يېزىلمىغان قائىدە-يوسۇنلىرىمىزنىڭ ئەھمىيىتى

يېزىلمىغان قائىدە-يوسۇنلىرىمىزنىڭ ئەھمىيىتى

مۇھەممەد يۈسۈپ

يېزىلمىغان قائىدە- يوسۇنلار ئەۋلادتىن ئەۋلادقا زەنجىرسىمان ھالدا يېتىپ كەلگەن ئەدەپ-ئەخلاق ۋە قائىدە –پىرىنسىپلار بولۇپ، كىشىلەر ئوقۇماستىن ۋە ئۆگەنمەستىنمۇ تەبىئىي ھالدا ئۆزلىرىدە يېتىلدۈرۈپ كەلگەن ئېسىل قىممەتلەردۇر. ئەجدادلار بۇلارنىڭ ھەممىسىنى «بۇ ياخشى، بۇ يامان» دېگەن ئىككى جۈملە سۆزگە ناھايىتى ھېكمەتلىك ھالدا سىغدۇرغان ۋە تەربىيەنى ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىيىتى بىلەن ئېلىپ بارغان. مەكتەپ كۆرمىگەن، ئوقۇش ۋە يېزىشنى بىلمەيدىغان كىشىلەرمۇ پەرزەنتلىرىنى ئۆزلىرىدىكى يېزىلمىغان قائىدە-يوسۇنلارنىڭ سايىسىدا، ئىمانلىق، ئەدەپ –ئەخلاقلىق قىلىپ يېتىشتۈرگەن. گەرچە ئۇلاردا زامانىمىزدىكىدەك ئۆگىنىش، بىلىش يوللىرى ۋە شارائىت يېتەرلىك بولمىغان بولسىمۇ، ئۇلار بىلگەنلىرىگە ۋ ئاڭلىغانلىرىغا تولۇق ئەمەل قىلىدىغان بولۇپ چىققان.

زامانىمىز ئۇچۇر دەۋرى بولغانلىقتىن، بىلىش ۋە ئۆگىنىش يوللىرى كۆپ، شارائىتلار تولۇقتۇر. ھازىر بىلىش ۋە ئۆگىنىش قىيىنچىلىقى يوق دېسەكمۇ بولىدۇ. چۈنكى ھەرقانداق ئادەم بىلمەكچى ۋە ئۆگەنمەكچى بولغانلىرىنى بىمالال ئۆگىنەلەيدۇ، ئىزدىنىپ تاپالايدۇ. ئەمما ئۆتمۈشلەردە بۇ پۇرسەتلەر ۋە بۇ شارائىتلار يوق ئىدى.

زامانىمىزدىكى ئاساسلىق كىرزىس بىلمىگەنلىكتىن ۋە ئۆگىنەلمىگەنلىكتىن ئەمەس، بەلكى ئەمەل قىلمىغانلىقتىن بولۇۋاتىدۇ. چۈنكى كىشىلەر نېمىنىڭ ھەق ۋە نېمىنىڭ باتىل، نېمىڭ توغرا ۋە نېمىنىڭ خاتالىقىنى بىلمەيدىغان دەرىجىدە ئەمەس. پەقەت بىلگەنلىرىگە ئەمەل قىلماسلىق كىرزىسى ئىچىدە قالماقتا. بۇنداق بولۇشىنىڭ سەۋەبلىرى كۆپ بولۇشى مۇمكىن. شۇ سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئائىلىلەرنىڭ بۇرۇنقىدەك چوڭ بىر ئائىلە ھاياتىدىن كىچىك - كىچىك ئائىلەر ھاياتىغا ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن، بالىلارنىڭ چوڭ ئاتا ۋە چوڭ ئانا تەربىيەسىدىن مەھرۇم ھالدا چوڭ بولغانلىقى دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى ياش ئاتا-ئانىلارمۇ چوڭلارنىڭ يېتەكلىشىگە موھتاج بولغان يەردە، ئۇلارنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىگە چوڭلارنىڭ بېرىدىغانلىرىنى بېرەلمەيدىغانلىقى بىر رېئاللىقتۇر. چۈنكى ئىنسان ئۆزىدە بولمىغاننى باشقىلارغا بېرەلمەيدۇ.

زامانىمىزدا ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى، بەزى دۆلەتلەردىكى رادىيو، تېلېۋىزورلارنىڭ تەشۋىقاتلىرى، ئېنتېرنېت بەتلىرىدىكى مەلۇماتلارنىڭ كۆپىيىشى بىلەن ئىنسانلار  ئىزدىگەن نەرسىلىرىنى تېزلا تاپالايدىغان ۋە بىلمەكچى بولغانلىرىنى ئوڭايلا بىلىدىغان بولۇپ كەتتى. گۈزەل ئەخلاق ھەممىلا يەردە سۆزلىنىپ تۇرىدۇ، ئىسلامىي دەۋەتلەر ياڭراپ تۇرىدۇ. ئەمما ئىنسانلاردىكى ئەخلاق چېكىنىشى، بىلگەنگە ئەمەل قىلماسلىق كىرزىسى كۈنسايىن ئېسىپ بارماقتا. كېلىۋاتقان ھەربىر كۈن ئالدىنقى كۈندىن ناچار بولۇپ ماڭماقتا. چۈنكى زامانىمىزدا تەلىم – تەربىيە نەزەرىيەگىلا مەركەزلىشىپ قالغان بولۇپ، ئەمەلىي مەشقتىن، ئەمەلىياتچانلىقتىن يىراقلىشىپ قالغان.

بىلگەنگە ئەمەل قىلىش، ئۆزى توغرا دەپ قايىل بولغان پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇش نەتىجە قازىنىشنىڭ ۋە غەلىبە قىلىشنىڭ كېپىلىدۇر. ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئەڭ مۇكەممەل ئۈلگە بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسلام ئىكەنلىكىدە قىلچە شەك يوق. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلگىنىگە ئەمەل قىلغان، ئەقىدىسىدە مۇستەھكەم تۇرغان، ساھابىلىرىغىمۇ شۇنداق قىلىشنى ئۆگەتكەن زات ئىدى. ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنىڭغا: «ئائىلەڭدىكىلەرنى نامازغا بۇيرىغىن ۋە ئۆزۈڭمۇ ئۇنى ئادا قىلىشتا چىدامچان بولغىن» دەپ ئەمر قىلىش ئارقىلىق دىن ۋە دۇنيالىق بارلىق ئىشلار ئۈممىتىگە ئۈلگە بولۇشنى ۋە بۇيرۇغانلىرىنى ئاۋۋال ئۆزى قىلىشنى ئۆگەتكەن. ساھابىلەرمۇ بىلگەنلىرىگە ئەمەل قىلىپ ماڭغان. ھەتتا بەزى ساھابىلەر: «بىز ئون ئايەتنىڭ ئۆگىنىپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشنى بىلىپ بولغاندىن كېيىن، يەنە ئون ئايەت ئۆگەندۇق» دېگەن. دىنىمىزنىڭ بارلىق تەلىماتلىرى يېزىق بىلەنلا ئەمەس، مۇشۇنداق ئۆلگە بولۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش بىلەن داۋاملىشىپ كەلگەن.

بىز ئۇيغۇرلار ئىسلامىي تەلىماتلار بىلەن مىللىي ئەنئەنىسى بىرلىشىپ كەتكەن بىر ئىلغار مىللەت. شۇڭا بىزدە مىللىي جەھەتتىن پەزىلەت سانالغان ئىشلار دىنىمىزدىمۇ پەزىلەت سانىلىدۇ. مىللىي جەھەتتە ئەيىب سانالغان ئىشلار دىنىمىزدىمۇ گۇناھ سانىلىدۇ. بۇنىڭ مىساللىرى ئىنتايىن كۆپتۇر. ئەجدادلىرىمىز نۇرغۇن گۇناھ ۋە ئەيىب ئىشلارنى «يامان بولىدۇ» دېگەن بىر سۆز بىلەنلا ئىپادىلەپ، ئەۋلادلىرىنى ئەمەلىي جەھەتتىن تەربىيەلەپ چىقىشتا غەلىبە قىلغان. بىزنىڭ يېزىلمىغان قائىدە-يوسۇنلىرىمىز بىزنىڭ دىنىي ۋە مىللىي قىممەتلىرىمىزدۇر. بۇ قىممەتلەرنى بىزگە ئاتا قىلغان ئەجدادلار ئۇلارنى ئۆز ئەمەلىيىتى بىلەن كۆرسىتىپ مىللىتىمىزنىڭ روھىغا يەرلەشتۈرگەن ئىدى. ئەپسۇسكى، كېيىنكى ۋاقىتلاردا مۇسۇلمانلاردىكى ئومۇميۈزلۈك چۆكۈش ۋە ئارقىغا چېكىنىش دەۋرى باشلىنىشى بىلەن بىزمۇ چېكىندۇق ۋە نۇرغۇنلىغان قىممەتلىرىمىزدىن ئايرىلىپ قالدۇق.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار