نەپس جەننەتكە كىرىشنىڭ ۋەسىلىسىدۇر

نەپس جەننەتكە كىرىشنىڭ ۋەسىلىسىدۇر

مۇھەممەد يۈسۈپ

نەپس _ كىشىلەردىكى يېيىش - ئىچىشكە، مال- دۇنياغا، يۈز-ئابرۇيغا بولغان ھەۋەس، قىزىقىش دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ. ئاللاھ تائالا ھېچقانداق نەرسىنى بىكارغا ياراتمىغان، بولۇپمۇ نەپستىن ئىبارەت ھەممىلا ئادەم قىزىقىدىغان ۋە ھەممىلا ئادەمنى ئەمگەككە سالىدىغان بىر نەرسىنىمۇ ھەرگىز مەقسەتسىز ياراتقان ئەمەس.

نەپس دېگەن سۆز قۇرئان كەرىمدە ئىنساننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى شەيئىلەر ئۈچۈن قوللىنىلغان بولۇپ، ئۇ ئىنساننىڭ يۈرۈش _ تۇرۇشلىرىدا تەسىرى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان كۆپلىگەن ئىنسانىي سۈپەتلەر ۋە خۇسۇسىيەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نەرسىدۇر. نەپسنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى ئىنسانلارغا ئېنىق مەلۇم بولمىسىمۇ، ئۇنىڭ كۆپلىگەن سۈپەتلىرى ۋە خۇسۇسىيەتلىرى ئىنساننىڭ يۈرۈش _ تۇرۇشلىرىدا ئۆزىنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ.

ئۆزىنى راھەتلەندۈرىدىغان ۋە ئىستەكلىرىگە قاندۇرىدىغان نەرسىلەرگە ھەۋەس قىلىش، قىزىقىش، تەلەپ قىلىش، راھەت ۋە جاپانى ھېس قىلىش، شادلىنىش ۋە غەمكىن بولۇش، سۆيۈش ۋە نەپرەتلىنىش، ياقتۇرۇش ۋە يامان كۆرۈش، تەسىرلىك  سۆزلەردىن  ھېسسىياتقا كېلىش قاتارلىق ۋىجدانىي سۈپەتلەرنىڭ ھەممىسى نەپسنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىدىن سانىلىدۇ.

شۇنىڭدەك، توغرا يولغا ھىدايەت تېپىش ياكى ئېزىش، ئۆزىنى پاكلاش ياكى بۇلغاش خۇسۇسىيەتلىرىمۇ نەپستە بولۇپ، ياخشىلىق ۋە يامانلىق مەنبەلىرى، ياخشى بىلەن ياماننى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى ۋە ياخشىلىق _ يامانلىقتىن خالىغانلىرىنى قىلىش قابىلىيىتى نەپستە باردۇر.

نەپس ياخشىلىق ياكى يامانلىقنى قىلىشقا قادىر بولۇپ، قىلغانلىرىنى بىلىپ قىلىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگىدۇر. شۇڭا نەپسنىڭ ئىرادىسىنىڭ سىرتىدا بولغان ئىشلار ئۇنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى ياكى سۈپەتلىرىدىن سانالمايدۇ. بۇ سەۋەبتىن نەپس قىلغانلىرىغا ئۆزى مەسئۇل بولۇپ، ياخشى قىلغانلىرىنىڭ مۇكاپاتىنى، يامان قىلغانلىرىنىڭ جازاسىنى ئېلىشقا ھەقلىق بولغان.

نەپسنىڭ تەلەپلىرى
نەپسنىڭ تەلەپلىرىنىڭ ھەممىسى سۆكۈلىدىغان دەرىجىدە ئەمەس، بەلكى نەپسنىڭ يوللۇق تەلەپلىرى سۆكۈلمەيدۇ.

نەپسنىڭ يوللۇق تەلەپلىرى __ ئۆزىنى ياكى باشقىلارنى زىيان _ زەخمەتكە ئۇچراتمىغان ئاساستا، قائىدە _ يوسۇن بويىچە، ئۆزىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر.

نەپسنىڭ يولسىز تەلەپلىرى __ ئۆزىنى ياكى باشقىلارنى زىيان _ زەخمەتلەرگە ئۇچرىتىش بەدىلىگە ئۆزىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى ھەۋەسلىرىنى قائىدە _ يوسۇنغا يات بىر شەكىلدە قاندۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر.

نەپسنى پاكلاشنىڭ زۆرۈرلۈكى

ئاللاھ تائالا «نەپسىنى پاك قىلغان ئادەم چوقۇم مۇرادىغا يېتىدۇ. ئۇنى (گۇناھ _  مەئسىيەتكە) كۆمگەن ئادەم چوقۇم زىيان تارتىدۇ»[1] دېگەن سۈرىدە، نەپسىنى پاكلىغان ئادەمنىڭ مۇرادىغا يېتىدىغانلىقىنى تەكىتلەش ۋە نەپسنى پاكلاشنىڭ نەقەدەر زۆرۈر ۋە ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن كاتتا مەۋجۇداتلاردىن ئون بىر مەۋجۇدات بىلەن قەسەم قىلغان. مەلۇمكى، ئىنسانلار قەسەم قىلماقچى بولسا، ئۇلار چوقۇم ئاللاھ تائالانىڭ نامى بىلەنلا قەسەم قىلالايدۇ. ئۇلار: «ۋەللاھى» ، «تەللاھى» ۋە «بىللاھى» دېگەن سۆزلەردۇر. ئاللاھ تائالادىن باشقا بىرىنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلغا ئادەم ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرگەن بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «كىمكى ئاللاھتىن باشقا بىرىنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىدىكەن، ئۇ كاپىر بولىدۇ ياكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن بولىدۇ»([2]) دەپ كۆرسەتكەن.

ئاللاھ تائالا قەسەم قىلماقچى بولسا، ئۆزى خالىغان مەخلۇقاتىنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ قەسەم قىلىدۇ، ئاللاھ تائالا قەسەم قىلسا، بىرەر مۇھىم ئىشنى ياكى ئىشلارنى تەكىتلەش ئۈچۈنلا قەسەم قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا ھەرگىز ئاددىي ئىشلارغا قەسەم قىلمايدۇ. شۇڭا، ئاللاھ تائالا قەسەم بىلەن تەكىتلىگەن ئىشلارغا ئالاھىدە رىيايە قىلىش كېرەك.

نەپسنى پاكلاش دېگەننىڭ مەنىسى: ئىنسان ئەقلىنى ۋە پىكىرىنى ئىسلام ئەقىدىسىگە زىت كېلىدىغان بارلىق ئېتىقاد ۋە پىكىر _ ئېقىملەردىن ئازاد قىلىپ ئۆزىنى پاك تۇتۇشى، ھەسەت، كىبىر، ئاچكۆزلۈك قاتارلىق گۇناھ-مەئسىيەتلەردىن يىراق تۇرۇپ ئۆزىنى ساپ تۇتۇشى، ھارام يېيىشتىن ۋە ھارام ئىشلارنى قىلىشتىن ساقلىنىشى دېگەنلىكتۇر. بەزى ئۆلىمالار نەپسنى پاكلاشنى: «نەپستىكى ھاۋايى- ھەۋەسلەرنى قومۇرۇپ تاشلاپ، ئۆزىدە گۈزەل-خىسلەتلەرنى يېتىشتۈرۈش ئارقىلىق ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرۇش» دەپ تەرىپلىگەن.

     ئىسلام دىنى پۈتۈن تەلىماتلىرىدا ئەڭ ئاۋۋال نەپسنى پاكلاشقا ئەھمىيەت بەرگەن. چۈنكى ئىنساننىڭ نەپسى پاكلانغاندا، ئۇنىڭ پۈتۈن ئەمەللىرى ۋە يۈرۈش _ تۇرۇشلىرى دۇرۇسلۇققا ۋە ھەققانىيلىققا قاراپ يول ئالغان بولىدۇ.

نەپس يامانلىقنىڭ مەنبەسى ئەمەس

بەزى كىشىلەر نەپسنى بارلىق يامانلىقنىڭ باشلامچىسى ۋە ئىنسانلارنى يولدىن چىقىرىدىغان نەرسە دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەت بۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، نەپس جەننەتكە كىرىشنىڭ يولىدۇر. نەپسننىڭ تەلەپلىرىنى ئۆز يولىدا ئىشلەتمەسلىك يامانلىقنىڭ بېشىدۇر. نەپس بەزى كىشىلەرنى ئاللاھ تائالاغا يېقىنلاشتۇرۇپ، ئۇنى جەننەتكە ئېلىپ بارسا، يەنە بەزى كىشىلەرنى شەيتان بىلەن دوست قىلىپ، ئۇنى دوزاخقا ئېلىپ بارىدۇ. نەپسنىڭ ئىنساندىكى رولى ماشىنىنىڭ موتورىغا ئوخشاش بولۇپ، موتور يولنى ئوبدان بىلىدىغان، قاتناش قائىدىلىرىگە رىئايە قىلىدىغان، سالاھىيەتلىك بىر شوپۇرنى نىشانىغا سالامەت ئېلىپ بېرىشقا تۈرتكە بولغاندەك ۋە يولنى بىلمەيدىغان، قاتناش قائىدىلىرىگە رىئايە قىلمايدىغان، سالاھىيەتسىز شوپۇرنى ھاڭغا تاشلىۋەتكەندەك، نەپسمۇ ئاللاھ تائالانىڭ كۆرسەتمىلىرىنى بىلىدىغان، شەرىئەتنىڭ چەكلىمىلىرىگە رىئايە قىلىدىغان، تەقۋادار مۇئمىن ئادەمنى جەننەتكە ئېلىپ بارىدۇ ۋە ئاللاھ تائالانىڭ كۆرسەتمىلىرىنى تونۇمايدىغان، شەرىئەتكە ئەمەل قىلمايدىغان، پاسىق ئادەمنى دوزاخقا ئېلىپ بارىدۇ. شۇڭا بىز نەپسكە تۆھمەت قىلماسلىقىمىز ۋە ھەممىنى ئۆزىمىزدىن كۆرىشىمىز لازىم. چۈنكى نەپس موتور، بىز شوپۇرمىز. بىز رولنى قايسى تەرەپكە بۇرىساق، نەپس بىزنى شۇ تەرەپكە ئىتتىرىدۇ.

نەپس بولمىسا جەننەت ۋە دوزاخمۇ بولمايتتى

ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىش ۋە ئاخىرىدا جەننەتنى قازىنىش ئۈچۈن نەپستىن باشقا يول بارمۇ؟ مال_ دۇنيامۇ نەپستۇر. چۈنكى ئۇ سۆيۈملۈكتۇر. دۇنيادا مال_ دۇنيانى ياخشى كۆرمەيدىغان، ئۇنىڭغا قىزىقمايدىغان ئادەم يوق. سىز مال_ دۇنيانى ئاللاھ تائالا كۆرسەتكەن ھالال يولغا ئىشلەتسىڭىز، سىز ئەلۋەتتە ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا مەرتىۋە قازىنىسىز. يەنە سىز قولىڭىزدىكى پۇلنى ئۆزىڭىزگە ۋە ئائىلىڭىزگە كەڭ تاشا خەجلىسىڭىزمۇ ئىختىيارىڭىز، ئەگەر سىز شۇ پۇلدىن يوقسۇللارغا، يېتىملەرگە ياردەم قىلسىڭىز، سىز ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا مەرتىۋە قازىنىسىز. ئەگەر پۇل سىزگە  شۇنچىلىك بەك سۆيۈملۈك بولمىغان بولسا، سىز ئۇنى سەرپ قىلىش ئارقىلىق مەرتىۋە قازىنالمايتتىڭىز. ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە «سىلەر ئۆزۈڭلار ياخشى كۆرگەن نەرسەڭلارنى سەرپ قىلمىغۇچە ھەرگىز ياخشىلىققا (جەننەتكە) ئېرىشەلمەيسىلەر»[3]  دەپ كۆرسەتكەن.

ئاللاھ تائالا ئەرلەردە ئاياللارنى، ئاياللاردا ئەرلەرنى ياخشى كۆرۈشتىن ئىبارەت نەپسنى ياراتقان. ئەرلەر ئايال جىنسىنى ياخشى كۆرگەنلىكى ۋە ئۇلارغا قاراشتىن ھۇزۇر ئالىدىغانلىقى ئۈچۈن، كوچىلاردىكى، ئىنتېرنېت تورلىرىدىكى ۋە بەزى ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىكى يېرىم يالىڭاچ ئاياللاردىن كۆزىنى يۇمۇپ ئۆتۈپ كەتكەن كىشىلەر ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا مەرتىۋە قازىنىدۇ. شۇڭا كور ئادەم ئاياللارنى كۆرمىگەنلىكى ئۈچۈن مەرتىۋە قازانمايدۇ. بىر گۇناھقا كۆنۈپ قالغاندىن كېيىن، ئۇنى تاشلىغان ئادەمنىڭ ساەاب جەھەتتىكى مەرتىۋىسى ئۇ گۇناھنى قىلمىغان ئادەمنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدۇ. چۈنكى ئالدىنقىسى شۇ گۇناھنى تاشلاش يولىدا قىينىلىدۇ، جاپا تارتىدۇ، ئەمما كېيىنكىسى بۇنداق بولمايدۇ. ئاللاھ تائالا ھېچكىمنىڭ ئەجىرىنى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ. ئىبادەت قىلىش يولىدا، گۇناھتىن ساقلىنىش يولىدا جاپا تارتقانلارنىڭ مەرتىۋىسى يۈكلىسىپ ماڭىدۇ.

مۇسۇلمان ئادەم بىر كۈندە بەش ۋاخ ناماز ئوقۇش ئارقىلىق ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىغا يۈكسىلىدۇ. ئەگەر ئۇ ھاياتلىق مۇساپىسىدە ئاللاھ تائالا سىزىپ بەرگەن سىزىق ئىچىدىلا ماڭسا، ئۇ بىر كۈندە مىڭلارچە قېتىم ناماز ئوقۇغاندەك ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىغا يۈكسىلىدۇ. چۈنكى ئۇ ئۇچرىغان ھەربىر ھارامدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئارقىلىق مەرتىۋە قازىنىپ مېڭىۋېرىدۇ.

ئىنساننىڭ جىسمى تۇپراقتىن يارىتىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ روھى ئاللاھ تائالادىن كەلگەن. مەلۇمكى، تۇپراقنىڭ ئورنى زېمىن، روھنىڭ ئورنى ئاسماندۇر. شۇڭا ئىنساندا ئۇنى تۆۋەنگە تارتىپ تۇرىدىغان تۈرتكىلەر بىلەن ئۇنى يۇقىرىغا تارتىپ تۇرىدىغان  تۈرتكىلەر مەۋجۇتتۇر. ئىنسان نەپسىنىڭ تەلەپلىرى ئۇنىڭ زېمىندىن يارىتىلغانلىقىنىڭ ئەسىرى بولسا، ئۇنىڭدىكى مەنىۋى قۇۋۋەت ئاللاھ تائالادىن كەلگەن روھنىڭ ئەسىرىدۇر. چۈنكى ئىنسان پەرىشتىلەردە بولغان روھانىيلىق بىلەن ھايۋانلاردا بولىدىغان شەھۋانىيلىقتىن تەركىپ تاپقان مەخلۇقاتتۇر. شۇڭا، ئۇنىڭدا پەرىشتىلەرگە خاس ئىتائەتچانلىق بولغاندەك، ھايۋانلارغا خاس ئاچكۆزلۈكمۇ بار.

ئىسلام نەپسنىڭ ئىستەكلىرىنى پۈتۈنلەي چەكلىمەيدۇ

ئاللاھ تائالا نەپسنىڭ تەلەپلىرىنى مۇتلەق ئەركىن قويۇپ بەرگەن ئەمەس، بەلكى ئۇنى شەرىئەتنىڭ چەك_ چېگرىسى ئىچىدە قىلغان. ئاللاھ تائالا ئىنسان نەپسىدە ياراتقان پۇل_ مالنى ياخشى كۆرۈش، ئايال جىنسىنى ياخشى كۆرۈش، نام _ نىشان قالدۇرۇشنى ياخشى كۆرۈش، يەپ _ ئىچىشتىن ھۇزۇرلىنىش قاتارلىق ئىستەكلەرنىڭ ھەربىرىدىن يوللۇق پايدىلىنىش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا مۇئەييەن قانۇن _ پرىنسىپ بەلگىلىگەن. مەسىلەن: پۇل_ مالغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن سودا_ سېتىق ۋە تىجارەت قىلىشنى ھالال قىلىپ، جازانىخورلۇقنى، پارىخورلۇقنى، ئوغرىلىقنى ھارام قىلدى. ئايال جىنسىدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن نىكاھنى يولغا قويۇپ، زىنانى ھارام قىلدى. نام _ نىشان قالدۇرۇش ئۈچۈن ئەجىر سىڭدۈرۈپ ئەمگەك قىلىشنى يولغا قويۇپ، رىياكارلىقنى، ئالدامچىلىقنى ھارام قىلدى. يېيىش، ئىچىشتىن ھۇزۇرلىنىش ئۈچۈن پاك، ھالال نەرسىلەرنى ئىسراپ قىلماي يېيىشنى ھالال قىلىپ،  ھارام نەرسىلەرنى يېيىشنى ۋە ئىسراپخورلۇقنى ھارام قىلدى. 

 نەپس بىلەن ئاللاھقا ئىككى قېتىم ئۆرلىگىلى بولىدۇ

ئەللامە مۇھەممەد راتىپ نابلىسى مۇنداق دەيدۇ: «مۇسۇلمان ئادەم ئۆزىدىكى شۇ نەپسنىڭ سايىسىدا ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىغا ئىككى قېتىم ئۆرلەپ، ئىككى قېتىم مەرتىۋە قازىنالايدۇ. بۇ بىر قېتىم شۈكۈر قىلىش ئارقىلىق، يەنە بىر قېتىم سەۋر قىلىش ئارقىلىق بولىدۇ. مەسىلەن: سىز  جىنسىي ھەۋىسڭىزنى ئۆزىڭىزنىڭ ئايالى بىلەن قاندۇرسىڭىز، سىز ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر قىلىش ئارقىلىق مەرتىۋە قازىنىسىز، ئەگەر سىزگە ھالال بولمىغان ئايال بىلەن ئالاقە قۇرۇشتىن ۋاز كېچىپ ئىپپىتىڭىزنى ساقلىسىڭىز، سىز سەۋر قىلىش ئارقىلىق ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا مەرتىۋە قازىنىسىز.

شۇنىڭدەك، سىز ھالالدىن پۇل تېپىپ، ئۇنى ھالال يولغا ئىشلەتسىڭىز، يەنى ئائىلىڭىزدىكىلەرگە خەجلەپ بېرىپ، ئۇلارنى خۇشال قىلسىڭىز، سىز ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر قىلىش ئارقىلىق مەرتىۋە قازىنىسىز. ئەگەر سىز  پۇلغا ناھايىتى موھتاج تۇرۇقلۇق، ھارامدىن پۇل تېپىشتىن ۋە شۈبھىلىك نەرسىلەردىن ساقلانسىڭىز، سىز  ئەلۋەتتە سەۋر قىلىش ئارقىلىق ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا مەرتىۋە قازىنىسىز.

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: «ئاياللار، ئوغۇللار، ئالتۇن _ كۈمۈشتىن توپلانغان پۇل _ ماللار، ئارغىماقلار، چارۋىلار ۋە ئېكىنلەردىن ئىبارەت كۆڭۈل تارتىدىغان نەرسىلەرنى ياخشى كۆرۈش ئىنسانلارغا چىرايلىق كۆرسىتىلدى. ئۇلار دۇنيا ھاياتىنىڭ (ۋاقىتلىق) مەنپەئەتلىرىدۇر. ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا (ياخشىلار) قايتىدىغان گۈزەل جاي بار»[4]. ئىنسان مۇشۇ سەھۋەتلەرنى ئاللاھ تائالا بەلگىلەپ بەرگەن چەك_ چېگرىسى ئىچىدە ئىشلىتىپ، ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىغا ياخشى ئەمەللەر بىلەن بارسا، ئۇ پۈتمەس _ تۈگىمەس بەخت _ سائادەتكە ئېرىشىدۇ. يۇقىرىقى ئايەتنىڭ «ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا (ياخشىلار) قايتىدىغان گۈزەل جاي بار»دېگەن قىسمى بۇنى ئىپادىلەيدۇ.

ئىنساندىكى نەپس سانائەتتىكى ئۇران ماددىسىغا ئوخشاش ئۇنى ئىشلەشكە، ئىشنى قېتىرقىنىپ قىلىشقا ۋە ئارزۇ قىلغان نەرسىسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە ئىتتىرىدۇ. سىز ئۆزىڭىزدىكى نەپسنى ياخشى ئىشلارغا ۋاسىتە قىلسىڭىز، ئەلۋەتتە ئۇ سىزنى مەنزىلگە سالامەت ئېلىپ بارىدۇ، ئەگەر سىز نەپسنىڭ ئۆزىنىلا غايە قىلىۋېلىپ، ئۇنى چەك _ چېگرىسىغا رىئايە قىلماي ئىشلەتسىڭىز بۇ نەپس سىزنى ۋەيران قىلىدىغا كۈچكە ئايلىنىدۇ. ئىنسان پۇل_ مال ۋە ئايال ئىككىسىدە كۆپرەك سىنىلىدۇ. تارىخلاردا سەتچىلىككە قالغانلار يا ئىقتىسادىي يولسىزلىق سەۋەبلىك ياكى ئىستىلدىكى ئەخلاقسىزلىق سەۋەبلىك سەتچىلىككە قالغان».

بەزى ئۆلىمالارنىڭ ئېيتىشىچە، بىراۋ ئۆزىگە ھالال بولمىغان بىر ئايال بىلەن يالغۇز قالسا ياكى جىنسىي ھەۋەسنى قوزغايدىغان گەپ _ سۆزلەرنى ئاڭلىسا ۋە ياكى ئەخلاقسىز رەسىم ۋە فىلىملەرنى كۆرسە، ئۇنىڭ مېڭىسى بىر خىل ماددىنى چىقىرىش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئىش _ ھەرىكىتىنى كونترولدىن چىقىرىش تاشلايدىكەن. يامان ئىش ئەنە شۇنداق ۋاقىتتا يۈز بېرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «يات ئەر بىلەن يات ئايال ئىككىسى يالغۇز قالمىسۇن، بولمىسا، ئۇلارنىڭ ئۈچىنچىسى شەيتان بولۇپ قالىدۇ»[5] دېگەن سۆزىنىڭ نەقەدەر ھېكمەتلىك، نەقەدەر ئىلمىي ھەقىقەت ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.

ئىنساننىڭ مۇشۇ نەپسىي ئىستەكلىرىنى ئۆز يولىدا ئىشلىتىش ۋە ئۆز چەك_ چېگرىسى ئىچىدە پايدىلىنىش ئارقىلىق ئاخىرەتتە ئەڭ بەختلىك كىشىلەردىن بولۇشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. چۈنكى ئىنسان نەپسىدىكى ئىستەكلەر يا ئۇنى جەننەتكە ئېلىپ بارىدىغان ياكى دوزاخقا ئىتتىرىدىغان تۈرتكىلەردۇر. ئاللاھ تائالانى نەپسنى جەننەتكە كىرىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلىپ مۇرادىغا يەتكەنلەرنىڭ قاتارىدىن قىلغاي، ئامىن.

 

 

 

 

 



[1] شەمس سۈرىسى: 9-10- ئايەتلەر.
[2])) «سنن الترمذي» 3- توم، 162- بەت، 1535- ھەدىس.
[3] ئال ئىمران سۈرىسى: 14_ ئايەت.
[4] ئال ئىمران سۈرىسى: 92_ ئايەت.
[5] ئىمام تىرمىزى رىۋايىتى، «سەھىھ» دەپ باھالانغان ھەدىس.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار