جەكسون براۋنىڭ ئوغلىغا قالدۇرغان نەسىھەتلىرى

جەكسون براۋنىڭ ئوغلىغا قالدۇرغان نەسىھەتلىرى

مۇھەممەد يۈسۈپ

جەكسون براۋن ئامېرىكىلىق ئادەتتىكى پۇقرا بولۇپ، ئوغلى ئادەمنى ئۇنىۋېرستېتكە يولغا سېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇنىڭغا ھاياتلىق تەجرىبىلىرىنى يېزىپ سوۋغا قىلغان ۋە يازغانلىرى 1560نەسىھەت بولۇپ، چوڭ كىتاب بولۇپ چىققان. جەكسون براۋن مەزكۇر ئەسىرىنى «ھاياتلىق كۆرسەتمىلىرى» دەپ ئاتىغان ۋە شۇ ئەسەر بىلەن ئامېرىكىدا تونۇلغان. كېيىنچە ئۇنىڭ مەزكۇر ئەسىرى ئامېرىكىدىلا ئەمەس، بەلكى دۇنيادا ئەڭ كۆپ سېتىلغان ئەسەرلەردىن بولۇپ قالغان. ئۇنىڭ ئەسىرى 28 تىلغا تەرجىمە قىلىنىپ بېسىلغان ۋە ئامېرىكىنىڭ ئەڭ كۆپ سېتىلغان كىتاپلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.

جەكسون براۋننىڭ نەسىھەتلىرى

تۆۋەندە جەكسون براۋننىڭ ئوغلىغا يېزىپ قالدۇرغان بۇ قىممەتلىك ئەسىرىدىن تۆۋەندىكى 60 نەسىھەرنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھۇزۇرىغا تەقدىم قىلىمىز:

1. ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلغىن، ئەمما ئىشىكىڭنى مەھكەم ياپقىن.

2. ھاياتلىق شېرىكىڭ بولغۇچىنى ياخشى تاللاپ قارار قىلغىن. چۈنكى بۇ قارار ئىنساننىڭ بەختلىك ياكى بەختسىز بولۇشىدا %90 رول ئوينايدۇ.

3. دۈشمەنلىرىڭگە تۇيۇقسىز ياخشىلىق قىلىش بىلەن ئۇلارنى دوستلىرىڭغا ئايلاندۇرغىن.

4. بانىكىنىڭ ئېلانلىرىغا ئالدىنىپ قالمىغىن، بانكىغا قەرزدار بولۇپ قېلىشتىن ساقلانغىن.

5. شۇجائەتلىك بولغىن، گەرچە شۇنداق بولمىساڭنى ئۆزۈڭنى شۇجائەتلىك قىلىپ كۆرسەتكىن. چۈنكى كىشىلەر بۇنىڭ راست - يالغىنىنى ئايرىيالمايدۇ.

6. ئاڭلىغانلىكى خەۋەرگە ئىشەنمە، پۇلۇڭنىڭ ھەممىسنى خەجلىمە، ئېھتىياجدىن ئارتۇق ئۇخلىما.

7. ياخشى بىر كىتاب ئۇچراپ قالسا، ئۇنى ئوقۇمىساڭمۇ ئېلىپ قويغىن.

8. قانداق ئاڭلاشنى ئۆگەنگىن. چۈنكى كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان پۇرسەتلەر كۈچلۈك قولاققا موھتاج.

9. ساقچى بىلەن ھەرگىز تاكانلاشما.

10. ئەقلىڭنى ياكى ئۆزۈڭگە بولغان ئىشەنچىڭنى ياكى ماشىناڭنىڭ ئاچقۇچىنى يوقاتما.

11.  كونا دوستۇڭنى تۇيۇقسىز تېلېفون بېرىش بىلەن خوشال قىلىۋەتكىن.

12.  يەر _ زېمىن سېتىپ ئالماقچى بولساڭ، ئۇنىڭ ئورنىنى تاللاپ ئال.

13. ھاياتىڭدا ۋۇجۇدقا چىقارماقچى بولغان ئىشلاردىن 10نى يېزىپ، يېنىڭدا ساقلىغىن.

14. ئايالىڭغا گۈل تەقدىم قىلغىن. ئۇنىڭ سەۋەبىنى كېيىن ئويلىۋال.

15.  قانداقلا بىر ئىشتا ئۈچ قېتىم مەغلۇپ بولغان ئادەم بىلەن شېرىكلىشىشتىن ھەزەر ئەيلە.

16. ھەر كۈنى8 ئىستىكان سۇ ئىچىشنى ئۇنۇتما.

17.  كىشىلەرگە يانچۇقىدىكىگە قاراپ ئەمەس، قەلبىدىكىگە قاراپ باھا بەرگىن.

18. تاقىتىڭغا كۆرە ياشىغىن، يەنى «يوتقانغا بېقىپ پۇتۇڭنى سۇنغىن».

19. كەسىپكە ھىيلە قىلىشنى ئۆگىنىمەن دەپ ۋاقىت سەرپ قىلماستىن، كەسىپنىڭ ئۆزىنى ئۆگەن.

20. تەبەسسۇم قىلغىن. چۈنكى ئۇ سەندىن بىر تىيىن تەلەپ قىلمايدۇ. ئەمما ئۇنىڭ قىممىتىنى پۇلغا سۇندۇرغىلى بولمايدۇ.

21. سەن غەزەپلىك ۋاقتىڭدا بىرەر ئىشنى قارار قىلما.

22. ئەمەلىيەتچانلىقتىن زىيادە سىلىق بولغىن. ئەمما ھېچكىمگە سەندىن پايدىلىنىشقا يول قويما.

23.  شەيتاننىڭ نەيرەڭلىرىگە ئالدانما. چۈنكى ئۇ بىر خىل كۆرۈنمەيدۇ.

24. كىشىلەرگە ئۇلار كۈتكىنىدىن كۆپرەكىنى بەرگىن.

25. نورمالدىكى ۋاقتىڭنىڭ كۆپرەكىنى بالىلىرىڭ بىلەن ئۆتكۈزگىن.

26. يۈز _ ئابرويىڭنى ساقلىغىن. كېيىنكى كۈنلەر ئۇنىڭ سەندىكى ئەڭ قىممەتلىك نەرسە ئىلكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.

27. ئېلىشتىكى ئەمەس، بەلكى بېرىشتىكى قۇدرىتىڭگە قاراپ، ئۆزۈڭگە باھا بەرگىن.

28. سەن ئۇچراشقان ھەربىر ئادەمدە سەندە بولمىغان ئالاھىدىلىكلەر بولىدۇ. ئۇنى ئۆگىنىشكە تىرىشقىن.

29. پۇلنى خەجلەشتە ئوتتۇرۇپ قويىدىغان ئادەم ھاياتلىقتا ھەممىدە ئۇتتۇرۇپ قويىدۇ.

30. ئۆزۈڭنى تۈزەتمەي تۇرۇپ بالىلىرىڭغا قىلغان نەسىھەتلىرىڭنى پايدا بېرىدۇ، دەپ خام خىيال قىلما.

31.   ئاناڭ ساڭا: «قىلغان بۇ ئىشىڭغا چوقۇم پۇشايمان قىلىسەن» دېگەن بولسا، كۆپ ھاللاردا پۇشايمان قىلىسەن.

32.   يۈز-ئابرۇيىڭنى ساقلاشقا ئەھمىيەت بەرگىن، ئۇنىڭ سەندىكى ئەڭ قىممەتلىك نەرسە ئىكەنلىكىنى كېيىن بىلىپ قالىسەن.

33.   چوڭ ئۆتكۈللەردىن قورقما، چۈنكى ئۇنىڭ ئارقىسىدا كاتتا پۇرسەتلەر سېنى كۈتىدۇ.

34.   بەزىدە بىرەر ئادەممۇ سېنىڭ ھاياتىڭنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋېتەلەيدۇ.

35.   ھايات شېرىكىڭنى ئوبدان تاللا، ئۇ ھاياتىڭنىڭ تۆتتىن ئۈچىنى سىزىپ بېرىدىغان قارادۇر.

36.   پۇرسەت ئىشىك ئالدىڭغا كەلگەندە، سەن ئۇنى ئۇنى قونۇشقا دەۋەت قىلغىن.

37.   قائىدە-پىرىنسىپلارنى ئوبدان ئۆگەنگىن، ئاندىن بەزىسىنى سۇندۇرۇپ تاشلىغىن.

38.   مۇۋەپپەقىيىتىڭنى ئېلىشتا ئەمەس، باشقىلارغا بېرىشتە ئىسپاتلىغىن.

39.   بۇزۇقلار قانچىلىك كىيىم ئالماشتۇرسىمۇ، سەن يەنىلا ئۇلاردىن ھەزەر ئەيلىگىن.

40.   ئىشلارنى چوڭ ۋە كاتتا قىلىشقا ئەمەس، ئەۋزەل قىلىشقا ئەھمىيەت بەرگىن.

41.   ئىگە بولغانلىرىڭ بىلەن خۇشال بولغىن، سېنى بەختلىك قىلىدىغان نەرسىلەرگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئىشلىگىن.

42.   ئايالىڭنى ئەركىلەتكىن، ئەمما بالىلىرىڭنى ئەركىلىتىشتىن ساقلانغىن.

43.   يېڭى كىشىلەر بىلەن تونۇشۇشقا پۇرسىتىڭ بولمايدىغان دەرىجىدە مەشغۇل بولۇپ كەتمە.

44.   بالىلىرىڭغا كۆپ ۋاقتىڭنى ئايرىغىن، بارلىقىڭنىڭ يېرىمىنى ئۇلارغا ئاتىغىن.

45.   شۈبھىلىك جايلاردىن يىراق تۇرغىن، چۈنكى يامان ئىشلار شۇنداق جايلاردا يۈز بېرىدۇ.

46.   سەن قىلالمايدىغان ئىشلار بىلەن تەھدىت سالمىغىن.

47.   تېز قۇتقۇزۇش ساۋاتلىرىنى ئۆگىنىپ قويغىن، چۈنكى ھەممىمىزنىڭ بىز پۇشايمان قىلىپ قالىدىغان شارائىتلار كېلىپ قېلىشى مۇمكىن.

48.   بىراۋ سەندىن سەن ياقتۇرمايدىغان بىر سوئالنى سورىسا، ئۇنىڭغا تەبەسسۇم قىلغىن ۋە «ئۇنى بىلىپ نېمە قىلىسىز؟» دېگىن.

49.   ھېچكىمنى «سەمرىپ كېتىپسىز» ياكى «تاقىرباش بولۇپ كېتىپسىز» ۋە ياكى «قېرىپ كېتىپسىز» دېمىگىن. چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ قانداقلىقىنى بىلىدۇ.

50.   سەپەر قىل ۋە يېڭى جايلارنى ئوچۇق ئەقىل بىلەن كۆرگىن.

51.   سەن ئۇچراشقان ھەربىر شەخسنىڭ ئەلۋەتتە ئالاھىدىلىكى بار، سەن ئۇنى ئۆگىنىشكە تىرىشقىن.

52.   ئاتا-ئاناڭنىڭ قاقاھلىغان كۈلكە ئاۋازىنى خاتىرىلەپ قويۇڭ.

53.   كىرىمىڭنىڭ ئون پىرسەنتىنى ئىقتىساد قىلىشنى ئۆگەنگىن.

54.   قانچىلىك كۆپ نەرسە ئۆگەنسەڭ، ئۈستۈڭدىن شۇنچىلىك كۆپ قورقۇنچنى ئېلىۋەتكەن بولىسەن.

55.   مۇئەللىملەرنى ھۆرمەتلىگىن ۋە قەدىرلىگىن.

56.   «قىيىنچىلىق» دېگەن سۆزنى «پۇرسەت» كە ئۆزگەرتكىن.

57.   شەخسىي مۈشكىلەڭ بىلەن باشقىلارنى بىئارام قىلما.

58.   كىشىلەرنىڭ كۆزقارىشى سەۋەبلىك يېڭىلىقلارنى يارىتىشتىن ۋاز كەچمىگىن.

59.   ئائىلەڭدىكىلەرگە بولغان مۇھەببىتىڭنى سۆزلەر بىلەن ۋە ياخشى مۇئامىلە بىلەن ئىزھار قىلىپ تۇرغىن.

60.   ئورۇنسىز تەنقىدلەرگە كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمە، ئۇلارغا رەددىيە بېرىمەن دەپ ۋاقتىڭنى ئىسراپ قىلما.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار