بۇ ھېيتتا ھېيتلىشامدۇق؟

بۇ ھېيتتا ھېيتلىشامدۇق؟

مۇھەممەد يۈسۈپ

 ھېيت كۈنلىرىدە ئالدى بىلەن چوڭلارنى زىيارەت قىلىش، ئاندىن تۇغقانلار، دوستلار، قوشنىلار ۋە خىزمەتداشلار بىلەن ھېيتلىشىش، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىگە قەدەم تەشرىپ قىلىش بىزنىڭ دىنىي ۋە مىللىي ئەنئەنىمىزدۇر. بۇنى داۋاملاشتۇرۇش ھەربىرىمىزنىڭ بۇرچى، بولۇپمۇ چەتئەللەردە مۇھاجىرەت ھاياتىدا بىر-بىرىمىزنى يوقلاش، زىيارەت قىلىش، ھال-ئەھۋال سوراپ تۇرۇش، خۇسۇسەن، روزا ۋە قۇربان ھېيتلىرىدا بىر-بىرىمىزنى زىيارەت قىلىش ناھايىتى مۇھىمدۇر.

ئەپسۇسكى، ھازىر دۇنيانى تەھدىت ئاستىغا ئېلىۋالغان ۋابا بىزنىڭ مۇشۇ گۈزەل ئەنئەنىمىزنى ئىجرا قىلىشىمىزغا توسالغۇ بولماقتا. باشقا ۋاقىتلاردىكىدەك توپلىشىپ ھېيتلىشىش، ئائىلىلەرنى زىيارەت قىلىش، سورۇنلارنى ئۇيۇشتۇرۇش ھازىرقى ۋاقىتتا ئۆزىمىزنى ھالاكەتكە ئاتقانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ھايات بولساق ۋە ساق بولساق، بىر-بىرىمىزنى ئازادە زىيارەت قىلىۋالغىلى، قانغۇچە سۆھبەتلىشىپ ئولتۇرۇۋالغىلى ۋە نۇرغۇن ھېيتلارنى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزگىلى بولىدۇ. ئەمما ھايات بولمىساق، بۇلارنىڭ ھېچبىرىنى قىلغىلى بولمايدۇ. ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئەھۋال سورىشىش بىلەن كۇپايىلىنىش ھازىرقى پەيتىمىزدە بىز ئۈچۈن ئەڭ ياخشى تاللاش بولۇپ قالدى.

بىر مۇسۇلماننىڭ ئۆزىنى ۋە ئەتراپىدىكىلىرىنى ئاسرىشى، كېسەلدىن قوغدىشى ئۇنىڭ دىنىي ۋە ئىنسانىي مەجبۇرىيىتىدۇر. بۇنىڭغا ئەھمىيەت بەرمەسلىك ئۆزىنى ۋە باشقىلارنى قەستلىگەنلىك بولىدۇ. ئىمام بۇخارىي ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان سەھىھ ھەدىسلەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ (المسلم من سلِم المسلمون من لسانه ويده) «مۇسۇلمان باشقا مۇسۇلمانلار ئۇنىڭ تىلىدىن ۋە قولىدىن سالامەت بولغان كىشىدۇر» ، (من كان يؤمن بالله واليوم الآخر فلا يؤذِ جاره) «كىمكى ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنسە، قوشنىسىغا ئەزىيەت قىلمىسۇن» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان. باشقىلارغا كېسەل يۇقتۇرۇش مۇسۇلمانلارغا ئەزىيەت بەرگەنلىك ۋە ئۇلارنى زىيانغا ئۇچراتقانلىقتۇر. ناۋادا سىزدە ۋىرۇس بولۇپ، ئۆزىڭىزدە ۋىرۇس بارلىقىنى بىلمىگەنلىكتىن، باشقىلار بىلەن ئارىلىشىپ، ئۇلارغا يۇقتۇرۇپ قويسىڭىز، ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا گۇناھكار بولغاننىڭ سىرتىدا، ئۆزىڭىز ۋىجدان ئازابى تارتىسىز. گۇناھكار بولۇپ قالماسلىق، ۋىجدان ئازابى تارتماسلىق ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگەننى قىلىش، ئۆزىمىزنى ۋە باشقىلارنى ئاسراش ناھايىتى مۇھىمدۇر. بۇ ۋىجدانلىق مۇسۇلماندىن تەلەپ قىلىنىدىغان ئەڭ ئەقەللىي تەلەپتۇر.

  بۇ ھېيتتا ھېيتلىشىش، قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش، مېھمان چاقىرىش، مېھمانغا بېرىش، سورۇن ھازىرلاش، بىر-بىرىمىزنىڭ ئۆيىنى زىيارەت قىلىش دېگەندەك گۈزەل ئەنئەنىلىرىمىزنى ۋاقتىنچە كېچىكتۈرۈپ تۇرۇش ھەممىمىزنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىمدۇر. دىنىمىزدا «ئالدىنى ئېلىش داۋالىنىشتىن ياخشى» دەيدىغان قائىدە بار. بۇنىڭ مەنىسى كېسەل تېگىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭدىن ساقلىنىش كېسەل بولۇپ بولغاندىن كېيىن داۋالىنىشتىن ئەۋزەل دېگەنلىكتۇر. دىنىمىزنىڭ ئەمر-پەرمانلىرى ئومۇمەن دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئۆزىگە خەتەر ۋە زىيان ئېلىپ كېلىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىشنى مەركەز قىلىدۇ.


   نۆۋەتتىكى ۋابادىن ساقلىنىش ئۈچۈن دىنىمىزنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئەمەل قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ۋە سەھىيە مىنىستىرلىقلىرىنىڭ تېببىي جەھەتتىكى تەۋسىيەلىرىگە جىددىي ئەمەل قىلىش ئىنتايىن زۆرۈردۇر. بىز مۇسۇلمانلارنىڭ ھەرقانداق بالايىئاپەتلەردىن ۋە خەتەرلەردىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىككى چوڭ قورالىمىز بار بولۇپ، بىرى ئاللاھ تائالاغا يالۋۇرۇپ پاناھ تىلەش، يەنە بىرى يېتەرلىك سەۋەبلەرنى قىلىشتۇر. نۆۋەتتىكى ۋابادىن ئۆزىمىزنى ۋە باشقىلارنى ساقلاپ قېلىش بىزنىڭ مۇسۇلمانلىق بۇرچىمىزدۇر. چۈنكى تەننىڭ ساق بولۇشى ئاللاھ تائالانىڭ ئەمر-پەرمانلىرىنى ئورۇنداش ئۈچۈن زۆرۈردۇر. تېنى ساق بولمىغانلار ئىبادەتلەرنى جايىدا ئادا قىلالمايدۇ، ئاللاھ تائالانىڭ ئەمر-پەرمانلىرىنى ئورۇندىيالمايدۇ. شەكسىزكى، تېببىي تەۋسىيەلەرگە تولۇق ئەمەل قىلىش دىنىمىزنىڭ بۇيرۇقىدۇر. چۈنكى تېببىي تەۋسىيەلەر بىزنىڭ ھاياتىمىزنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن قىلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام (إذا سمعتم الطاعون بأرض، فلا تدخلوها، وإذا وقع بأرض، وأنتم فيها، فلا تخرجوا منها) «بىرەر جايدا ۋابا تارقالغانلىقىنى ئاڭلىساڭلار، ئۇ جايغا كىرمەڭلار ۋە سىلەر تۇرغان جايدا ۋابا تارقالغان بولسا، سىلەر ئۇ جايدىن باشقا جايلارغا چىقماڭلار» دەپ كۆرسەتكەن. (ئىمام بۇخارىي ۋە مۇسلىم رىۋايىتى).  مانا بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىزگە ئۆگەتكەن ئەڭ ھېكمەتلىك تېببىي تەۋسىيەسىدۇر. ھازىرقى تېببىي تەۋسىيەلەرمۇ مۇشۇ تەۋسىيەسىنى چۆرىدەپ ئىش كۆرمەكتە. ئەڭ ئاساسلىقى ھازىرقى ۋەزىيەتتە كىشىلەرنىڭ بىر-بىرىگە يېقىن تۇرماسلىقى، قول ئېلىشىپ كۆرۈشمەسلىكى، بىر يەردە توپلىشىپ ئولتۇرماسلىقى، ھەر جايدا ئەڭ ئاز دېگەندە ئىككى مېتىر ئارىلىق ساقلاپ ئىش كۆرۈشىدۇر.


  قول ئېلىشىپ كۆرۈشمەسلىك، قۇچاقلىشىپ كۆرۈشمەسلىك، ئارىلىق ساقلاش، ئادەم كۆپ جايغا بارماسلىق، قولنى ھەمىشە دېزىنفىكسىيە قىلىپ تۇرۇش، ھەر دائىم يۇيۇپ تۇرۇش، ماسكا تاقىماي سىرتقا چىقماسلىق دېگەندەك تېببىي تەۋسىيەلەرگە ئەمەل قىلىش، بۇنىڭدىن باشقا يەنە، سىرتتا ئىشىكلەرنىڭ تۇتقۇچلىرىنى ۋە ئىنسانلار تۇتىدىغان نەرسىلەرنى قول بىلەن بىۋاسىتە تۇتماسلىق، ھەتتا ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسىدىن پۇل ئالغاندىمۇ كونۇپكىلارنى پەلەي كىيىپ ياكى ھېچبولمىغاندا قولغا قەغەز يۆگەپ تۇرۇپ بېسىش قاتارلىق ئىشلارغا ئەھمىيەت بېرىش بىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھاياتىنى قوغداش ئۈچۈن ئىنتايىن بەك زۆرۈر. چۈنكى بۇ ھايات-مامات مەسىلىسى. ھازىرغىچە چەتئەللەردە ئوتتۇزدىن كۆپ ئۇيغۇرنىڭ مۇشۇ ۋابا سەۋەبلىك ھايىتىدىن ئايرىلغانلىقىنى مەلۇم. بۇ تەۋسىيەلەرنى كىملەر ۋە قانداق دۆلەت قىلغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بىز يۈزدە يۈز ئەمەل قىلىشقا موھتاجمىز. چۈنكى بۇنىڭدىكى مەقسەت بىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھاياتىنى قوغداشتۇر. بۇ ۋەجىدىن بۇنداق تېببىي تەۋسىيەلەرنى دىننىڭ ئەمر-پەرمانلىرىنى ئورۇندىغاندەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن ئورۇندىشىمىز ئىنتايىن مۇھىم. خۇددى قاتناش بەلگىلىرى ئىنسانلارنىڭ ھاياتىنى قوغداش ئۈچۈن قويۇلغاندەك ۋە بۇ بەلگىلەرنى قايسى دۆلەت ۋە قايسى شەخسلەر قويغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىش زۆرۈر بولغاندەك، نۆۋەتتىكى ۋابادىن ساقلىنىش ئۈچۈن قويۇلغان قائىدە-تەرتىپلەرگە ۋە تېببىي تەۋسىيەلەرگە ئەمەل قىلىش ھەممىمىزنىڭ بۇرچىدۇر.

   ئۆيدە ئولتۇرۇش ئارقىلىق ساۋاب تاپقىلى بولىدۇ

بىز ئۆزىمىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش يولىدىكى تېببىي تەۋسىيەلەرگە ئەمەل قىلىش ئارقىلىق ئەلۋەتتە ساۋاب تاپىمىز. چۈنكى ئىمام بۇخارىي رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋابا ھەققىدە مۇنداق دېگەن: ( فليس مِن رَجُلٍ يَقَعَ الطاعونُ فيَمكُثُ في بَيتِه صابِرًا مُحتَسِبًا يَعلَمُ أنَّه لا يُصيبُه إلَّا ما كَتَبَ اللهُ له إلَّا كان له مِثلُ أجْرِ الشَّهيدِ) «ۋابا تارقالغاندا ئاللاھنىڭ تەقدىر قىلغىنىدىن باشقىسى كەلمەيدىغانلىقىغا چىن ئېتىقاد قىلىپ، سەۋر قىلغان ۋە ئاللاھتىن ساۋاب كۈتكەن ھالدا ئۆيىدە ئولتۇرغان ئادەم شېھىتنىڭ ساۋابىنى تاپىدۇ» (سەھىھۇلبۇخارى:3474- ھەدىس). دېمەك، بىز ئۆزىمىزنى ۋە باشقىلارنى ۋابادىن ساقلاش ئۈچۈن سىرتقا چىقماي ئۆيىمىزدە ئولتۇرساقمۇ شېھىتنىڭ ساۋابىغا ئوخشاش كاتتا ساۋابقا ئىگە بولىمىز. بۇ ساۋاب ئۆزىمىنى ۋە باشقىلارنى ئاسرىغانلىقىمىز بەدىلىگە بېرىلىدىغان ئىلاھىي مۇكاپاتتۇر. مۇشۇنداق گۈزەل ھەدىسلەردىن كېيىنمۇ يەنە دىنىمىزنىڭ ئېسىللىكىنى ۋە ئىلغارلىقىنى، ئىنسان ھاياتىنى قوغداشقا قانداق زور ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى چۈشەنمەي، «پەرز ئەمەس، ۋاجىپ ئەمەس، شۇڭا قىلمىساقمۇ ئاللاھ ساقلايدۇ» دەپ جۆيلۈپ يۈرىدىغانلار ئىسلامنى چۈشەنمىگەن نادان ئىنسانلاردۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالا ھاياتىمىزنى خەتەرلەردىن ساقلىشىمىز ئۈچۈن بىزنى سەۋەب قىلىشقا بۇيرىدى. يېتەرلىك سەۋەبلەرنى قىلىش بىلەن بىللە ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىپ تايىنىش بىزنى قوغداشقا يېتەرلىكتۇر. تەن ساقلىقىنى، ئىنسان ھاياتىنى خەتەرلەردىن ساقلاش ئۈچۈن قىلىنغان تەۋسىيەلەر كىمنىڭ ۋە قايسى ئورگاننىڭ تەۋسىيەسى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇنىڭغا جىددىي ئەمەل قىلىشىمىز دىنىمىزنىڭ ۋە ئەقلىمىزنىڭ بىردەك تەلىپىدۇر.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار