ئۆلۈك بېلىق بولۇپ قالماڭ!

ئۆلۈك بېلىق بولۇپ قالماڭ!

مۇھەممەد يۈسۈپ

ھاياتلىق— ھەرىكەت، كۈرەش، تىرىشىش ۋە ئىشلەش دېگەنلىكتۇر. ھايات بىلەن ئۆلۈمنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ھەرىكەتتۇر. چۈنكى ھاياتتا ھەرىكەت، ئۆلۈمدە جىملىق بار. ئېقىن سۇ پاكىز، رەڭگى گۈزەل، تەمى ياخشى كېلىدۇ، ئەمما تۇرغۇن سۇ پاسكىنا، رەڭگى ئۆزگەرگەن، تەمى بۇزۇلغان كېلىدۇ. ھەرىكەت قىلمايدىغان، ئىشلىمەيدىغان، قورسىقىنى چىڭ تولدۇرۇۋېلىپ ئىنتېرنېت ياكى تېلېۋىزور ئالدىدا ھايات كەچۈرىدىغان ئىنسانلار كېسەلدىن قۇتۇلالمايدۇ. ئەكسىچە، ھەرىكەت قىلىپ تۇرىدىغان، ئىشلەيدىغان، بىر يەردە جىم تۇرمايدىغان ئادەملەرنىڭ تېنى ساق كېلىدۇ. چۈنكى ئىشلىمەسلىك، جاپا چەكمەسلىك ھاياتلىقنىڭ قانۇنىيىتىگە زىت ئىشتۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالا بىزنى تىرىشىشىقا ۋە ئىشلەشكە ياراتقان. « ئى ئىنسان! شەكسىزكى، سەن رەببىڭنىڭ ئالدىغا بارغانغا قەدەر جاپالىق ئىشلەيسەن»  دېگەن ئايەت بۇنى ئىپادىلەيدۇ.

دۇنيا تەرەققىي قىلىپ، نۇرغۇن ئىشلار ماشىنىلاشقان ۋە ئىنساننىڭ ھەرىكەت قىلىشى ئازىيىپ كەتكەندىن كېيىن، ئىنسانلاردا قان بېسىمى، قەنت كېسىلى، قانغا ماي ئارىلىشىۋېلىش قاتارلىق ئۆتمۈشلەردە ئەجدادلىرىمىز ئاڭلاپ باقمىغان كېسەللىكلەر پەيدا بولدى. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئاللاھ تائالا ياراتقان قانۇنىيەتكە زىت ئىش قىلغانلىقتىن بولسا كېرەك. چۈنكى ئاللاھ تائالانىڭ «تەبىئەت» ۋە «شەرىئەت» دەپ ئىككى قانۇنى بار بولۇپ، «تەبىئەت» قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلار ئۇنىڭ جازاسىنى مۇشۇ دۇنيادا تارتىدۇ. مەسىلەن: پېقىرلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئىشلىمىگەن، مۇستەملىكىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلمىغان كىشىلەرنىڭ پېقىرلىقتىن ۋە مۇستەملىكىدىن قۇتۇلالمىغانلىقىغا، تاماقنىڭ ئېسىلىنى يەپ، قورقىسىقىنى پومپايتىپ يۈرىدىغان، ھەرىكەت قىلىشنى، ئىشلەشنى، جاپا چېكىشنى ياقتۇرمايدىغان كىشىلەرنىڭ كېسەل بولۇپ ياش تۇرۇپ ئۆلۈپ كەتكىنىگە ئوخشاش. ئەمما ئاللاھ تائالانىڭ «شەرىئەت» قانۇنىغا ئەمەل قىلمىغانلارنىڭ جازاسى ئاخىرەتتە بېرىلىدۇ. دېمەك، ئاللاھ تائالانىڭ قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغۇچىلار جازاسىنى تارتماي قالمايدۇ.

«ھاياتلىق قائىدىلىرى» ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتورى رىچارد تېمپلېر مۇنداق دەپ يازىدۇ: «ھاياتلىق جاپا- مۇشەققەت ۋە قىيىنچىلىقلار بىلەن تولغان بولۇپ، ھاياتلىقنىڭ شۇنداق بولغانلىقىمۇ ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە قىلغان كاتتا ئىلتىپاتىدۇر. شۇڭا، ئۇنىڭغا شۈكۈر قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ. چۈنكى ئەگەر ھاياتلىق قىيىنچىلىقتىن خالىي بولۇپ، ھەممە ئىش ئاسان بولىدىغان بولسا ئىدى، ئۆزىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرالمىغان، ھاياتلىقتىكى مۇھىم تەجرىبە ساۋاقلارنى ئۆگىنەلمىگەن بولاتتۇق. ھاياتلىقنىڭ ھەممىسى خۇشاللىق كۈنلەردىنلا ئىبارەت بولسا ئىدى، بۇ ھاياتلىق زېرىكىشلىك بولۇپ قالاتتى، ئۇنىڭ تەمى ۋە ھالاۋىتى قالمىغان بولاتتى. يامغۇر بولمىغان بولسا ئىدى، بىزدە يامغۇر توختىغاندىن كېيىنكى خۇشاللىق بولمايتتى. ھەممە ئىش ئوڭاي بولۇپ كەتكەن بولسا ئىدى، بىز كۈچ – قۇۋۋەت ھاسىل قىلالمىغان بولاتتۇق. شۇڭا بىز ھاياتلىقنىڭ مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھقا شۈكۈر قىلىشىمىز كېرەك. يەنە شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، ئۆلۈك بېلىقلا سۇنىڭ ئېقىشىغا قاراپ ماڭىدۇ. ئەمما باشقىلار ھەمىشە كۈرەش ۋە تىرىشچانلىق ئىچىدە بولىدۇ. شۇڭا بىز سۇ ئۈزۈشنى داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك. ئەگەر شۇنداق قىلمىساق، سۇدا غەرق بولۇپ ئۆلىمىز. بىز ھەرىكەت قىلىپلا تۇرىدىغان بولساق، ھەربىر ھەرىكىتىمىزدە، ھەربىر تىرىشچانلىقىمىزدا كۈچ- قۇۋۋەتكە تولىمىز، جىسمانىي جەھەتتىن لاياقەتكە ئېرىشىمىز ۋە ئالەمچە خۇشاللىق ھەم سائادەتنى ھېس قىلىمىز.

بەزى ستاستىكىلارغا قارىغاندا، دەم ئېلىشقا چىقىش ئەرلەر ئۈچۈن ھەرگىز ياخشى ئىش ئەمەس. چۈنكى دەم ئېلىشقا چىققان كىشىلەرنىڭ تولىسى دەم ئېلىشقا چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۆلۈپ كېتىدىكەن. چۈنكى ئۇلار سۇنىڭ ئېقىشىنىڭ ئەكسىگە قاراپ سۇ ئۈزۈشتىن توختاپ قالغان ۋە ئۆلۈك بېلىقلارغا ئوخشاش سۇنىڭ ئېقىشىغا قاراپ ماڭغان. شۇنىڭ بىلەن تۈگەشكەن. شۇڭا سىز سۇ ئۈزۈشتىن ھەرگىز توختاپ قالماڭ. بولمىسا ھاياتىڭىز توختاپ قالىدۇ. ھاياتىڭىزدىكى ھەربىر مەغلۇبىيەت سىزنىڭ تەرەققىي قىلىشىڭىز ۋە غەلىبە قىلىشىڭىز ئۈچۈن يارىتىلغان پۇرسەتتۇر. مەغلۇبىيەت سىزنى ئاجىزلاشتۇرمايدۇ، ئەكسىچە سىزنى كۈچلۈك قىلىدۇ. ھاياتلىق ئەنە شۇنداق كۈرەش ۋە تۇرماي ئىشلەشتۇر. ئەمدى سىز قايسىنى تاللايسىز؟ ئۆلۈك بېلىق بولۇشنىمۇ ياكى كۈچلۈك سالمۇن بېلىقى بولۇشنىمۇ؟».


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار