مىسىردا موڭغۇللارنى يوقىتىپ دەمەشىققا كەلگەندىن كېيىن، شامنىڭ ئەتراپىدىكى باغۇ-بوستانلارنىڭ ھەممىسىنى دۆلەتكە تەۋە دەيدىغان قانۇن چىقىرىپ، بوستانلارنىڭ ئىگىلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ئىكەنلىكىگە دائىر ئىسپات خېتى ھازىرلاشقا مەجبۇرلايدۇ. بۇرۇنقى زامانلاردا ھۆججەت، ئىسپات دەيدىغان نەرسە بولمىغانلىقتىن، بوستان ئىگىلىرنىڭ قولىدا ھېچقانداق ئىسپات خېتى يوقلىقىنى بايان قىلىپ، ئۇلار ئىمام نەۋەۋىنىڭ ھۇزۇرىغا بارىدۇ. ئىمام نەۋەۋى سالتان زاھىر بىبرىسقا خەت يېزىپ خەلقنىڭ بۇنداق ئىسپات خېتى تەلەپ قىلىشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى، خەلققە زىيان يەتكۈزۈش جائىز ئەمەسلىكىنى بىلدۈرىدۇ. سۇلتان خەتنى ئوقۇپ قاتتىق غەزەپلىنىدۇ، ۋەزىرلىرىگە، «ئىمام نەۋەۋىنىڭ مائاشىنى توختىتىڭلار، مەنسىپىدىن ئېلىپ تاشلاڭلار» دەپ پەرمان چۈشۈرىدۇ. ئۇلار سۇلتانغا: «ئىمام نەۋەۋىنىڭ مائاشى يوق، مەنسىپىمۇ يوق، بىر مەسجىدتە ھەدىس ئۆگىتىدىغان كىشى ئىكەن» دەپ دوكلات قىلىدۇ. بۇ ئارىدا ئىمام نەۋەۋى سۇلتاننىڭ خەتكە جاۋاب بەرمىگىنىگە قاراپ، ئۆزى بارمىساق بولمايدىغانلىقىنى قارار قىلىدۇ ۋە سۇلتاننىڭ ھۇزۇرىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا قاتتىق تەلەپپۇز بىلەن نارازىلىق بىلدۈرىدۇ. سۇلتان دەسلەپتە قاتتىق غەزەپلىنىپ ئىمام نەۋەۋىنى جازالىماقچى بولغان بولسىمۇ، بىردىنلا كۆڭلى يۇمشاپ كېتىدۇ ۋە ئىمامنىڭ كەسكىن سۆزلىرى دىلىغا تەسىر قىلىدۇ. سۇنىڭ بىلەن بوستان ئىگىلىرى توغرۇلۇق چىقارغان قانۇننى بىكار قىلىۋېتىدۇ.

ئەللامە سەئىد ھەلەبىينىڭ شىجائىتىدىن ئۆرنەك

بىر كۈنى مىسىر ھاكىمى مۇھەممەد ئەلى پاشانىڭ ئوغلى ئىبراھىم پاشا دەمەشىقتىكى ئەمۋەى مەسجىدىگە كىرىدۇ، مەسجىدتە ئەللامە سەئىد ھەلەبى تالىپلارغا دەرس بېرىۋاتاتتى. ئىبراھىم پاشا ئەللامە سەئىد ھەلەبىينىڭ يېنىدىن ئۆتىدۇ، ئەمما ئۇ پۇتىنى سوزغان پېتى ئولتۇرۇپ دەرسنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئىبراھىم پاشا سىرتقا چىقىپ بولۇپ قاتتىق ئۇنىڭغا غەزەپلىنىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن ئىنتىقام ئالغۇسى كېلىدۇ. بۇ ئارىدا مۇناپىقلار «بىر ھاكىم مىسجىدكە كىرسە ئورنىدىن تۇرۇپ سالام بەرمەيدىغان قانداق موللا ئۇ؟ زادى ھەددىدىن ئېشىپتۇر» دېگەندەك گەپلەرنى قىلىپ ئىبراھىم پاشانىڭ يارىسىغا تۇز چاچىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىبراھىم پاشا چاپارمەنلىرىگە ئەللامە سەئىد ھەلەبىينى تۇتۇپ، پۇت، قوللىرىنى كىشەنلەپ ئەلىپ كېلىشكە پەرمان بېرىدۇ. ئەمما ئۇ ئۇزاق ئۆتمەيلا بۇ قارارىدىن يانىدۇ. چۈنكى ئەگەر ھاكىم بىر ئالىمنى بىگۇناھ تۇتۇپ كەتسە، خەلق قوزغىلىپ كېتەتتى ۋە نۇرغۇنلىغان قالايمىقانچىلىق چىقاتتى. ئىبراھىم پاشا بۇلارنى ئويلاپ دەرھال چاپارمەنلىرىنى توختىتىدۇ، ئاندىن ئىمامدىن ئىنتىقام ئېلىش ئۈچۈن باشقىچە چارە قوللۇنۇش پىلانىغا كېلىپ، ئەللامە سەئىد ھەلەبىيگە بىر مىڭ لىرا ئالتۇن (تىللا) ئەۋەتىشنى قارار قىلىدۇ. چۈنكى ئۇ ئەللامە سەئىد ھەلەبىينى پۇل بىلەن ئۆزىگە باش ئەگدۈرۈش ئارقىلىق بىر تەرەپتىن ئۇنى ئۆزىنىڭ دېپىنى چالىدىغان موللىغا ئايلاندۇرۇش، يەنبە بىر تەرەپتىن ئۇنى خەلقنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈرۈشتىن ئىبارەت بىر چالمىدا ئىككى پاختەكنى سوقۇشنى ئويلىغان ئىدى. پۇل ئېلىپ بارىدىغان ئادەمگە تاپىلاپ: «سەن بۇ پۇلنى مەسجىدتە جامائەت ۋە تالىپالار ھەممىسى بار ۋاقىتتا، ئۈنلۈك ئاۋازدا ئېلان قىلىپ بەرگىن» دەيدۇ. دېگەندەك پۇلنى ئېلىپ بارغان كىشى ئەللامە سەئىد ھەلەبىينىڭ يېنىغا كېلىپ ئۈنلۈك ئاۋازدا «ئى ئىمام بۇ بىر مىڭ لىرا ئالتۇن پۇلنى ھاكىم سىلىگە ئەۋەتتى، ئۆزلىرى خىراجەت قىلغايلا» دەيدۇ. ئەللامە سەئىد ھەلەبىي پۇل ئېلىپ كەلگەن كىشىگە ئىچ ئاغرىغان كەيپىياتتا مۇنداق دەيدۇ: «ئى ئوغلۇم! بۇ پۇلنى خوجايىنىڭغا قايتۇرۇپ بەرگىن ۋە ئۇنىڭغا دەپ قويغىنكى، «بۇ ئادەم پۇتىنى سۇنغان بىلەن قولىنى سۇنمايدۇ».

ئەللامە سەييىد قۇتۇبنىڭ شىجائىتىدىن ئۆرنەك

«فى زىلالىل قۇرئان» تەپسىرىنىڭ مۇئەللىپى ئەللامە سەييىد قۇتۇب شېھىت قىلىنىشتىن بۇرۇن بارلىق ئىسلام دۇنياسىدىكى ئۆلىمالار ئۇنى ئابدۇنناسىردىن تىلىۋالماقچى بولۇپ كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، بۇ تىرىشچانلىقلار پايدىسىز قالىدۇ. مىسىردىكى ھەربىي مەھكىمە سەييىد قۇتۇبنىڭ جامال ئابدۇنناسىردىن ئۆزۈر تىلىسە، ئۇنى كەچۈرۈم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇنى ئۆزۈر تىلەشكە قىستىغاندا، سەييىد قۇتۇب قەتئىيلىك بىلەن: «نامازدا ئاللاھ تائالانىڭ بىر ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىدىغان بۇ بارماق تاغۇتنىڭ ھاكىمىيىتىنى قوبۇل قىلىپ ئېتىراپنامە يېزىشنى رەت قىلىدۇ» دەيدۇ. ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئاللاھ تائالا بىلەن قىلىۋاتقان ئۇلۇغ ئىشىمنى خاتا ئىكەن دەپ ئۆزرە ئېيتامدىم؟ مەن قانداقلارچە ئۇلاردىن رەھىم _  شەپقەت تىلىگۈدەكمەن؟ مېنىڭ تۈرمىگە كىرىشىم ھەق بولغان بولسا، مەن ھەق تائالانىڭ بۇ ھۆكمىگە رازى، ئەگەر ناھەق تۈرمىگە ئېلىنغان بولسام، تاغۇتتىن شەپقەت سوراشتىن ئۈستۈنمەن».

بىزگە مۇشۇنداق ئۆلىمالار كېرەك، مۇشۇنداق ئۆلىمالارلا مەڭگۈ ئۆلمەيدۇ!
[1] «سيرة النبي المختار» 1- توم، 436- بەت.
[2] «كنز العمال» ناملىق ئەسەردىن.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار