ھايات _ ھەرىكەتتۇر

ھايات _ ھەرىكەتتۇر

مۇھەممەد يۈسۈپ

ھايات _ ھەرىكەت، تىرىشىش ۋە كۈرەش دېمەكتۇر. ھايات ھەرىكەت بىلەنلا ئۆزىنى ئىپادىلەپ تۇرىدۇ. چۈنكى ھەرىكەت تىرىكلەرنىڭ شوئارى، جىملىق ئۆلۈكلەرنىڭ بەلگىسىدۇر.

 ھايات سۇدەك ئېقىپ كېتىدۇ. ئاققان سۇنى كەينىگە قايتۇرغىلى بولمىغاندەك ھاياتنىمۇ ئارقىغا قايتۇرغىلى بولمايدۇ. ئېقىپ تۇرغان سۇ سۈزۈك ۋە پاكىز تۇرغاندەك، ھەرىكەت قىلىپ تۇرغان جىسىم ساق ۋە جۇشقۇن تۇرىدۇ.

 ئاقمايدىغان سۇ ئۆزىنىڭ سۈزۈكلۈكىنى، پاكىزلىقىنى يوقاتقاندەك، ھەرىكەت قىلمىغان جىسىممۇ ئۆزىنىڭ ساقلىقىنى ۋە ھەرىكەتچانلىقىنى يوقىتىپ قويىدۇ. ھايات بىر نەرسىلەرگە ئېرىشىش يولىدا تىرىشىش ۋە ئىنتىلىش بىلەنلا ھۇزۇرلۇق ۋە بەختلىك ئۆتىدۇ. ھايات قىيىنچىلىقلارغا قارشى كۈرەش قىلىش بىلەنلا مەنىلىك ئۆتىدۇ.

ئاللاھ تائالا ئىنساننىڭ بەدىنىنى ھەرىكەت قىلىدىغان ۋە ھەرىكەت قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ساقلىقىنى ساقلايدىغان قىلىپ ياراتقان. ئاللاھ تائالانىڭ  «ئى ئىنسان! شەكسىزكى، سەن رەببىڭنىڭ ئالدىغا بارغانغا قەدەر جاپالىق ئىشلەيسەن»  دېگەن سۆزى بۇنى ئىپادىلەيدۇ. ھەرىكەت قىلىش، تىرىشىش ۋە كۈرەش قىلىش ئۈچۈن يارىتىلغان بۇ ئىنسان بەدىنى ھەرىكەتتىن قېپقالسا، چوقۇم ئۇنىڭدىن چاتاق چىقىدۇ. ئادەم ئولتۇرمىغان ئۆينىڭ سۇۋاقلىرى چۈشۈپ، تاملىرى كۆرۈمسىز بولۇپ كەتكەندەك، ئىشلەتمىگەن پىچاق تاتىلىشىپ كېرەكتىن چىققاندەك، ھەرىكەتتىن قېپقالغان، تىرىشچانلىقىنى يوقاتقان جىسىممۇ كاردىن چىقىدۇ.

ماددىي تەرەققىيات ئىنسانلارغا تۇرمۇشتا كۆپلىگەن ئوڭايلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئۇلارغا يەنە كۆپلىگەن بەختسىزلىكلەرنىمۇ ئېلىپ كەلدى. بىز كىچىك ۋاقتىمىزدا  دادىمىز ئىش ئورنىغا ئاساسەن مېڭىپ باراتتى، بەزىلىرى ۋېلسىپىت بىلەن باراتتى. بىزمۇ مەكتەپكە مېڭىپ باراتتۇق. دېھقان ئېتىزغا كەتمىنىنى كۆتۈرۈپ مېڭىپ باراتتى، مۇئەللىم مەكتەپكە سومكىسىنى كۆتۈرۈپ مېڭىپ باراتتى، ھۈنەرۋەن دۇكىنىغا مېڭىپ باراتتى. ئىنسانلار يەنە كۆلدىن سۇ ئەكىلىشتەك، ھويلىنى سۈپۈرۈپ تازىلاپ، سۇ چېچىشتەك ئائىلىنىڭ جاپالىق ئىشلىرىنى قىلاتتى، ئىشقىلىپ تىرىكچىلىك جاپالىق، ئەمما تولىمۇ ھالاۋەتلىك ئىدى. ئۇ چاغلاردا قان بېسىمى، دىئابېت، خىلىسترىن دەيدىغان كېسەللەرنى ئاڭلاپ باقمىغان ئىدۇق. كىشىلەر ئۇ زامانلاردا ئۆزىنىڭ تەن سالامەتلىكىنى ساقلاش ئۈچۈن زامانىمىزدىكىدەك كۆپ پۇل خەجلىمەيتتى.

ئۇ زامانلاردا ئاخشىمى بالدۇر ئۇخلاپ، ئەتىگەن سەھەر تۇرۇش ئادىتى ھۆكۈم سۈرەتتى. شۇڭا ئەتىگەندە بالىلارمۇ روھلۇق ۋە تېتىك ھالدا مەكتەپكە باراتتى، ئاتا_ ئانىلارمۇ روھلۇق، جانلىق ئىدى، ھېچبىر كېسەلدىن دەرتلەنمەيتتى. چۈنكى ئۇ چاغلاردا بىز ئاللاھ تائالانىڭ ھەرىكەتنى ھاياتلىقنىڭ نىشانىسى قىلىپ، كېچىنى ئۇيقۇغا، كۈندۈزنى تىرىكچىلىككە خاس قىلىپ بېكىتىۋەتكەن قانۇنىيىتىگە زىت ئىش قىلمايتتۇق.

ئەمما زامانىمىزدا بولسا، بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدا كۆپلىگەن ئوڭايلىقلار بارلىققا كەلدى. نەتىجىدە، بىز بۇرۇنقىدەك جاپا تارتمايدىغان بولدۇق. بالىلار مەكتەپكە مېڭىپ بارمايدۇ، بىز ئىش ئورنىمىزغا مېڭىپ بارمايمىز، كۆپىنچىمىز ئۆيىمىزدىن لىفت بىلەن چۈشىمىز، ماشىنىغا ئولتۇرىمىز، يەنە لىفت بىلەن ئىشخانىمىزغا چىقىمىز، ھەتتا مەسجىدكىمۇ بەزىدە ماشىنا بىلەن بارىمىز. ئاساسەن ھېچكىم پىيادە ماڭمايدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەلۋەتتە ياخشى. ئەمما بىز بۇ ئوڭايلىقلارغا ئېرىشىش بىلەن بىرلىكتە زىياننىمۇ ئاز تارتمىدۇق. ئەڭ چوڭ تارتقان زىيىنىمىز بولسا ھەرىكەت قىلماسلىق ياكى ھەرىكەتنى ئاز قىلىش بولدى. ھەر كۈنى ئاز دېگەندە يېرىم سائەت مېڭىپ بېرىش ھازىرقى زامان تېببىي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ مۇھىم تەۋسىيەلىرىدىن بىرىگە ئايلىنىپ قالغان بولسىمۇ، بىز بىر سائەت تېلېۋىزورنىڭ ئالدىدا ياكى ئۈندىداردا سۆھبەتلىشىپ ئولتۇرۇشنى يېرىم سائەت مېڭىشتىن ئەۋزەل كۆرىمىز. ھالبۇكى، كۈندە يېرىم سائەت مېڭىپ بېرىش بىزگە ھەرگىز قىيىنغا توختىمايدۇ، ۋاقتىمىزنىمۇ ئالمايدۇ. ئەمما بىز قارنىمىزنى لىق تولدۇرۇۋېلىش ئارقىلىق ئۆزىمىزدە زاپاس ئېنىرگىيە توپلىۋېلىپ، بۇ ئېنىرگىيەنى چىقىرىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلمايمىز، زىيادە ئېنىرگىيەنى سەرپ قىلىشقا تىرىشمايمىز. نەتىجىدە، بۇ بوشلۇقتىن بىز بۇرۇن ئاڭلاپ باقمىغان تۈرلۈك كېسەللىكلەرنى تېپىۋالىمىز. چۈنكى بىز راھەت ئىزدەش، جاپادىن قېچىش، تىرىشچانلىقنى قولدىن بېرىش ئارقىلىق ئاللاھ تائالا كائىناتتا بېكىتىۋەتكەن ھەرىكەت قىلىپ تۇرۇش، تىرىشىش، ئاز_ تولا جاپا تارتىش قاتارلىق تەبىئىي قانۇنىيەت بىلەن زىتلاشتۇق. شۇڭا بۇ قىلمىشىمىزنىڭ جازاسىنى كېسەلگە گىرىپتار بولۇش، ئۆزىمىزنى بەختلىك ھېس قىلالماسلىق قاتارلىق زىيان _ زەخمەتلەر بىلەن تۆلىدۇق.

چۈنكى ئاللاھ تائالانىڭ ئىككى قانۇنى بار. ئۇنىڭ بىرى كائىناتتا بېكىتىۋەتكەن قانۇنىيىتى بولۇپ، ئۇ «ئىشلىگەن چىشلەيدۇ»، «ھەرىكەت تىرىكلەرنىڭ شوئارى»، «كېچە ئۇخلاشنىڭ، كۈندۈز تىرىكچىلىكنىڭ ۋاقتىدۇ»، «كېسەلدىن ساقلىنىڭ كېيىن داۋالىنىشتىن ئەۋزەل» دېگەن مەنىدىكى تەبىئىي قانۇنىيەتلەر بولۇپ، بۇ قانۇنىيەتلەرگە خىلاپلىق قىلغانلار قىلمىشىنىڭ جازاسىنى دۇنيادا ھەرخىل بەختسىزلىكلەرگە ئۇچراش ئارقىلىق تارتىدۇ.

ئاللاھ تائالانىڭ ئىككىنچى قانۇنى شەرىئەت قانۇنى بولۇپ، ئۇ « قىل» ۋە «قىلما» دېگەن ئىككى سۆزگە مەركەزلىشىدۇ. يەنى ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇغانلىرىنى ئورۇنداپ، ئۇنىڭ توسقانلىرىنى تاشلاش ئىككى ئالەملىك خاتىرجەملىكنىڭ ۋە بەخت_ سائادەتنىڭ كېپىلىدۇر. بۇ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش ئۆزىنى ئاۋۋال بۇ دۇنيانىڭ ئازابلىرىغا، ئاندىن ئاخىرەتنىڭ ئازابىغا تۇتقانلىقتۇر.

ئاللاھ تائالانىڭ ھەر ئىككى قانۇنىغا ئەمەل قىلغان ئادەم ماددىي مەنىۋى جەھەتتىن ھېچقانداق زىيان _ زەخمەتكە ئۇچرىمايدىغان، ئىككىلىي ئالەم بەخت_ سائادەتلىك ھايات كەچۈرىدىغان ئادەمدۇر.

يەنە بىز ئاللاھ تائالانىڭ «كېچىنى كىيىم قىلدۇق. كۈندۈزنى تىرىكچىلىك قىلىدىغان ۋاقىت قىلدۇق»  دېگەن قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىپ، كېچىنى ئويغاق يۈرۈشكە، كۈندۈزنى، خۇسۇسەن ئەتىگەنلىك ۋاقىتنى ئۇخلاشقا خاس قىلىۋالدۇق. بۇنىڭ بىلەن ئۆزىمىزنى ھەرخىل كېسەللىكلەرگە دۇچار قىلدۇق. تېببىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كېچىسى ئۇخلىماي كۈندۈزى ئۇخلاشنىڭ تەن ساقلىقىغا بولغان زىيىنى توغرۇلۇق ئېيتقانلىرى بىزنى بۇ توغرىدا كۆپ سۆزلەپ ئولتۇرۇشتىن بىھاجەت قىلىدۇ. كېچىسى ئۇخلىماي كۈندۈزى ئۇخلاشنىڭ تەن ساقلىقىغا يەتكۈزىدىغان زىيىنىدىن باشقا، ئىشلەپچىقىرىشقا بولغان زىيىنىمۇ ئاز ئەمەس.

دېمەك، ئائىلىمىزدىكى ئېلېكترونلۇق جاھازلار بىكار بۇزۇلمايدۇ. پەقەت ئۇنىڭ ئىشلىتىش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغاندىلا بۇزۇلىدۇ. خۇددى شۇنىڭدەك بىزنىڭ تەن سالامەتلىكىمىزمۇ ئاللاھ تائالا بېكىتىۋەتكەن قانۇنىيەت بىلەن زىتلاشقاندىلا بۇزۇلىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام :«نۇرغۇن كىشىلەر قەدرىنى بايقىيالمايدىغان ئىككى نەرسە بار، ئۇنىڭ بىرى تەن ساقلىقى، يەنە بىرى، ۋاقىتتۇر»  دېگەن.

كېلىڭ قېرىندىشىم، تەن ساقلىقتىن ئىبارەت بۇ كاتتا نېمەتتىن ئايرىلىپ قېلىشتىن بۇرۇن تەن ساقلىقنىڭ قەدرىنى بىلەيلى، ھېچ ئىش قىلالمايدىغان بولۇپ قېلىشتىن بۇرۇن بوش ۋاقتىمىزنى قەدىرلەيلى، ۋاقتىمىزنى ئۆزىمىزگە ۋە ئىنسانىيەتكە پايدىلىق ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزەيلى.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار