قانداق قىلغاندا ھاياتىڭىزنى ئىبادەتكە ئايلاندۇرالايسىز ؟

قانداق قىلغاندا ھاياتىڭىزنى ئىبادەتكە ئايلاندۇرالايسىز ؟

مۇھەممەد يۈسۈپ

نىيىتىڭىز ئاللاھ تائالانى رازى قىلىش بولۇپ، دىن ۋە دۇنيالىق بارلىق ئىشىڭىز ئاللاھ تائالا كۆرسەتكەن بويىچە بولىدىكەن، سىزنىڭ پۈتكۈل ھاياتىڭىز ئىبادەت ئىچىدە بولغان بولىدۇ. بۇنىڭ تەپسىلاتى مۇنداق:

ئىبادەت __ ئاللاھ تائالا تەلەپ قىلغان بويىچە ياشاش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئاللاھ تائالاغا قۇلچىلىق بۇرچىنى ئادا قىلىش دېگەنلىكتۇر. بۇ  ئىبادەتنىڭ ئومۇمىي مەنىسى بولۇپ، ناماز ئوقۇش، زاكات بېرىش، روزا تۇرۇش، ھەج قىلىش، قۇرئان تىلاۋەت قىلىش دېگەنگە ئوخشىغان بەلگىلىك ئىبادەتلەر ئاللاھ تائالا  بۇيرۇغان ئومۇمىي ئىبادەتنىڭ بىر قىسمىدۇر. چۈنكى «ئىبادەت دىننىڭ، شۇنداقلا ھاياتلىقنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغىنىدەك، ئىنساننىڭ ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن پۈتۈن ئىشلىرىنى، تىلى ۋە دىلىنىڭ ئەمەللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ»( ).

شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىيەنىڭ»العبودية«ناملىق ئەسىرىدە ئىبادەتنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېگەن: «ئىبادەت ― ئاللاھ تائالا ياخشى كۆرىدىغان ۋە رازى بولىدىغان ھەر قانداق ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ئىش _ ھەرىكەت، گەپ _ سۆز ۋە ئوي _ پىكىرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر ئىسىمدۇر. ئىبادەتنىڭ تۈرلىرى ناھايىتى كۆپتۇر. ئۇلار: ناماز ئوقۇش، زاكات بېرش، روزا تۇتۇش، ھەج – ئۆمرە قىلىش، توغرا ۋە راست سۆزلەش، ئامانەتنى ئادا قىلىش، ئىلىم ئۆگىنىش، ئاتا _ ئانىغا ياخشىلىق قىلىش، ئۇرۇق _ تۇغقانلارغا سىلە _ رەھىم قىلىش، ۋەدىگە ۋاپا قىلىش، باشقىلارنى ياخشىلىقلارغا بۇيرۇش، يامانلىقلاردىن توسۇش، ھالال رىزىق ئۈچۈن ئىشلەش، پەرزەنتلىرىنى ياخشى تەربىيىلەش، ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش، خوشنىلارغا، پېقىرلارغا، يېتىملارغا، مۇساپىرلارغا ياخشىلىق قىلىش، ھايۋانلارغا رەھىم قىلىش، قۇرئان ئوقۇش، دوئا قىلىش، زىكىر ئېيتىش، ئاللاھ تائالاغا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە مۇھەببەت، ئىخلاس قىلىش، ئاللاھ تائالانىڭ ئازابىدىن قورقۇش، رەھمىتىدىن ئۈمىد كۈتۈش، ئۇنىڭغا تەۋەككەل قىلىپ يۆلىنىش، ئۇنىڭدىن ياردەم تىلەش، بالا _ قازالارغا سەۋر قىلىش، ئۇنىڭ نېمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىش ۋە باشقىلاردۇر»( ).

ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە بارلىق ئىنسانلارنى ئىبادەتكە بۇيرۇپ مۇنداق دېگەن: «ئى ئىنسانلار! (ئاخىرەتنىڭ ئازابىدىن) ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى ۋە سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرنى ياراتقان رەببىڭلارغا ئىبادەت قىلىڭلار». يەنە ئىنسانلارنىڭ يارىتىلىش غايىىسىنىڭ پەقەت ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىش ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ: «جىنلارنى، ئىنسانلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈنلا ياراتتىم »( ) دېگەن.

ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن كەلگەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئورتاق چاقىرىقى«ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچبىر ئىلاھ  يوقتۇر»( ) دېيىشتىن ئىبارەت ئىلاھىي پىرىنسىپ ئىدى.

كىمكى ھاياتىنىڭ غايىسىنى ئاللاھ تائالانىڭ ئەمر_ پەرمانلىرىنى ئورۇنلاشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار مەقسەتكە بېغىشلايدىكەن، ئۇنىڭدىن سادىر بولغان ھەرقانداق سۆز_ ھەرىكەت، ئىش _ پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا ئىبادەت بولۇپ يېزىلىدۇ. مانا بۇ، ئاللاھ تائالانىڭ «جىنلارنى، ئىنسانلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈنلا ياراتتىم» دېگەن مۇقەددەس سۆزىنىڭ تەقەززاسىدۇر. چۈنكى بىز ئىبادەتنىڭ مەنىسنى ناماز، روزا، زاكات، ھەج قاتارلىق شۇ مۇئەييەن ئىبادەتلەرگىلا قىسقارتىپ قويىدىغان بولساق، بۇ ئايەتتىكى يارىتىلىشنىڭ غايىسى قىلىنغان چوڭقۇر مەنىنى چۈشەنمىگەن بولىمىز. بۇ مۇئەييەن ئىبادەتلەر بىزنىڭ ئومۇمىي ئىبادەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇش يولىمىزدىكى مەنىۋى غۇزالاردۇر. بىزنىڭ يەر يۈزىدىكى بۇ چەكلىك ھاياتىمىز ئەمەلىيەتتە ئاللاھ تائالانىڭ يولىدىكى، ئاللاھ تائالانى رازى قىلىش يولىدىكى ئۇزۇن سەپەرگە بولۇپ، خۇددى ئۇزۇن يولغا چىققان يولۇچى ئاپتوموبىلىنىڭ شوپۇرى يولىنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرالىشى ئۈچۈن، يول بويىدىكى ماي قاچىلاش ئورۇنلىرىدا ماي قاچىلاپ مېڭىشقا موھتاج بولغاندەك، ئاللاھ يولىدىكى ئۇزۇن سەپەرنىڭ كارۋانلىرىمۇ ناماز، روزا، زاكات، قۇرئان ئوقۇش، ھەج قىلىش قاتارلىق مۇئەييەن پەرزلەرنى ئورۇنلاش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ مەنىۋى غىزاسىنى تەمىن ئېتىدۇ. خۇددى يولۇچى ئاپتوموبىلىنىڭ شوپۇرىنىڭ غايىسى يولدا ماي قاچىلاش ئەمەس، يولىنى داۋاملاشتۇرۇپ ئاخىرقى نىشانغا يېتىش بولغاندەك، ئاللاھ يولىدا كېتىپ بارغان بىر مۇئمىننىڭ غايىسىمۇ شۇ مۇئەييەن ئىبادەتلەر ئەمەس، بەلكى ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىغا يېتىپ بارغۇچىلىك داۋام قىلىدىغان ئومۇمىي ئىبادەتتۇر.

ئىسلام مۇتەپەككۇرى ئەللامە مۇھەممەد غەززالىي بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئىسلام دېمەك كەم _ زىيادە قىلىشقا بولمايدىغان، ھەتتا بارماقلار بىلەن سانىغىلى بولىدىغان ئازغىنە ئىبادەتلەر ئەمەس، بەلكى ئۇ، ئىنساننىڭ ھاياتتىكى ئۆز ۋەزىپىسىنى ئۆتەشكە سالاھىيەتلىك بولۇشىدىن ئىبارەتتۇر. بىرەر زاۋۇتنى ياسىماقچى بولغان ئىنژېنېر ئۇ زاۋۇتتىن ئىشلەپچىقىرىلىدىغان مەھسۇلاتلارنى ئەمەس، بۇ زاۋۇتنىڭ ھەمىشە ئىشلەپچىقىرىشقا سالاھىيەتلىك بولۇشىنى كۆزلەيدۇ. ئايروپىلاننىڭ سالاھىيىتى ئۇنىڭ ئۇچۇش ئۈچۈن ھەر زامان تەييار بولۇش بىلەن، قەلەمنىڭ سالاھىيىتى يېزىش ئۈچۈن ھەمىشە ھازىر بولۇش بىلەن بولغاندەك، ئىنساننىڭ ئەمەل_ ئىبادىتىنىڭ ھەمىشە ئاللاھ تائالاغا ياراملىق بولۇپ قوبۇل بولۇشىمۇ ئۇنىڭ نىيىتىنىڭ دۇرۇس بولۇشى بىلەن بولىدۇ. ئىنساننىڭ نىيىتى ھەر ئىشتا ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئورۇنداش ۋە ئاللاھ تائالا كۆرسەتكەن بويىچە ھايات كەچۈرۈشتىن ئىبارەت بولىدىكەن، ئۇنىڭ ھاياتتىكى پۈتۈن ئىشلىرى ئۆزلۈكىدىن ئىبادەتكە ئايلىنىپ تۇرىدۇ. پۇل باسىدىغان زاۋۇت قىممەتسىز خام ئەشيالارنى قىممەتلىك پۇل قىلىپ چىقارغاندەك، ئىنساننىڭ نىيىتى سالاھىيەتلىك بولسا، ئۇنىڭ ھاياتتىكى پۈتۈن ئىشلىرى ئىبادەت قاتارىدىن ئورۇن ئېلىۋېرىدۇ»( ).

ئەمەل_ ئىبادەتلەرنىڭ قوبۇل بولۇش شەرتلىرى

ئەمەل_ ئىبادەتلەرنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا قوبۇل بولۇشىنىڭ ئىككى شەرتى بار بولۇپ، بۇ ئىككى شەرت تولۇق تېپىلمىغان ھەرقانداق ئىبادەت ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا قەتئىي قوبۇل قىلىنمايدۇ. بۇ ئىككى شەرت:

1. ئەمەل_ ئىبادەتتە ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىشنى مەقسەت قىلىش. بۇنىڭغا بىنائەن دەيمىزكى، ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقى كۆزلەنمىگەن ياكى ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى كۆزلەش بىلەن بىرگە دۇنيالىق مەنپەئەتنى ياكى يۈز-ئابرۇي تېپىشنى كۆزلىگەن ھەرقانداق ئىبادەت بىكاردۇر.

2. ئەمەل_ ئىبادەتنىڭ ئاللاھ تائالا بۇيرۇغان ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۆرسەتكەن بويىچە بولۇشىدۇر. بۇنىڭغا بىنائەن دەيمىزكى، ئىسلام شەرىئىتىنىڭ كۆرسەتمىسىگە مۇۋاپىق كەلمىگەن ھەرقانداق ئەمەل_ ئىبادەت بىكاردۇر. 

يۇقىرىقى بايانلارغا ئاساسەن شۇ نەتىجىنى چىقىرىمىزكى، ئۆزىنى ئاللاھ تائالاغا ئاتىغان، نىيىتى ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىشتىن ئىبارەت بولغان ئادەم مەيلى دۇنيالىق ياكى ئاخىرەتلىك قانداقلا بىر ئىشىنى ئاللاھ تائالا كۆرسەتكەن بويىچە قىلىدىكەن، ئۇ نەدە بولسا بولسۇن ۋە نېمە ئىش قىلغان بولسۇن ئىبادەت ئىچىدە بولغان بولىدۇ.

ھاياتىمىزنى ئىبادەتكە ئايلاندۇرۇشنىڭ ئامىللىرى

ھاياتىمىزنى ئىبادەتكە ئايلاندۇرۇشنىڭ ئامىللىرى تۆۋەندىكىچە:

1. نىيەت

نىيەت _ ئادەمنىڭ كۆڭۈل قېتىدا پەيدا بولىدىغان ۋە ئادەمنى بىر ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا بەل باغلاتقان ئوي- پىكىردىن ئىبارەتتۇر. نىيەتنىڭ ئورنى قەلبتۇر. ھەر قانداق ئەمەل – ئىبادەت ئۇنى قىلغۇچىنىڭ نىيىتىگە قاراپ قوبۇل بولىدۇ ياكى رەت قىلىنىدۇ. ئەمەل –ئىبادەتلەر ئۇنى قىلغۇچىسىغا ئۇنىڭ نىيىتىگە قاراپ قەدىر- قىممەت ياكى ئۇنىڭ ئەكسىچە ئەھۋال ئېلىپ كېلىدۇ. ئەمەلسىز قۇرۇق نىيەت ئېتىبارغا ئېلىنمىغاندەك، نىيەتسىز ئەمەلمۇ پايدىسىزدۇر. ئىنساننىڭ يېيىش-ئىچىشى، ئۇخلاپ دەم ئېلىشى، شۇنداقلا ئەر – ئاياللىق مۇناسىۋەتلىرىمۇ نىيەتنىڭ دۇرۇس بولۇشى بىلەن ئىبادەت قاتارىغا كىرىدۇ.  بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىگە: «سىلەرنىڭ ئەر- ئاياللىق مۇناسىۋىتىڭلاردا سەدىقىنىڭ ساۋابى بار» دېگەندە، ساھابىلەر بۇنىڭغا ئەجەپلىنىپ: «يا رەسۇلۇللاھ! بىز ئۆزىمىزنىڭ شەھۋىتىنى قاندۇرساقمۇ ساۋاپ بولامدۇ؟» دېيىشكەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « ئېيتىڭلارچۇ، ئەگەر سىلەر شەھۋىتىڭلارنى ھارام ئىش بىلەن قاندۇرساڭلار سىلەرگە گۇناھ بولمامدۇ؟» دەيدۇ. ساھابىلەر: «ئەلۋەتتە گۇناھ بولىدۇ» دېيىشىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «شۇنىڭدەك، سىلەر شەھۋىتىڭلارنى نىكاھلىق ئايالىڭلار ئارقىلىق قاندۇرساڭلار، سىلەرگە ساۋاب بولىدۇ»  دېگەن.

 نىيەت ئادەتتىكى ئىشلارنى ئىبادەتكە ئۆرۈيدىغان بىردىنبىر سېھىرلىك ماددىدۇر. فەقىھلەر (ئىسلام فىقھىشۇناس ئالىملىرى)نىڭ قارىشىچە، نىيەت ئاللاھ تائالانى رازى قىلىشتىن ئىبارەت دۇرۇسلا بولىدىكەن، ئىنساننىڭ ئادەتتىكى ئىشلىرىمۇ ئىبادەت قاتارىدىن سانىلىدۇ. مەسىلەن: ھالالدىن رىزىقلىنىش ۋە بالىلىرىنى ھالال لوقما بىلەن يېتىشتۈرۈش يولىدا تىرىكچىلىك قىلىش، ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇغانلىرىنى ئورۇنداش ۋە ئىبادەتلەردە پائالىيەتچان بولۇش نىيىتى بىلەن يېيىش ۋە ئىچىش، مېڭىنى ياخشى دەم ئالدۇرۇش ئارقىلىق ئاللاھ تائالانىڭ ئەمر_ پەرمانلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ئورۇنداش نىيىتى بىلەن ئۇخلاش ۋە تەن ساقلىقىنى ساقلاش ئارقىلىق شەرىئەت كۆرسەتمىلىرىنى ياخشى ئورۇنداش نىيىتى بىلەن تەنھەرىكەت قىلىش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئىبادەتكە ياتىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەمەللەرنىڭ قوبۇل بولۇشى ياكى رەت قىلىنىشى پەقەت نىيەتكە باغلىق ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئەمەللەر پەقەت نىيەتلەرگە باغلىقتۇر. ھەركىم ئۆزىنىڭ نىيەت قىلغان نەرسىسىگە ئېرىشىدۇ»( ).

2. تەقۋالىق

تەقۋا سۆزىنىڭ لۇغەتتىكى مەنىسى «ساقلىنىش» دېگەنلىكتۇر. نېمىدىن ساقلىنىش؟ تەبىيئىكى،  گۇناھتىن ساقلىنىش، ئاللاھ تائالانىڭ جازاسىغا يولۇقۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش، دوزاخ ئوتىدىن ساقلىنىش، ئۆزىگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە زىيان ئېلىپ كېلىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىشتۇر. تەقۋا سۆزىنىڭ ئىسلام ئاتالغۇسىدىكى مەنىسى: ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇغانلىرىنى ئورۇنداش، توسقانلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىش ۋە ئۇ كۆرسەتكەن بويىچە ھايات كەچۈرۈشتۇر.

  ئىككىنچى خەلىپە ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇبەييە ئىبنى كەئب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن تەقۋالىق ھەققىدە سورىغاندا، ئۇ: «سىز تىكەنلىك يولدىن مېڭىپ باققانمۇ؟» دەپ سورىغان. ھەزرىتى ئۆمەر: «ھەئە» دېگەندە، ھەزرىتى ئۇبەييە يەنە ئۇنىڭدىن: «قانداق ماڭدىڭىز؟» دەپ سورىغان. ئۆمەر: «پۇتۇمغا تىكەن كىرىپ كەتمىسۇن دەپ ئېھتىياتچانلىق بىلەن ماڭدىم» دەپ جاۋاب بەرگەن. بۇ ۋاقىتتا ئۇبەييە ئۇنىڭغا: «تەقۋالىق دېگەن ئەنە شۇنداق بولىدۇ»( ) دېگەن. يەنى تىكەنلىك جايدىن ماڭغان ئادەم «پۇتۇمغا تىكەن كىرىپ كەتمىسۇن دەپ ئېھتىياتچانلىق بىلەن مېڭىش ئارقىلىق ئۆزىنى زىيان-زەخمەتتىن قوغدىغاندەك، تەقۋادار ئادەممۇ ھاياتلىق مۇساپىسىدە گۇناھ، يامان ئىشلارنى سادىر قىلىپ قويۇپ ئاللاھ تائالانىڭ جازاسىغا ئۇچراپ قالماسلىق ئۈچۈن ھەمىشە ئېھتىياتچان بىلەن ھەرىكەت قىلىدۇ».

   تەقۋالىقنىڭ ئەڭ ئىخچام مەنىسى ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىنى كۈزىتىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېسىدىن چىقارماسلىق ۋە ھەر ئىشتا مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئىچىدە ھەرىكەت قىلىش دېگەنلىكتۇر. چۈنكى «مەسئۇلىيەتچانلىق» دېگەن قىلىشقا تېگىشلىكنى ۋاقتىدا قىلىش، قىلماسلىققا تېگىشلىكنى قىلماسلىق، دېگەننى بىلدۈرىدۇ. مۇنداق ئادەمنىڭ كۆڭلى خاتىرجەم، ۋىجدانى راھەت، كېلەچىكى كاپالەتلىك بولىدۇ. خەلقىمىزدە «ئۆزىنى سورىغان خاننىڭ ئالدىغا بارماپتۇ» دېگەن ھېكمەت بار. چۈنكى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئورۇندىغان ئادەم خەلقنىڭ ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا ھېچقاچان ئەيىبكار بولمايدۇ. شۇڭا ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغان ئادەم تەقۋا ئادەمدۇر.  ئىنساننىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ھەقلىرىگە، ئىنسانلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىغا قارىتا مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن ياشىشى ئۇنىڭ تەقۋالىقىدۇر.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەقۋالىقنى مۇنداق بايان قىلغان: «بىر_ بىرىڭلارغا ھەسەت قىلىشماڭلار، ئۆزۈڭلار ئالمايدىغان مالنى باشقىلارغا سېتىش ئۈچۈن ئۇلارنى زىيانغا ئۇچرىتىپ بۇ مالنى ماختاپ ئۇنىڭ باھاسىنى ئاشۇرماڭلار، بىر- بىرىڭلارغا ئاداۋەت تۇتماڭلار، بىر_ بىرىڭلارغا تۇزاق قۇرۇشماڭلار، بىر-بىرىڭلارنىڭ سودىسى ئۈستىگە سودا قىلماڭلار، ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى! ئۆزئارا قېرىنداش بولۇڭلار! مۇسۇلمان مۇسۇلماننىڭ قېرىندىشىدۇر، مۇسۇلمان مۇسۇلمانغا زۇلۇم قىلمايدۇ، ياردەمگە مۇھتاج بولغان چېغىدا ئۇنى تەرك ئەتمەيدۇ، ئۇنى خار ۋە ھېقىر كۆرمەيدۇ. تەقۋالىق بۇ يەردىدۇر« پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۆكسىگە ئىشارەت قىلىپ تۇرۇپ: «تەقۋالىق بۇ يەردە!» دېگەن سۆزنى ئۈچ قېتىم تەكرارلىغان . گويا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يۇقىرىقى ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى تەقۋالىق دەپ سانىغان.

 

3. گۈزەل ئەخلاق

گۈزەل ئەخلاق __ ئۆزىمىزگە، ئەتراپىمىزدىكىلەرگە، جەمئىيەتكە ۋە پۈتۈن ئىنسانىيەتكە پايدىلىق بولغان، دىنىمىزنىڭ پىرىنسىپلىرىغا ئۇيغۇن كەلگەن ۋە دىنىمىزدا بۇيرۇلغان ئىشلاردۇر. بۇ ئىسلامىي گۈزەل ئەخلاق دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

گۈزەل ئەخلاق دائىرىسىگە كىرىدىغان ياخشى ئىشلار ۋە ئادەتلەر ئىنتايىن كۆپ. مەسىلەن: ھەر ئىشتا توغرا، ئادالەتلىك، راستچىل بولۇش، ۋەدىگە ۋاپا قىلىش، ئامانەتكە ئىشەنچلىك، سۆيگۈ – ۋاپالىق، ئىمان _ ئېتىقادلىق بولۇش، ئائىلىسىدىكىلەرگە مېھرىبان، ئاتا – ئانىغا ۋاپادار، ئۇرۇق – تۇغقانلارغا كۆيۈمچان، قوشنىلارغا ئەپۇچان، ھايۋانلارغا رەھىمدىل بولۇش، مەيلى دۇنيالىق بولسۇن، مەيلى ئاخىرەتلىك بولسۇن ئۆز ۋەزىپىسىنى بىلىش ۋە ئۆز ۋاقتىدا ئورۇنداش، خاتالىقىنى دادىل ئېتىراپ قىلىش، ئەدەپلىك، جاسارەتلىك، سېخىي، مەرد، پاكىز، مەدەنىيەتلىك، كۆكسى–قارنى كەڭ بولۇش، ھەر ئىشتا ھەقىقەتنى كۆزلەش، ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىگە يۆلىنىش، ۋىجدانلىق، غۇرۇرلۇق بولۇش، نومۇسىنى ساقلاشنى بىلىش، ۋەتەنگە، خەلققە ۋە پۈتۈن ئىنسانلارغا مەنپەئەتلىك بولۇش ۋە باشقىلار.

ئەخلاقى گۈەل بولغان ئادەم ئىبادەت ئىچىدە بولغان بولىدۇ. مۇنداق ئادەمنىڭ دىن ۋە دۇنيالىق بارلىق ئەمەللىرى ئىبادەت قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنى ئىپادىلەپ: «مۇسۇلمان ئادەم گۈزەل ئەخلاقى بىلەن كېچە ئۇخلىماي ناماز ئوقۇغان ۋە كۈندۈزى روزا تۇتقاننىڭ ساۋابىغا ئېرىشەلەيدۇ»( ) دەپ كۆرسەتكەن.

گۈزەل ئەخلاق ئەڭ ساۋابلىق ئىبادەت قاتارىدىن سانىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنى بايان قىلىپ: «قىيامەت كۈنىدە مۇسۇلمان كىشىنىڭ ياخشىلىق مىزانىدا گۈزەل ئەخلاقتىن سالماقراق كېلىدىغان ھېچ نەرسە يوقتۇر»( ) دەپ كۆرسەتكەن.

دېمەك، دۇرۇسلۇقنى، توغرىلىقنى، ھەققانىيلىقنى ۋە ئادالەتنى ھايات مىزانى قىلىپ ياشىغان مۇسۇلمان ئادەمنىڭ پۈتكۈل ھاياتى ئىبادەت ئىچىدە بولغان بولىدۇ. مۇنداق ئادەم ئالدى ئاللاھ تائالانىڭ ھەققىنى ئادا قىلىدۇ، ھايات تەرىزىنى ئاللاھ تائالانىڭ كۆرسەتمىسىگە ئۇدۇللاپ ئىش كۆرىدۇ، كىشىلەرگە ئۇۋال قىلمايدۇ، كىشىلەرنىڭ ھەققىنى يەۋالمايدۇ، سودا_ سېتىق ئىشلىرىدا ساختىپەزلىك قىلمايدۇ، كىشىلەرنى ئالدىمايدۇ، ئاجىز_ ئۇرۇقلارغا ئىچ ئاغرىتىدۇ ۋە ياردەم قىلىدۇ، يېتىملەرنىڭ بېشىنى سىلايدۇ، ئىنسانلارغىلا ئەمەس، بەلكى بارلىق جان ئىگىسىگە رەھىم_ شەپقەتلىك بولىدۇ، دىن ۋە دۇنيالىق ھەرقانداق بىر ئىشنى قېتىرقىنىپ، ئىخلاس بىلەن قىلىدۇ، ئۆزىگە تاپشۇرۇلغان قۋەزىپىنى قولىنىڭ ئۇچىدا قىلىپ قويمايدۇ، ساختىپەزلىك قىلمايدۇ.

خۇلاسە قىلغاندا، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان توغرا نىيەت، تەقۋالىق ۋە گۈزەل ئەخلاق قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى دۇرۇسلۇق ۋە توغرىلىق دېگەن ئىككى سۆزگە ئىخچاملاشقا بولىدۇ. دۇرۇسلۇق بىلەن توغرىلىق ئاللاھ تائالانى رازى قىلىشنىڭ ۋە ئۇنىڭ مۇكاپاتىغا نائىل بولۇشنىڭ كاپالىتىدۇر. ھاياتنىڭ ئۆزىمۇ توغرىلىق ۋە دۇرۇسلۇق ئۈستىگە قۇرۇلغان بولۇپ، ھايات بىر پويىز بولسا توغرىلىق بىلەن دۇرۇسلۇق رېلىسقا ئوخشايدۇ، پويىز رېلىستا بولسا مەنزىلگە ئوڭۇشلۇق يېتەلەيدۇ، ئەگەر رېلىستىن چىقىپ كەتسە ھالاك بولىدۇ. شۇڭا دەيمىزكى، سىز دۇرۇسلۇقتىن ۋە توغرىلىقتىن قەتئىي ئايرىلماڭ، ھاياتىڭىز ئىبادەت ئىچىدە بولسۇن!.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار