سۈننىي - شىئە ئوتتۇرىسىدىكى ئاساسلىق پەرق

سۈننىي - شىئە ئوتتۇرىسىدىكى ئاساسلىق پەرق

مۇھەممەد يۈسۈپ

ئامېرىكا-ئىران ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، سۈننىي مەزھىپى بىلەن شىئە مەزھىپى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەر توغرۇلۇق سوئال سورىغان قېرىنداشلىرىمىز ئاز بولمىدى. قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ ئىككى مەزھەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئاساسلىق چوڭ پەرق ئىماملىق (يەنى مۇسۇلمانلارغا باش بولىدىغان كىشى) ھەققىدىكى ئىختىلاپ بولۇپ، سۈننىي مەزھىپىگە كۆرە، بۇ مەسىلە پەرئىي (شاخچە) مەسىلىلەردىن سانىلىدۇ. يەنى مۇسۇلمانلارنىڭ باشلىقى شۇرا (كېڭىشىش) ئارقىلىق سايلىنىدۇ،ئىمامنى قۇرئان ياكى سۈننەت بېكىتىپ بەرمەيدۇ. ئەمما شىئە مەزھىپىگە كۆرە، بۇ مەسىلە دىننىڭ رۇكنى سانىلىدۇ، شۇڭا ئىمامنى ئاللاھ بەلگىلەپ بەرگەن بولۇپ، بۇنىڭغا قارشى چىققانلارنىڭ ھەممىسى كاپىر بولىدۇ. شۇرا ھارامدۇر.  شۇڭا ئۇلار بىرىنچى خەلىپە ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن باشلاپ بارلىق ئىسلام خەلىپىلىرىنى ۋە ھازىرغىچە كېلىۋاتقان مۇسۇلمان يولباشچىلارنى كاپىر دەپ ھۆكۈم قىلىدۇ. ئۇلار ئىمامنى پەيغەمبەردىنمۇ ئۈستۈن كۆرىدۇ. خۇمەينى مۇنداق دېگەن: «ئىماملىرىمىزنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى مەرتىۋىسىگە ھېچقانداق پەيغەمبەر يېتەلمەيدۇ. چۈنكى ئاللاھ ئىماملىرىمىزغا بەندىلىرىنىڭ ئىشلىرىنى،رىزقىنى ۋە كائىناتنىڭ ئىشلىرىنى، شۇنداقلا ئۇلاردىن ھېساب ئېلىش ئىشلىرىنىمۇ تاپشۇرغان بولۇپ، شۇڭا ئۇلار ئۆزلىرى باشقۇرىدۇ. پەيغەمبەرلەر ئالەمدىن ئۆتۈش بىلەن ۋەھيى ئۈزۈلىدۇ، ئەمما ئىماملىرىمىزغا ۋەھيى كېلىپ تۇرىدۇ. ئىماملىرىمىز ئوقۇمىسىمۇ ھەممە ئىلىمنى، ھەممە تىلنى ۋە بارلىق كىتابلارنى بىلىدۇ. ئۇلار ئۆلىدىغان ۋاقتىنى بىلىدۇ ۋە ئۆزلىرى خالىغان ۋاقىتتىلا  ئۆلىدۇ.  پەيغەمبەرلىك ۋاقىتلىقتۇر، ئەمما ئىماملىق مەڭگۈلۈكتۇر». بۇنىڭدىن مەلۇمكى، ئاتالمىش شىئە ئىماملىرى ئاۋام خەلقنى دىن نامىدىن ئۆزلىرىگە چوقۇندۇرۇشتا غەلىبە قىلغان بولۇپ، ئىسلامنىڭ ھەقىقىتىنى بىلمىگەن ۋە بىلىش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم قىلىنغان بىچارە ئاۋام ئىماملىرىغا چوقۇنۇشنى دىن دەپ بىلگەن.

دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ 90%ى سۈننىي مەزھىپىگە، 10%ى شىئە مەزھىپىگە ئەگىشىدۇ.

شىئەلەر ئەڭ كۆپ تېپىلىدىغان دۆلەت ئىران بولۇپ، ئۇنىڭدىن قالسا ئەزەربەيجان، بەھرەين، ئىراق، ھىندىستان، سۈرىيە، ئافغانىستان ۋە بەزى ئافرىقا دۆلەتلىرىدە شىئەلەر كۆپ ساندا تېپىلىدۇ. شىئەلەرنىڭ ئەڭ چوڭ مەزھىپى ئون ئىككى ئىمام مەزھىپىدۇر.

ئون ئىككى ئىمام مەزھىپى
ئون ئىككى ئىمام مەزھىپى ئاۋۋىلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كىئوغلى، تۆتىنچى خەلىپە ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب ئاخىرى مۇھەممەد ئىبنى ھۈسەين ئەسكەرى دېگەن كىشىگىچە جەمى 11ئىمامنى كۆزدە تۇتىدۇ. ئۇلاردا ئىمام ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزى فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بولغان پەرزەنتلىرى ئىچىدىنلا چىقىدۇ. ئۇلار: ھەسەن، ھۈسەين، زەينىل ئابىدىن، مۇھەممەد باقىر، جەفەر سادىق، مۇسا كازىم، ئەلى رىزا، مۇھەممەد ئىبنى ئەلى ھادى، ھەسەن ئەسكەرى، مۇھەممەد مەھدى قاتارلىقلاردۇر. ئۇلارنىڭ 11-ئىمامى ھۈسەين ئەسكەرى ھىجرىيەنىڭ 260-يىلى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوغلى مۇھەممەد ئاتىسىنىڭ ئىزىدىن ئىمام بولۇشقا تېگىشلىك ئىدى. لېكىن ئۇ چۈشىنىشسىز بىر شەكىلدە يوقاپ كەتكەندىن كېيىن، شۇ ۋاقىتتىكى شىئەلەر 12-ئىمام مۇھەممەدنى ئۆلمىدى، ئۇ چوقۇم مۇناسىپ بىر زاماندا «ئىمام مەھدى»بولۇپ، ئوتتۇرىغا چىقىدۇ ۋە دۇنيانى ئادالەتكە تولدۇرىدۇ، دەپ ئېلان قىلغان. شۇنىڭدىن بېرى شىئەلەرنىڭ ئون ئىككى ئىمام مەزھىپىدە  ئىماملىق ئاخىرلاشقان بولۇپ، ئۇلار ھازىرغىچە مۇھەممەد مەھدىنىڭ چىقىشىنى كۈتمەكتە.

  شىئەلەرنىڭ بۇ پىرقىسى ئون ئىككى ئىمام مەزھىبپى، ئىمامىيە مەزھىپى، جەئفەرىيە مەزھىپى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئون ئىككى ئىمام مەزھىپى دەپ ئاتىلىشى ئۇلاردا ئىماملىقنىڭ ئون ئىككى ئىمام بىلەن ئاخىرلاشقانلىقى، ئىمامىيە دەپ ئاتىلىشى ئۇلارنىڭ ئىمام تىكلەشنىڭ پەرزلىكىگە ئېتىقاد قىلىدىغانلىقى ۋە جەئفەرىيە دەپ ئاتىلىشى شىئەلەرنىڭ ئىمام جەئفەر سادىقنىڭ دەۋرىدە قۇدرەت تېپىپ يېڭى بىر باسقۇچقا كۆتۈرۈلگەنلىكى سەۋەبىدىن ئىدى. ئەمما ئۇلارنىڭ فىقھىي مەسىلىلىرىدىكى مەزھەپلىرى بىر-بىرىدىن پەرقلىقتۇر.

ئىران بۇرۇن سۈننىي مەزھىپىدە بولۇپ، ئىراندىن كۆپلىگەن سۈننىي ئۆلىمالار  چىققان. ئەپسۇسكى، مىلادىيەنىڭ 1500-يىلى ئىراندا پادىشاھلىق تەختىگە ئولتۇرغان شاھ ئىسمائىل سەفەۋى شىئەلەرنىڭ ئون ئىككى ئىمام مەزھىپىنى ئىراننىڭ رەسمىي دۆلەت دىنى قىلىپ بەلگىلىگەندىن بېرى بۇ مەزھەپ ھازىرغىچە ئىراندا دەۋر سۈرۈپ كەلمەكتە.([1])

كۆپرەك مەلۇمات ئېلىشنى خالىغانلار «دىن ۋە ھايات(2000سوئالغا جاۋاب)» ناملىق ئەسەردىكى 1778- سوئالغا مۇراجىئەت قىلسا بولىدۇ.



([1])   مىسىر ۋەقىپ ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ« ئىسلامىي ئىشلار ئالىي كېڭىشى»تەرىپىدىن ھازىرلانغان«ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيىسى»دىن ئېلىندى.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار