
ئاللاھ تائالانىڭ «الوَهَّابُ» (ئەلۋەھھاب) دېگەن ئىسمى بىلەن تونۇشۇپ چىقىڭ!
مۇھەممەد يۈسۈپ
ئاللاھ تائالانىڭ «الوَهَّابُ» دېگەن ئىسمى «قۇرئان كەرىم»دە ئۈچ ئورۇندا كەلگەن بولۇپ، ئۇلار: ]رَبَّنَا لَا تُزِغْ قُلُوبَنَا بَعْدَ إِذْ هَدَيْتَنَا وَهَبْ لَنَا مِنْ لَدُنْكَ رَحْمَةً إِنَّكَ أَنْتَ الْوَهَّابُ﴾[1]، ]أَمْ عِنْدَهُمْ خَزَائِنُ رَحْمَةِ رَبِّكَ الْعَزِيزِ الْوَهَّابِ[[2]، ]قَالَ رَبِّ اغْفِرْ لِي وَهَبْ لِي مُلْكًا لَا يَنْبَغِي لِأَحَدٍ مِنْ بَعْدِي إِنَّكَ أَنْتَ الْوَهَّابُ[[3] قاتارلىق ئايەتلەردۇر.
«الوَهَّابُ» ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىگە ناھايىتى كۆپ بەرگۈچى ۋە ھەمىشە ئاتا – ئېھسان قىلغۇچى، بەدەلسىز ئاتا قىلغۇچى، تەلەپ قىلمىسىمۇ بېرىشنى داۋاملاشتۇرغۇچى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدىغان ئىسمىدۇر.
«الوَهَّابُ» «الوَاهِبُ» (بەرگۈچى) دېگەن ئىسىمنىڭ كۆپلۈكنى ۋە داۋاملىقنى ئىپادىلەيدىغان شەكلى بولۇپ، ئاللاھ تائالانىڭ كۆپ بەرگۈچى، ھېسابسىز بەرگۈچى ۋە ھەمىشە بەرگۈچى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. چۈنكى، ئۇ تىلىگەنگىمۇ، تىلىمىگەنگىمۇ، ئىبادەت قىلغانغىمۇ، ئىبادەت قىلمىغانغىمۇ، شۈكۈر قىلغانغىمۇ، ئىنكار قىلغانغىمۇ بېرىدىغان كەرەملىك زاتتۇر.
ئاللاھ تائالا كۆپ قېتىم بەرگۈچىدۇر ۋە كۆپنى بەرگۈچىدۇر
ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدىكى سېخىيلەر ھاجىتىڭىز چۈشۈپ قالغاندا بىر قېتىم بېرىدۇ، بەزىلىرى ئىككى قېتىممۇ بېرىشى مۇمكىن، ئەمما ئۈچىنچى قېتىم سورىسىڭىز ئۇلار سىزدىن زېرىكىدۇ ۋە بېرىشنى رەت قىلىدۇ. ئەمما سېخىيلەرنىڭ سېخىيسى بولغان ئاللاھ تائالا ھەمىشە بېرىدۇ، چەكسىز ۋە ھېسابسىز بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە سىز تەلەپ قىلسىڭىز مەمنۇن بولىدۇ ۋە سىزگە ئىبادەتنىڭ ساۋابىنى بېرىدۇ. ئاندىن يەنە تىلىگەنلىرىڭىزنى بېرىدۇ ۋە سىزنى ھەمىشە شۇنداق تىلەشكە بۇيرۇيدۇ. )ادْعُونِي أَسْتَجِبْ لَكُمْ( «ماڭا دۇئا قىلىڭلار، مەن دۇئايىڭلارنى قوبۇل قىلىمەن»[4]. ئالىملار «دۇنيادىكى مۇمكىن بولمايدىغان ماتېماتىكا سىزگە بېرىلگەن نېمەتلەرنى ساناپ چىقىشتۇر» دەيدۇ. دېمىسىمۇ، پەن – تېخنىكا تەرەققىي قىلىپ ھەممە نەرسىنى ساناپ چىقالىغان تەقدىردىمۇ، قۇمنىڭ سانىنى، دېڭىز دولقۇنلىرىنى ساناپ بېرەلەيدىغان ماتېماتىكا بولمىغاندەك، ئاللاھ تائالانىڭ نېمەتلىرىنى ساناپ بېرەلەيدىغان پەن – تېخنىكا يوقتۇر. )وَإِنْ تَعُدُّوا نِعْمَةَ اللَّهِ لَا تُحْصُوهَا( «سىلەر ئاللاھنىڭ نېمىتىنى ساناپ تۈگىتەلمەيسىلەر»([5]).
ئاللاھ تائالا ھېچكىم بېرەلمەيدىغانلارنى بەرگۈچىدۇر
ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدىكى سېخىيلەر ئادەتتە پۇل- مال بېرەلەيدۇ، ئەمما ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىگە بېرىدىغان نېمەتلىرىنىڭ ئەڭ ئاددىيسى پۇل- مالدۇر. چۈنكى، ئۇ پۇلدىن چوڭ بولغاننى بېرىدۇ، ئۇ ھايات بېرىدۇ، ئەقىل بېرىدۇ، پەرزەنت بېرىدۇ، كۈچ-قۇۋۋەت بېرىدۇ، ئىلىم-ھېكمەت بېرىدۇ، ھاكىمىيەت بېرىدۇ. دېمەك، ئاللاھ تائالا ئىنسانلار بېرەلمەيدىغانلارنى بېرىدۇ.
ئۇ سۇلەيمان ئەلەيھىسسالامغا ئۇنىڭدىن كېيىن ھېچكىمگە بېرىلمەيدىغان پادىشاھلىقنى بەرگەن. ئۇ قانداق پادىشاھلىق ئىدى؟ ئۇ شاماللارنى، جىن- شەيتانلارنى، قۇشلارنى ۋە ھايۋانلارنى باشقۇرىدىغان، ئۇلار بىلەن سۆزلىشىدىغان ۋە ئۇلارنى ئۆزى خالىغانچە ئىشقا سالىدىغان پادىشاھلىق ئىدى. )فَسَخَّرْنَا لَهُ الرِّيحَ تَجْرِي بِأَمْرِهِ رُخَاءً حَيْثُ أَصَابَ. وَالشَّيَاطِينَ كُلَّ بَنَّاءٍ وَغَوَّاصٍ.وَآَخَرِينَ مُقَرَّنِينَ فِي الْأَصْفَادِ( «بىز سۇلەيمانغا شامالنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق، شامال ئۇنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئۇ خالىغان تەرەپكە لەرزان ماڭاتتى. ھەمدە ئۇنىڭغا ئۇستا بىناكار ۋە غەۋۋاس شەيتانلارنىڭ ھەممىسىنى، يەنە زەنجىرلەر بىلەن باغلانغان نۇرغۇن شەيتانلارنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق»[6]. ) وَوَرِثَ سُلَيْمَانُ دَاوُودَ وَقَالَ يَا أَيُّهَا النَّاسُ عُلِّمْنَا مَنْطِقَ الطَّيْرِ وَأُوتِينَا مِنْ كُلِّ شَيْءٍ إِنَّ هَذَا لَهُوَ الْفَضْلُ الْمُبِينُ. وَحُشِرَ لِسُلَيْمَانَ جُنُودُهُ مِنَ الْجِنِّ وَالْإِنْسِ وَالطَّيْرِ فَهُمْ يُوزَعُونَ( «سۇلەيمان (ئاتىسى) داۋۇدقا ۋارىسلىق قىلدى. ئۇ: «ئى ئىنسانلار! بىزگە قۇشلارنىڭ تىلى بىلدۈرۈلدى ۋە (ئېھتىياجلىق بولغان) ھەممە نەرسە بېرىلدى. بۇ ئەلۋەتتە، (ئاللاھتىن كەلگەن) ئوپئوچۇق ئېھساندۇر» دېدى. سۇلەيماننىڭ جىنلاردىن، ئىنسانلاردىن ۋە قۇشلاردىن بولغان قوشۇنلىرى ئۇنىڭ ھۇزۇرىدا توپلاندى. ئۇلار ۋەزىپىلىرىگە تەرتىپلىك تەقسىملىنەتتى»[7]. دېمەك، ئاللاھ تائالا مۇمكىن ئەمەسلەرنى بېرىدۇ.
ئاللاھ تائالانىڭ بىزگە بەرگەنلىرى بەك چوڭ ۋە بەك جىقتۇر
بىز ئىنسانلار ئۆزىمىزدىكى نېمەتلەرنىڭ قىممىتىنى بىلمەيمىز. ئەگەر بىز ئۇنى بىلسەك، «ۋەھھاب»نىڭ مەنىسى بىلگەن ۋە ئاللاھ تائالادىن ھەممىنى تىلىگەن بولاتتۇق. بىزنىڭ ۋۇجۇدىمىزدىكى ھەربىر ئەزا بىرەردىن بايلىقتۇر. ھېچكىم ئۆزىدىكى بايلىقلاردىن بىرەرسىدىن ۋاز كېچەلمەيدۇ ۋە قىممەت باھاغىمۇ ساتمايدۇ.
قارۇننىڭ بايلىقىدەك بايلىققا ئىگە بولغان ياكى دۇنيانىڭ ھەممە بايلىقلىرى قولىدا بولغان بىر ئەما ئادەم بار، ئۇ سىزنىڭ بىر كۆزىڭىزنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن سىزگە پۈتۈن بايلىقىنى بېرىدىغان بولدى، دەپ پەرەز قىلايلى. سىز بىر كۆزىڭىزنى قانچە پۇلغا ساتارسىز؟ سىز راستتىنلا كۆزىڭىزنى بېرەمسىز؟ بەلكى بەرمەيسىز. بۇ بىزدە بار تۇرۇقلۇق، بىز ھېس قىلمايدىغان بايلىقلاردىن ئاران بىرسىدۇر. سىز ئۆزىڭىزدىكى بايلىقلارنىڭ نەقەدەر قىممەتلىك، نەقەدەر كۆپ ۋە نەقەدەر چوڭلۇقىنى بىلەمسىز؟ ئۇلارنى ساناپ چىقىماقچى بولسىڭىز چوقۇم ئاجىز كېلىسىز. چۈنكى، ساناپ بولالمايسىز.
بىز ئېلىۋاتقان ھەربىر نەپەسمۇ ئالاھىدە كاتتا بايلىق ۋە چوڭ نېمەتتۇر. ھەربىر نەپەس بىر تىرىلىشتۇر. چۈنكى، نەپەس توختاپ قالسا ئۆلىدىغان گەپ. ئىنسانلار ئۆزلىرىنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇپ قويغان بىرسىنى قەتئىي ئۇنتۇمايدۇ، ئۆمۈر بويى ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ تولىسى كۈندە 20 مىڭ قېتىم ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇپ قويغان ئۇلۇغ رەببىگە شۈكۈر قىلمايدۇ. بۇ ئاجايىپ تۇزكورلۇقتۇر. چۈنكى، نورمال بىر ئىنسان بىر كۈندە 20 مىڭ قېتىمغا يېقىن نەپەس ئالىدىكەن.
بۇ ھاياتتا بىز كۈندىلىك ئېھتىياجلىق نەرسىلىرىمىزنىڭ ھەممىسىنى پۇلغا سېتىپ ئالىمىز. مەسىلەن: نان، سۇ، تۇز، سەي، مېۋە، گاز، توك، كىيىم- كېچەك ۋە باشقىلار. ئەمما ئاللاھ تائالا بىزگە ئاتا قىلغان جان، روھ، ئەقىل، ھىدايەت، ۋىجدان، سۆيگۈ، ھۇزۇر، خۇشاللىق ۋە ئامانلىق قاتارلىق مەنىۋى بايلىقلىرىمىز ۋە كۆز، ئېغىز، بۇرۇن، قۇلاق، قول، پۇت قاتارلىق سەزگۈر ئەزالىرىمىز، شۇنداقلا مېڭە، يۈرەك، ئۆپكە، بۆرەك، ئاشقازان قاتارلىق رەئىس ئەزالىرىمىز ئۈچۈن بىر تىيىنمۇ پۇل تۆلىمىدۇق. ئەگەر پۇل تۆلەشكە بۇيرۇلغان بولساق قانداق قىلار ئىدۇق؟!
ئاللاھ تائالا مۇمكىن ئەمەسلەرنى بېرىدۇ
زەكەرىييا ئەلەيھىسسالام ئەمەلگە ئېشىشىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان، ئاجايىب-غارايىپ تىلەكنى تىلەيدۇ. ئۆزى قېرىپ مۈكچىيىپ كەتكەن، تېنى ئاجىزلاشقان، سۆڭەكلىرى يۇمشاپ كەتكەن، چېچى ئاقارغان، ئايالى ياشىنىپ قالغاننىڭ ئۈستىگە تۇغماس تۇرۇقلۇق ئاللاھ تائالادىن پەرزەنت تىلەيدۇ. )رَبِّ لَا تَذَرْنِي فَرْدًا وَأَنْتَ خَيْرُ الْوَارِثِينَ( «ئى رەببىم! مېنى (ۋارىسسىز) يالغۇز قويمىغىن، سەن ئەڭ ياخشى ۋارىسسەن»[8]. بارلىق ئېھتىماللار بۇ ئارزۇنىڭ ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى كۈچلەندۈرەتتى، لېكىن «بول!» دېيىش بىلەنلا مۇمكىن ئەمەسلەرنى مۇمكىن قىلىدىغان ئاللاھ تائالاغا بۇ قىيىن ئەمەس ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭغا يەھيا ئىسىملىك بىر پەرزەنت ئاتا قىلدى. زەكەرىييا ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنۇ دۇئاسى تېخىمۇ ئاجايىپ-غارايىپ ئىدى: )فَهَبْ لِي مِنْ لَدُنْكَ وَلِيًّا. يَرِثُنِي وَيَرِثُ مِنْ آَلِ يَعْقُوبَ وَاجْعَلْهُ رَبِّ رَضِيًّا( «سەن ماڭا ئۆز پەزلىڭدىن ماڭا ۋارىس بولىدىغان، يەئقۇب ئەۋلادىغىمۇ ۋارىس بولىدىغان بىر (ياخشى) پەرزەنت ئاتا قىلغىن. ئى رەببىم! ئۇنى سېنىڭ رازىلىقىڭغا ئېرىشىدىغان بىرى قىلغىن»[9]. زەكەرىييا ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالادىن پەرزەنت تىلەش بىلەن كۇپايە قىلمىدى، بەلكى ئۆزىگە ۋارىس بولىدىغان، يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاۋلادىغىمۇ ۋارىس بولىدىغان، ئاللاھ تائالانى رازى قىلىدىغان مۇشۇنداق مۇئەييەن سۈپەتلىك پەرزەنت ئاتا قىلىشىنى تىلىدى. شۇنداق تۇرسىمۇ، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ تىلىكىنى بەردى. )فَاسْتَجَبْنَا لَهُ وَوَهَبْنَا لَهُ يَحْيَى وَأَصْلَحْنَا لَهُ زَوْجَهُ («بىز ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، ئۇنىڭغا يەھيانى ئاتا قىلدۇق، ئۇنىڭغا ئايالىنى تۇغىدىغان قىلىپ بەردۇق»[10].
ئاللاھ تائالا ئاجايىپ- غارايىپ تىلەكلەرنىمۇ قوبۇل قىلىدۇ
مۇسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالادىن ئاكىسى ھارۇننىمۇ پەيغەمبەر قىلىپ بېرىشىنى تىلەيدۇ. بۇ ھېچكىم ۋە ھېچبىر پەيغەمبەر تىلەپ باقمىغان ئاجايىپ - غارايىپ بىر تىلەك ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە پەيغەمبەرلىك دېگەن تىلىگەنگە ئەمەس، ئاللاھ تائالانىڭ تاللىشىغا ئاساسەن بېرىلەتتى. شۇڭا ھېچقانداق پەيغەمبەر ئۆزىنىڭ پەيغەمبەر بولۇشىنى تىلىمىگەن. ئەمما مۇسا ئەلەيھىسسالام ئاكىسى ئۈچۈن ئۇنى تىلىگەن. )وَاجْعَلْ لِي وَزِيرًا مِنْ أَهْلِي. هَارُونَ أَخِي( «ماڭا ئائىلەمدىن قېرىندىشىم ھارۇننى ياردەمچى قىلىپ بەرگىن»[11].
ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ئاجايىپ تىلىكىنى قوبۇل قىلىدۇ ۋە ئاكىسى ھارۇن ئەلەيھىسسالامغا پەيغەمبەرلىك ئاتا قىلىپ، ئۇنىڭغا ياردەمچى قىلىدۇ، ئاندىن )قَدْ أُوتِيتَ سُؤْلَكَ يَا مُوسَى( «ئى مۇسا! سېنىڭ سورىغانلىرىڭ ھەقىقەتەن ساڭا بېرىلدى»[12] دەپ ئۇنىڭغا خۇش بېشارەت بېرىدۇ.
ئاللاھ تائالانىڭ بېرىشىنىڭ چېكى يوقتۇر
ئىنسانلارنىڭ سېخىيلىرى مەيلى قانچىلىك سېخىي ۋە مەرد بولۇپ كەتسۇن، ھېساب بىلەن بېرىدۇ، بەزىدە بەرگەنلىرى ئۆزىگە كۆپ كۆرۈنۈپ كېتىدۇ. ئەمما سېخىيلەرنىڭ سېخىيسى، كەرەملىكلەرنىڭ كەرەملىكى بولغان ئاللاھ تائالا خالىغان بەندىسىگە ھېسابسىز بېرىدۇ، ھەتتا ئۇنىڭغا تەسەۋۋۇردىن يۇقىرى ئاجايىپ ئالىي مەرتىۋىلەرنى ئاتا قىلىدۇ. چۈنكى، تەلەپ قىلىنغان ئىش ياكى نەرسە قانچىلىك چوڭ ۋە قانچىلىك كۆپ بولغان تەقدىردىمۇ، بېرىش ئۇنىڭغا ھەرگىز ئېغىر كەلمەيدۇ ۋە كۆپ كۆرۈنۈپ كەتمەيدۇ.
ئىمراننىڭ ئايالى ھەننە قورسىقىدىكى بوۋىقىنى بەيتۇلمۇقەددەسنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا ئاتايدۇ، چۈنكى ئۇ بوۋاقنى ئوغۇل دەپ ئويلايتتى. لېكىن ئاللاھ تائالا ھەننەگە ئوغۇلدىن ياخشى، ئىپپەت ئابىدىسى، گۈزەل ئەخلاقلىق، دىيانەتلىك بىر قىز پەرزەنت ئاتا قىلىدۇ. ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن كۇپايە قىلماي، ئۇ قىزنى ئىنسانىيەتنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بىرى، ئىرادىلىك بەش چوڭ پەيغەمبەرنىڭ تۆتىنچىسى بولغان ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسى قىلىدۇ. ھەننە ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلغان ۋاقتىدا دۇئايىنىڭ بۇنچىلىك بەرىكەتلىك بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغان بولغىيتى.
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالادىن ئىتائەتمەن پەرزەنت تەلەپ قىلىپ: )رَبَّنَا وَاجْعَلْنَا مُسْلِمَيْنِ لَكَ وَمِنْ ذُرِّيَّتِنَا أُمَّةً مُسْلِمَةً لَكَ( «ئى رەببىمىز! ئىككىمىزنى ئۆزۈڭگە ئىتائەتمەن قىلغىن، بىزنىڭ ئەۋلادلىرىمىزدىنمۇ ئۆزۈڭگە ئىتائەتمەن ئۈممەت چىقارغىن»[13] دەپ دۇئا قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا تىلىگەنلىرىدىن زىيادىسىنى بېرىپ: )إِنِّي جَاعِلُكَ لِلنَّاسِ إِمَامًا( «سېنى چوقۇم ئىنسانلارغا پېشۋا قىلىمەن»[14] دەيدۇ. كەئبىنى تاۋاپ قىلغان ھەرقانداق ئادەم كۆرىدىغان مەقامى ئىبراھىم ئۇنىڭ دىندا پېشۋا ئىكەنلىكىنى ھېلىھەم ئەكس ئەتتۈرۈپ تۇرماقتا. ئاندىن ئاللاھ تائالا بۇنىڭ بىلەن كۇپايە قىلماي، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ياشىنىپ قالغان بولسىمۇ ئۇنىڭغا ئىسمائىل ۋە ئىسھاق ئەلەيھىسسالامنى ئاتا قىلىدۇ، ئاندىن ئۇلارنى پەيغەمبەرلەردىن قىلىدۇ. )وَكُلًّا جَعَلْنَا نَبِيًّا( «ئۇلارنىڭ ئىككىلىسىنى پەيغەمبەر قىلدۇق»[15]. دېمەك، ئاللاھ تائالا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ «ئىتائەتمەن پەرزەنت» تىلەشتىن ئىبارەت بىرلا تىلىكى ئۈچۈن ئۇنى ئىنسانلارغا پېشۋا قىلىش، ئۇنىڭغا ئىتائەتمەن پەرزەنت ئاتا قىلىش، ئۇلارغا پەيغەمبەرلىك ئاتا قىلىش، ئۇلارنىڭ نەسلىدىن كېلىدىغانلارنىمۇ پەيغەمبەر قىلىش قاتارلىق نېمەتلەرنى ئاتا قىلغان. مەلۇمكى، ئىسھاق ئەلەيھىسسالامنىڭ نەسلىدىن كەلگەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاخىرى يۈسۈپ ئەلەيھىسسالام، ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ نەسلىدىن كەلگەن ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدۇر.
ئاللاھ تائالا قارۇنغا خەزىنىلىرىنىڭ ئاچقۇچلىرىنى قىرىق تۆگە ئاران كۆتۈرەلەيدىغان ئالتۇن- كۈمۈشنى، مەككىدىن مەدىنىگە قۇرۇق قول كەلگەن ۋە بوينىغا ئارغامچىنى ئارتىپ بازارغا چىقىپ رىزىق ئىشىكىنى ئەمگەك بىلەن ئاچقان ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا تەبۇك غازىتىغا ئاتلىنىدىغان 30 مىڭ ئەسكەرنى قوراللاندۇرغان بايلىقنى ئاتا قىلغان زاتتۇر. شۇ ئېنىقكى، ئاللاھ تائالا بايلىقنى ئۆزى ياخشى كۆرگەن ۋە كۆرمىگەن ھەرقانداق بەندىسىگە بېرىدۇ، ئەمما ئىمان ۋە ھىدايەتنى پەقەت ئۆزى ياخشى كۆرگەن بەندىلىرىگە بېرىدۇ. شۇڭا دۇنيادا ئەڭ قىممەتلىك بايلىق ئىمان بىلەن ھىدايەتتۇر.
ئاللاھ تائالا بىر ياخشىلىقنىڭ مۇكاپاتىنى ھەسسىلەپ بەرگۈچىدۇر
ئاللاھ تائالانىڭ كەرەمىنىڭ ۋە ۋايىغا يەتكەن سېخىيلىقىنىڭ ئالامەتلىرىدىن بىرى شۇكى، ئۇ بىر ياخشى ئەمەلگە ئون ۋە ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ مۇكاپات بېرىدۇ. چۈنكى، ئۇ بىر ئايالنى ئۇسساپ كەتكەن ئىتقا سۇ بەرگەنلىكى ئۈچۈن كەڭلىكى ئاسمان- زېمىنچە كېلىدىغان ئالىي جەننەتكە لايىق قىلغان كەرەملىك ئاللاھ تائالادۇر. بىر ئىتقا سۇ بېرىش بەدىلىگە كەڭلىكى ئاسمان - زېمىنچە كېلىدىغان ئالىي جەننەتنى ئاتا قىلىش ئاللاھ تائالانىڭ كەرەمىنىڭ ئىپادىسىدۇر. )مَنْ ذَا الَّذِي يُقْرِضُ اللَّهَ قَرْضًا حَسَنًا فَيُضَاعِفَهُ لَهُ أَضْعَافًا كَثِيرَةً( « كىمكى (پۇل _ مېلىنى ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلىپ) ئاللاھقا ياخشى قەرز بېرىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا نەچچە ھەسسە كۆپ قايتۇرىدۇ»[16]، )مَنْ جَاءَ بِالْحَسَنَةِ فَلَهُ عَشْرُ أَمْثَالِهَا( «كىمكى (دەرگاھىمىزغا) بىرەر ياخشىلىق بىلەن كەلسە، ئۇ ئون ھەسسە ئارتۇق مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ»[17].
ئاللاھ تائالا بىرنى تىلىگەن بەندىسىگە بىردىن كۆپنى بەرگۈچىدۇر
ئاللاھ تائالانىڭ «ۋەھھاب» دېگەن ئۇلۇغ ئىسمىنىڭ تەقەززاسى شۇكى، قانداقلا بىر بەندە «يا ۋەھھاب!» دەپ مۇشۇ ئىسىمنى ۋەسىلە قىلىپ دۇئا قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا تىلىگىنىدىن كۆپرەكىنى بېرىپ ئۇنى مەمنۇن قىلىدۇ.
سۇلەيمان ئەلەيھىسسالام ئۆز ۋاقتىدا مۇشۇ ئۇلۇغ ئىسىمنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دۇئا قىلغان ئىدى: ) قَالَ رَبِّ اغْفِرْ لِي وَهَبْ لِي مُلْكًا لَا يَنْبَغِي لِأَحَدٍ مِنْ بَعْدِي إِنَّكَ أَنْتَ الْوَهَّابُ( «رەببىم! ماڭا مەغپىرەت قىلغىن، ماڭا مەندىن كېيىن ھېچكىمگە مۇيەسسەر بولمايدىغان بىر ھۆكۈمرانلىق ئاتا قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن كۆپ ئاتا قىلغۇچىسەن»[18]. ئۇ ئاللاھ تائالادىن كاتتا ھۆكۈمرانلىق ئەمەس، پەقەتلا كېيىن ھېچكىمگە مۇيەسسەر بولمايدىغان بىر ھۆكۈمرانلىق تىلىگەن. ئەمما ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا شامالنى ئۆزى خالىغان تەرەپلەرگە ماڭدۇرالايدىغان، شەيتانلارنى، جىنلارنى ئىشقا سالالايدىغان، ھايۋانلارنى ۋە قۇشلارنى باشقۇرالايدىغان ۋە ئۇلار بىلەن سۆزلىشەلەيدىغان كاتتا بىر ھۆكۈمرانلىق ئاتا قىلغان. ئاللاھ تائالا سۇلەيمان ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ دۇئاسىدىن كېيىنلا مۇنداق دېگەن: )فَسَخَّرْنَا لَهُ الرِّيحَ تَجْرِي بِأَمْرِهِ رُخَاءً حَيْثُ أَصَابَ. وَالشَّيَاطِينَ كُلَّ بَنَّاءٍ وَغَوَّاصٍ. وَآَخَرِينَ مُقَرَّنِينَ فِي الْأَصْفَاد («بىز سۇلەيمانغا شامالنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق، شامال ئۇنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئۇ خالىغان تەرەپكە لەرزان ماڭاتتى. ھەمدە ئۇنىڭغا ئۇستا بىناكار ۋە غەۋۋاس شەيتانلارنىڭ ھەممىسىنى، يەنە زەنجىرلەر بىلەن باغلانغان نۇرغۇن شەيتانلارنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق»[19].
پېقىر ئەمدىلا بالاغەتكە يەتكەن يېشىدا ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ چىقىپ، ئىلىم تەھسىل قىلىش يولىدا دۇنيانىڭ غۇربەت كوچىلىرىدا نەچچە ئون يىل تەمتىرەپ يۈرگەن بىرسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بېشىمدىن ئۆتكەن مۇنۇ ۋەقەلىكنى قىستۇرۇپ قويىمەن: بىز ئانىمىزدىن ۋاقىتسىز ئايرىلىپ قېلىپ، يېتىملارغا ئايلىنىپ قالغاندىن كېيىن دادام بىزنى ئۆزى يالغۇز قاتارغا قوشقان، ئۇكا- سىڭىللىرىمنى ئۆزى باققان ۋە مېنى «ئوغلۇم! ئوقۇغىن، بىلىم ئالغىن» دەپ، يۈرىكىگە تاش قويۇپ ياتلارنىڭ دۆلىتىگە تەنھا ئەۋەتكەن ئىدى. مەن ئاشۇ پىداكار دادامنى ھەج قىلدۇرۇشنى بەك ئارزۇ قىلدىم. ئەمما مېنىڭ چەتئەلدە بولغانلىقىم ۋە دىندا ئوقۇغانلىقىم سەۋەبلىك دادامغا پاسپورت ئىشلەپ بېرىش قەتئىيلىك بىلەن رەت قىلىنغانلىقتىن، ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىپ ئەرزىمنى ئۇ زاتقا ئېيتىشتىن باشقا ھېچقانداق چارەم قالمىغان ئىدى.
پېقىر ئاللاھ تائالانىڭ «ۋەھھاب» دېگەن ئۇلۇغ ئىسمىنى ۋە ئۆزۈمنىڭ ئاز- تولا ئەمەلىمنى ۋەسىلە قىلىپ دۇئا قىلدىم، دادامنى ھەج قىلدۇرۇشنى تىلىدىم. نەتىجە مەن تەسەۋۋۇر قىلغاندىن ۋە ئارزۇ قىلغاندىن نەچچە ھەسسە گۈزەل بولدى. چۈنكى، دادام ھەجلا قىلمىدى، بەلكى ئۇنىڭ باشقا نۇرغۇن ئارمانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇردى، ئون نەچچە يىل كۆرمىگەن ئوغلىنى يۈرىكىگە باستى، رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە ھەرەمدە ئېتىكاپ قىلىش پۇرسىتىگە مۇيەسسەر بولدى، بالىلىق چېغىدىن باشلاپ كۆرۈشنى ئارزۇ قىلغان مەرھۇم تاغىسىنىڭ پەرزەنتلىرىنى كۆردى ۋە شۇ كۈنى دادام ئۈچۈن مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرى بايرامغا ئايلانغان ئىدى. ئاندىن مەدىنە مۇنەۋۋەرەنىڭ خورمىلىق باغلىرىنى قانغۇچە تاماشا قىلدۇق، ئاندىن جىددە شەھىرىدە قىزىل دېڭىزغا چۆمۈلدۇق، ئاندىن مەخسۇس دېڭىز قاتنىشى بىلەن دېڭىزنىڭ كۆز يەتمەيدىغان يەرلىرىگە قەدەر بېرىپ سەيلە قىلدۇق. ھەج ۋاقتى كېلىۋىدى پېقىر سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەت رادىيوسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ھەجگە ئەۋەتىلگەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ دادامنى بىللە ئېلىپ چىقتىم ۋە پۈتۈن ھەج جەريانىدا يېنىدا بولۇپ، دادامنى دۆلەتنىڭ ئالاھىدە چېدىرلىرىدا تۇرغۇزدۇم.
مەن شۇنچىلىك بەك خۇش بولۇپ كەتتىمكى، ئەگەر دادامنىڭ شۇ قېتىمقى سەئۇدى ئەرەبىستان زىيارىتىنى ئۆزۈم پىلانلىغان بولسام بۇنداق مۇكەممەل ۋە بۇنداق ياخشى پىلانلىيالمىغان بولاتتىم. لېكىن ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ «ۋەھھاب» ئىسمىنىڭ بەرىكىتى بىلەن مەن تىلىگەن تىلەكنى نەچچە ھەسسە ئاشۇرۇپ بەردى ۋە كۆڭلۈمدە قىلچە ئارمان قالمىغان شەكىلدە ئورۇنداپ بەردى.
«ۋەھھاب» دېگەن ئىسىمدىن نېمىلەرنى ئۆگىنىمىز؟
ئاللاھ تائالانىڭ «ۋەھھاب» دېگەن ئىسمىدىن كۆڭۈل- كۆكسىمىزنى كەڭ تۇتۇشنى، سېخىي – مەرد بولۇشنى، بېغىشلاشنى، ئاللاھ يولىدا ئاتاشنى، باشقىلارغا ياردەم قىلىشنى ۋە «يا ۋەھھاب، يا ئاللاھ!» دەپ دۇئا قىلىشنى ئۆگىنىمىز.
[1] ئال ئىمران سۈرىسى 8- ئايەت.
[2] ساد سۈرىسى 9- ئايەت.
[3] ساد سۈرىسى 35- ئايەت.
[4] غافىر سۈرىسى: 60- ئايەت.
([5]) نەھل سۈرىسى،18_ ئايەت.
[6] ساد سۈرىسى: 36-38- ئايەتلەر.
[7] نەھل سۈرىسى، 16-17- ئايەتلەر.
[8] ئەنبىيا سۈرىسى: 89- ئايەت.
[9] مەريەم سۈرىسى: 5-6- ئايەتلەر.
[10] ئەنبىيا سۈرىسى: 90-ئايەت.
[11] تاھا سۈرىسى: 29-30- ئايەتلەر.
[12] دەپ ئۇنىڭغا خۇش بېشارەت بېرىدۇ.
[13] بەقەرە سۈرىسى: 128- ئايەت.
[14] نەقەرە سۈرىسى: 24- ئايەت.
[15] مەريەم سۈرىسى: 49- ئايەت.
[16] بەقەرە سۈرىسى: 245- ئايەت.
[17] ئەنئام سۈرىسى: 160- ئايەت.
[18] ساد سۈرىسى:35-ئايەت.
[19] ساد سۈرىسى: 36- 39- ئايەتلەر.

