
«قۇرئانچىلار» توغرۇلۇق ئىككى كەلىمە
مۇھەممەد يۈسۈپ
«قۇرئانچىلار» ئىسلام دۇنياسىدا پات-پات باش كۆتۈرۈپ، يەنە ئۇزۇن ئۆتمەي يوقىلىپ تۇرغان بىر بۇزغۇنچى مەزھەپ بولۇپ، «قۇرئانچىلار» دېگەن بۇ ئاتالغۇ «باتىل مەقسەت قىلىنغان ھەق سۆز»لەرنىڭ قاتارىدىندۇر. چۈنكى، «قۇرئانچى» دېگەن سۆزنىڭ ھەرگىزمۇ قۇرئاننى چىڭ تۇتقۇچى ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلغۇچى دېگەن مەنە چىقمايدۇ. بۇ سۆز ئەكسىچە، قەدەرنى ئىنكار قىلىدىغان (يەنى ›تەقدىر دەيدىغان نەرسە يوق‹ دەيدىغان) مەزھەپنىڭ «قەدەرىيە» دەپ ئاتالغىنىغا ئوخشاش قۇرئاننى ئىنكار قىلغۇچىلارنى ئىپادىلەيدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ، «قۇرئانچىلار» ھەدىسنىڭ ئىسلام قانۇنشۇناسلىقىنىڭ ئاساسلىق دەلىللىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىش ئارقىلىق قۇرئاننىڭ بۇ ھەقتىكى ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىدۇ.
«قۇرئانچىلار»نىڭ كېلىپ چىقىش تارىخى ھىجرىيە ئىككىنچى ئەسىردىكى خاۋارىجلارغا تۇتۇشىدۇ. چۈنكى شۇ چاغدىكى خاۋارىجلار زىنا قىلغۇچىنى جازالاشقا ۋە ئاياغقا مەسھى قىلىشقا قارشى چىقىپ، بۇ ھەقتە كەلگەن سەھىھ ھەدىسلەرنى ئىنكار قىلغان ئىدى. ئەمما ئۇلارغا ئۆز ۋاقتىدا رەددىيەلەر بېرىلىپ، ئۇلارنىڭ بۇ ئازغۇن قاراشلىرى بىتچىت قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھېچقانداق داۋالغۇش پەيدا قىلالمىغان.
19- ئەسىرگە كەلگەندە ھىندىستاندا ئابدۇللاھ چاكرالاۋى، چىراگى ئەلى دېگەن كىشىلەر ئوتتۇرىغا چىقىپ، «ھەدىسنىڭ كۆپىنچىسى پەرەز ۋە ئاجىز رىۋايەتلەرگە تايانغان. شۇڭا بىز قۇرئاننى تۇتساق يېتىدۇ» دېگەن شوئارنى ياڭراتقان ۋە بۇ پىكىرنى ئۆزلىرى تەسىس قىلغان مەخسۇس ژۇرنالدا تارقاتقان. ئۆز ۋاقتىدىكى ئەنگىلىيە مۇستەملىكىچىلىرى بۇنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكىنى پارچىلاش ئۈچۈن ناھايىتى ئوبدان پۇرسەت ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۇلارنىڭ بۇ ئازغۇن مەزھىپىنى قوللاپ _ قۇۋۋتلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بەزى نادان كىشىلەر ئۇلارنىڭ نەيرەڭلىرىگە ئالدىنىپ كەتكەن. ئەمما دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىسلام ئۆلىمالىرى «قۇرئانچىلار»نىڭ بۇ كۇفرىلىقىغا قاراپ تۇرمىغان، ئۇلارغا ئەجەللىك رەددىيەلەرنى بېرىپ، مۇسۇلمانلارنى بۆلۈنۈشلەردىن قوغدىغان، ئۇلارنىڭ ئەقىدىسىنى ساقلاپ قالغان ۋە «قۇرئان كەرىم»نى سۈننەتتىن ئايرىشقا قەتئىي بولمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ كۆپلىگەن قىممەتلىك ئەسەرلەرنى يازغان.
20- ئەسىرگە كەلگەندە، مىسىرلىق مۇھەممەد تەۋفىق سىدقىي دېگەن كىشى «مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرى ئۆز ۋاقتىدىكى ئەرەبلەرگە خاس ئىدى، شۇڭا بىز قۇرئانغىلا ئېسىلساق يېتەرلىكتۇر» دېگەن سەپسەتىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەدىس ئىنكارچىلىق ھەرىكىتىنى باشلىغان ۋە 1910- يىلى ئۆز پىكىرلىرىنى مىسىردا چىقىدىغان «ئەل مەنار» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان. ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەيلا، ھەقىقەتپەرۋەر ئۆلىمالارنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئۇنىڭ بۇ سەپسەتىسىمۇ زاۋاللىققا يۈز تۇتقان ۋە مىسىردا قايتا باش كۆتۈرەلمەيدىغان بولغان.
1978- يىلى مىسىرلىك دوكتور ئەھمەد سۈبھى مەنسۇر «قۇرئانچىلار»نىڭ سەپسەتىسىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، ئون يىلغا يېقىن قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلغان. 1987- يىلى مىسىر ئەزھەر ئالىي بىلىمگاھى تەرىپىدىن مەخسۇس قارار چىقىرىپ، ئۇنىڭ بارلىق ئەسەرلىرىنى مۇسادىرە قىلغان، ئۆزى ئامېرىكىغا كېتىپ، ھارۋارد ئۇنىۋېرستېتىدا مۇئەللىملىككە تەيىنلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ مىسىردىكى ئەسىرى تەلتۆكۈس يوقىتىلغان.
2006- يىللىرىغا كەلگەندە «قۇرئانچىلار»نىڭ ھەرىكىتى قايتىدىن باش كۆتۈرگەن بولۇپ، ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ پىكىرلىرى كەڭ تارقىلىشقا باشلىغان.
«قۇرئانچىلار»نىڭ ھەرىكىتى توغرۇلۇق ئىزدەنگەنلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2000- يىلىدىن 2015- يىلىغىچە، ئىسلام دۇنياسىدا «قۇرئانچىلار»نىڭ ھەرىكىتى خېلى راۋاج تېپىپ قالغان. 2015- يىلىدىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى كەينىگە چېكىنگەن ۋە ئۇلارغا ئەگىشىدىغانلارمۇ ئاز قالغان. شۇنداق قىلىپ، مىسىر، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە «قۇرئانچىلار»نىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك بىر قانچە كىشىلىرىلا قالغان ۋە قەتئىي بازار تاپالمىغان.
2023- يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ھەدىس ئىنكارچىلىرى رەسمىي ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، باشقىلار تاشلىۋەتكەن ۋە مودىدىن قالغان ئازغۇن پىكىرلەرنى خۇددى باياۋاندىن ئالتۇن تېپىۋالغاندەك، ھاياجان بىلەن تەشۋىق قىلىشقا كىرىشىپ كەتتى. شۈبھىسىزكى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدىن چىققان ئاتالمىش «قۇرئانچىلار» ئۆزى جاھىل، بىلىمسىز، مۇستەقىل پىكىرى يوق ياللانمىلاردۇر. چۈنكى، ئۇلارنىڭ تەشۋىق قىلىۋاتقانلىرى ئەرەب ۋە تۈركلەردىن ئېشىپ قالغان، بازاردىن قالغان، ئەقىل ۋە دىن قوبۇل قىلمايدىغان چۈپەي پىكىرلەر ۋە سەپسەتىلەردۇر.
ئۇيغۇر «قۇرئانچىلار»نى باشقا مىللەتنىڭ «قۇرئانچىلار»ىدىن ئايرىپ تۇرىدىغان ئالاھىدە پەرقلەردىن بىرى شۇكى، ئۇيغۇر «قۇرئانچىلار» ئىمانسىزلىق، بىلىمسىزلىك ۋە ئەخلاقسىزلىقتىن ئىبارەت ئۈچ «سىزلىق» ئۈستىگە قۇرۇلغان. ئۇلار تۈكىيەدىكى زالالەت پىرلىرىنىڭ سۆزلىرىنى تەكرارلايدىغان شاتۇتى خاراكتېرلىك ئازغۇنلار بولۇپ، خۇددى سۇ ئۈستىدىكى ئۆلۈك بېلىققا ئوخشاش زالالەت شامىلى نەگە ھەيدىسە شۇ يەرگە ماڭىدۇ.
ئۇلارنىڭ ئىمانسىزلىقى سەھىھ ھەدىسنىڭ ۋەھيى ئىكەنلىكىنى، بەش ۋاخ نامازنىڭ سانىنى ۋە ۋاقىتلىرىنى ئېنىق بايان قىلغان قۇرئان ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقىدۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئىسلام ئۆلىمالىرى بىردەك ئىتتىپاققا كەلگەن مەسىلە بولۇپ، ئىسلام ئەھلى بۇنى ھەرگىز ئىنكار قىلمايدۇ، ئەرەب ۋە تۈركتىن چىققان «قۇرئانچىلار»ىنىڭ غوللۇق شەخسلىرىمۇ، ھەتتا بەش ۋاخ نامازنى ئۈچ ۋاقىتقا جەملەپ ئوقۇيدىغان شىئەلەرمۇ نامازنىڭ بەش ۋاخ ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلمايدۇ. ئەمما بىزدىن چىققان جاھىل «قۇرئانچىلار» ئۇنى ئىنكار قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ چۈمپەردىسىنى ئېچىپ تاشلىدى.
ئۇلارنىڭ بىلىمسىزلىكى ئۆزلىرىنى «قۇرئانچىلار» دەپ تۇرۇقلۇق، قۇرئان ئايەتلىرىنى تەپسىر قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۇلارنى توغرا، دۇرۇس ئوقۇيالمايدىغان سەۋىيەدە ئىكەنلىكى ۋە ئوتتۇرىغا قويغان سەپسەتىلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ تۈركىيەدە زاۋاللىققا يۈز تۇتۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان ھەدىس ئىنكارچىلىرىنىڭ قالدۇق پىكىر-قاراشلىرىنىڭ ئۆز ئەينىسى ئىكەنلىكىدۇر.
ئۇلارنىڭ ئەخلاقسىزلىقى دۇنيادىكى ئىككى مىلياردتتىن ئارتۇق مۇسۇلماننىڭ قىممەت قارىشىغا ھۆرمەت قىلماسلىقى ۋە ئۇلارنىڭ دىنىي ئەقىدىسىگە ھۇجۇم قىلغانلىقىدۇر.
ئۇيغۇر «قۇرئانچىلار»نىڭ نۆۋەتتىكى بۇ قىلمىشى ياۋروپادىكى بەزى رادېكال خىرىستىيانلارنىڭ قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىتىش ئارقىلىق ئىسلام ئەھلىنىڭ قىممەت قارىشىنى دەپسەندە قىلغانلىقىغا تەڭ قىلمىشتۇر.
ئىشىنىمەنكى، مىڭ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بېرى دىنىمىزغا چىڭ ئېسىلىپ كەلگەن، ھەتتا ئۇنى ئۆزىنىڭ مىللىي ئەنئەنىسى بىلەن جىپىسلاشتۇرۇۋەتكەن، يېقىنقى يىللار مابەينىدە ئۆز دىنىنى چوغنى تۇتقاندەك تەسلىكتە تۇتۇپ كەلگەن ئەقىللىق ئۇيغۇر خەلقىم ئازغۇنلارنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ كەتمەيدۇ، «قۇرئانچىلار»مۇ پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ، ئۇلارنىڭ سەپسەتىلىرىمۇ ئۇزۇنغا قالماي بىتچىت بولىدۇ.
ئاخىردا، ئۇلارنى توغرا يولغا قايتىشقا ئۈندەيمەن، ئۇلارغا ئەگىشىپ كېتىۋاتقان ئاقكۆڭۈل خەلقىمنى ئەقلىنى ئىشلىتىشكە ۋە قۇرئاننى ئوبدان ئۆگىنىشكە چاقىرىمەن.

