مەن نېمە ئۈچۈن مۇسۇلمان بولدۇم؟

مەن نېمە ئۈچۈن مۇسۇلمان بولدۇم؟

مۇھەممەد يۈسۈپ

ئۇزۇن يىللاردىن بىرى ئامېرىكىدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان مىسىرلىق ئالىم دوكتور ئەبۇ شادى «مەن نېمە ئۈچۈن مۇسۇلمان بولدۇم؟» دېگەن سوئالنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تۆۋەندىكىدەك جاۋاب بەرگەن:

1. مەن ئىمان كەلتۈرگەن ئىسلام دىنى ئەقىلغا تامامەن مۇۋاپىق بىر دىندۇر. ئۇنىڭ ئاساسى ئاللاھ تائالانىڭ بىر ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ ھەممىنى ئىدارە قىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئىقرار قىلىشتىن ئىبارەت.

دۇنيادا ھېچقانداق دىن ئاللاھ تائالانى ئىسلام دىنى سۈپەتلىگەندەك ئېسىل ۋە كامالىي سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلىيەلىگەن ئەمەس.

2. ئىسلام دىنى ئاللاھ تائالادىن باشقىسىغا چوقۇنۇشنى قەتئىي رەت قىلىدۇ ۋە ئىنساننى يالغۇز ئاللاھ تائالاغىلا باغلايدۇ.

ئىسلام نەزىرىدە  ئىنساننىڭ مەخلۇقاتقا چوقۇنۇشى ئۆزىنىڭ ئىنسانلىق ھۆرمىتىنى تۆۋەنلەتكەنلىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ئىنسان كائىناتتىكىلەرنىڭ ئەڭ ھۆرمەتلىكى ۋە ھەممىنىڭ خوجايىنىدۇر. ئۇ ھەرگىزمۇ كائىناتقا ئەسىر ئەمەس، كائىنات كۈچلىرىگە بويسۇنغۇچىمۇ ئەمەس. بەلكى ئۇ بىر تەرەپتىن مۇستەقىل خاھىش ۋە ئەركىن ئىرادىگە ئىگە ھۆر ئىنسان، يەنە بىر تەرەپتىن كائىناتنىڭ بىر پارچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ نىزامىغا بويسۇنغۇچى مەۋجۇداتتۇر.

3. ئىسلام دىنى ئىلگىرىكى ساماۋى دىنلار بىلەن بىر پۈتۈنلىكنى تەشكىل قىلىدۇ ۋە ھەممىسىنىڭ ئورتاق غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.

 ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنىي تەلىماتلىرىنىڭ ئاساسلىقى تىنچلىق ۋە شەپقەت ئىدى. دۇنيادا بۇ ئىككىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ۋە تەشۋىق قىلىشتا ئىسلامدەك بىر ھامىي يوق. (ھەتتا  مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئون ۋەسىيىتىمۇ قۇرئان كەرىمدىن ئورۇن ئالغان-ت)[1]

ئىسلام دىيارلىرىدا ياشايدىغان يەھۇدىيلار بىلەن خرىستىئانلار ئۆز دىنلىرىدىن ۋاز كەچمىگەن بولسىمۇ، خۇددى مۇسۇلمانلارغا ئوخشاش مۇئامىلە كۆرمەكتە ۋە ھەق-ھوقۇقلىرىدىن تولۇق بەھرىمەن بولماقتا. چۈنكى ئىسلامدا باشقىلارنى مۇسۇلمان بولۇشقا زورلاش يوق.

4. ئىسلام دىنى ھۆررىيەتكە چاقىرىدىغان، ئىستىبداتنىڭ ھەر قاندىقىنى رەت قىلىدىغان ۋە ھەقسىزلىققا دادىل قارشى تۇرىدىغان ئىلغار دىن.

5. ئىسلام دىنى دۇنياۋى دىن بولۇپ، ئۇ چەكلىك مۇھىت ۋە چەكلىك جۇغراپىيەگە مەھكۇم بولۇپ قالمايدۇ. ئۇ پۈتۈن ئىنسانىيەتكە كەلگەن ئومۇمىي دىندۇر.

6. ئىسلام دىنىنىڭ دەستۇرى قۇرئان كەرىم ھەر زامان ۋە ھەر ماكانغا مۇناسىپ كېلىدىغان ئالاھىدە خۇسۇسىيەتكە ئىگىدۇر.

چۈنكى ئەقىدە، ئەخلاق ۋە ئىبادەتنىڭ پىرىنسىپلىرى ئۆزگەرمەس قىلىپ بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، شاخچە مەسىلىلەرنىڭ ۋە يېڭى چىققان ئىشلارنىڭ قانۇن-تۈزۈملىرى ئىسلام مۇجتەھىدلىرىنىڭ ئەقىل-پاراسىتىگە تاپشۇرۇلغان بولۇپ، ئۇلار زاماننىڭ ئىلگىرلىشىگە ۋە ئىنسانلارنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ قۇرئان كەرىمنىڭ روھىغا ئۇيغۇن قانۇن-تۈزۈملەرنى تۈزىدۇ.

7. ئىسلام دىنى ئىلىمنى ئاللاھ تائالانىڭ قۇرئان كەرىمدىكى ۋە كائىناتتىكى ئايەتلىرىگە ئېلىپ بارىدىغان ھەقىقىي يولباشچى دەپ قارايدۇ. شۇڭا ئىلىم ئۆگىنىش ئىسلام دىنىنىڭ ئالدىنقى پەرزلىرىدىن بىرىدۇر.

ئىسلام دىنى بىلىمسىزلىكنى ۋە جاھالەتنى جىددىي بىر يېتەرسىزلىك دەپ قارايدۇ ۋە ئۇنىڭغا چارە-تەدبىر قوللىنىدۇ.

8. ئىسلام دىنى ئاللاھ تائالا بىلەن ئىنسان ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق بىر ۋاسىتىنى قوبۇل قىلمايدۇ. شۇڭا مۇسۇلمانلار ئىبادەت ۋە دۇئالىرىنى بىۋاسىتە ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىگىلا قىلىدۇ.

9. ئىسلام ھەقىقىي مەنىدىكى دېموكراتىيەنىڭ ئاساسىنى بېكىتكەن. ئادالەت ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىسلام ھاكىمىيىتىنىڭ ئاساسىدۇر.

10. ئىسلام دىنى ئەمەلىيەتچان دىن بولۇپ، ئەمەل قىلغۇچىلارنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىكى يۈكسىلىشىگە كاپالەت قىلىدۇ.

11. ئىسلام دىنى ئىلىمنى ئۇلۇغلاشتا ۋايىغا يەتكەن بولۇپ، ئۇنى نۇرغۇنلىغان شەكلىي ئىبادەتلەردىن يۇقىرى مەرتىۋىلەرگە كۆتۈرۈپ مۇقەددەسلەشتۈرگەن.

 چۈنكى ئىسلامدا ئىلىم ئىماننى كۈچلەندۈرۈش ۋە ھەقىقەتلەرنى ئېچىش ئېتىبارى بىلەن كاتتا ئىبادەتلەردىن سانىلىدۇ.

12. قۇرئان كەرىم ئىنسانىيەت دۇنياسى تەرەققىي قىلغانسېرى تېخىمۇ كۆپلەپ مەيدانغا چىقىپ تۇرىدىغان ئىلمىي ھەقىقەتلەرنى ئېلىپ كەلگەن.

 بۇ ئىلمىي ھەقىقەتلەر ئىنسانلارنىڭ بىلىم سەۋىيەسىنىڭ ۋە ئەقىل- ئىقتىدارىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ تا قىيامەتكىچە شۇنداق مەيدانغا چىقىپ تۇرىدۇ. ئەگەر قۇرئان كەرىم ھازىر چۈشكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭغا بىرەر ھەرپ كەم-زىيادە قىلىنمىغان بولاتتى. چۈنكى ئۇنىڭ مۆجىزىسى مەڭگۈگە داۋام قىلىدىغان دائىملىق مۆجىزە.

13. تەۋرات بىلەن ئىنجىل ئاخىر زامان پەيغەمبىرى ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام توغرۇلۇق يېتەرلىك بىشارەتلەرنى بەرگەن بولۇپ، ناۋادا يەھۇدىي ۋە خرىستىئان دىنلىرىنىڭ ئۆلىمالىرى مۇسۇلمان ئۆلىمالار بىلەن بەس-مۇنازىرىگە كىرىدىغان بولسا، ئۇلار چوقۇم يېڭىلىدۇ.

چۈنكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام توغرۇلۇق كەلگەن تەۋارت ۋە ئىنجىل تېكىستلىرى ھېچقانداق تەۋىلنى قوبۇل قىلمايدۇ.

14. ئىسلام پىرىنسىپلىرى ئەقىل ۋە يارىتىلىشنىڭ تەقەززاسىغا تامامەن ئۇيغۇن بولۇپ، ئىنساننىڭ بۇزۇلمىغان ساپ فىترىتى بىلەن ئەقلى بۇ پىرىنسىپلارنى تامامەن قوللايدۇ.

15. ئىسلام دىنى قالاقلىقنى، خۇراپاتنى ۋە ئارقىغا چېكىنىشنى قەتئىي رەت قىلىدۇ ۋە ھەمىشە ئالدىغا ئىلگىرىلەشنى تەرەققىي قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.

ئىنساننىڭ بارچە ھۆررىيىتى ئىسلام دىنىدا كاپالەتكە ئېلىنغان بولۇپ، ئېتىقاد ئەركىنلىكى، پىكىر ئەركىنلىكى ۋە پىكىر بېرىش ئەركىنلىكى قاتارلىقلارغا ئالاھىدە ھۆرمەت كۆرسىتىلىدۇ ۋە قوغدىلىدۇ. بۇ ئەركىنلىكلەرگە قارشى ھەرىكەت قىلىش ياكى خۇراپات بىلەن جاھالەتنى راۋاجلاندۇرۇش كاپىرلىققا ئوخشاش ئەيىبلىنىدۇ.

16. ئىسلام دىنىدا بىرى يەنە بىرىنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ، بەلكى ھەركىم ئۆز قىلمىشىدىن جاۋابكار بولىدۇ. شۇنداقلا ھەركىم ئۆز ئەمەلىنىڭ مۇكاپاتىنى كۆرىدۇ.[2]

ئىسلامغا ئەڭ چوڭ زىيانكەشلىك قىلىۋاتقانلار مۇسۇلمانلاردۇر

بىزنىڭ دىنىمىز ئەنە شۇنداق ئىلغار ۋە مۇكەممەل دىن بولۇپ، ئۆزىنىڭ پايدا-زىيىنىنى پەرق ئېتەلەيدىغان سەۋىيەدىكى ھەر قانداق ئادەم بۇنى بىلەلەيدۇ. ئىسلام شۇنچە روشەن ھەقىقەتكى، ئۇنى ئىزاھلاشقا ياكى چۈشىنىش ئۈچۈن كۆپ ئويلىنىشقا ھاجەت قالمايدۇ.

  ئەپسۇسكى، بۇ دىننى كىشىلەرگە قىيىن كۆرسىتىپ قويغانلار ۋە ئۇنىڭ شەنىگە داغ قوندۇرىۋاتقانلار يەنىلا مۇسۇلمانلاردۇر. بۇ ھەقىقەتەن ئەپسۇسلىنارلىق بىر ئىش. چۈنكى ھازىرقى زاماندىكى مۇسۇلمانلار دۇنيانىڭ قانداقلا يېرىدە بولمىسۇن، ھەرگىزمۇ ئىسلام دىنىنىڭ گۈزەللىكلىرىنى ۋە ئەۋزەللىك تەرەپلىرىنى نامايان قىلالمىغان. ئەكسىچە، ئىسلام دىنىنى باشقىلارنىڭ كۆزىگە سەت كۆرسىتىش ۋە ئۇنى ھازىرقى ئەسىر بىلەن ماسلىشالمايدىغان بىر دىن قىلىپ كۆرسىتىش ئارقىلىق ئىسلامغا ئەڭ چوڭ زىيانكەشلىكلەرنى قىلغان.

ئىسلام مۇتەپەككۇرى ئەللامە مۇھەممەد غەززازالىي بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «ئەگەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تىرىلىپ كېلىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى كۆرگەن بولسا، ئۇلارنى تونۇماي قالغان بولاتتى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئىسلام دىنىنى تاپالمايتتى، ئۇلاردا قۇرئان بىلەن سۈننەتنىمۇ كۆرەلمىگەن بولاتتى»[3].

چۈنكى، ھازىرقى مۇسۇلمانلاردا ئومۇملاشقان شەخسىيەتچىلىك، ئاچكۆزلۈك، مەنمەنچىلىك قاتارلىق ئەخلاقىي جەھەتتىكى بۇزۇلۇشلار ئۇلارنى باشقا بىر ئۇممەتكە ئۆزگەرتىپ قويغان. ئۇلاردا ئىسلامنىڭ بىرلا نامى ۋە شەكلىي ئىبادەتلىرىلا قالغان بولۇپ، ئىمان روھى ئۇلاردا ئىپادىلەنمەيدىغان بولۇپ قالغان. بۇ بۇھران سۇدا-سېتىق ئىشلىرىدا قەسەم قىلىپ تۇرۇپ بىر-بىرىنى ئالداشتىن باشلاپ يول ماڭغاندا يول تالىشىشقا قەدەر بېرىپ ئومۇملاشقان. بۇ ۋەزىيەت بىزنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىمىزدە تېخىمۇ ئېغىر، تېخىمۇ ئېچىنىشلىق بولماقتا.

قىسقىسى، مۇسۇلمانلاردا شۇ زاھىرىي ئىبادەتلەردىن باشقا ھېچ نەرسە قالمىغان، ئۇلاردىكى ئىماننىڭ كۈچى دۇنيا ھەلەكچىلىكى ئالدىدا يېڭىلىپ قالغان. 

مۇسۇلمان ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ قالغانلىقى ئۈچۈنلا مۇسۇلمان دەپ ئاتىلىپ قالغان بەزى ئۇيغۇرلار بەزى دىندارلاردىكى شەخسىيەتچىلىك، ئالدامچىلىق ۋە يالغانچىلىقلارنى كۆرۈپ، سەسكىنگەن يەردە، باشقا دىندىكىلەر بىزگە قانداق باھا بېرەر؟ ئۆتمۈشلەردە ئۆزلىرىنىڭ دۇرۇسلىقى، راست سۆزلىكى ۋە گۈزەل ئەخلاقى بىلەن ئاسىيا ۋە ئافرىقا قەتئەلىرىدىكى كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرىۋەتكەن ۋە ئۇلارنىڭ  مۇسۇلمان بولۇشىغا سەۋەب بولغان مۇسۇلمانلار بىلەن ھازىرقى زاماندىكى نامدىكى مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنىڭ قانچىلىك چوڭلىقىنى بىلەمسىز؟ بىزنىڭ بۇ ئەھۋالىمىزنى كۆرۈپ كىممۇ مۇسۇلمان بولسۇن؟ كىممۇ بىزدىن تەسىرات ئالسۇن؟

بۇ ئورۇندا مۇنداق بىر قىسسىنى قىستۇرۇپ قويغۇم كەلدى. يېڭىدىن مۇسۇلمان بولغان غەربلىكلەردىن بىرى مۇسۇلمانلارنىڭ دىيارىغا كېلىپ، ئۇ جايدا مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈپ، «ئاللاھقا شۈكۈركى، مەن مۇسۇلمانلارنى كۆرمەي تۇرۇپ مۇسۇلمان بولغان ئىكەنمەن» دېگەن ئىكەن.

چۈنكى ھازىرقى مۇسۇلمانلارنىڭ مۇسۇلمانچىلىقىدىن مەسجىدلەردە بەش ۋاخ نامازنى جامائەت بولۇپ ئوقۇشتىن باشقىسىنى كۆرگىلى بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىدا مۇسۇلمانغا خاس ئۆزگىچىلىكلەرنى تاپقىلى بولمايدۇ. بۇرۇنقى مۇسۇلمانلار ئىسلامىي قېرىنداشلىقتا كامالىغا يېتىپ ئۆزلىرىنىڭ قىممەتلىك شەخسىي مال – مۈلكىنى بىر- بىرى بىلەن بۆلۈشۈشكەن، ھەتتا ئەنسارلاردىن كۆپ خوتۇنلىرى بارلىرى ئۆي - ئوچاقسىز مۇھاجىرلارغا «ئاياللىرىمدىن كۆڭلۈڭگە ياققىنىنى تاللىغىن، سۆزىنى بېرىپ، ئىددىتى چىققاندىن كېيىن ساڭا ئۆيلەندۈرۈپ قوياي» دېگەن سەمىمىي تەكلىبنى قويۇش دەرىجىسىگە، ئۇرۇشلاردا بىر- بىرىنى ئاسرىغانلىقتىن، «سەن ھايات قالغىن، سېنىڭ ئورنۇڭغا مەن ئۆلەي» دېگەن مەقسەت بىلەن بايراقنى ۋە ئالدىنقى سەپنى تالىشىش دەرىجىسىگە يەتكەن بولسا، ھازىرقى مۇسۇلمانلاردىكى شەخسىيەتچىلىكتىن ئىبارەت بۇ ناچار روھىي ھالەت ھاياتلىقنىڭ پۈتۈن ساھەلىرىگىچە بېرىپ سىڭىپ كەتكەن. بۇلارنى ساناپ تۈگىتىش مۇمكىن ئەمەس. ئاددىيسى، ھازىرقى مۇسۇلمانلاردىكى شەخسىيەتچىلىك ماشىنا ھەيدەشتە ئەدەپسىزلەرچە يول تالىشىشتىن باشلاپ مەسجىدلەردە جامائەتلەرگە ئازار بېرىپ، ئۇلارنىڭ بويۇنلۇىرىدىن ئاتلاپ ئالدىنقى سەپكە ئۆتۈشكىچىلىك بولغان پۈتۈن ئىشلىرىدا ئىپادىلىنىپ تۇرماقتا.

مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنى ئىسلاھ قىلىشقا مۇھتاج

بىز ئۆزىمىزنى ئىمانىي تەرەپتىن ئىسلاھ قىلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەرگە مۇھتاجمىز:

ئاۋۋال چىن مۇسۇلمان بولۇش شەرت

ئىمان بىرىنچى، ماددىي سەۋەب ئىككىنچى ئورۇندا كېلىدۇ. چىن مۇسۇلمان بولۇش دوختۇر بولۇشتىن، ئېنژىنېر بولۇشتىن، فىزىكا مۇتەخەسسىسى بولۇشتىن، بىئولوگىيە مۇتەخەسسىسى بولۇشتىن ۋە ھەر نەرسىدىن ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.

قىسقىسى، ئىسلام مىللىتىنىڭ قەد كۆتىرىشى شەخسلەرنىڭ چىن مەنىدە مۇسۇلمان بولىشىدىن باشلىنىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، ماددىي ئىمكانىيەتلەرگە تايىنىپ ئوخشاش بولمىغان ساھەلەردە يېتىشىپ چىقىش تەلەب قىلىنىدۇ. شۇنداق قىلىپ، مۇسۇلمان دوختۇر، مۇسۇلمان مۇئەللىم، مۇسۇلمان دېھقان، مۇسۇلمان تىجارەتچى، مۇسۇلمان كادىر، مۇسۇلمان ئىشچى ۋە مۇسۇلمان ھۈنەرۋەن  بارلىققا كەلگەن بىر ئۈلگىلىك جەمئىيەتنى قۇرۇپ چىقىش غايە قىلىنىدۇ. ئىمام ھەسەن ئەل بەننا مۇنداق دېگەن:« چىن مۇسۇلمان تېپىلغان يەردە غەلىبىنىڭ بارلىق ئامىللىرىمۇ تېپىلغان بولىدۇ.»

چىن مۇسۇلمان بولۇشنىڭ مەنىسى چوڭقۇر

چىن مەنىدە مۇسۇلمان بولۇش دېگەنلىك شۇ زاھىرى ئىبادەتلەر بىلەنلا بولمايدۇ. بەلكى ئاللاھ تائالا تەلەب قىلغاندەك بولۇش ۋە پۈتۈن يۈرۈش-تۇرۇش، ئىش-ھەرىكەت، گەپ- سۆز، مۇئامىلە ۋە ھاياتنىڭ ھەممە ساھەسىنى ئۇ سىزىپ بەرگەن ئۆلچەمگە قېلىپلاشتۇرۇش دېگەنلىكتۇر. ئىنساننىڭ ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدىكى قەدىر-قىممىتى ئۇنىڭ مۇسۇلمانلىق دەرىجىسىگە قاراپ بولىدۇ. مۇسۇلمانلىقنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئۇنۋانى تەقۋالىقتۇر. تەقۋالىق – ئۆزىنىڭ دىن ۋە دۇنيالىق مەسئۇلىيىتىنى تونۇپ، ئادا قىلىش ئارقىلىق ئاللاھ تائالانىڭ ھېمايىسى ئاستىغا كىرىش دېگەنلىكتۇر. تەبىئىيكى، ئاللاھ تائالانى رازى قىلماي تۇرۇپ ئۇنىڭ ھېمايىسى ئاستىغا كىرگىلى بولمايدۇ.

چىن مۇسۇلمانلىق ئادەمنىڭ ئىچكى دۇنياسىدىن باشلىنىدۇ. بىراۋنىڭ ئىچكى دۇنياسى ئۇنىڭ تاشقى دۇنياسىدىن ئەۋزەل ۋە گۈزەل بولغاندىلا، چىن مۇسۇلمانلىق ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان بولىدۇ. مۇبادا ئادەمنىڭ تاشقى دۇنياسى ئىچكى دۇنياسىدىن چىرايلىق بولۇپ قالغاندا، مۇناپىقلىق ئوتتۇرىغا كىرىپ قالغان بولىدۇ. چۈنكى مۇناپىقلارنىڭ ئىچكى دۇنياسى خاراب، تاشقى دۇنياسى چىرايلىقتۇر.

چىن مۇسۇلمانلىقنىڭ ئالامىتى شەخس ئۈچۈن ئاللاھ تائالانىڭ ھەممىدىن سۆيۈملۈك بولىشىدۇر. چۈنكى ئاللاھ سۆيگۈسى ۋايىغا يەتمىگىچە ئىمان تولۇقلانمايدۇ.

چىن مۇسۇلمانلىق ئىپادىسى ئاللاھ تائالانى ئۇلۇغلاش ۋە ئۆزىنى كىچىك ساناش بىلەن بولىدۇ.

چىن مۇسۇلمانلىق ئاللاھ تائالا بىلەن بولغان مۇئامىلىنى ئالدىنقى ئورۇندا قويۇش ۋە ئۇنىڭ ھەققىنى تولۇق ئادا قىلىش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئاللاھ تائالا بىلەن بولغان مۇئامىلە ئۇنىڭغا تەقۋالىق قىلىش، ئۇنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىش، غەزىبىدىن ھەزەر قىلىش، ئۇنىڭدىن ياردەم سوراش، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىش قاتارلىق ئىشلار بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

چىن مۇسۇلمانلىق ھەر كىمنىڭ ھەققىنى جايىدا ئادا قىلىش بىلەن بولىدۇ.

چىن مۇسۇلمان ئادەم ئايالى ئۈچۈن ئۈلگىلىك ئەر، بالىلىرى ئۈچۈن ئۈلگىلىك ئاتا، ئاتا-ئانىسى ئۈچۈن ئۈلگىلىك بالا، قوشنىلىرى ئۈچۈن ئۈلگىلىك قوشنا، خىزمەتداشلىرى ئۈچۈن ئۈلگىلىك خىزمەتداش، ساۋاقداشلىرى ئۈچۈن ئۈلگىلىك ساۋاقداش بولالايدۇ.

چىن مۇسۇلمان ئادەمنىڭ سۆيگۈسى ۋە نەپرىتى پەقەت ئاللاھ تائالا ئۈچۈن بولىدۇ. ئۇ ياخشىلىق يولىدا تۇرماستىن ئىلگىرىلەيدۇ، يامان ئىشلاردىن يىراق تۇرىدۇ. خاتالاشقان ياكى بىرەر گۇناھ ئىشلەپ سالغان ھامان تەۋبە قىلىپ ھەقىقەتكە قايتىشنى بىلىدۇ.

چىن مۇسۇلمان ئادەم خۇددى خۇشپۇراق گۈلگە ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ پايدىسى ئۇنىڭ ئەتراپىدىكىلەرگە يېتىپ بارىدۇ.

چىن مۇسۇلمان ئادەم مۇسۇلمانلارنىڭ سېپىنى بۇزىدىغان ۋە ئۇلارنى سىنىپلارغا بۆلۈپ، ھەممىسىنى كاپىر قىلىۋېتىدىغان ھىزبۇتتەھرىرچىلەردىن بولمايدۇ.

چىن مۇسۇلمان ئادەم «ساقال قويمىغانلار مۇسۇلمان ئەمەس» دەپ مۇسۇلماننى كاپىرغا چىقىرۋېتىدىغان تەكفىرچىلەردىن بولمايدۇ.

چىن مۇسۇلمان ئادەم «ھىجرەت قىلمىغانلار مۇناپىقلاردۇر» دەپ دىيارىمىزدا ئۆز مەۋجۇدىيىتىمىزنى ساقلاپ تۇرۇۋاتقان ۋە ئەڭ ئېغىر كۈنلەردە ياشاۋاتقان ئۇ ئەزىز مىللەتنى ئائىلىۋى ۋەيرانچىلىققا، ئۆمۈرلۈك مۇساپىرچىلىققا ۋە چىدىغۇسىز پېقىرچىلىققا دەۋەت قىلمايدۇ ھەمدە ئۆزلىرىمۇ ھىجرەتنى باھانە قىلىپ مەسئۇلىيەتتىن قاچمايدۇ ۋە مۇسۇلمان پەرزەنتلىرىنى ئاتېئىزم تەربىيەسىگە تاشلاپ بېرىپ چەتئەللەرگە چىقىپ كەتمەيدۇ.

چىن مۇسۇلمان ئادەم «مائاش ئالغانلار كاپىر» دەپ ئىشچى-خىزمەتچى ۋە پېنسىيەگە چىققان مۇسۇلمانلارنى ھارام يېگەنلىك بىلەن ئەيىبلەيدىغان سىرلىق مۇجاھىد، ساختا قەھرىمانلاردىن بولىۋالمايدۇ.

چىن مۇسۇلمان ئادەم «ھازىرقى ئىماملارنىڭ ئارقىسىدا ناماز ئوقۇغىلى بولمايدۇ »دەپ كىشىلەرنى ئاللاھ تائالانىڭ مەسچىتلىرىگە كىرىپ ناماز ئوقۇشتىن توسىدىغان تەتۈر تەشۋىقاتچىلاردىن بولمايدۇ.

  چىن مۇسۇلمان ئادەم بىر-ئىككى ھەدىسنى ئۆگىنىۋېلىپ ئىمام ئەزەمگە چەندەك ئاتمايدۇ.

چىن مۇسۇلمان ئادەم ئەتراپىدىكى ئېھتىياج ئىگىلىرى قايرىپ قويۇپ تەكرار ھەج قىلىش باھانىسى بىلەن رىياكارلىق قىلىپ يۈزمىڭلارچە پۇلنى سورۇۋەتمەيدۇ.

چىن مۇسۇلمان ئادەم ئىسلام دۆلىتىنى ئاۋۋال ئۆزىدە، ئاندىن ئائىلىسىدە، ئاندىن مەھەللىسىدە، ئاندىن جەمئىيىتىدە قۇرۇپ چىقىدۇ.

چىن مۇسۇلمان ئادەم ھوشيار بولىدۇ، دۈشمەنلىرىنىڭ ھىيلە-مىكىرلىرىدىن غەپلەتتە قالمايدۇ. چۈنكى مۇسۇلمان دېگەن ئەقىللىق بولىدۇ.

[1] مۇسا ئەلەيھىسسالامغا مىسىردىكى”تۇر تېغى“ دا ئون ئەمر چۈشكەن بولۇپ، ئۇلار مۇنۇلار: «ئۆز ۋاقتىدا بىز ئىسرائىل ئەۋلادلىرىدىن:

1.    ئاللاھتىن باشقىسىغا ئىبادەت قىلماڭلار.

2.    ئاتا ـ ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار.

3.    ئۇرۇق- تۇغقانلارغا سىلە ـ رەھىم قىلىڭلار.

4.    ئىگىسىز يېتىملارغا ياخشىلىق قىلىڭلار.

5.    كەمبەغەل، يوقسۇللارغا ياردەم قىلىڭلار.

6.    ئىنسانلارغا ياخشى سۆز قىلىڭلار، ئادىل مۇئامىلە قىلىڭلار.

7.    نامازنى تولۇق ئادا قىلىڭلار.

8.    زاكاتنى ئادا قىلىڭلار.

9.    بىر ـ بىرىڭلارنىڭ قېنىنى تۆكمەڭلار.

10.  بىر ـ بىرىڭلارنى ئۆز مەملىكىتىدىن قوغلاپ چىقارماڭلار، دەپ ئەھد ئالغان ئىدۇق.» (بەقەرە سۈرىسى 83 ـ84 ـ ئايەتلەر).
[2] ئىسلام مۇتەپەككۇرى مەرھۇم ئۇستاز مۇھەممەد غەزززالىنىڭ « كيف نفهم الإسلام»ناملىق ئەسىرى217-بەت.
[3] ئىسلام مۇتەپەككۇرى مەرھۇم ئۇستاز مۇھەممەد غەزززالىنىڭ« كيف نفهم الإسلام»ناملىق ئەسىرى223-بەت.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار