ئاياللارنى قەدىرلەش ئۆزىنى قەدىرلىگەنلىكتۇر

ئاياللارنى قەدىرلەش ئۆزىنى قەدىرلىگەنلىكتۇر

مۇھەممەد يۈسۈپ

ئادەم ئاتىمىز ۋە ھەۋۋا ئانىمىزنىڭ يارىتىلىشى بىلەن تەڭ تارىخ سەھنىسىگە قەدەم باسقان ئىنسانلار، ئۆز تارىخىدا نۇرغۇنلىغان مۇرەككەب ۋەقە، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ھادىسىلەرنىڭ شاھىدى بولۇش سۈپىتىدە تارىخ بەتلىرىدىن ئورۇن ئالدى. تەبىئىكى، بۇ تارىخىي ھادىسىلەرنىڭ پاراۋۇزى سۈپىتىدە ئاياللارنىڭ رولىنى سەل قاراشقا قەتئىي بولمايدۇ. چۈنكى ئاياللار مەيلى ئىسلام تارىخىدا ياكى ئىسلامدىن بۇرۇنقى تارىخلاردا بولسۇن، ئۇلارنىڭ رولى بەلگىلىك تەسىرى كۈچكە ئىگە. ئىسلام دىنىمىزدا بولسا ئاياللارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى ۋە ھەق- ھوقۇقلىرى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، قەدىر-قىممىتى كۆتۈرۈلگەن. ئىسلام تارىخى ئاياللارنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ۋە ياراتقان ئۈلگىلىرى بىلەن زىننەتلەنگەن. مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجلىرى ئەرلەرنىڭكىدىن ھەرگىز كەم بولمىغان. شۇنىڭ ئۈچۈن جانابى ئاللاھ ئانىلارنىڭ ئورنىنى ۋە جەمئىيەتتىكى رولىنى ئىنسانلارنىڭ قەلبىدە تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، ھاجەر، ئاسىيە، مەريەم، خەدىچە، ۋە ئائىشە ئانىلىرىمىزغا ئوخشاش ئۈلگىلىك ئاياللارغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقە ۋە ھادىسىلەرنى قۇرئان كەرىمدە ئاشكارا ياكى ئىىشارەت قىلىش بىلەن ئوتتۇرا قويۇپ ئۆتكەن.

ئالىدىغان بولساق، ھاجەر ئانىمىز سەۋەبلىك زەمزەم ئاپىرىدە بولغان بولسا، سافا- مەرۋىدە سەئيى قىلىش يەنە ئۇنىڭ ئىزناسى سۈپىتىدە ئىسلام ئىبادتلىرىنىڭ سىمۋولى بولۇپ بەلگىلەنگەن.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بىرىنچى بولۇپ ئىمان ئېيتقان كىشى ئايال (خەدىجە رەزىيەللاھۇ ئەنھا).

ئىسلامدا تۇنجى شېھىتلىق شەرىپىگە نائىل بولغان كىشى ئايال (سۇمەييە رەزىيەللاھۇ ئەنھا).

ئۆمەر ئىبنى خەتتاب، خالىد ئىبنى ۋەلىد، سالاھىددىن ئەييۇبى، فاتىھ سۇلتان مۇھەممەد قاتارلىق قوماندانلارنى يېتىشتۈرگەنلەر ئايال ئىدى.

ئاياللار جەمئىيەت ھاياتىنىڭ يېرىمىنى تەشكىل قىلغاندىمۇ، ئۇلار ئەرلەرگە نىسبەتەن يەنىلا سالماقلىقنى ئىگىلەيدۇ. چۈنكى ئانىلار جەمئىيەتنىڭ ئۇل تېمى بولغان ئائىلىنىڭ تۇنجى مۇئەللىملىرى بولۇپ، بالىلار ئانىلارنىڭ دىيانىتىنى ۋە ئەخلاقىنى ئەڭ ئاۋۋال ئۆزلىرىگە يەرلەشتۈرىدۇ. چۈنكى، ئانىلار پەرزەنت ھاياتىدا ئەڭ زور تەسىرلىك كىشىلەردۇر.

قۇرئان كەرىم ھەزرىتى مەريەم، پىرئەۋننىڭ ئايالى ئاسىيە قاتارلىق پاك ۋە ئۈلگىلىك ئاياللارنىڭ، يەمەن مەلىكىسى بەلقىسقا ئوخشىغان جاسارەتلىك ۋە تەدبىرلىك ئاياللارنىڭ قىسسىلىرىنى بايان قىلىش ئارقىلىق ئاياللارنىڭ ئىسلامدىكى ئورنىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋە ساھابىلەرنىڭ زامانىدا ئاياللار ئەرلەر بولغان ساھەلەرنىڭ ھەممىسىدە ئۇلارغا ئىشتىراك قىلغان ئىدى، ھەتتا ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ خەلىپىلىك دەۋرىدە شىفا بىنتى ئابدۇللاھ ئىسىملىك ئايالنىڭ بازار باشقۇرۇش ئىشلىرىغا تەيىنلەنگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان. مەلۇمكى، بازار باشقۇرۇش ئىشلىرى ھەممىلا ئادەم قىلالايدىغان ئوڭاي ئىش ئەمەس.

 ئەپسۇسكى، ئاياللارنىڭ ئىسلام دەۋىتىنى قانات يايدۇرۇش ۋە ئىلىم-مەرىپەت تارقىتىش يولىدا كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى ۋە ھەربىر ئىسلام دەۋرىدىكى ئالاھىدە رولى شۇنچىلىك كاتتا، شۇنچىلىك مۇھىم بولغان تۇرۇقلۇق، كېيىنكى ئەسىرلەردە مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ غەلىبىلىرى تىلغا ئانچە ئېلىنمايدىغان، ئۇلارنىڭ رولىغا ئەھمىيەت بېرىلمەيدىغان، ئۇلارنى جەمئىيەتتىن يەكلەپ ئۆيدە ئولتۇرۇشقا قىستايدىغان، ئىسلام تەلىماتىغا يات چاقىرىقلار ۋە پەتىۋالار كۆپىيىپ كەتكەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ، ساھابىلەرنىڭ زامانلىرىدا ۋە ئىسلامنىڭ ئالتۇن دەۋرلىرىدە ئەرلەر بىلەن بىللە جىھادقا چىققان، ئىلىم سورۇنلىرىدىن قېلىپ قالمايدىغان، بارلىق ئاممىۋى ئىبادەتلەردە، دەۋەتلەردە ئەرلەردىن قېلىشماي ھازىر بولىدىغان ئاياللار كېيىنكى ئەسىرلەردە، خۇسۇسەن مۇسۇلمانلار چېكىنىشكە باشلىغان ئەسىرلەردىن بېرى ئۆزلىرىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنىغا ئىگە بولالمايدىغان، بالا تۇغۇش ۋە تاماق ئېتىشتىن باشقا ئىشقا سېلىنمايدىغان ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاياللارنىڭ ھەر ساھە بىلىملىرىنى ئىگىلىشى تەرغىب قىلىنماي، ئەكسىچە ئۇلارنى بۇ يولدىن چېكىندۈرىدىغان پەتىۋا ۋە چاقىرىقلار كۆپىيىپ كەتتى. مەسىلەن: ئانا ۋەتىنىمىزدە «قىزلار ئوقۇسا تەلەيسىز بولۇپ قالىدۇ»، «قىزلار بەرىبىر خەقنىڭ بالىسى، ئۇلارنى ئوقۇتۇپ نېمە قىلىدۇ؟» دېگەنگە ئوخشاش تەتۈر تەشۋىقاتلار يامراپ كەتتى، ھەتتا ئاياللارنى كەمسىتىپ «ئايالنىڭ چېچى ئۇزۇن ئەقلى قىسقا» دەيدىغان غەلىتە گەپلەرمۇ ئومۇملاشتى. قىسقىسى، ئاياللارغا قۇرئان كەرىم بەرگەن ھەق-ھوقۇقلار ۋە ئېتىبارلار ھېچ بېرىلمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئاياللار بىلىمسىز، مەرىپەتسىز ۋە نادان قالدۇرۇلدى، ئاندىن ئۇلارنىڭ قوللىرىدا ئۆسكەن پەرزەنتلەر خۇددى ئانىلىرىدەك نادان، بىلىمسىز بولۇپ ئۆستى. نەتىجىدە، ئىسلام دۇنياسى، خۇسۇسەن بىز بۈگۈنكى كۈنگە قالدۇق.

بىزدە ھەرقانداق ئادەم ئۆزىنى كامىل مۇسۇلمان دەپ بىلىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر كىچىكىدە ئائىلە تەربىيەسىنىڭ يېتەرسىز بولغانلىقىدىن بىلىشكە تېگىشلىك نۇرغۇنلىغان مۇھىم بىلىملەردىن خەۋەرسىز ئۆسكەنلىكىنى تەن ئالمايدۇ. بۇنى مۇرەككەپ نادانلىق دەيمىز. چۈنكى بۇنداق كىشىلەر ئۆزىنىڭ بىلمەيدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. ئاز ساندىكى ئائىلە تەربىيەسى جايىدا بولغان، كىچىكىدىن ئەقىدە، ئىمان، ئەخلاق، ھالال-ھارام، ئەدەپ-قائىدە دېگەنلەرنى سۇدەك ئۆگىنىپ ۋە ئەمەل قىلىپ چوڭ بولغان كىشىلەر مانا مەن دەپ تۇرىدۇ. جانابى ئاللاھ تائالا بىزنىمۇ ئاشۇنداق كىشىلەرنىڭ قاتارىدىن قىلغاي ئامىن.

مەن ئۆزۈمنى مىسالغا ئالسام، مېنى يېتىشتۈرگەن ۋە ئوقۇتقان كىشى ئانام ئىدى. رەھمەتلىك ئانام مەدرىسە ھاياتىدىن ھامان تۇرمۇش ھاياتىغا يۆتكەلگەن، مەدرىسىدە ئوقۇغانلىرىنى بىر- بىرىلەپ ئائىلىسىدە تەتبىق قىلغان، ھەقىقىي دىيانەتلىك ۋە گۈزەل ئەخلاقلىق ئايال بولۇپ، ئائىلىمىزدىكىلەرگە ۋە قوشنىلارغا ئۈلگە ئىدى. تىلىم چىقىپ بىر نەرسىلەرنى دېيىشنى ئۆگەنگەن چېغىمدىلا ماڭا ئاۋال كەلىمە شاھادەتنى ئۆگىتىپ ئاغزىمغا ئىمان سالغان كىشى ئاشۇ ئانام ئىدى. مەن ئالتە ياشلارغا كىرگەن چېغىمدا قولۇمدىن يېتىلەپ نېرىقى كوچىدىكى ئايشەمخان خەلىپەمگە قۇرئان ئوقۇشقا ئاپىرىپ بەرگەن ئايال ئانام ئىدى. ماڭا قۇرئان ئوقۇشنى، كىتاب ئوقۇشنى ۋە نامازنى ئۆگەتكەن كىشى تۇنجى ئۇستازىم ئاشۇ ئايشەمخان خەلىپەم دېگەن ئايال ئىدى. رەھمەتلىك ئۇستازىم ئايشەمخان خەلىپەم ئۆمرىنى ياش-ئۆسمۈرلەرنى ئوقۇتۇش، قىز-ئاياللارغا دەرس بېرىش، ۋەز-نەسىھەت قىلىش ۋە ئۇلارنى تەربىيەلەش ئىشلىرى ئۈچۈن ئاتىۋەتكەن ئۆلىما ئايال بولۇپ، ھېچ ياتلىق بولمىغان ئىكەن. مەن ئوقۇۋاتقاندا يېشى يەتمىشتىن ئاشقان موماي ئىدى، ئەمما تېنى ساق، ناھايىتى ھوشيار، زېرەك، ناھايىتى تەقۋادار ۋە غەيرەتلىك ئايال ئىدى. مەن بىلسەم بالا ئوقۇتتى دېگەن ئەيىبلەش بىلەن بىر قانچە قېتىم ساقچىخانىلاردا يېتىپ چىققان ئىدى. مەن بۇ تۇنجى ئۇستازىمنى خېلى –خېلى ئۆلىمالارغا تەڭ قىلمايمەن. ئانا ۋەتىنىمدە مۇشۇنداق نام-نىشانسىز ئۇنتۇلۇپ كەتكەن ئايشەمخان خەلىپەملەردىن يۈزلەپ، مىڭلاپ بارلىقىغا ئىشىنىمەن.

ناۋادا پېقىرنىڭ ھازىرغىچە قولغا كەلتۈرگەن ئاز-تولا ئەمگەكلىرىمنى بىر نەتىجە دەپ قارالسا، شۇ نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈشتە ماڭا ئۈمىد ۋە مەدەت بولغان، مېنى قوللاپ ياردەم قىلغان، مەن ۋە پەرزەنتلىرىم ئۈچۈن چېچىنى سۈپۈرگە قىلغان كىشى يەنىلا ئايالدۇر. ئۇ بولسىمۇ، قەدىرلىك ئايالىم ئىدى. كۆڭۈل خاتىرجەم بولمىسا، ئائىلىدە ھۇزۇر بولمىسا، ئۇلۇغۋار ئىشلارنىلا ئەمەس، ئاددىي نەتىجىلەرنىمۇ قولغا كەلتۈرگىلى بولمايدۇ. ئايالىم ئائىلىنىڭ يۈكىنى كۆتۈرۈش، پەرزەنتلىرىمنى تەربىيەلەش ۋە بېقىش قاتارلىق  مۇھىم ۋە جاپالىق ئىشلارنى ئۈستىگە ئالغانلىقى ئۈچۈن، ماڭا بەھۇزۇر ئولتۇرۇپ يېزىش، تەلىپ قىلىش پۇرسىتى يارىتىلدى. دېمەك، مېنىڭ غەلىبىلىرىمنىڭ ئارقىسىدا پەقەتلا ئاياللار بار دېسەم مۇبالىغە بولماس. چۈنكى ئاغزىمغا تۇنجى بولۇپ ئىمان سالغان كىشى ئايال، تۇنجى بولۇپ ماڭا ئاللاھنىڭ كالامىنى ئۆگەتكەن كىشى ئايال، ئوقۇغانلىرىمنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئىشلىرىمدا مېنى قوللاپ- قۇۋۋەتلەپ ئارقامدا تۇرغان كىشىمۇ ئايال. مەن بۇلارنىڭ ھەممىسىگە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن ۋە ئۇلارغا قانچىلىك قەرزدار ئىكەنلىكىمنى ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايمەن.

ساھابىلەرنىڭ ئىچىدە قۇرئان كەرىمنى تولۇق يادلىغاننىڭ سىرتىدا، كۆپلىگەن ھەدىسلەرنى، شېئىر، نەسىر ۋە قىسسىلەرنى يادلىغان ئاياللار كۆپ ئۆتكەن، ھەتتا مەشھۇر ساھابىلەر ۋە بۈيۈك ئالىملار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بىۋاسىتە سوراپ ئۆگىنەلمىگەن ئائىلە بىلىملىرىنى، ئاياللارغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى، ئاياللارغا خاس بولغان ئايلىق ئادەت، قۇرساق كۆتۈرۈش، تۇغۇت ۋە بالا ئېمىتىش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ ھۆكۈملىرىنى يەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىدىن سوراپ ئۆگەنگەن. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن 1210 ھەدىس رىۋايەت قىلغان. ئۇ ئۆزى ئايەت ۋە ھەدىسلەردىن ھۆكۈملەرنى چىقىرالايتتى، ئۆزىدىن ياشتا چوڭ بولغان كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ سوئاللىرىغا قانائەتلىك جاۋابلارنى بېرىپ، ئۇلارنى دىنىي مەسىلىلەردىن خەۋەردار قىلاتتى. 299 ساھابە، تابىئىن ئۆلىمالىرىدىن 67 كىشى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان. ھەپسە رەزىيەللاھۇ ئەنھا يېزىش ـ ئوقۇشتا ماھىر بولغاننىڭ سىرتىدا، ئۇستا خەتتات ئىدى. كۆپلىگەن ئالىملار ۋە مەزھەب پىشىۋالىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن، ئاياللارغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ۋە نۇرغۇنلىغان ھەدىسلەرنى شۇ ئاياللاردىن ئاڭلاپ ئۆگەنگەن. تارىختا ئېيتىلىشچە 700 دىن ئارتۇق ئايال پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان. ئۇلاردىن ئالىملار ئۆگەنگەن. مەسىلەن: ئەللامە ئىبنى ئەساكىر ئىراق ۋە سۈرىيە ئەتراپىدا 500 دىن ئارتۇق ئايالدىن ھەدىس ئاڭلاپ رىۋايەت قىلغان. مىسىر، شام، ئىراق، يەمەن، ماراكەش، ھەبەش، ئىسپانىيە قاتارلىق ئىسلام شەھەرلىرىدە، تارىخ، ئەدەبىيات، شېئر، تەپسىر، ھەدىس قاتارلىق ئىلىملەردە تونۇلغان مەشھۇر ئاياللار كۆپ ئۆتكەن.

مۇسۇلمان ئاياللار جەمئىيەتنىڭ ھەممە ساھەلىرىدە خىزمەت كۆرسەتكەن بولۇپ، بارلىق ئىلىم ساھەلىرىدە ئاياللارنىڭ مەلۇم ھەسسىسى بولغان. مەسىلەن: تېبابەت، ھەدىس، فىقھ، تارىخ، ئاسترونومىيە، ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەردە تونۇلغان ۋە كۆپلىگەن قىممەتلىك ئەسەرلەرنى يازغان، جىھاد مەيدانلىرىدا ئۇنتۇلماس ئىزلارنى قالدۇرغان ئاياللار ئاز بولمىغان.

بىزنىڭ ئۇيغۇر تارىخىمىزدىمۇ، نۇزۇگۇم، يەتتە قىزلىرىم، ئىپارخان، رىزۋانگۈل قاتارلىق يۈزلىگەن، مىڭلىغان قىز- ئاياللار خەلقىمىزنىڭ قەلبىدە قەھرىمانلىقنىڭ ئابىدىلىرى بولۇپ ساقلىنىپ كەلگەندەك، ئاللاھ يولىغا ئۆزىنى ئاتىغان، ياش ئەۋلادلارنى دىنىي ۋە مىللىي ئاڭدا تەربىيەلەشتە كاتتا نەتىجىلەرنى قازانغان، بۇ يولدا شېھىت بولغان ئۇيغۇر قىز- ئاياللىرى خەلقىمىزنىڭ قەلبىدە ياشنىماقتا.

مۇسۇلمانلارنىڭ گۈللەنگەن دەۋرلىرى ئاخىرلىشىپ، ئارقىغا چېكىنىش دەۋرى باشلانغاندىن كېيىن، ئاياللارنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ساھەدىكى ئورنى پۈتۈنلەي يوق قىلىندى، ئاياللاردىكى تالانت ۋە قابىلىيەتلەر ئۆلتۈرۈلدى. ھازىرمۇ كۆپلىگەن ئىسلام ئەللىرىدە ئاياللار ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىي ۋە ئىقتىسادىي ھەق-ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم ياشاپ كەلمەكتە. بۇنىڭ سەۋەبى شۇ رايونلاردا ئىسلام نامى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان رادىكاللىق ۋە ئۆرپ-ئادەتنىڭ تەسىرىدىن ئىدى. كېيىنكى ئۆلىمالار ئاياللارنى پىتنە - پاساتقا يېقىن دېگەن ئېتىقاد بىلەن ئۇلارنىڭ جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇشىنى ئانچە تەشەببۇس قىلىپ كەتمىگەن. بۇ سەۋەبتىن، بىزنىڭ ئۇيغۇر دىيارىمىزدا، ئاياللارنى مەسجىدلەردىن مەنئى قىلىدىغان، ئىسلام تەلىماتىغا يات، غەلىتە ئەھۋاللار تا ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلگەن. ھەتتا ئاياللارنىڭ مەسجىدكە كىرىشىنى كىشىلەرگە شۇنداق سەت كۆرسىتىۋەتكەنكى، ئاياللار كىنو، تىياتېرلارغا بارسا، بازارلاردا دۇكان ئېىچىپ سودا قىلسا ئەيىبلىمەيدىغان، ئەگەر بىرەر مۇسۇلمان ئايال، ھەتتا ياشانغان موماي بولسىمۇ مەسجىدكە كىرىپ قالسا، ئۇنىڭغا سەسكىنىش بىلەن قارايدىغان ۋە ئەيىبلەيدىغان كەيپىياتلارمۇ بار. ھالبۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاياللىرىڭلار سىلەردىن مەسجىدلەرگە بېرىش توغرۇلۇق رۇخسەت سورىسا، ئۇلارنى مەسجىدلەرگە بېرىشتىن توسماڭلار»([1]) دەپ تەۋسىيە قىلغان.

ئەۋلادلارنىڭ تۇنجى ئۇستازلىرى بولغان ئانىلارنى مەسجىدلەردىن چەكلەيدىغان، ئىلىم سورۇنلىرىدىن يەكلەيدىغان، مەكتەپكە بېرىشتىن توسىدىغان بۇ غەلىتە ئادەت تۈپەيلى ئانىلار دىنىي تەلىم – تەربىيەلەرنى ۋە قۇرئان، ھەدىسلەرنىڭ تەلىماتلىرىنى ئاڭلاش ۋە ئۆگىنىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالغانلىقتىن، ئۇلار دىنىمىزنىڭ ئائىلە، بالا تەربىيەلەش توغرىسىدىكى پىرىنسىپلىرى ۋە كۆرسەتمىلىرىدىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىز قالدى. شۇنداق تەتۈر تەشۋىقاتلار ياڭرىغان قىيىن شارائىتلار ئاستىدىمۇ ئۆلىما ۋە دەۋەتچى ئاياللار جەمئىيەتتە ئۆزلىرىنىڭ بەلگىلىك رولىنى كۆرسەتكەن. ئانا ۋەتىنىمىزنىڭ شەھەر ۋە يېزىلىرىنىڭ ھەربىر مەھەللىسىدە ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرىنى ئېلىپ بارىدىغان، جاي-جايلارغا بېرىپ قىز-ئاياللارغا ۋەز-نەسىھەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرىدىغان ئايال ئۆلىمالار «بۈۋۈم» دەپ ئاتىلاتتى، ئۇلار ناھايىتى جەڭگىۋارلىق بىلەن پائالىيەت ئېلىپ باراتتى، ئۇلار ئەرلەرگە نىسبەتەن قورقماس كېلەتتى، بۈۋۈملەرنىڭ دىنىي خىزمەتلىرى ئۆلىمالارنىڭكىدىن ھەرگىز ئاز ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار مىللەتنىڭ تۇنجى مۇئەللىملىرى بولغان ئانىلارنى تەربىيەلەيتتى.شائىرلارنىڭ پېشىۋاسى ھافىز ئىبراھىم تەربىيەدە ئانىنىڭ ئەھمىيىتىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن:

الأُمُّ مَـدْرَسَــةٌ إِذَا أَعْـدَدْتَـهَـا

 أَعْـدَدْتَ شَعْبـاً طَيِّـبَ الأَعْـرَاقِ

 تەرجىمىسى:

ئانا ئۆزى بىر مەكتەپ، يېتىشتۈرسەڭ سەن ئۇنى،

يېتىشتۈرىسەن تېگى پاك، ئېسىل بىر مىللەتنى ([2]).

 

ھازىرقى مۇشۇ دەۋردىمۇ ئەرلەر بىلەن ئوخشاشلا جاپا تارتىۋاتقان، تۈرمىلەرگە قامالغان، ھەتتا شېھىت قىلىنغان ئايال ئۆلىمالىمىز، ئايال زىيالىيلىرىمىز ۋە ئايال يازغۇچىلىرىمىز ئاز ئەمەس. تۈركىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە بەزى ياۋروپا دۆلەتلىرىدە دىنىي ۋە مىللىي تەلىم-تەربىيە ساھەسىدە جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەۋاتقان، بارلىقىنى ئەۋلادلىرىمىزنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ئاتاپ خىزمەت قىلىۋاتقان سانسىزلىغان ئايال قەھرىمانلىرىمىز بار. ئاياللارنىڭ ھەرقانداق بىر ئىشنى ئەستايىدىل، قېتىرقىنىپ، ئىنچىكىلەپ ۋە ناھايىتى دىققەت بىلەن قىلىش خۇسۇسسىيىتىگە ئىگە ئىكەنلىكى ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان بىر رېئاللىقتۇر. ئامېرىكا، كانادا، ياپونىيە ۋە ياۋروپا قاتارلىق دۆلەتلەردىكى دۆلەت ئورگانلىرىدا ۋە مەمۇرىي ئىدارىلەردە ئىشلەيدىغانلار ئارىسىدا ئەرلەردىن ئاياللارنىڭ كۆپ بولۇۋاتقانلىقىمۇ بۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك.

ئەپسۇسكى، بىزدە پەقەت ئەرلەرنىڭلا باتۇرلۇقى، قەھرىمانلىقى، كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى، ئاللاھ يولىدا شېھىت بولغانلىقى ھەققىدە سۆزلىنىدۇ ۋە يېزىلىدۇ، ئەمما شۇ ئەرلەر بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ خىزمەت قىلغان، ئوخشاش قىسمەتلەرگە دۇچار بولغان ئۇيغۇر ئاياللىرى ھەققىدە سۆز بولمايدۇ. ئويلايمەنكى، بۇ ئەھۋال ئاياللارنى جەمئىيەتتىن يەكلەشتىن ئىبارەت ئۇزۇن يىللىق قالاقلىقنىڭ مەھسۇلى بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر شۇنداق بولمىسا نېمە ئۈچۈن ئاللاھنىڭ دىنىغا خىزمەت قىلغان، ئەسىرلەردىن بېرى مىللىتىمىزنىڭ ئانىلىرىنى يېتىشتۈرگەن، ئەرلەرگە ئوخشاشلا تۈرمىلەرگە تاشلانغان ۋە شېھىت بولغان قەھرىمان ئاياللارنى تىلغا ئېلىپ قويمايمىز؟

نام-شۆھرەت، ئىززەت- ھۆرمەت ئەرلەرگىلا خاس، جاھاندىن نام-نىشانسىز، ئىزسىز ئۆچۈپ كېتىش ئاياللارغىلا باقىۋەندە ئەمەس.

نۇرغۇن ئاياللار ئىلىم-پاراسىتى، ئىپپەت-نۇمۇسى، باتۇرلۇقى بىلەن تارىخ بەتلىرىگە ئىسىملىرىنى ئالتۇن ھەل بىلەن نەقىشلىگەن. ئۇلار كېيىنكىلەر ئۈچۈن ياخشى ئۈلگە بولۇپ قالغان.

([1]) ئىمام مۇسىلم ۋە ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى.
([2]) مىسىرلىق  شائىر ھافىز ئىبراھىمنىڭ «ئىلىم ۋە ئەخلاق» ناملىق قەسىدىسىدىن.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار