پەرزنتلىرىمىزدە ۋەتەن سۆيگۈسى يېتىلدۈرۈش ھەققىدە

پەرزنتلىرىمىزدە ۋەتەن سۆيگۈسى يېتىلدۈرۈش ھەققىدە

مۇھەممەد يۈسۈپ

ئەقىللىق ئاتا - ئانىلارغا ئېنىقكى پەرزەنت تەربىيىسى ئائىلىدىن باشلىنىدۇ. پەرزەنتلەرنىڭ ئائىلىسىدىن ئالغان تۇنجى تەربىيەسى ئۇلارنىڭ پۈتۈن ھاياتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان تولىمۇ ئەھمىيەتلىك تەربىيەدۇر. يەنە شۇ ھەقىقەتنىمۇ ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەككى، پەرزەنتلىرىنى ياخشى تەربىيەلەشنى ئويلىغان ھەرقانداق ئاتا _ ئانىلار ئالدى بىلەن ئۆزىنى ياخشى تەربىيەلىشى كېرەك. ئەگەر ئۇنداق بولمىسا، پەرزەنتىگە قىلغان تەربىيەنىڭ ئۈنۈمى بولمايدۇ. شۇڭا، پەرزەنتلەردە ۋەتەنپەۋەرلىك روھىنى يېتىلدۈرۈش، ئۇلارنىڭ غۇبارسىز قەلبىگە ۋەتەن سۆيگۈسىنى سېلىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن شۇلارنى ئۆز قەلبىدە يەرلەشتۈرۈش لازىم. ۋەتەندە بىغەم ياشىغان بولسىمۇ، چەتئەللەرگە چىققاندىن كېيىن، ۋەتەنسىزلىكنىڭ دەردىنى تارتمىغان، ۋەتەن سۆيگۈسىگە تەشنا بولمىغان، ۋەتەننىڭ قەدرىگە يەتمىگەن بىرمۇ ئۇيغۇر بولمىسا كېرەك؟ "كىشىنىڭ يۇرتىدا سۇلتان بولغىچە، ئۆز يۇرتۇڭدا ئۇلتان بول" دەيدىغان ئاتا سۆزى شۇنىڭدىن قالغان بولسا كېرەك.

گەرچە ئۆز ۋاقتىدىكى مۇسۇلمانلار ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ۋەھيىنىڭ تەربىيەسى بىلەن كۈچلىنىپ ۋە قۇدرەت تېپىپ، ئىرانلىقلار بىلەن رىملىقلاردىن ئىبارەت ئۆزىنىڭ ھەيۋىسى بىلەن دۇنيانى تىترىتىپ تۇرىدىغان ئىككى چوڭ ئېمپىراتورلۇق ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، دۇنياغا ئادالەت ۋە ھەققانىيەتنى يايغان ۋە ياۋروپا، ئافرىقا، ئاسىيا قاتارلىق ئۈچ قىتئەدە ھاكىمىيەت يۈزگۈزگەن بولسىمۇ، ئەپسۇسكى، كېيىنكى ۋاقىتلاردا مۇسۇلمانلاردا باش كۆتۈرگەن جاھالەت ۋە نەپسانىيەتچىلىك سەۋەبلىك، دىننىڭ ئەسلى ماھىيىتىدىن چەتنەش، ئىسلام ئەخلاقىدىن ياتلىشىش ئەۋج ئالغان بولۇپ، نەچچە يۈز يىلدىن بېرى قۇرئان كەرىمدە سۆزلەنگەن ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيەسى، ئۆز ۋەتىنىنى جان تىكىپ قوغداشنىڭ نەقەدەر مۇھىم پەرز ئىكەنلىكى ئومۇمىي مۇسۇلمانلارغا ئۆگىتىلمەي كەلدى. مەدرىسىلەردىكى دەرسلىكلەردىن، خۇسۇسەن بىزنىڭ ۋەتىنىمىزدىكى مەدرىسىلەرنىڭ دەرسلىكلىرىدىن ئورۇن ئالالماي كەلدى. مۇسۇلمانلار ئىسلام دىنىنىڭ شەرىئەت ئەھكاملىرىنى تولۇق ئورۇنداش ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئەزىزلىقىنى، ھۆرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن مۇستەقىل ۋەتەننىڭ نەقەدەر زۆرۈر ئىكەنلىكىنى بىلمەي كەلدى. شۇ سەۋەبتىن، يېقىنقى زامان تارىخىمىزدا نۇرغۇنلىغان مۇسۇلمانلار ياشايدىغان دۆلەتلەر كاپىرلار تەرىپىدىن مۇنقەرز قىلىنىپ، خەلقلىرى قۇل قىلىنىپ خارلانسا، بايلىقلىرى تالان-تاراج قىلىنىۋاتىدۇ. مۇسۇلمانلار تېخىچە ئۆز ۋەتىنىنى قوغداشنىڭ، دىنىنى قوغداشقا ئوخشاشلا زۆرۈر مەجبۇرىيەت، ھەتتا شۇ دىنىنى قوغداشنىڭ قالقىنى ئىكەنلىكىنى، مۇستەقىل ۋەتەن بولمىسا دىننىڭ پەرمانلىرىنى بەجا كەلتۈرگىلى بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يېتەلمەيۋاتىدۇ. بۇنىڭ مىسالى: خىتاي كوممۇنىستلىرىغا يەم بولۇپ قىرىلىپ تۈگەش ئالدىدا تۇرغان، نادانلىق ۋە جاھالەتتە قالدۇرۇلۇپ، ۋەتەنسىزلىك دەردىدە ئاھ ئۇرۇپ، ھەر يەرلەردە خار-زارلىقتا تىپىچەكلاۋاتقان ئۇيغۇرلار يەنى شەرقىي تۈركىستانلىقلاردۇر. گەرچە بوۋىمىز سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان مىڭ يىللار ئىلگىرى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ، دۆلەتنى ئادىل باشقۇرۇپ بىر مەزگىل روناق تاپقۇزغان بولسىمۇ، كىيىنكى خائىن، مۇناپىقلارنىڭ ساتقىنلىقى، كاپىرلارنىڭ مۇنبەت، باي تۇپرىقىمىزغا كۆز قىزارتىپ ئارىغا پىتنە - پاسات ئۇرۇقىنى چىچىشى بىلەن ئاپپاق غوجا دەۋرىدىكىدەك ئاق تاغلىق، قارا تاغلىق بولۇشۇپ، جان جىگەرلەر ئۆزئارا بىر - بىرىنى قىرىشىپ ئۇيۇشماسلىق ۋە بىر بىرىنى قوللىماسلىق نەتىجىسىدە دۆلىتىمىز يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ قولىدا تالان -تاراج بولۇشقا باشلىغان. بۇ ھۆكۈمدارلار باشقۇرۇشقا ئاسان بولسۇن ئۈچۈن خەلقىمىزنى نادانلىقتا قالدۇرۇش، ئىسلام دىنىنى بۇرمىلاپ، ئۆز پايدىسىغا توغرىلاپ تەشۋىق قىلىش نەتىجىسىدە بارا _ بارا خەلقىمىز شەخسىيەتچى، قورقۇنچاق، قورساق تويغۇزۇشتىن باشقىنى ئويلىمايدىغان بولۇپ قالغان، شۇڭا ئاستا -ئاستا كېيىنكى ئەۋلادلارغا ۋەتەنپەۋەرلىك روھى، ۋەتەننى قوغداشنىڭ پەرزلىكى، مۇستەقىل ۋەتەننىڭ نەقەدەر زۆرۈرلۈكى ھەققىدىكى تەلىماتلار سىڭدۈرۈلمىگەن ياكى ئۆگىتىلمىگەن، مەكتەپ-مەدرىسلىرىمىزدىمۇ بۇ ماۋزۇدا دەرسلىك بولمىغان، شۇنداقلا ھاكىمىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان جانباقار موللىلارنىڭ ۋەز - تەبلىغلىرىدىمۇ مۇنداق بىر مەزمۇنغا ئورۇن بېرىلمىگەن، ھەققانىي ئۆلىمالىرىمىزنىڭ تىلى باغلانغان بولۇپ، ئۇلار خەلققە دىننىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى توغرا يوسۇندا يەتكۈزۈش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلىنغان. نەتىجىدە، خەلقىمىز دىنىمىزنىڭ ئەمەل-ئىبادەت قىسمىنىلا ئۆگەنگەن، ئەمما دىنىمىزنى ۋە ئۆزىمىزنى قوغداپ قېلىشىمىزنىڭ ئەڭ ئاساسلىق تۇتقۇسى بولغان ۋەتەنپەرۋەرلىكتىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىز قالغان. شۇڭا بىزدە ئەجدادلىرىمىزدىن تارتىپ ۋەتەننى سۆيۈش، ئۇنى قوغداش ئېڭى يېتىلمەي كەلگەن.

ئەمدىلىكتە دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ تۈرتكىسى بىلەن جاھان ئۆزگەردى.  ئىسلام دىنىنى توغرا ۋە چوڭقۇر ئۆگىنىش ھەم ئۆگىتىش، تولۇق تەپەككۇر قىلىپ چۈشىنىشكە ئەگىشىپ، بىر قىسىم ئىسلام دۆلەتلىرىدە تاكى يېقىنقى كۈنلەرگە قەدەر، ۋەتەن سۆيگۈسى، ۋەتەنپەرۋەرلىك، مۇستەقىللىق بايرىمى، جۇمھۇرىيەت بايرىمى دېگەنلەر بىدئەت سانىلاتتى. ھازىر ئۇلارنىڭمۇ پىكرى ئۆزگەردى، توغرىسى ئۇلار دىننىڭ روھىنى چۈشەندى. ھازىر سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئوخشاش دۆلەتلەردە دۆلەت قۇرۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەش ناھايىتى ھەشەمەتلىك تەبرىكلىنىدىغان، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا دۆلەت بايرىقى جەۋلان قىلىدىغان، خەلق خۇشال - خۇراملىق ۋە  ھاياجانغا چۆمگەن ھالدا بايرام ئۆتكۈزىدىغان، شۇ كۈنى پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىدىغان ھالەت شەكىللەندى.

نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە بىز قانداق قىلىشىمىز ، نېمە قىلىش كېرەك؟

ئۆتكەن ئۆتتى، كەتكەن كەتتى، ئەمدى ئۇيقۇمىزنى ئاچىدىغان ۋاقىت كەلدى. ئەگەر بىز ئەمدىمۇ ئويغانمىساق، ۋەتىنىمىزدىن ئايرىلىپ قالغاننى ئاز دەپ، تىلىمىز،  دىنىمىز ۋە ئۆرۈپ - ئادەتلىرىمىزدىنمۇ ئايرىلىپ قېلىشىمىز تۇرغانلا گەپ. مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار مەيلى قايسى دۆلەتتە بولسۇن، ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتلەردىكى خەلقلەرنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىدىن ئاز-تولا تەسىرات ئالمايدىغىنى يوق دەپ ئويلايمەن. چۈنكى ياۋروپالىقلارنىڭ زېمىن تالىشىپ بىرىنچى ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشلىرىنى چىقارغانلىقى، تۈركلەرنىڭ ۋەتەننى قوغداش يولىدا چاناققەلئە ۋە باشقا جايلاردا تاجاۋۇزچىلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىپ،  يۈز مىڭلارچە شېھىت بەرگەنلىكى، ئەرەبلەرنىڭ ئالجىرىيەدە ۋەتەننى ئازاد قىلىش ئۈچۈن ئىككى مىليون ئادىمىنى شېھىت بەرگەنلىكى ھەرقانداق بىر ئادەمنى تەسىرلەندۈرمەي قالمايدۇ.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتلەردىكى خەلقلەرنىڭ ياخشى پەزىلەتلىرىنى، بولۇپمۇ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىدىن ئۈلگە ئېلىپ، ئالدى بىلەن ئۆزلىرىدە ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ئۇرغۇتۇپ، ۋەتەن ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك نەرسىسىنى تەقدىم قىلالايدىغان بولۇشى، پەرزەنتلىرىدە شۇ خىل روھنى يېتىلدۈرۈشنىڭ ئالدىنقى شەرتىدۇر. شۇڭا، ئانا ۋەتەننىڭ قەدرىگە يەتكەن ھەربىر ئۇيغۇر ۋەتەنپەرۋەرلىكنى، ۋەتەن مۇھەببىتىنى ئاۋۋال ئۆزىنىڭ قەلبىگە نەقىش قىلىپ چىقىشى شەرت.

بۇنىڭ ئۈچۈن ئائىلىسىدە ۋەتەن، ئانا تۇپراققا ئائىت ماتېرىياللار بولۇشى، مۇمكىن بولسا پەرزەنتلىرى بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ ۋەتەن ھەققىدىكى پاراڭلارنى سېلىشى،  ۋەتەننىڭ تارىخى، گۈزەل تاغۇ - دەريالىرى، يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلىرى، داڭلىق ئالىم - ئۆلىمالىرى، قەھرىمانلار توغرىسىدىكى ھىكايەتلەرنى سۆزلىشىش، رەسىملىك كىتابلارنى ۋە ياكى كارتون فىلىملەرنى بىللە ئولتۇرۇپ كۆرۈشمۇ بەك ئاددىي ھەم ئۈنۈملۈك ئۇسسۇللاردۇر. بالىلارغا ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىتىشنى خۇددى ئىمان، ئىسلامنى ئۆگەتكەندەك ئۆگىتىشى ئىنتايىن زۆرۈر. چۈنكى بىزنى مىللەت سۈپىتىدە ساقلاپ قالىدىغان ئەنگۈشتەرلىرىمىز دىنىمىز ۋە تىلىمىزدۇر. دۈشمەنلىرىمىز بۇ ھەقىقەتنى بىلگەنلىكتىن، ئەڭ ئاۋۋال بىزنى بۇ ئىككى ئەنگۈشتەرىمىزدىن ئايرىۋېتىشكە تىرىشتى.

مەكتەپ ۋە مەدرىس ئېچىشقا شارائىتى يار بېرىدىغان جايلاردا ساپالىق ۋە سەۋىيەلىك ھەممىدىن موھىمى يۈرىكى ئىمان ۋە ۋەتەن سۆيگۈسى بىلەن تولغان ئوقۇتقۇچى، ئۇستازلارنى تاللاشقا ۋە دەرسلىك پروگىراممىلارنى يېڭىلاپ، ئۇيغۇر تىلى، ئۇيغۇر ئۆرپ- ئادەتلىرى، شەرقىي تۈركىستان تارىخى، شەرقىي تۈركىستان جۇغراپىيەسى، شەرقىي تۈركىستاندا ئۆتكەن ھەر ساھە ئالىملار، قوماندانلار ۋە ئىنقىلابچىلارنىڭ ئىش –ئىزلىرى قاتارلىقلارنى كىرگۈزۈپ،  قايتا تۈزۈپ چىقىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار