ئىخلاس ھەققىدە سۆز

ئىخلاس ھەققىدە سۆز

مۇھەممەد يۈسۈپ

ئاللاھ تائالا بەندىلىرىدىن ئىككىلا نەرسىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ بىرى، ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىش، يەنە بىرى، ئۇنىڭغا ئىخلاس قىلىشتۇر. مۇئمىن ئادەمنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك سائادىتى مۇشۇ ئىككىسىگە باغلىقتۇر.

ئىبادەت— ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىپ، ئۇنىڭ ئىستىگىنى بويىچە ھايات كەچۈرۈشتۇر. ﱡوَماَ خَلَقْتُ الجِنَّ وَالإنْسَ إلاَّ لِيَعْبُدُوْنَﱠ «جىنلارنى، ئىنسانلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈنلا ياراتتىم»( ). بۇ ئايەتنى مۇتلەق كۆپ ساندىكى مۇپەسسىرلەر: «ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى ئۆزى تەلەپ قىلغان بويىچە ھايات كەچۈرسۇن دەپ ياراتقان، شۇڭا ئىنسانلار ئۆزىنىڭ ھايات تەرىزىنى ئاللاھ تائالانىڭ قانۇنىغا ئۇدۇللاپ، ئۇنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە، ئۇ تەلەپ قىلغاندەك ياشاشقا يارىتىلغان» دەپ تەپسىر قىلغان.

ئىخلاس — قەلبنى بارچە شەك – شۈبھىلەردىن ۋە باشقا غەرەزلەردىن پاك-پاكىز قىلىپ، بىر پۈتۈن ساپلىق ئىچىدە ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى كۆزلەشتۇر. ﱡإِنَّا أَنْزَلْنَا إِلَيْكَ الْكِتَابَ بِالْحَقِّ فَاعْبُدِ اللَّهَ مُخْلِصًا لَهُ الدِّينَ ﱠ «(ئى پەيغەمبەر!) شەكسىزكى، ساڭا بىز ھەقىقەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ كىتابنى نازىل قىلدۇق، سەن دىننى ئاللاھقا خالىس قىلىپ ئىبادەت قىلغىن» .

 

ئىخلاسنىڭ تۈرتكىسى

ئىنسان ھەرقانداق بىر ئىشنى بىرەر تۈرتكىنىڭ ئارقىسىدا قىلىدۇ. ئىنسانلاردىكى تۈرتكىلەر بەزىدە تۇغما بولىدۇ، بەزىدە يېتىلدۈرۈلگەن بولىدۇ. مەسىلەن: ئۆزىنىڭ ھاياتىنى قوغداش، تىرىكچىلىك ئۈچۈن ئىشلەش، تەن ساقلىقىنى ساقلاش قاتارلىقلار ھەربىر ئىنساندا تۇغما بولىدۇ، يەنى ئىنسان بۇ ئىشلارنى ئۆگەنمىسىمۇ، بىرى بۇيرىمىسىمۇ، ئۆزلىكىرىدن قىلىدۇ. يېتىلدۈرۈلگەن تۈرتكە بولسا ئىنسان بىرەر ھەقىقەتنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا كۈچلۈك ئىنتىلىش جەريانىدا ھاسىل بولىدىغان تۈرتكىدۇر. مەسىلەن: ئىنسان ئۆزىنى ياراتقان، رىزىق بېرىپ ۋە پەرۋىش قىلىپ تۇرۇۋاتقان ئۇلۇغ رەببىنى تونۇغاندىن كېيىن، رەببىنىڭ مۇئمىن بەندىلىرىگە ۋەدە قىلغان ئاخىرەتلىك مۇكاپاتلىرىنى، ئەڭ مۇھىم بولغىنى نازۇنېمەتلىك جەننەتنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭدا ئاللاھ تائالاغا بولغان چەكسىز مۇھەببەت، ئاخىرەتنىڭ مۇكاپاتلىرىغا بولغان كۈچلۈك قىزىقىش پەيدا بولىدۇ. مۇشۇ قىزىقىشتىن ھاسىل بولغان تۈرتكە يېتىلدۈرۈلگەن تۈرتكە دېيىلىدۇ. ئىنسان ئاللاھ تائالانى قانچىلىك ياخشى ۋە مۇكەممەل تونۇغانسېرى ئۇنىڭدىكى ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىغا ئېرىششكە بولغان تۈرتكىلەر شۇنچىلىك كۈچلۈك بولىدۇ. ئىنسان مانا مۇشۇنداق تۈركىلەرنىڭ ئارقىسىدا ئاللاھ تائالانى رازى قىلىدىغان ۋە ئۆزىنى ئاخىرەتتە جەننەتكە ئېرىشتۈرىدىغان ياخشى ئەمەللەرنى كۆپلەپ قىلىشقا ئالدىرايدۇ.

 

ئەمەلنىڭ قىممىتى

ئىسلامدا ئەمەلنىڭ قىممىتى شۇ ئەمەلنى قىلىشقا سەۋەب بولغان تۈرتكىنىڭ قىممىتىگە قاراپ بولىدۇ، بەلكى تۈرتكە ئەمەلنىڭ قىممىتىنى بەلگىلەيدۇ. مەسىلەن: يولدا پۇل ئۇچرىدى، بىر ئادەم ئۇنى ئېلىش ئۈچۈن يەرگە ئېگىلدى ۋە ئالدى. لېكىن ئۇ ئادەم مەزكۇر پۇلنى ئىگىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىش نىيىتى بىلەن ئالدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئادەمنىڭ مۇشۇ ئىشى ساۋابلىق ئەمەل قاتارىدىن سانالدى. يەنە بىر ئادەمگىمۇ يولدا پۇل ئۇچرىدى، ئۇمۇ يەرگە ئېگىلدى ۋە پۇلنى ئالدى، ئەمما ئۇ بۇ پۇلنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش نىيىتى بىلەن ئالدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئادەم گۇناھكار بولدى. بۇ يەردە ئىش ئوخشاش. ئۇ بولسىمۇ يەرگە ئېگىلىپ پۇلنى ئېلىش. ئەمما نىيەت ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، نەتىجە ئوخشاش بولمىغان، بىرى ساۋاب تاپقان، يەنە بىرى گۇناھكار بولغان.

ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەمەللەر نىيەتلەرگە باغلىقتۇر. ھەربىر ئادەم ئۆزى نىيەت قىلغان نەرسىسىگە ئېرىشىدۇ» . ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە  الَّذِي خَلَقَ الْمَوْتَ وَالْحَيَاةَ لِيَبْلُوَكُمْ أَيُّكُمْ أَحْسَنُ عَمَلًا « ئۇ سىلەردىن قايسىڭلارنىڭ ئەمەلى ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن، ئۆلۈمنى ۋە ھاياتلىقنى ياراتقان زاتتۇر»  دېگەن. ئەللامە فۇزەيل ئىبنى ئىياز  لِيَبْلُوَكُمْ أَيُّكُمْ أَحْسَنُ عَمَلًا دېگەن ئايەتكە «قايسىڭلارنىڭ ئەمەلى ئەڭ ئىخلاسلىق ۋە ئەڭ توغرا ئىكەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن» دەپ مەنە ئېيتقان. ئاندىن ئۇ «ئەمەلنىڭ ئەڭ ئىخلاسلىقى ۋە ئەڭ توغرىسى قايسى؟» دەپ سورالغاندا، «ئەمەل ئىخلاسلىق بولۇپ توغرا بولمىسا قوبۇل بولمايدۇ، ئۇ توغرا بولۇپ ئىخلاسلىق بولمىسىمۇ قوبۇل بولمايدۇ. شۇڭا ئەمەلدە ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى كۆزلەش شەرت بولغاندەك، ئۇنى ئىسلامدا كۆرسىتىلگەن بويىچە قىلىشمۇ شەرتتۇر» دېگەن.

 

ئىخلاسنىڭ سېھىرى

ئىخلاس دېگەن شۇنداق سېھىرلىك نەرسىكى، ئۇ ئادەتتىكى دۇنيالىق ئىشلارنى ئىبادەتكە ئۆرىۋېتىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ ئىخلاس قىلىش بىلەن دۇنيا تىرىكچىلىكىدە ئىبادەتنىڭ ساۋابىنى تاپقىلى بولىدۇ. مەسىلەن: بىراۋ دىنىمىزدا يول قويۇلغان ھالال كەسىپ بىلەن تىرىكچىلىك قىلغان بولۇپ، ھالال رىزىق تېپىشنى نىيەت قىلغان ۋە ئىشىدا ساختىلىق ياكى ئالدامچىلىق قىلمىغان بولسا، ئۇنىڭ دۇنيالىق ئۈچۈن قىلغان ئىشلىرى ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا ئىبادەت بولۇپ قوبۇل قىلىنىدۇ.

بىر كۈنى سالىھ كىشىلەردىن بىرى بىر مەھەللىنىڭ مەسجىدىگە كىرگىنىدە، مەسجىدتە ئىبادەت قىلىپ ئولتۇرغان بىر ئادەمنى كۆرۈپ قالىدۇ. ئۇ ئادەم بىلەن سۆھبەتلىشىش جەريانىدا، ئۇنىڭ ئايلارچە مۇشۇنداق مەسجىدتە ئولتۇرۇپ ئىبادە بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى بىلىپ، ئۇنىڭدىن يېمەك-ئىچمىكىنى كىم يەتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقىنى سورىغاندا، ھېلىقى ئادەم «ئۇكام» دەپ جاۋاب بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن سالىھ كىشى ئۇنىڭغا: «ئۇكىڭىز سىزدىن بەكرەك ئىبادەت قىلىدىكەن» دەيدۇ. سەئد ئىبنى ئەبۇ ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سەن ئاللاھ رازىلىقىنى كۆزلەپ قانداقلا بىر چىقىمنى قىلساڭ، چوقۇم ساۋاب تاپىسەن»  دېگەن.

دۇنيالىق ئىشلار نىيەتنىڭ دۇرۇس بولۇشى بىلەن ئىبادەتكە ئايلىنىدۇ، ئاخىرەتلىك ئەمەللەر نىيەتنىڭ دۇرۇس بولماسلىقى بىلەن ئادەتتىكى ئىشلارغا ئايلىنىپ قالىدۇ.

ئۆلىمالار ئىخلاسنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېگەن: ئىخلاس— ئەمەللەرنى ئاللاھتىن باشقا بىرىنىڭ كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلماسلىقتۇر.ئىخلاس— بەندە بىلەن ئاللاھنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى سىر بولۇپ، ئۇنى يېزىش ئۈچۈن پەرىشتىلەر بىلمەيدۇ، بۇزۇش ئۈچۈن شەيتانلار كۆرمەيدۇ.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار