قۇش ۋە يەھۇدىي

قۇش ۋە يەھۇدىي

 تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد يۈسۈپ

كۇۋېيتتا چىقىدىغان«ئەل مۇجتەمە» ژۇرنىلى2010-يىلى24-ئىيۇل سانىدا «قۇش ۋە يەھۇدىي» دېگەن تېمىدا بىر پارچە قىسقا يازما ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇنداق دەپ يېزىلغان: «دەرەخ ئۈستىدە ئۆزىنىڭ ئىنتايىن يېقىملىق ۋە مۇڭلۇق ئاۋازى بىلەن چىرايلىق سايراپ تۇرغان بىر قۇشنىڭ يېنىدىن ھەر خىل مىللەت كىشىلىرى ئۆتسە ئۇلاردىن ھەربىرى نېمە قىلىدۇ؟

فرانسىيەلىك قۇشنىڭ ئاۋازىنى دوراپ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ناخشا ئېيتىدۇ.

ئىسپانىيەلىك  قۇشنىڭ سايرىشىغا تەڭكەش قىلىپ ئۇسسۇل ئوينايدۇ.

ئىتالىيەلىك بۇ قۇشنىڭ رەسىمىنى چوڭ بىر تاختىغا سىزىپ چىقىدۇ.

ھىندىستانلىق بۇ قۇشنى ئۇلۇغلاپ ئۇنىڭغا چوقۇنىدۇ.

خىتاي بۇ قۇشنى تۇتۇپلا يەۋېتىدۇ.

تۈرك بۇ قۇشنى سىلاپ-سىپاپ باغرىغا باسىدۇ.

ياپونلۇق بۇ قۇشقا قاراپ شەكىل ۋە ھەجىمدە ئۇنىڭغا ئوخشايدىغان ھەم سايرايدىغان بىر ئېلېكترونلۇق قۇش ياساپ چىقىدۇ.

ئامېرىكىلىق بۇ قۇشنىڭ ھاياتى ۋە ئۇنىڭ يېنىدىن ئۆتكەنلەر توغرۇلۇق بىر كىنو فىلىمى ئىشلەپ چىقىرىدۇ.

مىسىرلىق ئامېرىكىلىقنىڭ ئىشلىگەن فىلىمىنى تەقلىد قىلىپ مىسىرلىق سەنئەتچىلەرنى ئىشقا سېلىپ بىر تەقلىدىي فىلىم ئىشلەپ چىقىرىدۇ.

سۈرىيەلىك بۇ قۇشنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخى ۋە ئەجدادلىرى ھەققىدە كۆپ قىسىملىق بىر ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەپ چىقىرىدۇ.

سۇدانلىق بۇ قۇشنىڭ سايرىشىدىن ھۇزۇرلىنىپ بىر ئوبدان ئوخلىۋالىدۇ.

يەھۇدى يىغلاشقا باشلايدۇ. ئاندىن بۇ قۇشنىڭ سۇلايمان ئەلەيھىسسالامنىڭ نەسلىدىن بولغانلىقى ئېتىبارى بىلەن ئۇنىڭ يەھۇدىيلارغا ئائىت ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىدۇ. قۇشنىڭ يېنىدىن ئۆتكەن ۋە ئۇنىڭ مۇڭلۇق ئاۋازىنى ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ھەممىسىدىن بۇ قۇشنى كۆرگەنلىكى ۋە ئاۋازىنى ئاڭلىغانلىقىنىڭ ھەققىنى تەلەب قىلىدۇ. قۇشنى يەۋەتكەن خىتاي بىلەن ئۇنى ئوق بىلەن ئېتىپ  ئۆلتۈرگەن ئىنگىلىزدىن بۇ قۇشنىڭ پۇلىنى تەلەب قىلىدۇ. ئاندىن ئامېرىكىلىق بۇ قۇش ھەققىدە ئىشلىگەن ئەسلى فىلىمنىڭ ۋە مىسىرلىق ئامېرىكىلىقنىڭ ئىشلىگىنىنى دوراپ ئىشلىگەن تەقلىدىي فىلىمنىڭ پايدىسىدىن پىرسەنت بېرىشىنى تەلەب قىلىدۇ. سۈرىيىنى بولسا يەھۇدىيلارغا ئائىت بولغان بۇ قۇشنىڭ تارىخىنى بۇرمىلىغان دەپ ئېيىلەيدۇ ۋە سۈرىيە ھۆكۈمىتى ئۈستىدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەرز قىلىدۇ. سۇدانلىقنىڭ ئۇخلاپ قالغانلىقىدىن پايدىلىنىپ دارفورغا يەرلەشمەكچى بولىدۇ».


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار