ياخشىلىق ۋە يامانلىق يەنىلا سىزنىڭ تاللىشىڭىزدۇر

 

 

ياخشىلىق ۋە يامانلىق يەنىلا سىزنىڭ تاللىشىڭىزدۇر

مۇھەممەد يۈسۈپ

   ھايات باشتىن ئاخىر سىناقلار بىلەن تولغان تاللاشلار ئالىمىدۇر. چۈنكى ھەربىرىمىز كۈندىلىك ھاياتىمىزدا نۇرغۇنلىغان تاللاشلارغا ۋە تالايلىغان سىناقلارغا دۇچ كېلىمىز. بۇ تاللاشلاردىن ھەربىرى بىزنىڭ يا پەرىشتىلەرنىڭ يولىنى تاللاشقا ياكى شەيتاننىڭ يولىنى تاللاشقا مەجبۇر قىلىدۇ. بىزنىڭ چوقۇم مۇشۇ ئىككى پىرقىنىڭ بىرىنى تاللايدىغانلىقىمىزدا قىلچە شەك يوق. بىز مەيلى پەرىشتىلەرگە ئەگىشىپ ياخشىلىقنى تاللايلى ياكى شەيتاننىڭ ئارقىسىغا كىرىپ يامانلىقنى تاللايلى، بىزنىڭ ھەربىر تاللىشىمىز ئۆزىمىزگە، ئائىلىمىزگە، ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرگە ۋە جەمئىيىتىمىزگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ تەسىر بەزىدە ئىجابىي تەسىر بولسا، بەزىدە سەلبىي تەسىر بولىدۇ. بۇ بىزنىڭ تاللىشىمىزغا باغلىق ئىشتۇر. بۇ تاللاش بەزىدە ئىنتايىن قىيىن بولۇشى مۇمكىن. بىزنىڭ بەزىدە ئۆزىمىزگە پايدىلىق ۋە ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرگە مۇناسىپ كېلىدىغان شەكىلدە بىرەر ئىشنى قارار قىلىشتا ئىنتايىن قاتتىق چارچاپ كېتىدىغانلىقىمىز ئېنىقتۇر. ئەمما قارار قىلىشقا مەجبۇرمىز.

پەرىشتىلەرنىڭ تەرىپىدە تۇرۇپ ياخشىلىقنى تاللاش ھەر زامان قىيىن بولغاندەك، شەيتاننىڭ ئارقىسىغا كىرىپ يامانلىقنى تاللاش ھەر زامان ئوڭاي بولىدۇ. چۈنكى ئۆز نەپسىمىزنىڭ ئىستەكلىرىنى يېڭىپ، ئادالەتنى ۋە ھەقىقەتنى ئۆلچەم قىلىپ تۇرۇپ تاللاش ھەرگىزمۇ ئوڭاي ئىش ئەمەس. شۇنداقتىمۇ ئەگەر بىز ئەبەدىي سائادەت ۋە مەڭگۈلۈك خاتىرجەملىكنى خالىساق، چوقۇم شەيتاننى ۋە نەپسىمىزنى يېڭىپ، پەرىشتە تەرەپتە تۇرۇشقا ۋە ئالدى بىلەن ياخشىلىقنى تاللاشقا ئەھمىيەت بېرىشىمىز لازىم.

پەرەز قىلايلىكى، مەسىلەن: سىز ئالدىراپ كېتىۋاتقان ۋاقتىڭىزدا بىرى ئالدىڭىزنى توسۇپ، سىزدىن يول سورىدى ياكى قىستىلاڭغۇلۇق يولدا بىر ماشىنا ئالدىڭىزنى توسۇۋالدى ياكى ئىش ئورنىڭىزدا باشلىقىڭىز سىزنى كىشىلەرنىڭ ئالدىدا قاتتىق نەنقىدلىدى ياكى قوشنىڭىز يولسىزلىق قىلىپ ئىشىك ئالدىڭىزغا ماشىنىسىنى توختىتىۋالدى ياكى بالكۇنىغا كىر يېيىپ ئۈستىڭىزگە كىرنىڭ سۈيىنى ئېقىتتى ياكى سىزدىن قەرز سورىغان ئادەم قەرزنىڭ ۋاقتى قەرەلى توشقاندىن كېيىنمۇ سىزگە قەرزىڭىزنى قايتۇرماي قۇرۇق گەپ ساتتى ياكى شۇنىڭدەك سىزنى قاتتىق غەزەپلەندۈرىدىغان ئىشلارغا ئۇچرىدىڭىز. بۇ ۋاقىتتا سىز ئىنتايىن قىيىن بولغان تاللاشلارغا دۇچ كېلىسىز. چۈنكى سىز  بۇ چاغدا يا ئاچچىقنىڭ كەينىگە كىرىپ ئۆزىڭىزگە پۇشايمان كەلتۈرىدىغان بىرەر قارارنى قىلىشقا مەجبۇر بولىسىز ياكى ئۆزىڭىزنى تۇتۇۋېلىپ، بۇ مەسىلىگە سوغۇق قانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىسىز. مۇشۇنداق جىددىي پەيتلەردىكى تاللاش سىزنى يا خاتىرجەملىككە ياكى پۇشايمانغا ئېلىپ بارىدۇ. تاللاش سىزدە، قارار قىلىش سىزدە، ئاچچىقنى يېڭىش، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش ۋە ئەقىل، مەنتىق بىلەن ئىش كۆرۈش سىزگە ھەر زامان ئامانلىق ۋە خاتىرجەملىك ئېلىپ كېلىدۇ. شەكسىزكى، بۇ كۈچلۈك ۋە ئىرادىلىك كىشىلەرنىڭ پەزىلىتىدۇر.  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «چېلىشىشتا رەقىبىنى يەڭگەن كۈچلۈك ئەمەس، ئاچچىقى كەلگەندە ئۆزىنى تۇتۇۋالغان ھەقىقىي كۈچلۈكتۇر»[1] دەپ كۆرسەتكەن.

[1] بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار