بەختلىك ھايات ئۈچۈن 19 تەۋسىيە

 

بەختلىك ھايات ئۈچۈن 19 تەۋسىيە

مۇھەممەد يۈسۈپ

ھازىرقى زامان ئۆلىمالىرىدىن بىرى ھىندىستاننىڭ بومباي شەھىرىدىكى بىر دوختۇرخانىدا ئەينەك جاھازنىڭ ئىچىگە ئېلىپ قويۇلغان «غەلىبە قىلىشنىڭ 19 ئامىلى» دېگەن تېمىدىكى ئىنگىلىزچە يازمىنى ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلغان ۋە ئۇنى «بەختلىك ھايات ئۈچۈن 19 تەۋسىيە» دەپ ئاتىغان. ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن قېرىنداشلار! مەن ئۇنى ئۆز ئەينى تەرجىمە قىلىپ ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇم.

1.     ئۆزىڭىزگە مۇناسىپ كىشى بىلەن ئۆيلىنىڭ. چۈنكى بۇ ئۆمرىڭىزنىڭ ئاخىرىغا قەدەر سىزنىڭ بەختلىك ياكى بەختسىز بولۇشىڭىزدا 90% مۇناسىۋەتلىكتۇر.

2.     ئۆزىڭىز ياقتۇردىغان ۋە ياشلىقىڭىزنى ئاتاشقا تېگىشلىك بولغان كەسىپنى قىلىڭ.

3.     ھاياتتىكى ئالدىنقى پىلانىڭىز ئائىلىڭىزگە كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ئۇلارنى بەختلىك ياشىتىشقا ئەھمىيەت بېرىش بولسۇن.

4.     دوستلىرىڭىزغا، يېقىنلىرىڭىزغا ۋە ۋەتىنىڭىزگە كۈتۈلگەندىنمۇ ئارتۇقىنى بېرىڭ.

5.     ئۆزىڭىزنى جازالىماڭ، ئۆزىڭىزدىن ۋە باشقىلاردىن ئۆتكەن خاتالىقلارنى ئەپۇ قىلىۋېتىڭ.

6.     ھەر كۈنى سىز تونۇمايدىغان بىرەر ئىنسانغا ياخشىلىق قىلىڭ، ئېلىشتىن بۇرۇن بېرىشنىڭ لەززىتىنى تېتىڭ.

7.     ئاچ قېلىش بىلەن قەرزدارلىق ئوتتۇرىسىدا تاللاشقا توغرا كەلسە، ئەلۋەتتە ئاچ قېلىشنى تاللاڭ.

8.     ئاچ قالماسلىق ياكى بىراۋغا موھتاج بولۇپ قالماسلىق ئۈچۈن كىرىمىڭىزدىن بىر قىسمىنى ئىقتىساد قىلىشنى ئادەت قىلىڭ.

9.     مەغلۇبىيەتچى دوستلاردىن خالاس بولۇپ، ئۇتۇق قازانغان ياكى سىزگە ياردەم قىلىشتا ئىككىلەنمەيدىغان دوستلارنى چىڭ تۇتۇڭ.

10. ھەربىر ئادەمگە گويا سىز يىللاردىن بېرى تەشنا بولغان دوستقا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىڭ.

11. قانداقلا بىر ئىشنى قوبۇل قىلغان بولسىڭىز، ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ئىخلاسلىق ۋە ئىرادىلىك بولۇڭ.

12. يېڭىلىقچى ۋە باشلامچى بولۇڭ، بۇنداق قىلىش سىزنىڭ خاتالىقلارنى سادىر قىلىشىڭىزغا سەۋەب بولغان تەقدىردىمۇ ۋاز كەچمەڭ.

13. شىجائەتلىك بولۇڭ، ئۆز خاتالىقىڭىزنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىڭىزگە ئېلىشتىن قورقماڭ.

14. ئىجابىي ۋە ئۈمىدۋار بولۇڭ، ھەر كۈنىڭىز ئۈچۈن يېڭى بەت ئېچىڭ.

15. سىز بىلەن ئىشلىگەنلەرگە ۋاپادار، سېخىي ۋە غەمگۇزار بولۇڭ.

16.سائادەت سىزنىڭ ھاياتقا قانداق مۇئامىلە قىلىشىڭىزغا مۇناسىۋەتلىك ئىشتۇر.

17.كىشىلەرگە سىزگە قارىتا كۆز قاراشلىرىنى كۆرمەسكە سالماڭ. چۈنكى ئۆزىڭىزدىكى كەمچىلىكلەرنى كۆرەلمەيسىز.

18. ھەمىشە يۇقىرىغا ئۆرلەڭ، يەنە چىقىپ، يەنە چۈشۈپ ئاخىرى غەلىبە قىلىدىغان چۈمۈلىدەك بولۇڭ.

19. ئاتا-ئانىڭىز پەخىرلەنمەيدىغان ياكى پەرزەنتلىرىڭىز خىجىل بولۇپ قالىدىغان ئىشلارنى قەتئىي قىلماڭ.

 

 


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار