مېنىڭ ئىنساپسىز نەپسىم

مېنىڭ ئىنساپسىز نەپسىم
مۇھەممەد يۈسۈپ

   ئەي مېنىڭ ئىنساپسىز نەپسىم! ئۇيالساڭ بولمامدۇ؟ رەببىم ساڭا بىر كېچە-كۈندۈزدە 24 سائەت ۋاقىتنى بېرىپ، ئۇنى سېنىڭ باشقۇرۇشۇڭغا تۇتقۇزدى، بۇ 24 سائەتلىك ۋاقىت ئىچىدە ئۇخلايسەن، تىرىكچىلىك قىلىسەن، كۆڭۈل ئاچىسەن، يەيسەن، ئىچىسەن، ئىشقىلىپ خالىغىنىڭنى قىلىسەن. رەببىم ساڭا مۇشۇ 24 سائەت ئىچىدە بەش ۋاخ ناماز ئوقۇشنى پەرز قىلدى. بۇ بەش ۋاخ ناماز سېنىڭ كۆپ ۋاقتىڭنى ئالمايدۇ، ھەربىر ناماز 10 مىنۇتتىن ۋاقتىڭنى ئالسا، ئاران 50 مىنۇت ۋاقتىڭنى ئالىدۇ، قالغان 23 سائەت، 10 مىنۇت ۋاقىت يەنە ساڭا قالىدۇ.

ئەي مېنىڭ ئىنساپسىز نەپسىم! سېنىڭ ئىنساپسىزلىقىڭ شۇ يەردىكى، سەن 24 سائەتلىك ۋاقىت ئىچىدىن رەببىڭ ئۈچۈن ئايرىغان ئاشۇ 50 مىنۇت ۋاقىتنىمۇ رەببىڭگە تولۇق بەرمەيسەن، ئۆزۈڭ نامازدا تۇرغىنىڭ بىلەن پىكىر-خىيالىڭنى دۇنيالىقتىن ئازاد قىلالمايسەن، قىبلىگە يۈزلىنىپ، رەببىڭنىڭ ھۇزۇرىدا تۇرۇپ، ھايا قىلماستىن دۇنيالىقنىڭ خام چۆتلىرىنى قىلىسەن، 23 سائەت، 10 مىنۇتلۇق ئازادە ۋاقىت ئىچىدە ئويلىمىغانلىرىڭنى نامازدا تۇرۇپ ئويلايسەن، كىملەردە ئېلىشىڭ بار، كىملەرگە بېرىشىڭ بار، ئۆيدىكى بالىلارنىڭ ئەھۋالى، بۇ ھەپتە دەم ئېلىش كۈنى قىلىدىغان ئىشلىرىڭ، بارىدىغان يەرلىرىڭ ... ۋەھاكازالارنى ئاشۇ بىر قانچە مىنۇتلۇق ناماز ئىچىدە ئويلاپ بولىسەن، ھەتتا يىتىپ كەتكەن نەرسىلىرىڭنى نامازدا تۇرۇپ تېپىۋالىسەن، ئېسىڭدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن ئىشلارنى نامازدا تۇرۇپ ئېسىڭگە ئالىسەن. بەزىدە خەجلىگەن بۇللىرىڭنىڭ ھېسابىنى نامازدا تۇرۇپ قىلىسەن. بۇ نېمىدېگەن ئىنساپسىزلىق؟!

ئەي مېنىڭ ئىنساپسىز نەپسىم! سەن «رەببىم ئۈچۈن ناماز ئوقۇيمەن» دەپ نامازغا تۇرغىنىڭ بىلەن بۇ نامازنى سەن مېڭىنى دەم ئالدۇرۇش، جىم تۇرۇپ ئويلاش، سەن ئويلاشقا ۋاقىت چىقىرالمىغان ئىشلار ئۈستىدە ئويلىنىش ۋە دۇنيانىڭ تىرىكچىلىكى ھەققىدە باش قاتۇرۇش ئۈچۈن پۇرسەت قىلىۋالدىڭ. ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىدا تۇرۇپ، ئاللاھ تائالادىن باشقىسىنى ئويلىماسلىق، بارچە پىكىر خىيالنى ئاللاھ تائالاغىلا بېغىشلاش دېگەن پىرىنسىپلارنى سۇدەك بىلسەڭمۇ ئەمەل قىلمايسەن. نامازدا تۇرۇپ دۇنيا ھەلەكچىلىكىگە غەرق بولۇپ كەتكەنلىكىڭدىن ئىمامنىڭ قايسى سۈرىنى ياكى قايسى ئايەتلەرنى ئوقۇغانلىقىڭدىن خەۋىرىڭ يوق نامازدىن سالام بېرىپ چىقىسەن. بۇ قانداق ناماز بولدى؟!

ئەي مېنىڭ ئىنساپسىز نەپسىم! سەن نامازنى ئاللاھ تائالا كۆرسەتكەن ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆگەتكەن بويىچە ئوقۇمايسەن، ئاللاھ تائالانىڭ نامازدىكى ھەققىنى ئادا قىلمايسەن. ئەھۋال شۇنداق تۇرۇقلۇق، «دۇئايىم نېمىشقا ئىجابەت بولمايدۇ، نېمىشقا نامازنىڭ تەسىرى مەندە كۆرۈلمەيدۇ، نېمىشقا ناماز مېنى گۇناھتىن توسالمايدۇ؟» دەپ شىكايەت قىلىسەن. ئەمما بىرەر قېتىم بولسىمۇ ئۆزۈڭنى تەكشۈرۈپ كۆرمەيسەن. «ئاللاھ تائالا بۇيرۇغان بەش ۋاخ نامازنى مەسجىدتە جامائەت بىلەن ئوقۇيمەن، ئەلھەمدۇ لىللاھ» دەپ ئۆزۈڭگە تەمەننا قويىسەن، ئەمما ئىمام باشقا دۇنيادا، سەن باشقا دۇنيادا تۇرۇپ نامازنى تۈگىتىسەن.

ئەي نەپسىم! سەن بىرەر ۋاخ نامازنى ئۆزۈڭنى چىڭ تۇتۇپ، ئېسىڭنى يىغىپ، ھوشيار ۋە سەگەك تۇرۇپ، پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭنى، ئەقلىڭنى، پىكرىڭنى، ھېسسىياتىڭنى ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىگىلا بېغىشلاپ تۇرۇپ بىر ئوپۇپ باققىنكى، شۇ چاغدا ئىلگىرى تېتىپ باقمىغان سائادەتنى، ھېس قىلمىغان ھۇزۇر-ھالاۋەتنى تېتىيسەن ۋە ناماز ئوقۇغاندەك بولىسەن. « مۇئمىنلەر ھەقىقەتەن مۇرادىغا يەتتى. ئۇ مۇئمىنلەر نامىزىدا ئاللاھتىن ئەيمىنىپ تۇرغۇچىلاردۇر» (مۇئمىنۇن سۈرىسى:1-2- ئايەتلەر).

رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئابباسىيلار خەلىپىسى ھارۇن رەشىدنىڭ يېنىدا بەھلۇل دانا دەپ ئاتىلىدىغان پاراسەتلىك بىر كىشى بار ئىكەن. رامىزان كۈنلىرىنىڭ بىرىدە ھارۇن رەشىد ئۇنى مەسجىدكە ناماز شام ئوقۇغىلى كەلگەن جامائەتنى سارايغا ئىپتارغا باشلاپ كېلىشكە بۇيرۇپتۇ. بەھلۇل دانا مەسجىدتە ناماز شام ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئىشىكنىڭ سىرتىدا تۇرۇپ، مەسجىدتىن چىققان جامائەتنىڭ ھەربىرىدىن ئىمامنىڭ نامازدا قايسى سۈرىلەرنى ئوقۇغانلىقىنى سوراپتۇ. ئىنتايىن ئاز ئادەم ئىمامنىڭ قايسى سۈرىلەرنى ئوقۇغانلىقىنى دەپ بېرەلەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بەھلۇل دانا ئاشۇ ئادەملەرنىلا ھارۇن رەشىدنىڭ سارىيىغا ئېلىپ كەپتۇ. ھارۇن رەشىد كەلگەن جامائەتنىڭ ئازلىقىغا قاراپ ھەيران قېلىپ بەھلۇلغا: «ھەي بەھلۇل! مەن سېنى ناماز شامغا كەلگەن جامائەتنى چاقىرىپ كەلگىن دېمىگەنمىدىم؟ بىز مەسجىدنىڭ جامائەتلىرى ئۈچۈن چوڭ تەييارلىق قىلغان تۇرساق، سەن ئازلا ئادەمنى باشلاپ كەپسەنغۇ؟» دەپ كايىپتۇ. بەھلۇل دانا ھارۇن رەشىدقا جاۋاب بېرىپ: «توغرا دەيلا، سىلى مېنى نامازغا كەلگەن جامائەتنى باشلاپ كېلىشكە بۇيرۇغان ئىدىلە. ئەمما مەسجىدكە كەلگەنلەر كۆپ بولسىمۇ، نامازغا كەلگەنلىرى پەقەتلا مۇشۇ كىشىلەر ئىكەن» دەپتۇ.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار