ئىسلام شەكىلنى ئەمەس جەۋھەرنى ئاساس قىلىدۇ

ئىسلام شەكىلنى ئەمەس جەۋھەرنى ئاساس قىلىدۇ

مۇھەممەد يۈسۈپ

   بەزى كىشىلەر ئىسلامدىن پەقەت شەكىلنىلا چۈشىنىدۇ. ئەمما ئۇلار ئىسلام جەۋھىرىنى چۈشىنىشتىن بەكمۇ يىراقتا. ئۇلار ئىسلامنىڭ سۈرىتىنىلا چۈشىنىدۇ. ئەمما ئۇلار ئىسلامنىڭ ھەقىقىتىنى چۈشىنىشتىن بەكمۇ يىراقتا.

   ئېنىقكى بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئىسلامنىڭ جەۋھىرىگە ئەمەس، پەقەت تاشقى سۈرىتىگىلا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار بولۇپ، بۇلارمۇ ئەلۋەتتە مۇھىمدۇر. ئەمما جەۋھىرى ھەممىدىن مۇھىمدۇر. خۇددى مېۋىنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشتىن ساقلىنىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ پوستى مۇھىم بولغاندەك، جەۋھەرنىڭ شۇ سۈزۈكلىكىدە، شۇ ساپلىقىدا داۋام قىلىشى ئۈچۈن ئۇنى ئوراپ تۇرغان تاشقى قاپچۇقىمۇ شۇنداق مۇھىم. ئەمما جەۋھەر بىلەن ئۇنىڭ قاپچۇقىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قىممەت پەرقى ھەممىگە ئاياندۇر. چۈنكى بۇلارنىڭ بىرى ئەسلى مەقسەت، يەنە بىرى ۋاسىتەدۇر. ئەپسۇسكى بەزى كىشىلەر قاپچۇقنى جەۋھەر ئورنىغا قويىۋالىدۇ. بۇ خۇددى مېۋىنىڭ پوستىنىلا مېۋە مۇشۇ دەۋالغانغا ئوخشاش. شۇڭا ئۇلار ئىسلامنىڭ جەۋھىرىگە كۆڭۈل بۆلمەستىن، شەكلىگىلا كۆڭۈل بۆلىدۇ ۋە ئۆزىنى تاشقى جەھەتتىن ياخشى مۇسۇلمان قىلىپ كۆرسىتىشنىلا ئويلايدۇ. بۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىشتۇر. مۇنداقلار ئىسلامنىڭ جەۋھىرىگە ۋە ھەقىقىتىگە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ. شۇڭا بىز ئۇيغۇرلاردا  دىنىي سىيما، دىنىي ئوبراز كىشىلەرنىڭ كىيىنىشتىكى شەكلىگە قاراپ ئۆلچۈنىدىغان بولۇپ قالغا. بۇ سەۋەبتىن ئۆزىنى بىر ئوبدان دىنىي قىياپەتكە كىرگۈزىۋېلىپ، خەلقىمىزنىڭ، دىنىمىزنىڭ زىيىنىغا ئىش قىلىدىغا، خەلقىمىزگە قارشى بېسىمدارلارغا خىزمەت قىلىدىغان سېپى ئۆزىدىن مۇناپىقلار كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ئەللامە، تەقۋا سانالغان. ئەمما قەلبى پاك، تاشقى كۆرۈنۈشىدە ئادەتتىكىدەك يۈرىدىغان ئاددىي-ساددا مۇسۇلمانلار، ھەقىقىي ئىخلاسمەن مۇئمىنلەر كۆزگە ئىلىنماي كەلگەن. بۇ خۇددى بېشىغا زامانىۋى شەپكە كىيىۋالغان ئوت يۈرەك شائىر ۋە مۇئمىن ئابدۇخالىق ئۇيغۇر بىلەن بېشىغا ئافغانلارنىڭ باش كىيىمىنى (سەللە دەپ) كىيىۋېلىپ خەلقنى قايمۇقتۇرغان سېپى ئۆزىدىن مۇناپىق روزى موللىنىڭ مىسالىغا ئوخشايدۇ. روزى موللا  خەلقنىڭ نەزىرىدە موللا، ئابدۇخالى ئۇيغۇر خەلقنىڭ نەزىرىدە ئەپەندى. ئەمدى ئابدۇخالىق ئۇيغۇر بىلەن روزا موللا ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدە ئوخشاشمىدۇ؟

   ئەللامە يۈسۈف ئەل قەرداۋىي مۇنداق دەيدۇ: «ئىسلام ئەقىدە بولۇپ، ئۇنىڭ جەۋھىرى تەۋھىدتۇر. ئىسلام ئىبادەت بولۇپ، ئۇنىڭ جەۋھىرى ئىخلاستۇر. ئىسلام مۇئامىلە بولۇپ، ئۇنىڭ جۋھىرى راستچىللىق ۋە سەمىمىيەتتۇر. ئىسلام ئەخلاق بولۇپ، ئۇنىڭ جەۋھىرى رەھىم-شەپقەتتۇر. ئىسلام شەرىئەت بولۇپ، ئۇنىڭ جەۋھىرى ئادالەتتۇر. ئىسلام ئەمەل ۋە ئىشلەش بولۇپ، ئۇنىڭ جەۋھىرى قېتىرقىنىشتۇر. ئىسلام مۇناسىۋەت بولۇپ، ئۇنىڭ جەۋھىرى قېرىنداشلىقتۇر، ئىسلام مەدەنىيەت بولۇپ، ئۇنىڭ جەۋھىرى تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاشتۇر. ئەقىدىدە تەۋھىدنى، ئىبادەتتە ئىخلاسنى، مۇئامىلىدە راستچىللىقنى، ئەخلاقتا رەھىم-شەپقەتنى، ئەمەلدە قېتىرقىنىشنى، مۇناسىۋەتتە قېرىنداشلىقنى، مەدەنىيەتتە تەڭپۇڭلۇقنى يوقاتقان ئادەم ئىسلامنىڭ جەۋھىرىنى يوقىتىپ قويغان بولىدۇ. گەرچە ئۇ ئىسلامنىڭ سۈرىتىنى ساقلاپ كەلگەن بولىسىمۇ، ئۇنىڭ جەۋھىرىدىن مەھرۇم قالغان بولىدۇ».

جانابى ئاللاھ ھەممىمىزنى ئىسلامنىڭ جەۋھىرىنى تۇتۇشقا مۇيەسسەر قىلغاد، ئامىن.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار