ۋاقىتنىڭ قىممىتى ۋە ۋاقىت ئوغرىسى

ۋاقىتنىڭ قىممىتى ۋە ۋاقىت ئوغرىسى

مۇھەممەد يۈسۈپ

ۋاقىت چىرايلارغا  قورۇق، بەدەنلەرگە ئاجىزلىق، چاچ ۋە ساقاللارغا ئاقلىق ئېلىپ كېلىش بىلەن بىللە ئەجەلنىمۇ چاقىرىپ كېلىدۇ. ۋاقىتنى توختىتىپ قالغىلى بولمايدۇ. ئىنسان قۇدرىتى ئۇنى ئارقىغا چېكىندۈرەلمەيدۇ. مانا بۇ – ۋاقىت. مۇشۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزى بىلىم ئېلىش، ئىجاد قىلىش، مىللىتى ۋە ۋەتىنى ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەش، ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش پۇرسىتىدۇر.

دېمەك، بۇ ھاياتلىق مۇساپىسى ئۇزۇن مۇسابىقىلەرگە تەييارلانغان مەيدان بولۇپ، ۋاقىتنى قەدىرلەشنى بىلگەنلەر ۋە ئۇنى چىڭ تۇتۇپ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى ۋاقىتدا ۋە مۇكەممەل قىلىش ئارقىلىق  نەتىجە يارىتىش بىلەن ئاللاھنى ۋە خەلقىنى مەمنۇن قىلالايدىغانلار  ئۇتۇپ چىقىدىغان مۇسابىقىدۇ.

ۋاقىت _ ھايات، ۋاقىت _ پۇل، ۋاقىت _ ئىلىم، ۋاقىت _ سالامەتلىك، ۋاقىت _ پەن  _ تېخنىكا، ۋاقىت _ قىممەتلىك ھەر نەرسە. بەزى شىركەتلەر ئاخىرقى بىر مىنۇتلۇق ۋاقىت ئىچىدە ھەسسىلەپ پايدىغا ئېرىشسە، بەزىسىنىڭ بىر مىنۇت كېچىكىش ۋەيران بولىدىغانلىقى، جىددىي قۇتقۇزۇشقا ئېھتىياجلىق بەزى كېسەللەرنىڭ داۋالاشقا بىر مىنۇت كېچىكىش سەۋەبلىك ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىمۇ بىر رېئاللىق.

ئىنساننىڭ قولىدىكى ئەڭ قىممەتلىك نەرسە ۋاقىتتۇر. ۋاقىت ئىنساننىڭ ئەڭ چوڭ دەسمايىسىدۇر. ئەھۋال بۇنداق ئىكەن، ئەقىل ئىگىسى بولغان ئىنسان ۋاقىتنىڭ قەدرىنى بىلىشى، ئۇنى بىھۇدە ئۆتكۈزۈۋەتمەسلىكى، ئۇنى ئۆزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىشلىتىشنى بىلىشى، شۇنداقلا باشقىلارنىڭ ۋاقتىنىمۇ زايە قىلماسلىقى لازىم.

ئۈلگۈرەلمەسلىك ۋە ۋاقتىدا قىلالماسلىقنىڭ سەۋەبى

قانداقلا بىر ئىشنى ۋاقتىدا قىلالماسلىق، بىرەر ۋەزىپىنى بەلگىلەنگەن ۋاقتىدا ئورۇندىيالماسلىق ۋە قانداقلا بىر ئىشقا ياكى بىرەر جايغا ئۆلگۈرەلمەسلىكنىڭ بىرلا سەۋەبى بار. ئۇ بولسىمۇ، «تېخى ۋاقىت بارغۇ» دەپ ئۆزىنى ئالداشتىن ئىبارەتتۇر. ھەممە ئىشنى ئەڭ ئاخىرقى ۋاقتىدا ئالدىراپ- تېنپ قىلىدىغان ئادەملەر ھەقىقەتەن ئۆزىنى بىھۇدە ئازابلايدىغان ئەخمەقلەردۇر. مۇنداقلارنىڭ قىلغان ئىشى ھەمىشە كەمتۈك، چولتا بولىدۇ، ھەرگىز غەلىبىلىك بولمايدۇ. چۈنكى ۋاقىتقا رىئايە قىلمايدىغان ئادەم ھەرقانداق بىر ئىشقا «ۋاقتىم بار» مۇئامىلىسىنى قىلىپ، باشقا ئىشلار بىلەن بولۇپ قالىدۇ. نەتىجىدە قىلىدىغان ئىشىنى كېچىكتۈرۈپ قويىدۇ، بارىدىغان يېرىگە كېچىكىپ بارىدۇ. بۇ ئارىدا كۆپ ئىزتىراپ چېكىدۇ، ئىشىنى ئالدىرا تېنەپ چالا _ پۇچۇق قىلىدۇ. ئەمما ۋاقىتقا رىئايە قىلىدىغان ئادەم ھەرقانداق ئىشنى ۋاقتىدا ئادا قىلىدۇ، بارىدىغان يېرىگە ۋاقتىدا بارىدۇ، ئىزتىراپ چەكمەيدۇ، كېچىكىپ قېلىپ ئاقىزادە بولمايدۇ، ھەممە ئىشنى تەمكىنلىك بىلەن قىلىدۇ. مۇنداق ئادەم ھۇزۇر ۋە خاتىرجەملىك ئىچىدە بولىدۇ.

 نەتىجە قازانغانلار ھەمىشە ۋاقىتنىڭ تارلىقىدىن دەرتلىنىدۇ

ھاياتىدا چوڭ ئىشلارنى قىلغان ۋە كاتتا نەتىجىلەرنى ياراتقان ئىنسانلارنىڭ كەچۈرمىشلىرىگە قارايدىغان بولساق، ئۇلار ھەمىشە ۋاقىتنىڭ تارلىقىدىن دەرتلىنىدىكەن، بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قويمايدىكەن. چۈنكى ئۇلار دىلىدۇكى، تىرىشچان ئادەملەر ئۈچۈن ۋاقىت ئالتۇندىن قىممەتلىكتۇر. تىرىشچان ئادەملەر ھەمىشە ۋاقىتنىڭ تارلىقىدىن دەرتلىنىدۇ ۋە كۈندۈزنى كېچىگە ئۇلىغۇسى كېلىدۇ. ئەمما بىكار تەلەپلەر ئۈچۈن كۈن ئۆتسە، سائەت توشسا بولدى. ۋاقىتنىڭ قەدرىنى بىلمىگەنلەر ھەمىشە باشقىلارنىڭ ۋاقتىنى ئوغرىلايدىغان بىپەرۋالاردۇر.

ۋاقىت ئوغرىسى پۇل  _ مال ئوغرىسىدىن ياماندۇر

ئەپسۇسكى، باشقىلارنىڭ پۇل _ مېلىنى ئوغرىلىغان ئادەمنى كىشىلەر ئوغرى دەپ ئەيىبلەيدۇ، ئەمما كىشىلەرنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى ئوغرىلايدىغان بىپەرۋالارنى ھېچكىم ئەيىبلىمەيدۇ. ھالبۇكى، ۋاقىت ئوغرىسىنىڭ قىلمىشى مال ئوغرىسىنىڭ قىلمىشىدىن ئەلۋەتتە ئېغىردۇر. چۈنكى بىر ئادەمنىڭ ۋاقتىنى ئوغرىلىغانلىق ئۇنىڭ پۇل _ مېلىدىن ئوغرىلىغاندىن ياماندۇر.

سائەت مانچىگە دەپ ۋەدە بېرىپ قويۇپ، ۋەدىلەشكە جايغا ۋاقتىدا بارماسلىق ئەڭ قەبىھ ئەخلاقسىزلىق ۋە باشقىلارنىڭ ۋاقتىنى، ئۆمرىنى ئوغرىلىغانلىقتۇر.

كېرەك بولغىنى ۋاقىتنى سەرپ قىلىش ئەمەس، ۋاقىتتىن پايدىلىنىشتۇر. ۋاقىتنى مەنىسىز سەرپ قىلغان ئادەم ئۇنى زايە قىلغان بولىدۇ، ئەمما ۋاقىتتىن پايدىلانغان ئادەم نەتىجە قازىنىدۇ. مۇسۇلمان ئادەمنىڭ ھاياتىدا ۋاقىت  _ ئىبادەتتۇر. چۈنكى مۇسۇلمان ئادەم ئاللاھ تائالاغا قۇلچىلىق قىلىش (يەنى ئاللاھ تائالا كۆرسەتكەن بويىچە ھايات كەچۈرۈش) ئۈچۈنلا بۇ دۇنيادا مەۋجۇتتۇر. مانا بۇ ئاللاھ تائالانىڭ )جىنلارنى، ئىنسانلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلسۇن دەپلا ياراتتىم([1] دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسىدۇر. ئەمما مۇسۇلمان ئەمەسلەرنىڭ، خۇسۇسەن، غەربلىكلەرنىڭ نەزىرىدە «ۋاقىت  _ پۇلدۇر» دېگەن پەلسەپە ھۆكۈم سۈرىدۇ. بۇ پەلسەپىنى ھەسەن بەسرىنىڭ «مەن ھاياتىمدا ئۆزىنىڭ ۋاقتىنى ئالتۇن، كۈمۈشتىن قىممەتلىك بىلىدىغان كىشىلەرنى كۆردۈم» دېگەن سۆزىگە سېلىشتۇرغىنىمىزدا، ۋاقىتنىڭ مۇسۇلماننىڭ ھاياتىدا نەقەدەرقىممەتلىك، نەقەدەر ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ يېتىمىز. چۈنكى ئالتۇن، كۈمۈش زايە بولۇپ كەتسە، ئۇنى ئىشلەپ تاپقىلى بولىدۇ، ئەمما ئۆمۈر زايە بولۇپ كەتسە، ئۇنى قايتۇرۇپ ئەكەلگىلىبولمايدۇ.

بىر باغلام پۇلنى كۆيدۈرۈۋەتكەن ئادەمنى كىشىلەر ساراڭ دەيدۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا ئۆزىنىڭ ۋاقتىنى بىھۇدە ئىشلار بىلەن، ئويۇن _ تاماشا بىلەن زايە قىلىۋەتكەن ئادەم ھەقىقىي ساراڭدۇر. چۈنكى ۋاقىت پۇلدىن قىممەتلىكتۇر. بەزى شىركەتلەر بىر مىنۇت ۋاقىت ئىچىدە ھەسسىلەپ پايدىغا ئېرىشسە، بەزىسىنىڭ بىر مىنۇت ۋاقىت ئىچىدە ۋەيران بولىدىغانلىقى، جىددىي قۇتقۇزۇشقا ئېھتىياجلىق كېسەللەرنىڭ داۋالاشقا بىر مىنۇت كېچىكىپ قېلىش سەۋەبلىك ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىمۇ رېئاللىق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە: «كۆپىنچە كىشىلەر قەدرىنى بىلەلمەيدىغان ئىككى نەرسە باردۇر: ئۇنىڭ بىرى تەن ساقلىقى، يەنە بىرى ۋاقىتتۇر»[2] دەپ كۆرسەتكەن.

[1] زارىيات سۈرىسى، 56_ ئايەت.
([2]) ئىمام بۇخارى رىۋايىتى


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار