يامان شارائىتتىن ياخشى پۇرسەتلەرنى چىقىرىش

يامان شارائىتتىن ياخشى پۇرسەتلەرنى چىقىرىش

مۇھەممەد يۈسۈپ

ھاياتلىق مۇساپىسىدە ھەمىشە خوشاللىق، ھەمىشە ئۇتۇقلا بولمايدۇ. ئىنسان بەزىدە ماددىي ۋە مەنىۋى زىيان _ زەخمەتلەرگە، مەغلۇبىيەتلەرگە ئۇچراپ تۇرىدۇ. زىيان _ زەخمەت ئاچچىق، مەغلۇبىيەت ئاچچىق، پىلاننىڭ بەربات بولۇشى ئاچچىق، دېمەك زىيان تارتىش شۇنداق ئاچچىق نەرسە.

ئەمما نۇرغۇن كىشىلەر خۇددى ئاچچىق لىموندىن تاتلىق ئىچىملىك چىقارغاندەك، غۇرىدىن ھالۋا ياسىغاندەك بۇ ئاچچىق زىياننى پايدىغا ئايلاندۇرالايدۇ.

نۇرغۇن كىشىلەر ئالدىغا چىققان قىيىنچىلىق ۋە توسقۇنلۇقلارنى كۆرۈپ قىلماقچى بولغان ئىشلىرىدىن ۋاز كېچىدۇ. ئۇلار شۇ سەۋەبلىك ئۆزىنىڭ قابىلىيىتىنى ئىشقا سالالمايدۇ. ئەگەر ئىنسانلار بىلسە ئىدى، قىيىنچىلىقلار ۋە توسقۇنلۇقلار يوشۇرۇن تالانتلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدىغان مەيداندۇر. نۇرغۇنلىغان تالانتلار قىيىنچىلىق ۋە توسقۇنلۇق ئىچىدە بىخ ئۇرۇپ چىققان. دالى كارنېگ مۇنداق دەپ يازغان «كاتتىلار ۋۇجۇدقا چىقارغان غەلىبىلىك ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىرەردىن كەمچىللىك ھېس قىلىشنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ئوتتۇرىغان چىققان. مەسىلەن: شائىر مىلتون ئەگەر ئەما بولمىغان بولسا، شۇ مەشھۇر شېئىرىنى يازالمىغان بولار ئىدى. بىتخۇۋىن پاڭ بولمىغان بولسا، شۇ مەشھۇر مۇزىكا ئەسىرىنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمىغان بولار ئىدى». چۈنكى بۇ مېيىپ ئىنسانلار ئۆزلىرىگە كەلگەن بۇ ئاچچىق قىسمەتنى قوبۇل قىلغان. ئاندىن ئۆزلىرىدىكى كەملىكنى تالانتقا، ئاچچىقنى تاتلىق شاراپقا ئۆزگەرتىشكە تىرىشقان. مانا بۇ ئاچچىق لىموندىن تاتلىق ئىچىملىك ياسىغانلىقتۇر. ھەركىمدە ئاچچىقنى تاتلىققا، قايغۇنى خوشاللىققا ئۆرۈيەلەيدىغان قۇۋۋەت يوق. دەرتلىنىشكە ۋە شىكايەتكە ئادەتلىنىپ قالغانلارنىڭ مۇنداق قىلالىشى تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس. پەقەت قەلبى چوڭ، سەۋرىسى تولۇق ۋە ئىرادىلىك ئىنسانلار شۇنداق قىلالايدۇ. شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىيە ئۆزىنىڭ تۈرمىدىكى ھاياتىنى تەسۋىرلەپ: «مېنىڭ تۈرمىگە تاشلانغانلىقىم مەن ئۈچۈن خىلۋەت، يۇرتۇمدىن پالانغانلىقىم مەن ئۈچۈن ساياھەت، تارتقان جاپالىرىم رىيازەتتۇر» دېگەن ئىكەن.

ئىمام ئەزەم تۈرمىگە تاشلانغان ۋە ھاياتىنى تۈرمىدە ئاخىرلاشتۇرغان ئىدى. ئۇ كېيىن ھەنەفىي مەزھىپىنىڭ قۇرغۇچىسىغا ئايلاندى. ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل زىندانغا قامالغان ۋە قامچىلانغان ئىدى. بىراق ئۇ كېيىنچە ئەھلى سۈننەت مەزھىبىنىڭ قۇرغۇچىلىرى ئارىسىدىن ئورۇن ئالدى، ئىبنى تەيمىييە تۈرمىگە ئېلىنغان ئىدى. ئۇ ئاشۇ تۈرمە ھاياتىدا زور مەنىۋى بايلىق توپلاپ ئۆز زامانىسىنىڭ كاتتا ئۆلىماسىغا ئايلاندى، ئىمام سەرەخسىي سۈيى تارتىلىپ كەتكەن قۇدۇققا تاشلانغان ئىدى، كېيىنچە ئۇ ئىسلام فىقھىشۇناسلىقى توغرىسىدا يىگىرمە توملۇق ئەسەر يازدى، ئەللامە ئىبنى ئەسىر پالەچ تۇرۇپمۇ «جامىئۇل ئۇسۇل» دەك كاتتا ئەسەرنى يازغان ۋە ھەدىس كىتابلىرىنىڭ ئەڭ مەشھۇرلىرىدىن بولغان «نىھايە»نى تۈزگەن ئىدى، ئەللامە ئىبنى جەۋزى باغداتتىن قوغلىنىپ قۇرئاننى يەتتە خىل قىرائەت شەكلىدە ئوقۇيالايدىغان بولغان.

ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم» دە ئوخشاش پۇل_ سەرپ قىلغان ئىككى ئادەمنىڭ ئىككى خىل ئەھۋالىدىن خەۋەر بېرىپ مۇنداق دېگەن: « سەھرالىق ئەرەبلەردىن بەزىلىرى (ئاللاھ يولىدا) بەرگەن نەرسىلىرىنى سېلىق ھېسابلايدۇ، سىلەرنىڭ بېشىڭلارغا ھادىسىلەرنىڭ كېلىشىنى كۈتىدۇ، (ئۇلار كۈتكەن) يامان ھادىسە ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە كەلسۇن! ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. سەھرالىق ئەرەبلەرنىڭ بەزىلىرى ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتىدۇ، (ئاللاھ يولىدا) بەرگەن نەرسىلىرىنى ئاللاھقا يېقىن بولۇشنىڭ ۋە پەيغەمبەرنىڭ دۇئاسىغا ئېرىشىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلىدۇ. بىلىڭلاركى، ئۇلار بۇ ئارقىلىق راستتىنلا ئاللاھقا يېقىن بولىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنى ئۆزىنىڭ رەھمىتى دائىرىسىگە كىرگۈزىدۇ. شەكسىزكى، ئاللاھ  ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، تولىمۇ مېھرىباندۇر» ( ). يۇقىرىقى ئىككى پىرقە ھەر ئىككىلىسى ئاللاھ يولىدا پۇل_ مال سەرپ قىلغان بولسىمۇ، ئاۋۋالقىلار ئاللاھ تائالاغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنمىگەنلىكى ئۈچۈن، ساۋابنى ئۈمىد قىلمىغان، شۇڭا بەرگەن نەرسىلىرىنى سېلىق دەپ قارىغان. كېيىنكىلەر بولسا ئاللاھ تائالاغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان مۇئمىنلەر بولغانلىقتىن، ئۇلار ئاللاھ يولىدا بەرگەنلىرىنى ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىق ھاسىل قىلىش، ئاندىن ئاللاھ تائالانىڭ جەننىتىگە مۇيەسسەر بولۇش نىيىتى بىلەن بەرگەن. شۇڭا  ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھ يولىدا پۇل_ مال سەرپ قىلغانلىقىنى ئىبادەت دەپ قارىغان. ئىش ئوخشاش بولغان، ئەمما نىيەت ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، نەتىجە ئوخشاش بولمىغان.

ئىنسانلار ئومۇمەن توپقا ئوخشايدۇ، ئەمما بەزىسى ئۆرلىيەلەيدۇ، بەزىسى چۈشكەن يېرىدە يەرنى چاپلاپ يېتىۋالىدۇ. تۇرمۇشتىكى زەربىلەر بەزى ئادەملەرنى ھەرىكەتچان قىلسا، بەزى ئادەملەرنى ياتقۇزۇپ قويىدۇ.

مەن ۋەتەندە بىر ئالىمنى بىلىمەن، ئۇ كىشى ۋاپات بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ يادى قەلبىمىزدە ياشنىماقتا. ئۇ دىنىي ۋە تېبابەت ئىلمىدە يېتىشكەن يېتۈك ئالىم ئابدۇلھەمىد يۈسۈف داموللام دېگەن كىشىدۇر. ئۇ كىشى بىلەن مەن 1994_ يىلى خوتەندە سۆھبەتلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ئىدىم. ئۇ كىشى بىر كېسەلگە خىتايچە رېتسىپ يېزىۋاتاتتى. خىتايچە خەتنى خۇددى خىتايدەكلا ئوراپ، چىرماپ راۋان يېزىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، مەن ئۇ كىشىدىن خىتايچىنى قاچان ۋە قانداق ئۆگەنگەنلىكىنى سورىۋىدىم. ماڭا ئۇنى تۈرمىدە ئۆگەنگەنلىكىنى ۋە تۈرمىنىڭ شارائىتىدا بارمىقى بىلەن توپىغا يېزىپ يۈرۈپ ئۆگەنگەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى. ئويلاپ قالدىم، ئەگەر بۇ ئالىم تۈرمىگە تاشلانمىغان بولسا، خىتاي تىلىنى ۋە يېزىقىنى ئالاھىدە كۆڭۈل قويۇپ، ۋاقىت چىقىرىپ ئۆگىنەرمىدى؟ «في زىلالىل قۇرئان» دېگەن مەشھۇر تەپسىرنى يازغان سەييىد قۇتۇبنى ئالساق، بۇ كىشى مەزكۇر تەپسىرنى تۈرمىدە يازغان ئىكەن. بۇ مىسالنى كەلتۈرۈشتىن مەقسەت قىيىن شارائىتتىن ئۆزىمىزگە پايدىلىق پۇرسەتلەرنى چىقىرىش بىزگە باغلىق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرۇشتۇر.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار