دۇئانى مەخپىي قىلىشنىڭ پايدىلىرى

دۇئانى مەخپىي قىلىشنىڭ پايدىلىرى

مۇھەممەد يۈسۈپ

دۇئا لۇغەتتە: تەلەب قىلىش، چاقىرىش، نىدا قىلىش دېگەن دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ. ئەمما ئىسلام ئىستېمالىدا: ئاللاھ تائالاغا ئەڭ كەمتەرلىك بىلەن ئىلتىجا قىلىپ، ئۇنىڭدىن ھاجەتلىرىنى تىلەش دېمەكتۇر. دۇئا ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرىدۇر ۋە ئەڭ سەمىمىي ئىبادەتتۇر. ﴿ادْعُونِي أَسْتَجِبْ لَكُمْ﴾ «ماڭا دۇئا قىلىڭلار، مەن دۇئايىڭلارنى ئىجابەت قىلىمەن»([1]).

دۇئانى مەخپىي قىلىشنىڭ پايدىلىرى تۆۋەندىكىچە:

1. ئىخلاسنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە رىيادىن ساقلىنىش

دۇئانى مەخپىي قىلىش ئىخلاسنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىدۇر. كىشىلەر كۆرمەيدىغان يەردە قىلىنغان دۇئا رىيادىن خالىي بولۇپ، قوبۇل بولۇشقا ئەڭ يېقىندۇر. ﴿دْعُوا رَبَّكُمْ تَضَرُّعًا وَخُفْيَةً﴾ «رەببىڭلارغا يېلىنىپ ۋە يوشۇرۇن ھالدا دۇئا قىلىڭلار»[2].

2. ئاللاھ تائالاغا قارىتا ئەدەبنى ساقلاش

بۇ ئاللاھ تائالانىڭ بەندىگە يېقىنلىقىغا ۋە ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرىدىغانلىقىغا بولغان كۈچلۈك ئىماننى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا بىزگە جان تومۇرىمىزدىنمۇ بەك يېقىندۇر. ئىنسان يىراقتىكىنى يۇقىرى ئاۋاز بىلەن چاقىرىدۇ، ئەمما يېقىندىكى كىشىسىگە پەس ئاۋازدا گەپ قىلىدۇ.

3. كۆڭۈلنىڭ چېچىلماسلىقى

دۇئانى مەخپىي قىلغاندا ئىنساننىڭ زېھنى چېچىلىشتىن ساقلىنىدۇ. نەتىجىدە، ئۇنىڭ قەلبى ئاللاھ تائالاغا تېخىمۇ چىڭ باغلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا زەكەرىييا ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسىنى ماختاپ مۇنداق دېگەن: ﴿ إِذْ نَادَى رَبَّهُ نِدَاءً خَفِيًّا﴾ «ئۇ ئۆز ۋاقتىدا رەببىگە پەس ئاۋازدا مۇناجات قىلدى»([3]).

4. ئۆزىنىڭ سىرىنى ساقلاش

دۇئا جەريانىدا بەندە ئۆز خاتالىقلىرىنى ئېتىراپ قىلىدۇ ياكى شەخسىي ئېھتىياجلىرىنى تىلەيدۇ. يوشۇرۇن قىلىنغان دۇئا بۇ سىرلارنىڭ باشقىلارغا ئاشكارا بولۇپ قالماسلىقىنى، پەقەت ئاللاھ بىلەن بەندە ئوتتۇرىسىدا قېلىشىنى تەمىنلەيدۇ.

5. ھەسەتخورلاردىن ئامان بولۇش

ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىشقا مۇۋەپپەق بوللغانلىقنىڭ ئۆزى بىر نېمەتتۇر. چۈنكى نۇرغۇن كىشىلەر نېسىپ بولمايدۇ. ھەرقانداق نېمەتكە ھەسەت قىلىدىغانلار بولىدۇ. شۇڭا دۇئانى ۋە مەقسەتنى يوشۇرۇن تۇتۇش كىشىلەرنىڭ ھەسەت قىلىشىدىن ساقلىنىشقا ۋە ئىشلارنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا ياردەمچى بولىدۇ.

6. دۇئانىڭ داۋاملىق بولۇشى

ئاۋازنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىش ئىنساننى تېز چارچىتىپ قويىدۇ، ئەمما يوشۇرۇن دۇئا چارچاتمايدۇ، شۇڭا بەندە ئاللاھ بىلەن بولغان مۇناجاتىنى ئۇزاققىچە ۋە داۋاملاشتۇرۇشى ئۈچۈن دۇئانى مەخپىي قىلغىنى ياخشىدۇر.

7. ئۆزىنى ۋە باشقىلارنى تىنچ تۇتۇش

دۇئانى مەخپىي قىلغاندا ھەم دۇئا قىلغۇچى ھەم ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە تىنچلىق بېغىشلايدۇ. ئەكسىچە، يۇقىرى ئاۋازدا دۇئا قىلىش ھەم ئۆزىنى چارچىتىدۇ ھەم باشقىلارنى راھەتسىز قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ئىككىسىنىڭ ھېچقايسىسى ياخشى كۆرمەيدۇ.



([1])     غافىر سۈرىسى 60 ـ ئايەت.
[2] ئەئراف سۈرىسى: 55-ئايەت.
([3])     مەريەم سۇرىسى3 ـ ئايەت.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار