مۇئمىن مۇئمىننىڭ ئەينىكىدۇر

مۇئمىن مۇئمىننىڭ ئەينىكىدۇر

پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم «مۇئمىن مۇئمىننىڭ ئەينىكىدۇر» يەنى ئەينەك ئۇنىڭغا قارىغان كىشىنىڭ چىرايىنى ئەينەن كۆرسىتىپ بەرگەندەك، مۇئمىن ئادەممۇ ئۆزىنىڭ مۇئمىن قېرىندىشىنىڭ ياخشى-يامان تەرەپلىرىنى، ئەۋزەللىكلىرىنى ۋە ئەيىبلىرىنى سەمىمىي كۆرسىتىپ بېرىدۇ، دەپ كۆرسەتكەن. پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۆزى بىزگە كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىتىدۇ. بىرىنچىدىن، ئەينەك چىرايلىقنىمۇ، سەتنىمۇ ئەينە كۆرسىتىپ بېرىدۇ. شۇڭا بىراۋغا ئۇنىڭ ئەيىبلىرىنى ۋە كەمچىلىكلىرىنى ئېيتقاندا، ئۇنىڭ پەزىلەتلىرىنى ۋە ئارتۇقچىلىقلىرىنىمۇ ئېيتىش لازىم. چۈنكى ئەينەن ھەر ئىككىسىنى دەپ بېرىدۇ. ئىككىنچىدىن، ئەينەك بىزنىڭ سەت ۋە ياراشمىغان تەرەپلىرىمىزنى بىزگە ئەزىيەت بەرمەستىن، بىزنى رەسۋا قىلماستىن، دىلىمىزنى ئاغرىتماستىن كۆرسىتىپ بېرىدۇ. شۇڭا بىراۋغا نەسىھەت قىلماقچى بولغاندا، ئۇ كىشىگە يالغۇز جايدا قىلىش كېرەككى، ھەرگىزمۇ كىشىلەرنىڭ ئالدىدا نەسىھەت قىلماسلىق لازىم. بۇنداق قىلغاندا ئۇ كىشىگە ئەزىيەت بولىدۇ، كۆڭلى ئاغرىيدۇ. چۈنكى ئەينەك ئەزىيەت بەرمەي، كۆڭلىنى ئاغرىتماي، سىلىق دەپ بېرىدۇ.

نەسىھەت قىلىش ھەربىر مۇسۇلمان ئۈچۈن پەرز. نەسىھەتنى تەرك ئېتىش گۇناھ. بۇرۇنقى ھالاك قىلىنغان قەۋملەرنىڭ گۇناھى يامانلىقلارنى كۆرۈپ تۇرۇپ توسمىغانلىقى ئىدى. لُعِنَ الَّذِينَ كَفَرُوا مِنْ بَنِي إِسْرَائِيلَ عَلَى لِسَانِ دَاوُودَ وَعِيسَى ابْنِ مَرْيَمَ ذَلِكَ بِمَا عَصَوْا وَكَانُوا يَعْتَدُونَ ، كَانُوا لاَ يَتَنَاهَوْنَ عَن مُّنكَرٍ فَعَلُوهُ لَبِئْسَ مَا كَانُوا يَفْعَلُونَ « ئىسرائىل ئەۋلادى ئىچىدىن كاپىر بولغانلارغا داۋۇدنىڭ ۋە مەريەم ئوغلى ئىيسانىڭ تىلى بىلەن لەنەت قىلىندى. بۇ ئۇلارنىڭ ئاسىيلىق قىلغانلىقى ۋە ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىدىن بولدى. ئۇلار ئۆزلىرى قىلغان يامان ئىشلاردىن بىر _ بىرىنى توسمايتتى. ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نېمىدېگەن يامان!».

نەسىھەتنى سۇيىئىستېمال قىلىش ئايرىم بىر گۇناھتۇر. چۈنكى، بەزى كىشىلەر نەسىھەت ئىسمى ئاستىدا كىشىلەرگە ھۇجۇم قىلىدۇ، ئابرۇيىنى تۆكمەكچى بولىدۇ. بۇ نەسىھەت ئەمەس، دۈشمەنلىكتۇر. چۈنكى، بىراۋغا قىلىنماقچى بولغان نەسىھەت - يالغۇز جايدا شۇ كىشىنىڭ ئۆزىگە قىلىنسا نەسىھەتتۇر، ئەمما رەستىدە قىلىنسا سۇيىئىستېمالدۇر.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار