سۈكۈت ھەممىلا ئادەم بېجىرەلەيدىغان ماھارەت ئەمەس

سۈكۈت ھەممىلا ئادەم بېجىرەلەيدىغان ماھارەت ئەمەس

مۇھەممەد يۈسۈپ

ئاڭلاش ۋە قۇلاق سېلىش ئالاھىدە چوڭ ماھارەت بولۇپ، ئۇ پاساھەتلىك نۇتۇقلاردىن قېلىپ قالمايدۇ. شۇڭا سۆزلەشتىن بەكرەك ئاڭلاشقا كۆڭۈل بۆلۈش لازىم. چۈنكى، ئاللاھ بىزگە ئىككى قۇلاق، بىر تىل ئاتا قىلغان.

ئاڭلاش سۆزلىگەندىن پايدىلىقتۇر. چۈنكى، سىز سۆزلىگەن ۋاقتىڭىزدا ھېچ نەرسىنى ئۆگىنەلمەيسىز، ئەمما ئاڭلىغاندا كۆپ نەرسىلەرنى بىلىۋالىسىز. سۆزلىگۈچى جىددىيلىشىدۇ ۋە ئاڭلىغۇچىلارنى ئۆزىگە جەكلب قىلىشقا ئۇرۇنىدۇ، ئەمما ئاڭلىغۇچى ناھايىتى راھەت ھالدا ئۆزىنى كونترول قىلىدۇ ۋە پايدىلىق نەرسىلەرنى مېڭىسىگە قاچىلايدۇ.

 

ئىنسانلارنىڭ تولىسى سۆزلەشكە ئامراق

نۇرغۇن ئادەملەر سۆزلەشكە ئامراق كېلىدۇ. چۈنكى سۆز سۆزلىگۈچىنى كۆڭۈل بۆلۈش مەركىزىگە ئايلاندۇرغاندىن باشقا سۆزلەش ھەر ۋاقىت ئوڭاي ئىش بولۇپ، بىر مىنۇتتا 225 سۆزنى قىلالايسىز، ئەمما ئاشۇ سۆزلەرنى ئاڭقىرىش ئۈچۈن ئاز دېگەندە ئىككى مىنۇت ۋاقىت كېتىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە  بىز باشقىلارنىڭ سۆزلىرىنى ئۇزۇن ئاڭلاشنى ياقتۇرمايمىز. بۇ بىزنى باشقىلارغا ئەگەشكۈچىلەر قاتارىغا كىرگۈزۈپ قويغانلىقىدىنلا ئەمەس، بەلكى ئاڭلاش چۈشىنىشنى، مېڭىگە يەرلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىدىندۇر. مانا بۇ ئاڭلاش ئەسناسىدا مالاللىق ھېس قىلىش ۋە ئەسنەپ ئولتۇرۇشنىڭ سەۋەبىدۇر.

زامانىمىزدىكى چوڭ قىيىنچىلىقلىرىمىزنىڭ بىرى شۇكى، ھەممىلا ئادەم سۆزلەشنى ياخشى كۆرىدۇ، پەقەت ئازلا ئادەم ئاڭلاشنى خالايدۇ. ھەتتا بىز بىرەر مەسىلە ئۈستىدە مۇنازىرىلىشىپ قالساقمۇ، ئۇ مۇنازىرىنى ئۆگىنىش ياكى چۈشىنىش ئۈچۈن ئەمەس، پەقەت قارشى تەرەپنى يېڭىش ئۈچۈنلا قىلىمىز. شۇڭا قارشى تەرەپنىڭ گېپى تۈگىمەي تۇرۇپلا ئۇنىڭغا بېرىدىغان رەددىيەنى تەييارلاپ بولىمىز.

بەزى كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ پاساھەتلىك گەپلىرى بىلەن قەلبلەرنى جەلب قىلىشنى ئويلايدۇ، ئەمما نورۋىگىيەدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقات نەتىجىسى «سۆزلەش ماھارىتى يۇقىرى كىشىلەر ئەسلىدە ئاڭلاش ماھارىتى يۇقىرى بولغان كىشىلەردۇر» دېگەن يەكۈننى چىقارغان. دېمەك، ماھىر ناتىق ئەسلىدە ماھىر ئاڭلىغۇچىدۇر.

 

بەزى سۈكۈتلار ئەڭ كۈچلۈك رەددىيەدۇر

سۈكۈت قىلىش ۋە رەددىيە بەرمەسلىك بەزىدە ئەڭ كۈچلۈك رەددىيەنىڭ ئورنىدا تۇرىدۇ. شۇڭا سىز بەزى چاغلاردا سۈكۈتنى تاللاشقا ئېھتىياجلىق بولىسىز. چۈنكى، ئەگەر سىز نادانغا رەددىيە بەرسىڭىز ئۆزىڭىزنى ئۇنىڭ سەۋىيەسىگە چۈشۈرگەن، ھەسەتخورغا رەددىيە بەرسىڭىز ئۇنىڭ ھەددىدىن ئېشىشىغا ياردەم قىلغان، تېگى پەسلەرگە رەددىيە بەرسىڭىز ئۇنىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىشىگە پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن بولىسىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە تولا رەددىيە بېرىش ۋە ھەممىلا سەپسەتىگە رەددىيە بېرىش پىتنىخورلارنىڭ، ھەسەتخورلارنىڭ بازىرىنى قىزىتىپ بېرىدۇ. شۇڭا سۈكۈت ئۇلارغا بېرىلگەن ئەڭ ئەجەللىك رەددىيە ۋە بازىرىنى كاسات قىلىشتۇر.

شۇنىمۇ ئۇنتۇماسلىق كېرەككى، سۈكۈت قىلىش، رەددىيە بەرمەسلىك ھەرگىز ئاجىزلىق ئەمەس، بەلكى ئۇ كۈچلۈكلەرنىڭ خىسلىتىدۇر.

 

سۈكۈت قىلىش ئەۋزەل بولىدىغان 10 ئورۇن

1.     سىز تونۇمايدىغان كىشىلەرنىڭ سىزگە مۇناسىۋەتلىك بولمىغان ماۋزۇدىكى تالاش-تارتىشلىرىغا ئارىلاشماڭ.

2.    سىز تونۇيدىغان كىشىلەرنىڭمۇ باشقىلارغا زىيانلىق بولغان تالاش-تارتىشلىرىغا ئارىلاشماڭ.

3.    قانداقلا بىر تالاش- تارتىش بولسۇن، ئەگەر سىزنىڭ ئۇنىڭغا قوشىدىغان يېڭىلىقىڭىز بولمىسا ئارىلاشماڭ. بۇ چاغدىكى سۈكۈت سىزنىڭ قەدرىڭىزنى كۆتىرىدۇ.

4.    كىشىلەر غەيۋەتكە باشلىغان ياكى سۇخەنچىلىككە كىرىشكەن چاغدا ئۇ سورۇندىن دەرھال تۇرۇپ كېتىڭ.

5.    سىزدىن ياشتا كىچىك ياكى ئىلىم-مەرىپەتتە تۆۋەن بىرسى سىزگە تىل ئۇزاتسا، سىز سۈكۈتنى تاللاڭ. چۈنكى، بۇ چاغدىكى سۈكۈت سىزنىڭ ئېسىللىكىڭىزنى دەلىللەيدۇ.

6.     ئۇستازلار ياكى سىزدىن بىلىمدە يۇقىرى كىشىلەر بار سورۇندا بىلگەن نەرسىڭىزنىمۇ سىزدىن سورىمىغىچە ئېيتماڭ. چۈنكى، ئۇ چاغدا سىز مەمەدانلىق ئورنىغا چۈشۈپ قالىسىز.

7.    سىزنى باشقۇرىدىغان كىشىگە سورۇندا رەددىيە بېرىشتىن ساقلىنىڭ. چۈنكى، رەددىيە بەرمىگەنلىكىڭىز ئۈچۈن پۇشايمان قىلىشىڭىز مۇمكىن، ئەمما رەدديە بېرىش ئارقىلىق مەڭگۈلۈك ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىسىز. شۇڭا بۇ ئورۇندا سۈكۈت ئەۋزەل.

8.    ئاتا-ئانا، قېيىنئانا، قېيىنئاتا ياكى ئۇستازغا ئوخشاش ھۆرمەتلىك كىشىلەردىن خاتا مەلۇمات ياكى توغرا بولمىغان خەۋەرنى ئاڭلىغاندا، ئۇنى تۈزىتىشكە ئالدىرىماڭ. كېيىنچە تۈزىتىپ قويسىڭىز بولىدۇ.

9.    بىر-بىرىگە ھۆرمەت قىلمايدىغان نادان ئادەملەر بىلەن بىر سورۇندا ئولتۇرۇپ قالغاندا سۈكۈتنى تاللاڭ. بۇ ئۆزىڭىزنىڭ قىممىتىنى ساقلاش ئۈچۈندۇر.

10. ھەرقانداق ئورۇندا كىشىلەرگە پايدىلىق گېپىڭىز بولسا قىلىڭ، بولمىسا سۈكۈت قىلىڭ. چۈنكى، قاتاردىن قالماسلىق ئۈچۈن گەپ قىلغان ئادەم كۆپ ھاللاردا خاتالىشىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ قىممىتىنى چۈشۈرۈپ قويىدۇ.

 

ئىبرەت:

-     سۈكۈت ھەممىلا ئادەم بېجىرەلەيدىغان ماھارەت ئەمەس، كىشىلەرنى ئۆز پىكىرىڭىزگە قايىل قىلماقچى بولسىڭىز، ئاۋۋال ئۇلارغا ئوبدان قۇلاق سېلىڭ، گەپلىرىنى تولۇق ئاڭلاڭ ۋە مۇددىئاسىنى چۈشىنىڭ.

-     سۈكۈت بەزى ۋاقىتلاردا ئەڭ كۈچلۈك رەددىيەدۇر.

-     تىڭشاش مۇنازىرە ماھارىتىنىڭ مۇھىم بىر قىسمىدۇر، سۈكۈت ھەممە گەپنى قىلىۋېلىشنىڭ يەنە بىر يولىدۇر.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار