قەلبلەرنى ئاچىدىغان ئاچقۇچلار بىر خىل ئەمەس

قەلبلەرنى ئاچىدىغان ئاچقۇچلار بىر خىل ئەمەس

مۇھەممەد يۈسۈپ

پىسخولوگىيە مۇتەخەسسىسلىرى ھەربىر قەلبنى ئاچىدىغان مەخسۇس ئاچقۇچ بارلىقىنى، بىرىنى ئاچقان ئاچقۇچ بىلەن يەنە بىرىنى ئاچقىلى بولمايدىغانلىقىنى سۆزلەيدۇ.

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ كاتتا ئولىمالىرىدىن ئەللامە مۇھەممەد ئەرىفى «ھاياتىڭىزنى قەدىرلەڭ» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «ئىنسانلار يارىتىلىشتىكى ئورتاق تەبىئىتىنىڭ تەقەززاسى بويىچە، تۇغرىلىق، ھەققانىيلىق، ياخشى مۇئامىلە، ئادالەت، تەبەسسۇم قاتارلىقلارغا ئوخشىغان ئېسىل ئىشلارنى ياخشى كۆرۈشتە ۋە ھەقسىزلىق، ئادالەتسىزلىك، كۆرەلمەسلىك، دۈشمەنلىك قاتارلىقلارغا ئوخشىغان يامان ئىشلارنى يامان كۆرۈشتە ھەممە بىردەك ئىتتىپاق بولغىنىدەك، يەنە نۇرغۇن ئىشلاردا بىردەك ئەمەس. بەزىسى خوشاللانغان ئىشتىن بەزىسى نەپرەتلىنىدۇ. مەسىلەن: بەزى ئادەملەر ئۆيىگە مېھمان كەلسە خوش بولسا، بەزىسى ياقتۇرمىغانغا، بەزىسى كۆپ سۆزلەشنى ياخشى كۆرسە، بەزىسى ئاز سۆزلەشنى ياقتۇرغانغا ئوخشاش. ئەمما شۇ ئېنىقكى، ھەر كىم ئۆز خاراكتېرىگە ماسلاشقاننى ياقتۇرىدۇ. ئۇنداقتا بىز نېمە ئۈچۈن كىشىلەرگە مۇئامىلە قىلىشتا ئۇلارنىڭ خاراكتېرىنى ھېسابقا ئالمايمىز؟ ھەر كىمگە خاراكتېرىگە مۇناسىپ شەكىلدە مۇئامىلە قىلىش شۇنچىلىك قىيىنمۇ؟».

ھەربىر ئادەمنىڭ بىردىن ئاچقۇچى بار

ئەللامە مۇھەممەد ئەرىفى مەزكۇر ئەسىرىدە يەنە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «ھەربىر ئادەمنىڭ قەلبىنى ئاچىدىغان بىرەردىن ئاچقۇچى بار. ئۇنىڭ مۇھەببىتىنى ۋە يېقىنلىقىنى قازىنىش، ئۇنىڭ يۈرىكىدىن ئورۇن ئېلىش ئۈچۈن چوقۇم ئۇنىڭ قەلبىنى ئاچىدىغان ئاچقۇچنى تېپىشىمىز ۋە ئۇنىڭ قەلبىگە شۇ ئاچقۇچ بىلەن كىرىشىمىز شەرت. چۈنكى ئاپتومۇبىلنىڭ ئاچقۇچى بىلەن ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئاچقىلى بولمىغاندەك، ئەمەتنىڭ قەلبىنى سەمەتنىڭ ئاچقۇچى بىلەن ئاچقىلى بولمايدۇ. چۈنكى كۆپ پاراڭ قىلىشنى ياقتۇرىدىغان بىرىنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭ ھەممە گېپىگە باش لىڭشىتىش بىلەنلا جاۋاب بېرىپ، لام، جىم دېمەي ئولتۇرغان ئادەم ئۇنىڭ نەپرىتىنى قوزغاپ قويغاندەك، ئاز سۆزلەيدىغان ئادەمنىڭ يېنىغا كېلىپ تۇرماستىن ۋاتىلدايدىغان ئادەممۇ ئۇنى زېرىكتۈرۈپ قويىدۇ. بۇنداق قىلىپ قانداقمۇ كىشىلەرنىڭ قەلبىگە كىرگىلى بولسۇن؟ بىز ماھارىتىمىزنى نېمە ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ قەلبىنى ئاچىدىغان ئاچقۇچلارغا ئايلاندۇرمايمىز؟

جورىڭىزنىڭ، ئاتا _ ئانىڭىزنىڭ، دوستلىرىڭىزنىڭ، خىزمەتداشلىرىڭىزنىڭ ۋە مۇدىرىڭىزنىڭ قەلبىنى ئاچىقىدىغان ئاچقۇچنى ئىزدەڭ. سىز ئۇنى تاپقان ۋاقتىڭىزدا نۇرغۇن ئىشلىرىڭىز سىز خالىغان شەكىلدە يۈرۈشۈپ كېتىدۇ».

پەيغەمبەر ئەلەيىسسالامنىڭ زامانىدا سەھرالىق بىر ئادەم مەسچىتكە كىرىپ تەرەت قىلىدۇ. ئۇنى كۆرگەن ساھابىلەر كۈتۈلمىگەن بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ غەزەبلىنىدۇ ۋە ئۇ ئادەمنىڭ يېنىغا يۈگۈرىدۇ. ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: «توختاڭلار! ئۇ ئادەمنى ئالدىراتماڭلار، تەرىتىنى قىسىۋالمىسۇن» دەپ ئۇلارنى تەسكىن قىلىدۇ. ئاندىن ھېلىقى ئادەمنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: «بۇ مەسجىدلەر تەرەت قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ناماز ئوقۇش ۋە قۇرئان ئوقۇش ئۈچۈن سېلىنغان» دەپ چىرايلىق نەسىھەت قىلىدۇ. ھېلىقى ئادەم سۆز قىلماستىن مەسجىدتىن چىقىپ كېتىدۇ. نامازنىڭ ۋاقتى كىرگەندە بۇ ئادەم مەسچىتكە كىرىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رۇكۇدىن تۇرۇپ «سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدە» دېگىنىدە جامائەت ھەممە بىرلىكتە «رەببەنا ۋەلەكەلھەمدۇ» دەيدۇ. پەقەت ھېلىقى ئادەم ئۈنلۈك ئاۋازدا «ئى ئاللاھ! ماڭا ۋە مۇھەممەدكە رەھىم قىلغىن، بىز ئىككىمىزدىن باشقا ھېچكىمگە رەھىم قىلمىغىن» دەپ دۇئا قىلىدۇ. ناماز تۈگىگەندىن كېيىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جامائەتكە يۈزلىنىپ، ھېلىقى دۇئانى كىمنىڭ قىلغانلىقىنى سورايدۇ. ئادەم «مەن» دەپ ئالدىغا چىقىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «ئاللاھنىڭ كەڭ رەھمىتىنى تار قىلىۋالدىڭ»[1] دەيدۇ. ھەدىستىن مەلۇمكى، مەسجىدكە تەرەت قىلغان بىر سەھرالىق ئادەمنىڭ قەلبىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام چىرايلىق نەسىھىتى ۋە چەكسىز مېھرىبانلىقى بىلەن ئاچقان ۋە ئۇ ئادەمنىڭ سۆيگۈسىگە سازاۋەر بولغان.

 



[1] ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار