يوتقاننىڭ ئېغىرلىقى ۋە سەھەرنىڭ سىرى — غالىبلارنىڭ يولى

 

يوتقاننىڭ ئېغىرلىقى ۋە سەھەرنىڭ سىرى — غالىبلارنىڭ يولى

 

مۇھەممەد يۈسۈپ

دۇنيادا ھەممىدىن ئېغىر نەرسە نېمە؟ نۇرغۇن كىشىلەر بۇنىڭغا تاغدەك يۈكلەرنى ياكى پولاتتەك جىسىملارنى مىسال كەلتۈرۈشى مۇمكىن. ئەمما ھەقىقەتتە، دۇنيادىكى ئەڭ ئېغىر نەرسە — يوتقاندۇر. بۇ ئېغىرلىق فىزىكىلىق تارازىدا ئەمەس، بەلكى تاڭ سەھەرنىڭ غەپلىتى بىلەن ئىرادىنىڭ توقۇنۇشىدا بىلىنىدۇ. غالىبلار بىلەن مەغلۇبلار ئوتتۇرىسىدىكى چەك دەل مۇشۇ «ئېغىر يوتقان» نى ئۈستىدىن ئاتقان ياكى ئۇنىڭ ئاستىدا قالغانلىق بىلەن بەلگىلىنىدۇ.

 

سۈننەتتىكى سەھەر ھېكمىتى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئى ئاللاھ! سەھەر ۋاقتىدا ئۈممىتىمگە بەرىكەت ئاتا قىلغىن» دەپ دۇئا قىلىشى ھەرگىزمۇ بىكار ئەمەس ئىدى. ئۇ زات ھەتتا ھەربىي يۈرۈشلىرىنىمۇ ھەمىشە تاڭ سەھەردە باشلايتتى، بىر جايلارغا قوشۇن ئەۋەتمەكچى بولسىمۇ تاڭ سەھەردە ئەۋەتەتتى. بۇنىڭ ھېكمىتى شۇكى، سەھەر ۋاقتى ئادەمنىڭ زېھنى ئەڭ سۈزۈك، روھى ئەڭ كۈچلۈك، ئېنېرگىيەسى ئەڭ يۇقىرى بولىدىغان ۋاقىتتۇر.

سۈرىيەلىك بىر ئالىمنىڭ پەقەت سەھەر ۋاقتىدىكى 2 سائەتلىك مۇنتىزىم ئىشلەش بىلەنلا 8 يىل ئىچىدە 22 توملۇق كاتتا ئەسەر يازغانلىقى بەرىكەتنىڭ مۆجىزىلىرىدىن بىرىدۇر. كۈندۈزدىكى 10 سائەتلىك شاۋقۇنلۇق خىزمەت سەھەردىكى بەرىكەتلىك 2 سائەتكە يېتەلمەيدۇ.

 

يوتقان ئاستىدىكى جەڭ

سەھەر ئۇيقۇسى شۇنچە تاتلىق، ئەمما شۇنچە خەتەرلىك. يوتقاننىڭ ئاستىدا قالغانلار پەقەت بىر قانچە سائەتلىك ئۇيقۇسىنىلا ئەمەس، بەلكى شۇ كۈنىنىڭ بەرىكىتىنى، ئۆزىنىڭ ئىرادىسىنى ۋە پارلاق كېلەچېكىنى بىللە كۆمۈۋېتىدۇ.

غالىبلار شۇنى بىلىدۇكى: ئەگەر سىز سەھەردە يوتقاننى يېڭەلىسىڭىز، كۈندۈزدە دۇنيانى يېڭەلەيسىز. چۈنكى ئەتىگەنلىكىنى «ئۆز نەپسىنىڭ راھىتى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش» بىلەن باشلىغان ئادەم ئۈچۈن ھېچقانداق قىيىنچىلىق ئېغىر كەلمەيدۇ.

خۇلاسە

ھاياتىڭىزدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنى، ئىشلىرىڭىزنىڭ ئۈنۈملۈك، مال-دۇنيالىرىڭىزنىڭ بەرىكەتلىك بولۇشىنى خالىسىڭىز، ئالدى بىلەن ئاشۇ «ئەڭ ئېغىر يوتقان»نى ئۈستىڭىزدىن ئېتىڭ. ئۇنتۇماڭكى، قۇياش ئۈستىڭىزگە چىققاندا ئەمەس، سىز قۇياشنى كۈتۈۋالغاندا دۇنيا سىزگە بويسۇنىدۇ.

 

نامازنىڭ ھاياتىمىزدىكى ئەھمىيىتى

ناماز — دىننىڭ تۈۋرۈكى، ئىسلامنىڭ بەش ئاساسىنىڭ ئىككىنچىسى ۋە مۇئمىن ئادەمنىڭ ئاللاھ تائالا بىلەن بولغان بىۋاسىتە ئالاقىسىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپات بولۇش ئالدىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ۋەسىيىتى «نامازلارنى ۋاقتىدا ئادا قىلىڭلار» دېيىشتىن ئىبارەت بولغان. مۇئمىنلەرنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سۈپەتلىرىنىڭ بىرى نامازنى بەلگىلەنگەن ۋاقتىدا ئادا قىلشتۇر. چۈنكى، ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: «ناماز ھەقىقەتەن مۇئمىنلەرگە ۋاقتى بەلگىلەنگەن پەرز قىلىندى» دەپ بۇيرۇغان.

 

ناماز  ۋاقىت ۋە شارائىت چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغان يېگانە ئىبادەتتۇر

مەسىلەن:

زاكات: پەقەت مال-مۈلكى زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يەتكەن كىشىلەرگىلا پەرزدۇر

روزا: كېسەل ياكى مۇساپىر بولمىغانلارغا پەرزدۇر.

ھەج: پەقەت قۇربىتى يەتكەنلەرگە پەرزدۇر.

ئەمما ناماز: ئەقلى جايىدا بولغان ھەربىر مۇسۇلمانغا ھەرقانداق شارائىتتا — مەيلى سەپەردە بولسۇن، مەيلى كېسەل بولسۇن — چوقۇم ئادا قىلىش زۆرۈر بولغان مەجبۇرىيەتتۇر. ھەتتا كېسەل كىشىلەر ئۆرە تۇرالمىسا ئولتۇرۇپ، ئولتۇرالمىسا ياتقان يېرىدە ئادا قىلىدۇ.

 

نامازنى ۋاقتىدا ئادا قىلىشنىڭ مۇھىملىقى

نامازنى ۋاقتىدا ئادا قىلىش پەقەت دىنىي مەجبۇرىيەتلا بولۇپ قالماستىن، بەلكى كۈندىلىك تەرتىپ-ئىنتىزام ۋە ۋاقىتنىڭ قەدرىنى بىلىشتىكى مۇھىم بىر تەربىيەدۇر.

 نامازنى ۋاقتىدا ئادا قىلىش ئاللاھ تائالا ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئەمەلدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: «ئاللاھقا ئەڭ سۆيۈملۈك ئەمەل قايسى؟» دەپ سورالغاندا، ئۇ زات: «ۋاقتىدا ئوقۇلغان ناماز» دەپ جاۋاب بەرگەن.

نامازنى ۋاقتىدا ئادا قىلىش مۇئمىن ئادەمنىڭ قەلبىگە ئارامبەخش ئاتا قىلىدۇ ۋە كېچىكتۈرۈشتىن كېلىپ چىقىدىغان بېسىمدىن ساقلايدۇ.

نامازلىرىنى ۋاقتىدا ئادا قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ رىزقى مول، بەرىكىتى زىيادە بولىدۇ.

 

بامدات نامىزىنىڭ زۆرۈرلۈكى

گەرچە بارلىق پەرز نامازلارنى ۋاقتىدا ئادا قىلىش زۆرۈر بولسىمۇ، بامدات نامىزىنى ۋاقتىدا ئادا قىلىش ناھايىتى بەك مۇھىم ۋە قەتئىي سەل قاراشقا بولمايدىغان دىنىي زۆرۈرىيەتتۇر. چۈنكى بامدات نامىزى مۇئمىن ئادەمنىڭ ئىمانى ۋە ساداقىتىنىڭ ھەقىقىي سىنىقىدۇر. كۆپ سانلىق مۇسۇلمانلادىكى ئەڭ ئاجىز نۇقتا بامدات نامىزىغا تۇرالماسلىق بولۇپ، پەرزەنتلەردە بۇ ئەھۋال تېخىمۇ ئېغىر بولماقتا. ئاتا-ئانىلارنىڭ ئەڭ چوڭ سىناقلىرىدىن بىرى پەرزەنتلىرىنى بامدات نامىزىغا ئويغىتىشتا بولماقتا.

شۇڭا دەيمىزكى، زامانىمىزدىكى ھەقىقىي قالتىس ئاتا-ئانا پەرزەنتلىرىنى ناماز بامداتقا ئويغىتالىغان ۋە ئىبادەتلەرنى بىللە ئادا قىلالىغان ئاتا-ئانىدۇر. ھەقىقىي غالىب سەھەردىكى تاتلىق ئۇيقۇسىنى يېڭىپ ئىبادەتكە ئاتلانغان كىشىدۇر. دۇنيادىكى ئەڭ يامان مەغلۇبىيەتچى ئېغىر يوتقاننىڭ ئاستىدا قالغان ئادەمدۇر.

قىسقىسى، بامدات نامىزى كۈندىلىك غەلىبىنىڭ دەرۋازىسىدۇر. كىمكى تاتلىق ئۇيقىسىدىن كېچىپ رەببىنىڭ ئالدىدا تۇرالىسا ھاياتنىڭ بارلىق قىيىنچىلىقلىرىغا تاقابىل تۇرالايدىغان ئىرادىگە ئىگە بولىدۇ.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار