
زاكات بېرىش ئالتۇنغا كۆرەمۇ ياكى كۈمۈشكىمۇ؟
مۇھەممەد يۈسۈپ
رامىزاننىڭ ئاخىرقى بۇ كۈنلەردە، بىراۋنىڭ پۇل-مېلى زاكات بېرىش مىقدارىغا يەتكەن ياكى يەتمىگەنلىكى ئالتۇنغا كۆرە ھېسابقا ئېلىنامدۇ ياكى كۈمۈشكىمۇ؟ دېگەن سوئاللار كۆپ سورۇلۇشقا باشلىدى. تۆۋەندە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ كاتتا ئۆلىمالىرىدىن ئەللامە مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىدنىڭ مەخسۇس تور بېكىتىدىكى مۇنۇ پەتىۋانى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھۇزۇرىغا سىۇنىمىز:
مۇسۇلمان ئادەمنىڭ قولىدا 20 مىسقال (تەخمىنەن 85 گرام) ساپ ئالتۇن سېتىۋالالايدىغان مىقداردا ياكى 140 مىسقال (تەخمىنەن 595 گرام) كۈمۈش سېتىۋالالايدىغان مىقداردا پۇل بولسا، ئۇنىڭغا ئىگە بولغانغا بىر يىل ئۆتكەن بولسا، ئۇنىڭغا زاكات پەرز بولىدۇ.
قەغەز پۇللارمۇ ئالتۇن ۋە كۈمۈشكە ئوخشاش دەپ قارالغانلىقى ئۈچۈن، ھازىرقى زامان ئالىملىرى ئۇلارنىڭ نىسابىنى(زاكات كېلىدىغان ياكى كەلمەيدىغانلىقىنى) ئالتۇن بىلەنمۇ ياكى كۈمۈش بىلەنمۇ؟ قانداق بەلگىلەش توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشقان.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە ئالتۇننىڭ نىساب مىقدارى بىلەن كۈمۈشنىڭ نىساب مىقدارى تەڭ ئىدى، يەنى 200 دىرھەم (كۈمۈش) 20 دىنار (ئالتۇن)غا تەڭ كېلەتتى.شۇڭا ئۇ زامانلاردا ئالتۇن، كۈمۈش قايسىسىنىڭ مىقدارى بويىچە زاكات ئايرىشتا ئىختىلاپ يوق ئىدى.
ئەمدى زامانلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ ئىككى نىساب تەڭ ئەمەس بولۇپ قالدى، ھازىر ئالتۇننىڭ نىسابى (85 گرام)، كۈمۈش نىسابى (595 گرام) بولۇپ، ئىككىسى ئارىسىدا زور پەرق بار.
بۇ سەۋەبتىن قەغەز پۇللارنىڭ نىسابى ئالتۇن بىلەن بەلگىلىنەمدۇ ياكى كۈمۈش بىلەنمۇ، دېگەن ئىختىلاپ چىقتى.
ئالتۇنغا كۆرە بەلگىلىنىدۇ، دەپ قارىغانلار: 85 گرام ئالتۇن قىممىتىدىن تۆۋەن پۇلى بولغان كىشىگە زاكات پەرز ئەمەس دەيدۇ.
كۈمۈشكە كۆرە بەلگىلىنىدۇ، دەپ قارىغانلار: 595 گرام كۈمۈش قىممىتىگە يەتكەن پۇلى بولغان كىشىگە زاكات پەرز بولىدۇ دەيدۇ.
ئىسلام دۇنيا بىرلىكى تەركىبىدىكى «ئىسلام فىقھى ئاكادېمىيەسى» (المجمع الفقهي الإسلامي)، «سەئۇدى ئەرەبىستان كاتتا ئۆلىمالار ھەيئىتى»دىكى ئەللامە ئىبنى باز قاتارلىق ئۆلىمالارنىڭ ئورتاق قارارى: «زاكات نىسابىنى ئىككى نىسابنىڭ ئەڭ تۆۋەن قىممىتى بىلەن بەلگىلەش كېرەك، چۈنكى بۇ پېقىر-مىسكىنلەرنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن پايدىلىقتۇر» دېگەندىن ئىبارەت بولغان. بۇنىڭغا كۆرە، زاكات بېرىش ئۈچۈن كۈمۈشنىڭ نىسابى ھېساب قىلىنىدۇ. چۈنكى ھازىر ئالتۇنغا قارىغاندا كۈمۈشنىڭ قىممىتى تۆۋەن.
قاراردا يەنە مۇنداق دېيىلگەن:
ئەگەر بىر ئادەم ئۆتكەن يىللاردا بىلمىگەنلىكتىن ياكى باشقا بىر پەتىۋاغا ئەگىشىپ زاكات نىسابىنى كۈمۈشكە كۆرە ئەمەس، ئالتۇنغا كۆرە ھېسابلىغانلىقى ئۈچۈن، زاكات بەرمىگەن بولۇپ، كېيىن كۈمۈش بىلەن ھېسابلاش كېرەك ئىكەنلىكىنى بىلگەن بولسا، ئۆتۈپ كەتكەن يىللارنىڭ زاكاتىنىڭ قازاسىنى بېرىشى لازىم ئەمەس. شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە مۇنداق دېگەن: «… ھۆكۈم پەقەت ئىلىمگە يېتىش ۋە قادىر بولۇش بىلەن سابىت بولىدۇ، بىلمەي قالغاننى قازا قىلىش يوق…» (مەجمۇئەتۇل فەتاۋا 19/227).

