ئۇيغۇرلاردىكى ئىجتىمائىي راك — غەيۋەت ۋە مەسخىرە

 

ئۇيغۇرلاردىكى ئىجتىمائىي راك — غەيۋەت ۋە مەسخىرە

مۇھەممەد يۈسۈپ

ئىنسان ياخشىلىقنى سۆيىدىغان، يامانلىقتىن نەپرەتلىنىدىغان قىلىپ يارىتىلغان مەۋجۇدات بولۇپ، ئۇ گۈزەل ئەخلاققا ئىنتىلىدۇ، ناچار ئەخلاق ۋە يامان قىلىقلاردىن نەپرەتلىنىدۇ. ھەرقانداق بىر جەمئىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بەخت –سائادەت، مېھىر – مۇھەببەت، دوستلۇق، ئىناقلىق ۋە بىرلىك _ ئىتتىپاقلىققا توسقۇن بولىدىغان نەرسە دەل ناچار ئەخلاق ۋە يامان قىلىقلاردۇر.

كىشىلەرنىڭ غەيۋىتىنى قىلىش ۋە ئۇلارنى مەسخىرە قىلىش ناچار ئەخلاقنىڭ ئەڭ يامىنى ۋە ئەڭ خەتەرلىكى ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى بۇ ئىككىسى دوستلارنى دۈشمەنگە، يېقىنلارنى ياتلارغا ئايلاندۇرىۋېتىدىغان، ئائىلىلەرنىڭ پارچىلىنىشىغا، بالىلارنىڭ يېتىم قېلىشىغا، تۇغقانلارنىڭ غەمكىن بولۇشىغا، مېھىر-مۇھەببەتنىڭ كۆتۈرۈلۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدىغان ئىجتىمائىي راكتۇر.

قۇرئان كەرىم بىزگە تەلىم بېرىپ مۇنداق دېگەن: ﴿يَا أَيُّهَا الَّذِيْنَ آمَنُوْا لَا يَسْخَرْ قَوْمٌ مِّنْ قَوْمٍ عَسَى أَنْ يَكُوْنُوْا خَيْرًا مِّنْهُمْ وَلَا نِسَاءٌ مِّن نِّسَاءٍ عَسَى أَنْ يَكُنَّ خَيْرًا مِّنْهُنَّ﴾ يەنى «ئى ئىمان ئېيتقانلار! بىر قەۋم يەنە بىر قەۋمنى مەسخىرە قىلمىسۇن، مەسخىرە قىلىنغان قەۋم مەسخىرە قىلغۇچى قەۋمدىن ياخشىراق بولۇشى مۇمكىن، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ئاياللارمۇ ئۆزئارا مەسخىرە قىلىشمىسۇن، مەسخىرە قىلىنغۇچى ئاياللار مەسخىرە قىلغۇچى ئاياللاردىن ياخشىراق بولۇشى مۇمكىن»([1]).

 كىشىلەرنى مەسخىرە قىلىش ئىمانسىزلارنىڭ ئادىتى بولۇپ، ئاللاھ تائالا كافىرلارنى سۆكۈپ مۇنداق دېگەن: )إِنَّ الَّذِيْنَ أَجْرَمُوْا كَانُواْ مِنَ الَّذِيْنَ آمَنُوْا يَضْحَكُوْنَ. وَإِذَا مَرُّواْ بِهِمْ يَتَغَامَزُوْنَ( يەنى «كافىرلار ھەقىقەتەن مۇئمىنلەرنى مەسخىرە قىلىپ كۈلەتتى، مۇئمىنلەر ئۇلارنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەندە، ئۇلار ئۆزئارا كۆز قىسىشاتتى»([2]).

﴿وَلَا يَغْتَبْ بَّعْضُكُمْ بَعْضًا أَيُحِبُّ أَحَدُكُمْ أَنْ يَأْكُلَ لَحْمَ أَخِيْهِ مَيْتًا فَكَرِهْتُمُوْهُ وَاتَّقُوْا اللَّهَ﴾ يەنى «بىر – بىرىڭلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلماڭلار، سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆلگەن قېرىندىشىنىڭ گۆشىنى يېيىشنى ياقتۇرامدۇ؟ ئۇنى ئەلۋەتتە يامان كۆرىسىلەر. ئۇنداقتا ئاللاھتىن قورقۇڭلار»([3]).

 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام غەيۋەتنى تونۇشتۇرۇش، ئۇنىڭدىن توسۇش ۋە ئۇنىڭ يامانلىقىنى بايان قىلىش ئۈچۈن بىر كۈنى ساھابىلەردىن: «غەيۋەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟» دەپ سورايدۇ. ساھابىلەر: «ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى ياخشىراق بىلىدۇ» دېيىشىدۇ. شۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: «غەيۋەت دېگەن بىراۋ ھەققىدە يامان كۆرىدىغان سۆزلەرنى قىلىشتۇر» دەيدۇ. ساھابىلەردىن بىرى ئورنىدىن تۇرۇپ، «بىراۋ ھەققىدە ئېيتقانلىرىم راست بولسىچۇ؟» دەپ سورايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: «ئۇنىڭ ھەققىدە ئېيتقانلىرىڭ راست بولسا، ئۇنىڭ غەيۋىتىنى قىلغان بولىسەن، ناۋادا ئۇنىڭ ھەققىدە ئېيتقانلىرىڭ يالغان بولسا، ئۇنىڭغا قارا چاپلىغان بولىسەن»([4]) دەيدۇ.

بىراۋنىڭ چىراي – شەكلى، قىياپىتى، نەسەبى، مىللىتى، ئەخلاقى، يۈرۈش – تۇرۇشى ۋە ئۇنىڭ ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان ھەر قانداق نەرسە ھەققىدە ئېيتىلغان يامان سۆزلەر غەيۋەت قاتارىغا كىرىدۇ.

بىر ئادەمگە يەنە بىر ئادەم توغرۇلۇق يامان گەپلەرنى قىلسا بىر غەيۋەتنىڭ گۇناھى يېزىلسا، نۇرغۇن ئادەم ئاڭلايدىغان، دۇنيانىڭ ھەممە يېرىگە تارقىلىپ كېتىدىغان مېدىيالاردا، توپلاردا بىراۋنىڭ يامان گېپىنى قىلىش ھەسسە – ھەسسىلەپ، قات-قاتلاپ گۇناھ يېزىلىشىغا سەۋەب بولىدىغان قىلمىشتۇر. چۈنكى قانداقلا بىر يامان ئىشنى يوشۇرن قىلغاندىن ئۇنى ئاشكارا قىلغاننىڭ گۇناھى ئېغىر بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «كل امتي معافي الا المجاهرين» يەنى «ئۈممىتىمنىڭ ھەممىسىگە مەغپىرەت قىلىنىدۇ، پەقەتلا ئاشكارا گۇناھ  قىلغۇچىلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا» دېگەن. ئۆلىمالار «ئاشكارا گۇناھ قىلىش ئىككى ھەسسە بولۇپ يېزىلىدۇ، بىرى سادىر قىلىنغان گۇناھ، يەنە بىرى ئۇنى ئاشكارا قىلىشتۇر»  دەپ قارايدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى ساھابىلىرىدىن: «كىمنىڭ قۇرۇق قول قالغۇچى ئىكەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟» دەپ سورىغاندا، ساھابىلەر: «ھېچقانداق مال – مۈلكى بولمىغان كىشىنى قۇرۇق قول قالغۇچى كىشى، دەيمىز» دەيدۇ. بۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «قىيامەت كۈنى بىراۋ ناماز، زاكات ۋە روزا بىلەن كېلىدۇ. ئەمما ئۇ بىرىنى تىللىغان، بىرىگە تۆھمەت چاپلىغان، بىرىنىڭ مېلىنى يەۋالغان، بىرىنىڭ قېنىنى تۆككەن، بىرىنى ئۇرغان بولۇپ، بۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ ياخشىلىقلىرى شۇلارغا ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئۇنىڭ ياخشىلىقلىرى تۈگىسە، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى ئۇنىڭغا ئارتىلىدۇ. ئاندىن ئۇ دوزاخقا تاشلىنىدۇ. مانا بۇ، مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ قۇرۇق قول قالغۇچىسىدۇر»([5]) دېگەن.

ئېغىزدىن چىققان ھەربىر سۆزنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا ھېسابى بار. بەزىدە بىر كەلىمە سۆز جەننەتنى قازىنىشقا سەۋەب بولۇپ قالسا، بەزىدە بىرەر ئېغىز سۆز دوزاخ ئەھلى بولۇپ قېلىشقا سەۋەب بولۇپ قالىدۇ. سۆزنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە سورىقى بار. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئىنسان ھېچ ۋەقەسى يوق دەپ ئويلاپ بىرەر سۆزنى قىلىپ تاشلايدۇ، ئەمما بۇ سۆز ئۇنىڭ يەتمىش يىل دوزاختا قېلىشىغا سەۋەب بولۇپ قالىدۇ»  دېگەن. ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى «قارا خوتۇننىڭ بالىسى» دەپ قويغانلىقىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ غەزەپتىن چىرايى ئۆزگىرىپ كەتكەن ۋە ئەبۇ زەرنى «سەن جاھىلىيەتنىڭ ئىللەتلىرىدىن قۇتۇلۇپ بولالمىغان ئادەم ئىكەنسەن»[6] دەپ ئەيىبلىگەن. ئەبۇ زەر بۇ خاتالىقىدىن ئۆزرە تىلەش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ مۇبارەك يۈزىنى بىلالنىڭ تاپىنى ئاستىغا قويماقچى بولغان. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا يولدا كېتىپ بارغان بىر ئادەمنى كۆرۈپ: «قارىسىلا ماۋۇ ئادەم ئەجەب پاكاركىنا» دەپ قويغانلىقى سەۋەبلىك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا قاتتىق ئاچچىقلىنىپ، سىز ئۇنىڭ غەيۋىتىنى قىلدىڭىز، دەرھال تەۋبە قىلىڭ» دېگەن. بۇرۇنقى مۇسۇلمانلار ئەنە شۇنداق بولغان. ئۇلار شۇنداق ئېھتىيات قىلاتتى، ئاللاھ تائالادىن شۇنداق قورقاتتى. ئەمدى بىزگە نېمە بولدى؟

جەمئىيەت ۋە تەشكىلات مەسئۇللىرىنى قارىلاش

  ئۇيغۇرلارنىڭ ھەققانىي دەۋاسىنى قىلىۋاتقان، ئۇلارنىڭ دەردىنى خەلقئاراغا ئاڭلىتىۋاتقان ۋە بۇ يولغا ئۆزىنى ئاتاپ خىزمەت قىلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنى ھاقارەتلەش، كەمسىتىش، ئۇلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلىش، يامان كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇش دېگەندەك قىلمىشلار ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا ھېساب بېرىش ۋە ۋىجدانىغا يۈز كېلىشتىن قورقمايدىغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئارىسىدا باش كۆتۈرگەن ئىجتىمائىي ئىللەت بولۇپ، بۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پائال خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى ۋە دەۋا يولىدا ئاكتىپ بولۇۋاتقان قېرىنداشلارنى ئېتىبارسىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن تۈزۈلگەن چوڭ پىلاننىڭ بىر پارچىسىدۇر. يەنە بەزىلەر ھەسەت قىلىپ ياكى ئىغۋالارغا ئالدىنىپ شۇنداق قىلىشى مۇمكىن. ئەمما باشقا مىللەتلەردە بۇ ئىللەت ئاز ئىكەن. ئۇلار ئۆز مىللىتىدىن چىققان، ئۆلىمالىرىنى، زىيالىيلىرىنى قوللايدىكەن، ھۆرمەتلەيدىكەن، يولباشچىلىرىنىڭ ئارقىسىدىن ئىزچىل ماڭىدىكەن، ئۇلارنى ھىمايە قىلىدىكەن ۋە قوغدايدىكەن. ئەپسۇسكى، بىزدە قوللايدىغانلاردىن تىللايدىغانلار كۆپ چىقىدىكەن. بىزدە كىشىلەرنى تىرىك ۋاقتىدا تىللاپ، ئۆلگەندىن كېيىن ئۇلۇغلاش ئادىتى كۈچلۈك ئىكەن.

 مەيلى جەمئىيەت ياكى تەشكىلات تەركىبىدە بولسۇن، مەيلى مۇستەقىل بولسۇن، دەۋا سېپىدىن ئورۇن ئالغان ۋە ئىش بېشىدا تۇرغان قېرىنداشلىرىمىز خەلقىمىز ئۈچۈن، ۋەتىنىمىز ئۈچۈن بىز قىلالمىغان نۇرغۇن ئىشلارنى ۋە كۆپلىگەن كاتتا خىزمەتلەرنى قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.

—     بىز ئۆزىمىزنىڭ راھىتى بىلەن بولۇۋاتقان لەھزىلەردە، ئۇلار خىزمەت ئۈستىدە بولىدۇ.

—     بىز  تىرىكچىلىكنىڭ ھەلەكچىلىكىدە يۈرۈۋاتقان پەيتلەردە، ئۇلار دەۋانى يەنىمۇ بىر بالداق كۆتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىدۇ.

—     بىز راھەت ئۇخلاۋاتقان كېچىلەردە، ئۇلارنى بېشىغا كۈن كەلگەنلەر تېلېفون قىلىپ ئويغىتىدۇ.

—     بىز ئائىلىمىزنىڭ غېمى بىلەن بولۇپ كەتكەن چاغلاردا ئۇلار مىللىتىمىزنىڭ غېمىدە باش قاتۇرىدۇ،

—     بىز بالىلىرىمىزنى ئېلىپ باغچىلاردا كۆڭۈل ئېچىۋاتقان كۈنلەردە، ئۇلار ئىشخانىسىدىن ئايرىلماي ئىشلەيدۇ.

—     بىز بىرەرسىنىڭ يولسىزلىقى ياكى ئەزىيىتى سەۋەبلىك غەزەپناك بولۇپ ئۆزىمىزنى تۇتۇۋالالماي قالغان پەتىلەردە، ئۇلار بەزى ئىنساپسىز ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قار، يامغۇردەك تۆكۈلۈۋاتقان تىل-ئاھانەت، ھاقارەت ۋە تۆھمەتلەرگە سەۋر قىلىپ، لام، جىم دېمەي، ئۆز ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.

—     بىز قىلغان ئىشىمىزغا لايىق مائاش ياكى ئىش ھەققى ئېلىپ كۈن ئۆتكۈزسەك، ئۇلار ئىنتايىن ئاز ۋە بەزىدە بار، بەزىدە يوق مائاشقا كۇپايە قىلىپ، چىشىنى چىشلەپ تۇرۇپ ئائىلىسىنى ئىدارە قىلىدۇ.

دېمەك، كۆپىنچە بىز ئۆزىمىزنىڭ ۋە ئائىلىمىزنىڭ غېمى بىلەنلا بولۇپ قالىمىز، ئەمما ئۇلار ھەمىشە مىللىمىتىمىزنىڭ، ۋەتىنىمىزنىڭ غېمىدە يۈرىدۇ.

ئەي مىللەت! ئىنساپ قىلايلى، ۋىجدانىمىز بىلەن ھېسابلىشىپ باقايلى. بىز ئۇلارغا رەھمەت ئېيتىش ۋە ھەققىدە دۇئا قىلىشنىڭ ئورنىغا، ئۇلارنى تىللىساق، ھاقارەتلىسەك ۋە ئۇلارغا تۆھمەت قىلساق، رەببىمىز بىزنى كەچۈرەرمۇ؟ ۋىجدانىمىز بىزنى كەچۈرەرمۇ؟ خەلقىمىز بىزنى كەچۈرەرمۇ؟

ئادەتتە بىرەر كىشىنىڭ قىلىپ قويغان ياخشىلىقىغا رەھمەت ئېيتىش، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ھەربىر ۋىجدان ئىگىسى ئۈچۈن قەرز بولغان يەردە، بىزنىڭ دەۋايىمىزنى قىلىۋاتقان، بىز قىلالمىغان ئىشلارنى روياپقا چىقىرىۋاتقان، بىزنىڭ ۋە ئېزىلگەن خەلقىمىزنىڭ ئاۋازى بولۇۋاتقان ئاشۇ ئەزىمەتلەرگە رەھمەت ئېيتىش، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ۋە مۇۋەپپەقىيەت تىلەپ دۇئا قىلىش ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ بۇرچى ئەمەسمۇ؟

مەيلى «ئۆلىمالار بىرلىكى» بولسۇن، مەيلى «مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى» بولسۇن، مەيلى «ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» بولسۇن، بۇلار ئۇيغۇرلارغا ھەقىقىي ۋەكىللىك قىلىپ، ئۇلار ئۈچۈن قولىدىن كەلگەنچە خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. ئۇلارنى قوللاش ۋە قوغداش ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ بۇرچىدۇر. ئاش بەرگەن قازانغا تەرەت قىلىدىغان، نان بەرگەن قولنى چىشلەيدىغان خاراكتېردىكى تۇزكور ئىنسانلار ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «كىشىلەرگە رەھمەت ئېيتمايدىغانلار ئاللاھقا شۈكۈر قىلمايدۇ»[7] دېگەن سۆزى نېمىدېگەن ھېكمەلىك سۆز- ھە! ھەدىسنىڭ مەنىسى شۇكى، تەبىئىتىدە مىننەتدارلىق خىسلىتى بولمىغان، ئەخلاقى ناچار، ئىمانى ئاجىز كىشىلەر باشقىلارنىڭ ياخشىلىقلىرىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرمىگەندەك، ئاللاھ تائالانىڭ سانسىزلىغان نېمەتلىرىگىمۇ شۈكۈر قىلمايدۇ.

 

 



([1]) 49- سۈرە ھۇجۇرات 11- ئايەت
([2]) 83- سۈرە مۇتەففىفىين 29 -، 30- ئايەتلەر
([3]) 49- سۈرە ھۇجۇرات 12- ئايەت
([4]) ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.
([5]) ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى
[6] ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.
[7] ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار