ئېھسان ۋە ئۇنىڭ دىنىمىزدىكى ئورنى

ئېھسان ۋە ئۇنىڭ دىنىمىزدىكى ئورنى

دىننىڭ ئۈچ مەرتىۋىسى بولۇپ، ئۇلار: ئىمان، ئىسلام ۋە ئېھساندىن ئىبارەتتۇر. ئەرەب تىلىدىكى «ئېھسان» دېگەن سۆز «ئىشنى قېتىرقىنىپ قىلىش، ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىش ۋە مۇكەممەل قىلىش» دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ سۆز «ياخشىلىق قىلىش» دېگەن مەنىنىمۇ بىلدۈرىدۇ. ئەمما «ئېھسان» ئىماننىڭ مەرتىۋىسى قاتارىدا كەلگەندە ئىشنى قېتىرقىنىپ قىلىش دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. قۇرئان كەرىمدىكى: )الَّذِي أَحْسَنَ كُلَّ شَيْءٍ خَلَقَهُ( يەنى «ئاللاھ ھەر نەرسىنى مۇكەممەل ياراتقان زاتتۇر«[1] دېگەن ئايەت بۇ مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. «ِاحْسَان» (ئېھسان) دېگەن سۆز «إِتْقَان» (ئىتقان) يەنى ھەربىر ئىشنى قېتىرقىنىپ قىلىش، پۇختا ئورۇنداش، كامالەتكە يەتكۈزۈش دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ.

ئىمام مۇسلىم ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، «بىز بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا ئولتۇراتتۇق. ئالدىمىزغا ھېچقايسىمىز تونۇمايدىغان بىر ئادەم كەلدى. ئۇنىڭ كىيىمى ئاپپاق، چېچى قاپقارا ئىدى، ئۇ ئۇزۇن يولدىن كەلگەندەك كۆرۈنمەيتتى. ئۇ ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا كېلىپ، تىزىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تىزىغا چاپلاپ ئولتۇردى ۋە ئىككى قولىنى ئۇنىڭ يۇتىسىغا قويۇپ تۇرۇپ، ‹ئى مۇھەممەد! ئىسلام دېگەن نېمە؟› دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: ‹ئىسلام —ئاللاھتىن باشقا ھېچبىر ئىلاھ يوقلۇقىغا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىش، ناماز ئوقۇش، زاكات بېرىش، رامىزاندا روزا تۇتۇش ۋە قۇربى يەتسە ھەج قىلىشتۇر› دەپ جاۋاب بەردى. ئاندىن ئۇ ئادەم ‹توغرا دېدىڭ› دېدى. بىز ئۇنىڭ ئۆزى سوراپ يەنە ئۆزىنىڭ تەستىقلىغانلىقىغا ھەيران قالدۇق. ئاندىن ‹ئىمان دېگەن نېمە؟› دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: ‹ئىمان— ئاللاھقا، ئۇنىڭ پەرىشتىلىرىگە، كىتابلىرىغا، پەيغەمبەرلىرىگە، قىيامەت كۈنىگە ۋە ياخشىلىق – يامانلىق ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن بولىدىغانلىقىغا ئىمان ئېيتىشتۇر› دەپ جاۋاب بەردى. ئاندىن ئۇ ئادەم ‹توغرا دېدىڭ› دېدى. ئاندىن ‹ئېھسان دېگەن نېمە؟› دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: ‹ئېھسان — ئاللاھنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتقاندەك ئىبادەت قىلىشىتۇر. گەرچە سەن ئاللاھنى كۆرەلمىسەڭمۇ، ئاللاھ سېنى كۆرۈپ تۇرىدۇ› دەپ جاۋاب بەردى. ئاندىن ئۇ ئادەم ‹قىيامەت قاچان بولىدۇ؟› دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: ‹سورالغۇچى سورىغۇچىدىن بەك مەلۇماتلىق ئەمەس› دەپ جاۋاب بەردى. ئاندىن ئۇ ئادەم ‹ئۇنداقتا، قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى قايسىلار؟› دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: ‹دېدەكنىڭ ئۆز خوجايىنىنى تۇغۇشى ۋە يالىڭاياق قويچىلارنىڭ ئىگىز بىنالارغا ئىگە بولۇشىدۇر› دەپ جاۋاب بەردى. ئاندىن ئۇ ئادەم كېتىپ قالدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىرئاز ئولتۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ‹ئى ئۆمەر! مەندىن سوئال سورىغان كىشىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟› دەپ سورىدى. مەن ‹ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىلىدۇ› دېدىم. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ‹ئۇ جىبرىل ئىدى، سىلەرگە دىنىڭلارنى ئۆگىتىش ئۈچۈن كەلدى› دېدى»[2].

بۇ ھەدىس دىنىمىزنى ئىنتايىن ئىخچام سۆزلەر بىلەن تولىمۇ روشەن بايانلار بىلەن ئوچۇقلىغان ناھايىتى مۇھىم بىر ھەدىستۇر. بۇ ھەدىسنىڭ ئەھمىيىتىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «ئۇ جىبرىل ئىدى، سىلەرگە دىنىڭلارنى ئۆگىتىش ئۈچۈن كەلدى» دېگەن سۆزىدىنمۇ مۇكەممەل سۈپەتلەپ بەرگىلى بولمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ھەدىسى ئىسلام دىنىنىڭ ئەڭ مۇكەممەل ۋە ئەڭ ئىخچام تەرىپى ئىدى.

بۇ ھەدىستە بايان قىلىنغان ئىسلام، ئىمان ۋە ئېھسان قاتارلىق ئۈچ چوڭ ھەقىقەت دىنىمىزنىڭ ئۈچ چوڭ مەرتىۋىسى بولۇپ، ناھايىتى ئەھمىيەتلىكتۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالا ئىنساننىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك بەخت _ سائادىتىنى مۇشۇ ئۈچ ئىشقا باغلىغان. بۇ ئۈچ مەرتىۋە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ناھايىتى زىچتۇر. ئىسلامنىڭ دائىرىسى ئىمان ۋە ئېھسانغا قارىغاندا كەڭدۇر. بۇنىڭغا ئاساسەن، ھەرقانداق مۇسۇلماننى مۇئمىن دېگىلى بولىدۇ، ھەر قانداق مۇئمىننى مۇھسىن دېگىلى بولىدۇ. ) قَالَتِ الْأَعْرَابُ آَمَنَّا قُلْ لَمْ تُؤْمِنُوا وَلَكِنْ قُولُوا أَسْلَمْنَا وَلَمَّا يَدْخُلِ الْإِيمَانُ فِي قُلُوبِكُمْ( يەنى »سەھرالىق ئەرەبلەرە ئىمان ئېيتتۇق دەيدۇ. (ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، "سىلەر بويسۇندۇق دەڭلار، ئىمان تېخى دىلىڭلارغا كىرمىدى"»  [3]دېگەن ئايەت بۇنى ئىپادىلەيدۇ.

 بۇ ھەدىسنىڭ «ئېھسان — ئاللاھنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتقاندەك ئىبادەت قىلىشىتۇر. گەرچە سەن ئاللاھنى كۆرەلمىسەڭمۇ، ئاللاھ سېنى كۆرۈپ تۇرىدۇ» دېگەن قىسمىدا ئىبادەتلا تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، ئۇ دىن ۋە دۇنيالىق بارلىق ئەمەللەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىبادەتنىڭ ئومۇمىي مەنىسىمۇ ئاللاھ تائالا كۆرسەتكەن ۋە رازى بولىدىغان شەكىلدە ياشاش دېگەنلىكتۇر. بۇنىڭغا ئاساسەن، مەزكۇر ھەدىس شۇنى ئىپادىلەيدۇكى، ئادەم ئىبادەتنى ئاللاھ تائالا مېنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىدۇ، مەن ئۇنىڭ ھۇزۇرىدا تۇرۇۋاتىمەن دېگەن ئېتىقاد بىلەن قىلغاندەك، دىن ۋە دۇنيالىققا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق بىر ئىشنى شۇنداق قېتىرقىنىپ قىلىشى، ھەر ۋاقىت ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىنى كۆزىتىپ تۇرىدىغانلىقىنى بىر مىنۇتمۇ ئېسىدىن چىقارمىغان ئاساستا ئىش كۆرۈشى لازىم.

 ئىشنى قېتىرقىنىپ قىلىش ئىبادەتتۇر

مۇئمىن ئادەم ھەربىر ئىشنى ئاللاھ تائالا مېنى ۋە قىلىۋاتقان ئىشىمنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىدۇ، دېگەن قانائەتتە چىن ئىخلاسى بىلەن قېتىرقىنىپ، مۇكەممەل قىلىدىغان بولسا، ئۇ مۇئمىنلىكنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە يەتكەن بولىدۇ. مۇنداق كىشى «قۇرئان كەرىم»دىكى )إِنَّ اللَّهَ مَعَ الَّذِينَ اتَّقَوْا وَالَّذِينَ هُمْ مُحْسِنُونَ( يەنى »شەكسىزكى، ئاللاھ تەقۋالىق قىلغۇچىلار ۋە قېتىرقىنىپ ئىش قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر«[4] دېگەن ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان كىشىلەرنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالغان بولىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ئۆزىنىڭ ھەربىر ئىشنى قېتىرقىنىپ، مۇكەممەل قىلغۇچىلار بىلەن بىللە ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان بولۇپ، ئاللاھ تائالا  ئۆزى بىلەن بىللە بولۇش مەرتىۋىسىگە يەتكەن بەندىلىرىنى ھىمايە قىلىدۇ، قوغدايدۇ ۋە ئۇلارغا ياردەم قىلىدۇ. «مۇھسىن» يەنى (ئىشنى قېتىرقىنىپ قىلغۇچى) دېگەن سۈپەت «مۇئمىن» دېگەن سۈپەتتىن خاس سۈپەت بولۇپ، ھەرقانداق مۇھسىننى مۇئمىن دېگىلى بولىدۇ، ئەمما ھەرقانداق مۇئمىننى مۇھسىن دېگىلى بولمايدۇ. مۇھسىنلىق دەرىجىسىگە يەتكەن كىشى ئاللاھ تائالانىڭ مۇھەببىتىگە سازاۋەر بولىدۇ. )وَاللَّهُ يُحِبُّ الْمُحْسِنِينَ( يەنى »ئاللاھ قېتىرقىنىپ ئىش قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ«[5]. «قۇرئان كەرىم»دە «ئاللاھ تەقۋادارلارنى ياخشى كۆرىدۇ»، «ئاللاھ ھەر ئىشنى قېتىرقىنىپ قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ» دېگەن ئايەتلەر كۆپ ئۇچرايدۇ. ئەمما ئاللاھ مۇسۇلمانلارنى ياخشى كۆرىدۇ، ياكى مۇئمىنلەرنى ياخشى كۆرىدۇ، دەيدىغان بىرمۇ ئايەت يوق. چۈنكى مۇسۇلمان ئادەم مۇئمىنلىك مەرتىۋىسىگە يەتكەندىن كېيىن، تەقۋادارلىق ۋە مۇھسىنلىق مەرتىۋىسىگە يەتكەن ۋاقتىدا ئاللاھ تائالانىڭ مۇھەببىتىگە سازاۋەر بولىدۇ. دېمەك، ئېھسان ئەڭ يۇقىرى مەرتىۋە بولۇپ، ئاۋۋال مۇسۇلمانلىق، ئاندىن مۇئمىنلىك، ئاندىن تەقۋالىق، ئاندىن مۇھسىنلىق مەرتىۋىسى كېلىدۇ. مۇھسىنلىق مەرتىۋىسى پەيغەمبەرلەرنىڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلغان مەرتىۋىدۇر. شۇڭا، ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرلەرنىڭ قىسسىلىرىنى بايان قىلغا ئايەتلەرنىڭ ئاخىرىنى )وَكَذَلِكَ نَجْزِي الْمُحْسِنِينَ( «(تائەت _ ئىبادەتنى) مۇكەممەل قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز»[6] دەپ تۈگەتكەن.

«قۇرئان كەرىم»دە كەلگەن «احسان»، «محسن»، «محسنين» دېگەن ئىبارىلەر بىلەن كەلگەن ئايەتلەرنىڭ كۆپىچىسى ياخشىلىق قىلىشنى ئەمەس، ئىشنى قېتىرقىنىپ ئىخلاس بىلەن قىلىش مەنىسىدە كەلگەن. مەسىلەن:

) بَلَى مَنْ أَسْلَمَ وَجْهَهُ لِلَّهِ وَهُوَ مُحْسِنٌ فَلَهُ أَجْرُهُ عِنْدَ رَبِّهِ وَلَا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ( يەنى »ئەمەلىيەت ئۇلار دېگەندەك ئەمەس. كىمكى ۋايىغا يەتكەن ئىخلاس بىلەن ئاللاھقا يۈزلىنىدىكەن، ئۇ رەببىنىڭ دەرگاھىدا مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ. بۇنداق كىشىلەرگە ھېچبىر قورقۇنچ ۋە غەم _ قايغۇ بولمايدۇ«[7]، )وَأَنْفِقُوا فِي سَبِيلِ اللَّهِ وَلَا تُلْقُوا بِأَيْدِيكُمْ إِلَى التَّهْلُكَةِ وَأَحْسِنُوا إِنَّ اللَّهَ يُحِبُّ الْمُحْسِنِينَ( يەنى )ئاللاھ يولىدا پۇل _ مال سەرپ قىلىڭلار، (بېخىللىق قىلىپ) ئۆزۈڭلارنى ھالاكەتكە تاشلىماڭلار، قېتىرقىنىپ ئىش قىلىڭلار، ئاللاھ قېتىرقىنىپ ئىش قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ([8]، )الَّذِينَ يُنْفِقُونَ فِي السَّرَّاءِ وَالضَّرَّاءِ وَالْكَاظِمِينَ الْغَيْظَ وَالْعَافِينَ عَنِ النَّاسِ وَاللَّهُ يُحِبُّ الْمُحْسِنِينَ( يەنى »تەقۋادارلار باياشاتچىلىقتىمۇ، قىسىنچىلىقتىمۇ ئاللاھ يولىدا پۇل _ مال سەرپ قىلىدىغانلار، ئاچچىقىنى باسالايدىغان، كىشىلەرنى كەچۈرەلەيدىغان كىشىلەردۇر. ئاللاھ قېتىرقىنىپ ئىش قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ[9]«، )فَآَتَاهُمُ اللَّهُ ثَوَابَ الدُّنْيَا وَحُسْنَ ثَوَابِ الْآَخِرَةِ وَاللَّهُ يُحِبُّ الْمُحْسِنِينَ( يەنى »شۇڭا، ئاللاھ ئۇلارغا دۇنيانىڭ نېمەتلىرىنى ۋە ئاخىرەتنىڭ ياخشى مۇكاپاتىنى ئاتا قىلدى. ئاللاھ قېتىرقىنىپ ئىش قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ«[10].

)فَأَثَابَهُمُ اللَّهُ بِمَا قَالُوا جَنَّاتٍ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ خَالِدِينَ فِيهَا وَذَلِكَ جَزَاءُ الْمُحْسِنِينَ( يەنى »بۇ سۆزلىرى ئۈچۈن ئاللاھ ئۇلارنى (قەسىرلىرىنىڭ) ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەر بىلەن مۇكاپاتلايدۇ. ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ تۇرىدۇ. ئىشنى قېتىرقىنىپ قىلغۇچىلارنىڭ مۇكاپاتى ئەنە شۇدۇر«[11]، )وَوَهَبْنَا لَهُ إِسْحَاقَ وَيَعْقُوبَ كُلًّا هَدَيْنَا وَنُوحًا هَدَيْنَا مِنْ قَبْلُ وَمِنْ ذُرِّيَّتِهِ دَاوُودَ وَسُلَيْمَانَ وَأَيُّوبَ وَيُوسُفَ وَمُوسَى وَهَارُونَ وَكَذَلِكَ نَجْزِي الْمُحْسِنِينَ( يەنى »بىز ئىبراھىمغا ئىسھاقنى، يەئقۇبنى ئاتا قىلدۇق، ئۇلارنىڭ ھەربىرىنى ھىدايەت قىلدۇق. بىز ئىلگىرى نۇھنى ھىدايەت قىلغان، ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادىدىن داۋۇد، سۇلەيمان، ئەييۇب، يۈسۈف، مۇسا، ھارۇنلارنى (ھىدايەت قىلغان ئىدۇق). قېتىرقىنىپ ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز«[12]. بۇ ئايەتلەرنىڭ ھەممىسىدە «احسان»، «محسن» ۋە «محسنين» دېگەن سۆزلەر«قېتىرقىنىپ قىلىش، ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىش، مۇكەممەل قىلىش دېگەن مەنىدە كەلگەن. ئەمما )وَابتَغِ فِيمَا آتَاكَ اللهُ الدَّارَ الآخِرَةَ وَلَا تَنسَ نَصِيبَكَ مِنَ الدُّنيَا وَأَحسِنْ كَمَا أَحسَنَ اللهُ إِلَيكَ وَلَا تَبغِ الفَسَادَ في الأَرضِ إِنَّ اللهَ لَا يُحِبُّ المُفسِدِينَ(  يەنى»ئاللاھنىڭ ساڭا بەرگەنلىرى(نى توغرا يولغا سەرپ قىلىش) بىلەن ئاخىرەت يۇرتىنى تىلىگىن، دۇنيادىكى نېسىۋەڭنىمۇ ئۇنۇتمىغىن، ئاللاھ ساڭا ياخشىلىق  قىلغاندەك، سەنمۇ (باشقىلارغىمۇ) ياخشىلىق قىلغىن، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىقنى ئىزدىمىگىن. چۈنكى ئاللاھ بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ«  [13] دېگەن ئايەتتە ياخشىلىق قىلىش مەنىسىدە كەلگەن.

«ئېھسان» دېگەن سۆز ئاتا_ ئانا ھەققىدە كەلگەندە، ئالدى بىلەن «قېتىرقىنىپ خىزمەت قىلىش» دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. )وَقَضَى رَبُّكَ أَلَّا تَعْبُدُوا إِلَّا إِيَّاهُ وَبِالْوَالِدَيْنِ إِحْسَانًا( دېگەن ئايەتتىكى «احسان» دېگەن سۆزنى«قېتىرقىنىپ خىزمەت قىلىش»  دەپ چۈشىنىش ئەڭ مۇۋاپىقتۇر. ئۇ چاغدا ئايەتنىڭ مەنىسى: «رەببىڭ پەقەت ئۇنىڭ ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشىڭلارنى ۋە ئاتا _ ئاناڭلارغا قېتىرقىنىپ خىزمەت قىلىشىڭلارنى پەرز قىلدى « دېگەنلىك بولىدۇ. ئاتا_ ئانىلار ھەققىدە كەلگەن «ئىھسان»نى ياخشىلىق قىلىش دېگەن ئاددىي مەنىدە چۈشىنىش توغرا ئەمەس. بۇنىڭغا ئاساسەن،  «ئاتا_ ئانىغا ئىھسان قىلىش» دېگەننى «ئاتا_ ئانىغا ياخشىلىق قىلىش» دەپلا چۈشىنىش توغرا ئەمەس. چۈنكى بىراۋغا ياخشىلىق قىلىش دېگەن خالىسانە ياردەم قىلىپ قويۇش، خەير_ ساخاۋەت قىلىپ قويۇش دېگەنلىك بولىدۇ. ھالبۇكى، ئاتا_ئانىغا ئىھسان قىلىش(يەنى قېتىرقىنىپ خىزمەت قىلىش) پەرزدۇر. پەرز بولغاندىمۇ ئادەتتىكى پەرزلەردىن ئەمەس، بەلكى ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتىن كېيىنكى ئىككىنچى چوڭ پەرزدۇر. »رەببىڭ پەقەت ئۇنىڭ ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشىڭلارنى ۋە ئاتا _ ئاناڭلارغا قېتىرقىنىپ خىزمەت قىلىشىڭلارنى پەرز قىلدى « دېگەن ئايەتنىڭ مەنىسى بۇنى تەقەززا قىلىدۇ.  ئاتا-ئانىغا قىلىنىدىغان ئىھسان باشقىلارغا قىلىپ قويىدىغان خەير-ئىھسانغا ۋە خالىسانە يادەملەرگە ئوخشىمايدۇ. چۈنكى خالىسانە ياردەم ۋە خەير-ئىھسان دېگەن باشقىلارغا بەدەلسىز قىلىپ قويىدىغان نەرسە. ئەمما ئاتا-ئانىغا قىلىنىدىغان ئىھسان ئۇلارنىڭ قىلغانلىرىنى قايتۇرۇش يولىدىكى بۇرچ ۋە قەرزدۇر. شۇڭا بۇنداق بىر قەرزنى ئادا قىلىش يولىدىكى خىزمەت بۇرچىنى ئاددى مەنىدە «ياخشىلىق قىلىش» دەپ چۈشىنىۋېلىش توغرا ئەمەس.

مەسىلەن: سىز بىرسىگە بەدەلسىز بىر نەرسە بەسسىڭىز ياكى ئۆسۈمسىز قەرز بېرىپ تۇرسىڭىز، سىز ئۇنىڭغا ياخشىلىق قىلغان بولىسىز. ئەمما سىز ئۇنىڭغا مەلۇم بىر خىزمىتىنىڭ ياكى ياخشىلىقىنىڭ بەدىلىگە بىر نەرسە بەرسىڭىز ياكى ئۇنىڭدىن ئالغان قەرزىڭىزنى قايتۇرۇپ بەرسىڭىز، ئۇنىڭغا ياخشىلىق قىلغان بولمايسىز، بەلكى ھەققىنى ئادا قىلغان بولىسىز. ئاتا-ئانىغا خىزمەت قىلىشمۇ ئۇلارنىڭ ھەققىنى ئادا قىلغانلىقتۇر. بۇ خالىسانە ياردەم ياكى ھەير-ئىھسان تەرىقىسىدىكى بىر ياخشىلىق ئەمەس.

ئەمەل _ ئىبادەتلەرنى رەسمىيەتكە ئوخشاشلا قىلىپ قويىدىغان، ئۆزىنىڭ دىن ۋە دۇنيالىق ۋەزىپىسىنى قولىنىڭ ئۇچىدىلا ئورۇنداپ قويىدىغان ئادەم نە ئاللاھ تائالانى، نە ئىنسانلارنى رازى قىلالمايدۇ، مۇنداق ئادەم ھېچكىمنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشەلمەيدۇ، ھېچكىمنىڭ سۆيگۈسىگە لايىق بولالمايدۇ. مۇنداق ئادەم دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە زىيان تارتىدۇ.

ھېكايە قىلىنىشىچە، بىر قۇرۇلۇشچى مەلۇم بىر بىناكارلىق شىركىتىدە ئۇزۇن يىل ئىشلەپ، ئاخىرى دەم ئېلىشقا چىقىدىغان ۋاقتى كەپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى شىركەت لېدىرىگە ئۆزىنىڭ دەم ئېلىشقا چىقىش ئىلتىماسىنى سۇنۇپتۇ. بىراق لېدىر ئۇنىڭ ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىش بىلەن بىللە ئۇنىڭدىن ياخشى بىر ئۆي سېلىپ بېرىپ، ئاندىن دەم ئېلىشقا چىقىشىنى ئۆتۈنۈپتۇ. قۇرۇلۇشچى ياق دېيەلمىگەنلىكى ئۈچۈن مەجبۇرىي ھالدا ماقۇل دەپتۇ ۋە شۇ ئۆينى تېزرەك پۈتكۈزۈپ بېرىپ، شۇ لېدىرنىڭ كۆزىدىن يىراق بولۇپ دەم ئېلىشقا چىقىشقا ئالدىراپتۇ. قۇرۇلۇشچى دەم ئېلىشقا چىقىشقا ئالدىراپ تۇرغاندا، لېدىرنىڭ ئۇنىڭدىن ئاخىرقى قېتىم بىر ئۆي سېلىپ بېرىشنى تەلە قىلغانلىقى ئۇنىڭغا قەتئى خوش ياقمىغان بولسىمۇ، قولىنىڭ ئۇچىدىلا قىلىپ پۈتتۈرۈپ بېرىشكە باشلاپتۇ. قۇرۇلۇشچى ئۆيگە ئىشلىتىدىغان ماتېرىياللارنىمۇ ياخشى تاللىماي،  ئەرزان ماتېرىياللارنى ئىشلىتىپ، ئۆينىڭ ئۇلىنى مۇستەھكەم قىلماي، تاملىرىنى ئەگرى_ بۈگرى قىلىپ، ئۆينىڭ قۇرۇلۇشىغا قىلچە كۆڭۈل بۆلمەي، قولىنىڭ ئۇچىدىلا بولۇشىغا ئىشلەپ، ئۆينى  پىلاندىن بۇرۇنلا پۈتتۈرۈپ چىقىپتۇ.

بۇ كاساپەت ئۆينى پۈتتۈرۈپ بولغىنىغا خوشال بولغان قۇرۇلۇشچى  ئەتىسى لېدىرنىڭ ئىشخانىسىغا ئالدىراش كىرىپ كېلىپ، «بولدى، ئۆي پۈتتى، مەندىن شۇ ئاچقۇچنى ئېلىپ مېنى دەل ئېلىشقا قويۇپ بەرگەيسىز» دەپ ئاچقۇچنى لېدىرنىڭ ئالدىدا قويۇپتۇ. لېدىر بىر دەپ تۇرۇۋالغاندىن كېيىن، قۇرۇلۇشچىغا قاراپ: «ھە بوپتۇ، تېزلا پۈتتۈرۈپ چىقىپسىز. بۇ ئۆينى ئەسلىدە بىز سىزنىڭ شىركىتىمىزگە ئاتىغان قىرىق يىللىق ئەمگىكىڭىز بەدىلىگە سىزگە ھەدىيە قىلىش ئۈچۈن سالدۇرغان ئىدۇق. ئاچقۇچنى ئېلىڭ، ئۆي سىزنىڭ، ياخشى ئولتۇرۇپ دەم ئېلىڭ» دەپتۇ. بۇ چاغدا ھېلىقى قۇرۇلۇشچى ئۆينى قولىنىڭ ئۇچىدىلا بولۇشىغا سېلىپ ئۆزىنى ئالدىغانلىقىغا قاتتىق پۇشايمان قىلىپ قوللىرىنى چىشلەپتۇ. ئەمما بۇ چاغدىكى پۇشايمان نېمىگە ئەسقاتسۇن!

سىز ئاخىرەتتە ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا مۇشۇ ھېكايىدىكى قۇرۇلۇشچىغا ئوخشاش پۇشايماننى ئالغىلى قاچا تاپالماي قالسىڭىز قانداق قىلارسىز؟ بۇنى ئويلاپ كۆردىڭىزمۇ؟

بۇ دۇنيا بىزنىڭ ئاخىرەتلىكىمىز ئۈچۈن ئىشلەيدىغان مەيداندۇر. ئۆزىمىزنىڭ ئاخىرەتتىكى تۇرالغۇمىزنى مۇشۇ دۇنيادا ئىمان ۋە ياخشى ئەمەلنى خام ماتېرىيال قىلىپ تۇرۇپ ئۆزىمىز قۇرۇپ چىقىمىز. تۇرالغۇمىزنى ئېسىل قەسىر قىلىپ سېلىش ياكى كەپىدەكلا ئاددىيلا سېلىش قويۇش ئۆزىمىزنىڭ ئىلكىدىكى ئىشتۇر. چۈنكى ھەركىم ئۆزىنىڭ جەننىتىنى ياكى دوزىخىنى مۇشۇ دۇنيادا ئۆزى يارىتىدۇ.

دېمەك، دىن ۋە دۇنيالىق ھەرقانداق بىر ئىشنى قېتىرقىنىپ، كۆڭۈل بۆلۈپ، ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىش دىننىڭ ئىمان ۋە ئىسلامدىن كېيىنكى مەرتىۋىسىدۇر. بۇ مەرتىۋىگە يەتكەنلەر ئاللاھ تائالا بىلەن بىللە بولۇش شەرىپىگە نائىل بولغۇچىلاردۇر.

ئېھسان نېمە ئۈچۈن دىننىڭ مەرتىۋىسى قاتارىغا كۆتۈرۈلگەن؟

 بىزنىڭ دىنىمىز بىلگەنگە ئەمەل قىلىشنى، دىن ۋە دۇنيالىق ئۈچۈن قېتىرقىنىپ ئىشلەشنى پەرز قىلغان دىن بولۇپ، ئېھسان قەلبىمىزدىكى ئىمان بىلەن ئىسلامنى روياپقا چىقىرىدىغان ۋە ئۇ ئىككىسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىدىغان نەرسىدۇر. شۇڭا ئېھساننىڭ ئىمان ۋە ئىسلامنىڭ قاتارىغا تىزىلىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. چۈنكى ھەرقانداق بىر ئىشنى قېتىرقىنىپ، ۋايىغا يەتكۈزۈپ مۇكەممەل ئورۇنداش شۇ ئىشتا غەلىبە قىلىشنىڭ كاپالىتىدۇر. مەيلى دۇنيالىق ئىش بولسۇن ياكى ئاخىرەتلىك ئەمەل بولسۇن، ئۇنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ، مۇكەممەل دەرىجىدە ئورۇندىغاندا ئۇ ئىشنىڭ ياكى ئەمەلنىڭ نەتىجىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، ئۇنىڭ ساھابىلىرى ۋە ئىسلام گۈللەنگەنگەن ئالتۇن دەۋرلەردىكى ئۈلگىلىك مۇسۇلمانلار دىن ۋە دۇنيالىق ھەرقانداق بىر ئىشنى ۋايىغا يەتكۈزۈزۈپ مۇكەممەل قىلاتتى، ئىشتا ھىيلە قىلمايتتى، كۆزبويامچىلىق قىلمايتتى، دىن ۋە دۇنيالىق ئىشلارنى قولىنىڭ ئۇچىدا ئىش قىلمايتتى، ھەر ئىشتا ئىسلام ئەخلاقىنى ئۆزىگە ئۆلچەم قىلاتتى. شۇڭا ئۇلار دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ھەر ئىككى تەرەپتىن تەڭلا نەتىجە قازانغان، ئۆز ئەمەلىيىتى ۋە گۈزەل ئەخلاقى بىلەن دۇنيادا نۇرغۇن كىشىلەرنى ئىسلامغا كىرگۈزگەن، ئاسىيا، ئافرىقا ۋە ياۋروپادىن ئىبارەت ئۈچ قىتئەدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن. بۇ غەلىبىلەرنىڭ ھەممىسى قېتىرقىنىپ ئىشلەش، ھەر ئىشقا سەمىمىي ئىخلاس بىلەن يۈزلىنىش ئارقىلىق قولغا كەلگەن.

ئەپسۇسكى، ھازىرقى مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپ سانلىقى دۇنيالىق ئىشلارنى ساختىلىق بىلەن، كۆزبويامچىلىق بىلەن، قولىنىڭ ئۇچىدا قىلىدىغان بولۇپ قالغانلىقتىن، پەن _ تېخنىكىدا، ئىشلەپچىقىرىشتا مۇسۇلمان ئەمەس دۆلەتلەردىن خېلىبەك ئارقىدا تۇرماقتا. چۈنكى ئۇلار ئىشلەپچىقىرىشقا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ، ھەتتا ئۆزى ئىشلەپچىقىرىشقا چامى يېتىدىغان نەرسىلەرنىمۇ مۇسۇلمان ئەمەس دۆلەتلەردىن ئېلىپ كېلىپ ئىستېمال قىلىدۇ. ئۇلار ئاخىرەتلىك ئەمەل _ ئىبادەتلەرنىمۇ رەسمىيەتكە ئوخشاشلا قىلىپ قويۇشقا ئادەتلىنىپ قالغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەل_ ئىبادەتلىرى ئۆزىنىڭ ئەخلاقىغا، يۈرۈش _ تۇرۇشىغا قىلچە تەسىر قىلمايدىغان بولۇپ قالغان. بۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى قىلغان ئەمەل _ ئىبادەتنىڭ مېۋىسىنى كۆرەلمىگەنلىكى چىقىدۇ. بۇ دۇنيادا مېۋىسى ۋە تەسىرى كۆرۈلمىگەن ئەمەل _ ئىبادەتنىڭ ئاخىرەتتە ئەسقېتىشى تەسەۋۋۇردىن يىراقتۇر. دىنىمىزنىڭ پېشۋالىرى بولغان ساھابە كىراملار ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىش ئارقىلىق ھاياتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتكەن، ھەتتا ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرى ئۆز قىزلىرىنى نومۇستىن تىرىك تۇرغۇزۇپ يەرگە كۆمۈۋەتكەن كىشىلەرمۇ، ئىسلامدىن كېيىن ئەخلاق _ پەزىلەتتە دۇنياغا ئۈلگى ياراتقان، دۇنيانىڭ يىراق بىر چېتىدە زۇلۇمغا ئۇچرىغان قىزلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن جىھادقا ئاتلانغان كىشىلەردىن بولۇپ قالغان. ئەمەل_ ئىبادەت تەسىر قىلسا، ئەنە شۇنداق تەسىر قىلىدۇ، كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى ئەنە شۇنداق ئۆزگەرتىدۇ. ئەمما رەسمىيەت يۈزىسىدىن قىلىپ قويىدىغان ئەمەل_ ئىبادەتلەر ھېچكىمگە تەسىر قىلمايدۇ، ھېچكىمنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ.

دېمەك، قولىنىڭ ئۇچىدا قىلىپ قويغان ئىش يا دۇنيادا ياكى ئاخىرەتتە ئەسقاتمايدۇ. 
[1]  سەجدە سۈرىسى، 7- ئايەت
[2] ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى. ئىمام بۇخارىمۇ بۇ ھەدىسنى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ئوخشاش لەۋز بىلەن رىۋايەت قىلغان.
[3] ھۇجۇرات سۈرىسى: 14- ئايەت.
[4] نەھل سۈرىسى، 128_ ئايەت.
[5] ئال ئىمران سۈرىسىنىڭ 148- ۋە 134- ئايەتلىرى.
[6] ئەنئام سۈرىسى:84- ئايەت.
[7] بەقەرە سۈرىسى: 112-ئايەت.
[8] بەقەرە سۈرىسى: 195- ئايەت.
[9] ئال ئىمران سۈرىسى: 134- ئايەت.
[10] ئال ئىمران سۈرىسى: 148- ئايەت.
[11] مائىدە سۈرىسى: 85- ئايەت.
[12] ئەنئام سۈرىسى: 84- ئايەت.
[13] قەسەس سۈرىسى: 77- ئايەت.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار